قىرىپ تاشلانغان شوئۇر ۋە روھسىزلاشقان شوئار ئارىسىدا ئۇيغۇرلۇق
قىرىپ تاشلانغان شوئۇر ۋە روھسىزلاشقان شوئار ئارىسىدا ئۇيغۇرلۇق
1
زېھنىي ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئويلانغان چاغدا، قۇتۇلۇشىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان، كۆك تامان پايانسىز پەرۋاز قىلغۇچى ئەقىل قۇشىمىزنى قۇللۇق قەپەسىدىن ئازاد قىلىدىغان نىجاتكارغا، روھىيىتىمىزنى كىشەنلەش ئۈچۈن سېلىنغان قاتمۇقات قۇلۇپلارنى ئاچىدىغان كىلىتلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىمىز يادىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر دەردىمىز بار دېيىلسە، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاۋۋاللىق دەرىجىسىدە ئەڭ ئالدىن ئىھيا قىلىشقا تېگىشلىك چۈشەنچىلەردىن بىرىنىڭ مىللىي شوئۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇشبۇ شوئۇر مەسىلىسىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىزچىل بىزنى ئىچىمىزدىن يىمىرىپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»غا قارشى تىرياق قىلىشقا، روھىي ئېكىنزارلىقىمىزغا ئاڭ - تۇيغۇ چىنارى سۈپىتىدە يېڭىدىن كۆك سالدۇرۇشىمىزغا تېگىشلىك ئۇرۇقلار قاتارىدا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەم بولىدۇ.
شوئۇر سۆزى تىلىمىزدا چۈشىنىش، سېزىش، ئىدراكتا پىشىپ يېتىلىش، تۇيغۇغا تويۇنغان تەبىئىي ئىدراك قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەنە بايلىقى كەڭ دائىرىلىككە ئىگە ئۇقۇملاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىنساننىڭ تۇيغۇ ۋە سېزىمنى مەركەز قىلغان ئالاھىدە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىگە تايانغۇچى «شېئىر» كەلىمىسى بىلەن يىلتىزداش بولغان بۇ سۆز ئۆز نۆۋىتىدە قەلبنىڭ تۇيۇمى بىلەن ئەقىلنىڭ ئىدراكى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن نەتىجىلەنگەن يۈكسەك ئاڭلىقلىقنىمۇ ئىپادىلەيدىغان چوڭقۇرلۇققا ئىگە. شوئۇرلۇق بولۇش يۇقىرىقى مەنىلەرگە بىنائەن ئەقلىي ئىداراكتا، تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇردا پىشىپ يېتىلىشنى كۆرسەتسە، ئۇنىڭ مەنپىيلەشكەن ۋارىيانتى بولمىش شوئۇرسىزلىق مەيلى ئاڭ - تەسەۋۋۇردا بولسۇن، تۇيغۇ ئىدراك جەھەتتىن بولسۇن ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقانلىقنى، يارىلىشتىكى ئەسلى فۇنكسىيەسىنىڭ كاردىن چىققانلىقنى، سېزىمدىن قالغانلىقنى، سۈزۈك تۇيغۇدىن يوقسۇزلاشقانلىقنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاڭسىزلاشقان ھالەتنى، كېرەكسىزلەشكەن ۋە نىمجانلاشقان ۋەزىيەتنى ئىپادىلەپ كەلگەندۇر. شېئىر ئىنساننىڭ تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى تىل سەنئىتى ئارقىلىق جۇلالىتىش رولىنى ئۆتىگەن بولسا، شوئۇر بۇ تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ ئاڭدا يىلتىز تارتقان، ئىش - ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئۈندەككە ئايلانغان، قەلبىيلىك بىلەن ئەقلىيلىك ئارىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك بولۇپ شەكىللەنگەن ھالىتىدۇر. بۇ نۇقتىدىن شوئۇرنىڭ رولىنى گويا كىشىنىڭ تۇيۇم ۋە سەزگۈلىرى بىلەن جانلىنىپ تۇرغۇچى، ئېڭى ۋە ساپاسىدىن زەرەتلىنىپ سەگەكلىكىنى ئاشۇرغۇچى، ئۇنىڭدىن قۇۋۋەت ئېلىپ تۇرغۇچى مەنىۋى قوزغاتقۇچ مەنبەسى دەپ ئىزاھلاش ھەم مۇمكىن.
دەرۋەقە، شوئۇرلۇق دېمەكلىك ئويغاقلىق دېمەكتۇر. شوئۇر ۋىجدانىي تاشقىنلىقنىڭ جەۋلان قىلغان ھالىتى، دەردنىڭ دەرمانغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ تەپچىۋاتقان سىيماسى، جۇش ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان قاينام بۇلىقىدۇر. شوئۇر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شوئارنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى تۈرتكە، ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللاردىندۇر. چۈنكى شوئار كەلىمىسى سۆز يىلتىزى ئېتىبارى بىلەن بەلگە بېرىش، بىلدۈرۈپ قويۇش، ئەن سېلىش، جاكارلاش، نامايان قىلىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق مەنىلىرىدە بولۇپ، شوئار كىشىنىڭ شوئۇرىدىن بالقىغان تۇيغۇ، پىكىر، ئىدىيە، مۇددىئا ۋە مەقسەتلىرىنى يوشۇرۇنلۇقتىن ئېلان قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھەر تۈرىدىكى ئومۇم ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. شۇ سەۋەب، شوئۇرسىز مەيدانغا كەلگەن شوئار بىر دۆۋە قۇرۇق گەپ دۆۋىسى بولىدۇكى، ئۇ ئەسلا كىشىنىڭ ۋىجدانىي تاشقىنىدىن يامراپ چىققان، ئاڭ - ئىدراكىدىن سۈزۈلۈپ تاشقىنغا ئايلانغان، تۇيغۇ ئەزالىرىدىن تىپىكلەپ تۇرالمايدىغان ئىدىئالىغا، ۋاز كېچىلمەس قىممىتىگە، كىشىلىكى ۋە ياشاش غايىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۇتۇم - مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شوئار شوئارلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ھەققانىي شوئار بولۇشىمۇ، سەپسەتەۋى شوئار بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىجداننىڭ ئۆلچىمىگە چۈشكىنى، ھەقىقەتنىڭ تارازىسىغا ئېغىرلىقىنى سالالايدىغىنى ھەققانىي شوئاردۇر. ھەققانىي شوئار ھەقىقەتتىن ئوزۇق ئالغان، ھەقنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ يولىنىڭ يولۇچىسى بولۇش كۆزلەنگەن ئۇلۇغۋار شوئاردۇر. بۇ جەھەتتىن ھەقىقىي شوئار پەقەتلا ھەقىقىي شوئۇر ئەھلىگە مەنسۇپ تۇتۇمنىڭ نامايان بولۇشى، زېھنىدە ۋە ھەرىكىتىدە شوئۇردىن مەيدانغا كەلگەن تەلقىنلەرنى توختاۋسىز نامايىش قىلىپ تۇرۇشىدۇر.
مەلۇمكى، شوئارنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەبدەبەسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتتىن قانچىلىك نېسىۋە ئالالىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قانچىلىك كۈچ - قۇۋۋەت ئالالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شوئارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇش ياكى تۇرالماسلىقىغا، رولىنىڭ جارى بولۇش ياكى بولماسلىقىغا كەلسەك، بۇمۇ شوئار ئىگىلىرىنىڭ ھەقىقىي شوئۇردىن قايسى دەرىجىدە ئۇزۇق ئالالىغانلىقى، شوئۇرىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شوئارى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقلارغا، ئېغىر - يېنىك سىناقلارغا ۋە ھەتتا كۆرۈنۈپ كەلمەس بالا - قازالارغا قەدەر تەييار تۇرالايدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قەددىنى تىك قىلىپ ياشاپ يەنە قەددى تىك ھالەتتە جان بېرىشكە تەييارلىقى بار كىشىلەر ئۇشبۇ شوئۇرنى يىلىكلىرىگە قەدەر تېتىپ ياشاشقا نىيەتلەنگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتۈنلەنگەن ئىنسانلاردۇر. بۇنداق كىشىلەر شوئارنىڭ بەندىلىرى بولماستىن، بەلكى شوئارغا ھاياتلىق بەرگۈچى، ئۇنى ئۆلۈمسىزلەشتۈرگۈچى كىمەرسەلەردۇر.
ئۇقۇملارنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر - بىرىنى تويۇندۇرۇشى، بولۇپمۇ شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ قەدەر زىچلىقى، ئارىلىرىدىكى باغلىنىشنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ھەمدە بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرىمىزدا بىر - بىرىدىن ئوزۇق ئالغاندىلا تەبىئىيلىكى بۇلغانمايدىغانلىقى، خاراكتېر ۋە مەزمۇندا ساغلام بولىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار بىزنى شوئۇرىمىز ۋە شوئارلىرىمىزنىڭ خاراكتېرىگە، مەزمۇنىغا، ۋەزنىگە، قىممىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى ئېنىق. چۈنكى سۆز ۋە ئۇقۇملارنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرىمىزدىكى رولى ھەمدە ئۇنىڭ ئىش - ئەمەلىيىتىمىزدە ئەينەك مىسالى ئەكس ئېتىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتىمۇ قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدىغانلىقى رېئال بىر مەسىلە. مەسىلىنى قانداق تەپەككۇر قىلىشىمىز ئۇنىڭ ھەققىدە قانداق تۇتۇم بەلگىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدەك، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى قانداق چۈشىنىشىمىزمۇ ئۇنى ئەمەلىيىتىمىزدە قانداق جارىي قىلدۇرىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. قارايدىغان بولساق، كۈنىمىزدە شوئار ئۇقۇمىنىڭ كۆپ ھالدا شوئۇرسىزلىقتىن مەنبەلەنگەن كۆلەملەشكەن ھۇرراچىلىققا ئىسىم قىلىپ قويۇلغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۈنىمىز تىل ئادىتىدە ئېغىزدا بار، ئەمەلىيىتىدە يوق بىر داۋراڭنىڭ ئاتىقى قىلىپ قويۇلغانلىقىنى، شوئۇر سۆزىنىڭ بولسا، تىل ئادىتىمىزدە ئىستېمالدىن تولۇق قالغاندىن سىرت كۈنىمىز ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن تىل فاشىستلىرى تەرىپىدىن تامامەن قىرقىپ تاشلانغانلىقىدەك بىر پاجىئەنى كۆرىمىز. بۇلارنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئاسارەت دەۋرىمىزنىڭ بىزنى جەۋھەرسىز شاكالغا، روھسىز مۇردىغا، جانسىز جەسەتكە ئايلاندۇرۇش دەۋرى بولغانلىقىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇنى قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مېڭە يۇيۇش پىروجىلىرىدە ئوۋلىنىپ كېتىش ۋەزىيىتىمىزنىڭمۇ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى دەڭسەش ئاقىلغا ئىشارەت مىسالى ئايان ۋە بايان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز.
2
شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ بىردەكلىك ۋەزىيىتىنى زاھىر بىلەن باتىننىڭ، جەۋھەر بىلەن شاكالنىڭ، ئاڭ بىلەن ھەرىكەتنىڭ، ئىددىئا بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ، دەۋا بىلەن رېئاللىقنىڭ، ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ بىردەكلىك ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. لېكىن شوئۇر بىلەن ئاڭ ئوتتۇرىسىدا، شوئۇرسىزلىق بىلەن ئاڭسىزلىق ئۇقۇملىرى ئارىسىدا يەنە بەزى ئىنچىكە پەرقلەرنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن، ئاڭسىزلىق ھادىسىسى شوئۇرسىزلىقنىڭ بىر ۋارىيانتى بولسىمۇ، لېكىن ئاڭسىزلىقتا مەيدانغا كېلىدىغىنى تۈگەل ئىدراكىي نۇقسانلىق، مەلۇمات يېتەرسىزلىكى، تەپەككۇر چولتىلىقى، ئويسىزلىق، ئالدىراڭغۇلۇق، يۈزەكىيلىك قاتارلىق بىر قاتار ئەقلىي فۇنكسىيەلەرنىڭ قالايمىقانلىشىشى بولىدۇ. شوئۇرسىزلىقتا ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن باشلاپ تۇيغۇ ۋە سېزىم نۇقتىلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك بۇزۇلۇش بولغانلىقى، ئەقىلنىڭلا ئەمەس، قەلبنىڭمۇ بىردەك خارابلاشقانلىقى، چۈشكۈنلۈككە پاتقانلىقى قاتارلىق كۈللىي بۇلغىنىشلار بولىدۇ. شوئۇرسىزلىق مەنە - قىممەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئىمان دەرىخىنىڭ كۆكلەم ماكانىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى، ئەمەل - مېھنەت سەمەرىلىرىنىڭ مېۋە بەرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلسىز ئىماننىڭ مېۋە بەرمەيدىغانلىقى، ئىمانسىز ئەمەلنىڭ ئاخىرەتلىكى بولمايدىغانلىقى، ئۆتمەس ماتار مىسالى قىممىتى ۋە مەنپەئەتى بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت مانا بۇ «شوئۇرسىزلىق» ھادىسىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپقاندۇر. ئاڭسىزلىق ۋە شوئۇرسىزلىقتىكى نازۇك پەرقلەردىن يەنە بىرى بولسا، ئاڭسىزلىقتا نادانلىق، پاراسەتسىزلىك، دىتسىزلىق، جاھالەت تەپچىۋاتقان بولىدۇ، شوئۇرسىزلىقتا بولسا قەلب يارامسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ھەق - ناھەق تۇيغۇلىرىدا غۇرۇر ئۆلىدۇ، ئىمان مەشئىلى ئۆچۈشكە باشلايدۇ، قەلب ئىللەتلىرى باش كۆتۈرىدۇ، روھىيەت چىرىيدۇ، ئەقىدە - ئېتىقاد دەرىخى يىلىتىزىدىن قۇرۇشقا باشلايدۇ. شوئۇر بىلەن ئىمان مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرگەن، قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ، تۇيغۇ بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ، ئېتىقاد بىلەن ئەمەلنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا، شوئۇر ۋە شوئار ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەت ۋە كۆرۈنۈش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تۈزەلمەس ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مەلۇم بولۇشقا باشلايدۇ.
شوئار ۋە شوئۇر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت زەنجىرىنى ئېنىقلاشقا چۈشكەن ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە بۇنى بەزى كونكرېت مىساللار بىلەن يورۇتۇشىمىز تەقەززا بولىدۇ. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئايدىڭلىنىشنى ئىختىيار قىلساق، بۇ ئورۇندا شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەج ئىبادىتىكى مۇنداق بىر پائالىيەت ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەر بىزگە مەسىلىنى يەنىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىشى، ئۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرگۈسىدۇر. ئۇ بولسىمۇ ھەج ئىبادىتىدە سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەجنىڭ رۇكنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن «شەئائىرۇللاھ (ئاللاھنىڭ شوئارلىرى)» [بەقەرە: 158 - ئايەت] دەپ تەرىپلەنگەنلىكى مەسىلىسىدۇر.
بىلىنگىنىدەك، ھەج ئىبادىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداقتۇر ئەپسانە رىۋايەتلەرگە، مېتولوگلاشقان ھېكايە - چۆچەكلەرگە تۇتاشقان ئەمەس. بەلكى، ئۇ دىنىي مەنبەلەردە خاتىرىلەنگىنىدەك، «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىغا تۇتۇشۇشتەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. دىنشۇناسلارنىڭ پىكىرلىرىگە كۆرە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۈگۈنكى يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تەۋھىد ئەقىدىسىنى مەركەز قىلغان دىنىي ئەنئەنىنىڭ قۇرغۇچى شەخسلىرىدىندۇر. شۇنداقلا ئىبراھىمىي دىنلار چۈشەنچىسىدىكى ئۆرنەك شەخسىيەتتۇر. غەرب مەدەنىيىتىدە ئابراھام ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان، مەدەنىيىتىمىزدە بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نامى بىلەن ئاتالغان بۇ شەخسىيەت ئۆز نۆۋىتىدە بىر قاتار مەدەنىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇراجىئەتگاھ بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا بارماق باسقان، ساماۋى دىن مەنسۇبلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئاسمان - زېمىنچە بولۇشىغا قارىماي ھەممە بىردەك ھۆرمەت بىلەن ئەسلەشتەك ئالىي ئېھتىرامغا سازاۋەر بولغان تارىخىي شەخستۇر. ئىسلام مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىدىيەدە، تەپەككۇردا ئىنقىلاب ياراتقان، ھەرىكەت ۋە ئەمەلىيەتلىرىدە دەۋر بۆلگۈچ ئىزلارنى قالدۇرغان، دىندا ئىسلاھات بەرپا قىلغان، كىشىلىكى نۇقتىسىدىنلا بىر ئۆزى پۈتكۈل ئۈممەتكە بەدەل بولالايدىغانلىقى بىلەن تەرىپلەنگەن بۈيۈك شەخسىيەتتۇر. ئۇ يەنە ناماز ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ ئىسمى شەرىپى زىكرى قىلىنىدىغان، دۇرۇد ئوقۇغاندا رەسۇل ئەكرەمگە يانمۇيان ھالدا ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان بىردىنبىر پەيغەمبەردۇر. ئۇ يەنە «مىللەت» ئۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا رول ئوينىغان، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىلاھىي تەستىققا ئېرىشىشىگە سەۋەبچى بولغان، بولۇپمۇ پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئىسلامنىڭ بارچە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ كەلگەن «مۇسۇلمان» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبكارلىق رولىنى ئوينىغان مەنىۋى ئەجدادنىڭ ۋەكىلى. شۇنداقلا ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق قىبلىگاھى بولغان بەيتۇللاھنى بىنا قىلغان ۋە بۈگۈنكى ھەج ئىبادىتىنىڭ مەشرۇئ بولۇشىغا ئاساس سالغان شەخسىيەتتۇر. ھەجدىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈرۈكلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ئىبادەتتە، يەنى ھەج ئىبادىتىدە تاشلانسا بولمايدىغان، ئۇنىڭسىز ھەج ئىبادىتى پۈتۈنلەنمەيدىغان ئەركانلاردىن بىرى ئاللاھنىڭ شوئارلىرى قاتارىدىن تەرىپلەنگەن سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئارىسىدا سەئيى قىلىش ئىبادىتىدۇر.
مەلۇم بولغىنىدەك ھەج ئىبادىتى ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى رۇكنى. بۇ دېگەنلىك ھەج ئىسلامنىڭ پۈتۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرغان تۈپ ئاساسىي قۇرۇلمىلاردىن بىرى دېگەنلىك بولۇپ، ھەج ئىسلامنى ئىسلام قىلىپ تۇرىدىغان، مۇسۇلمانلىقنى تىرىك تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭسىز مۇسۇلمانلىق بىناسىنىڭ شەكىللىنىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان تۈپ ئاساسىي ئۇللاردىن بىرسى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىن قارىغاندىمۇ ھەج ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ھاياتى كۈچىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان، ئەقلىي ۋە جىسمانىي پائالىيەتلەرنى ھېكمەتلىك ئۇسۇلدا ئۆزىدە مۇجەسسەملەش ئارقىلىق يىلدا بىر تەكرارلىنىشنى شەرت قىلغان ۋە بۇ ئاساستا مەنىۋى ئەجدادتىن داۋاملىشىپ كەلگەن ھەقىقەت كارۋىنىنىڭ يولىنى، ياشاش يولىنى ۋە مەنزىلىنى تەكرار يادقا سېلىش بىلەن خاراكتېرلەنگەن، ھېكمەت ۋە قىممەتلەرگە باي بولغان بىر تۈرلۈك كوللېكتىپ «شوئۇر يېڭىلاش» ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. قۇرئان بولسا ئۇشبۇ ئىبادەتنىڭ ئايرىلماس بۆلۈكى بولغان سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشنى «ئاللاھنىڭ شوئارلىرى جۈملىسىدىن» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇنداقتا قۇرئان نېمە ئۈچۈن شۇنداق تەبىرلەپ قالدى؟
3
ئەجدادلىرىمىزدىن ئەلجەۋھەرىي تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان تىلشۇناس ئالىم ئەبۇنەسىر ئىسمائىل ئەلفارابىي ئۆزىنىڭ ئەسسىھاھ ناملىق قامۇس كىتابىدا: «ئايەتتىكى شوئارلار دېگەندىن مەقسەت ھەج پائالىيەتلىرىنى ھەمدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقنى بىلدۈرىدىغان جىمى بەلگە - ئالامەت خاراكتېردىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ» دەپ بايان قىلىدۇ. مۇپەسسىرلەردىن ئىمام ئەلۋاھىدىي: شوئارلار دەپ كەلگەن بۇ ئىبارە بىر نەرسە ھەققىدە جاكارلاش، ئۇنىڭ ھەققىدە مەيدانىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق مەنىلىرىگە ئىگە، دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلاردىن ئەللامە ئىبنى ئەرەبىي ئۆزىنىڭ «فۇتۇھات ئەلمەككىيە» ناملىق شاھانە ئەسىرىدە «ئاللاھنىڭ شوئارلىرى» دېگەن ئۇقۇم ئۈستىدە توختىلىپ «ئاللاھنىڭ شوئارلىرى دېگەندىن مەقسەت: ئاللاھقا دالالەت قىلىدىغان شوئار تۈرىدىكى ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەققىدە شوئۇرغا ئىگە بولۇشۇڭدۇر، دەپ كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقى ئىزاھاتلارنى بىرلەشتۈرگىنىمىزدە، ئايەتتىكى شوئارلىرى مەنىسىدىكى «شەئائىر» دېگەن سۆزدىن «ئاللاھنىڭ يوليۇرۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە - ئالامەتلەر»، ياكى بولمىسا «ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقنى كۆرسىتىدىغان ئىككى بەلگىلىك ئورۇن» دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغاندىن سىرت ئۇ سۆزدىكى جاكارلاش، نامايان قىلىش مەنىسىگە ياتىدىغان «شوئار» ئۇقۇمىنىڭ مەيدانغا كېلىش زېمىنىدا شوئۇردىن ئىبارەت ئۇرۇقنىڭ بىخلانغان بولۇشى كېرەكلىكىنى، شوئارلار ئارقىسىدا چوقۇم بىر شوئۇرنىڭ، بىر مەنىۋى روھنىڭ ياتقان بولۇشى كېرەكلىكىنى، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشتەك بۇ ئىبادەتنى ئورۇندىغاندا ئۇنى پەقەتلا بىر پائالىيەت دەپلا تونۇپ قالماستىن ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىئاسىنى سەزگەن ھالدا شوئۇر بىلەن ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنغان، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. دېمەك «سافا ۋە مەرۋە ئاللاھنىڭ شوئارلىرىدىن» دېيىلگەندە، ھەجدىن ئىبارەت شوئۇر يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئايرىلماس بىر جۈزئى بولغان بۇ پائالىيەتنى تەرك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى بەجا كەلتۈرگەنلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ياراتقۇچىغا بولغان تەسلىمىيەتنى، پەقەت ئۇنىڭغىلا بىلدۈرۈلىدىغان قۇللۇقنى، ئۇنىڭغىلا كۆرسىتىلىدىغان ئىتائەتنى، ئۇنىڭغىلا تايىنىدىغانلىقنى جاكارلاش ۋە بۇنى ئىمانىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەكس ئۈتتۈرىدىغان شوئارى قىلىش لازىملىقىنى، يەنى سەئيى قىلىشنىڭ شوئۇرلۇق ھالدا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئاڭغا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
مانا بۇ مەنىلەر شوئار دېيىلىۋاتقان ئىشنىڭ ماھىيىتىدە شوئۇر بولۇشى كېرەكلىكىنى، شوئۇرسىزلارچە جاكارلانغان شوئارنىڭ شوئارلىق خاراكتېردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە يېتەرلىكتۇر. بۇ يەنە شوئۇرسىزلارچە شوئار قىلىنغان ئىشنىڭ ئەمەلىيەتتە تىلىمىزدىكى «شوئارۋازلىق» سۆزىگە ئۇدۇل كېلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەكتۇر. شوئار بىلەن ئۇنى دېگۈزىۋاتقان ياكى جار سالغۇزۇۋاتقان شوئۇرنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاڭسىزلىق، روھسىزلىق، شەكىلۋازلىق، ئىچى ۋە تېشى پاي كەلمەسلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قاتارلىق خۇلقىي پاسىقلىق ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىقلارمۇ مانا بۇ شوئۇر ۋە شوئار ئارىسىدىكى يەكپايلىقنىڭ، بىردەكسىزلىكنىڭ، تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭدىن يەنە شوئار قىلىنىۋاتقان ئىددىئالارنىڭ، چىڭقىلىپ قىلىنىۋاتقان دەۋالارنىڭ ئەسلىدە شوئۇرلۇق ۋىجداندىن، شوئۇرلۇق ئىماندىن، ھەمدە قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ گىرەلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شوئۇرلۇق روھتىن مەنبەلەنمىگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەجىدىن سۆز بىلەن ئىش - ھەرىكەت ئارىسىدىكى نىپاقلىق ئالامەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان نەتىجە ئىكەنلىكىنى، ئىنتايىن بىنورمال تۇتۇملارنىڭمۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن گويا نورمالدەك قوبۇل قىلىنىدىغان ھالغا بېرىپ قېلىشىنىڭ ئەسلا بىھېكمەت ئەمەسلىكىنى دەڭسەشكە بولىدۇ.
شوئۇر كەلىمىسى سۆزلۈك كىتابلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئىزاھاتلىق لۇغەتلىرىدىن قىرقىپ تاشلانغان ھەمدە بۇنىڭدىن بىخەۋەر ھالدا شەكىلۋازلىشىپ ياشاۋاتقان ۋە روھسىز شوئارلىرىنى تەكرارلاپ ياشاشتىن ئۇيانغا ئۆتەلمەي تىپىرلاشنى داۋام قىلىۋاتقان بىر جەمئىيەت توپى ئۈچۈن شوئار بىلەن شوئۇر ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىكنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەش قانچە زۆرۈر بولسا، شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ بىر - بىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى ۋە بىر بىرىنى پۈتۈنلىگۈچى جان - جىگەرلەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش شۇنچە زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. بۇ قەدەر نازۇك ئەمما بىزنىڭ مەنە - قىممەت دۇنيايىمىزدا يەلكەن تاشلاپ كېتىۋاتقان كېمىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىز بىلەن بولغان مۇئامىلە، ئىش - ھەرىكەتلەردە قانداق تۈس ۋە مۇددىئا بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق بىر ئۇقۇمنىڭ تىل قامۇسىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى ئېچىنىشلىق پاجىئە، شۇنداقلا مىللىي شوئۇرغا قىلىنغان كەچۈرگۈسىز جىنايەت بولماي نېمە؟
رىۋايەتلەردە يەنە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ سەۋەبى تىلغا ئېلىنىدۇ. نازىل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ يولغا قويغان ھەج ئىبادىتىگە مۇخالىپ شەكىلدىكى «ھەج» پەيغەمبەر زامانىدا ئاللىبۇرۇن ئادەتكە ئايلىنىپ ۋاز كېچىلمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋە شۇ بويىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سەئيى ئەمەلىدە سەفا ۋە مەرۋە تاغلىرىغا بۇتلار قويۇلغان، سەئيى قىلغۇچىمۇ ئىككى بۇت ئارىسىدا قاتراپ بېرىپ كېلىشتەك بىرخىل بىنورمال ئىبادەت تۈسى شەكىللىنىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئىبادەتنىڭ خاراكتېرىمۇ، مەقسەت - غايىسىمۇ بۇرمىلاشقا ئۇچرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئيى قىلىشنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ساھابىلىرىگە يەتكۈزگىنىدە بولسا، ساھابىلەر سەئيى قىلىشتا ئىككىلىنىشكە چۈشكەن. چۈنكى ئورتادا ئىبادەتتىكى ئەسلىي شوئۇر بۇلغانغان. ئىسلامنىڭ شېرىككە ھەمدە تەۋھىدكە زىت بولغان بارچە دۇغلۇقلارغا ھەر جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ باتىلغا خاتىمە بېرىشتەك چوڭ ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ۋەزىيەتتە سەئيى قىلىشنىڭ خاراكتېرىدە ئېنىقسىزلىق، جاھىلىيەت ئادەتلىرىنى شەكلەن ئورۇنداشتا شۈبھىلىنىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان. پەيغەمبەر سەئيى قىلىش كېرەكلىكىنى يەتكۈزگەن بولۇشىغا قارىماي ساھابىلەر سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشنى تەۋھىد شوئۇرىغا توغرا كەلمەيدىغان ئىشتەك ئويلاپ قېلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئايەت نازىل بولۇش ئارقىلىق سەئيى قىلىشتا شوئۇرنىڭ تەۋھىد بولۇشى شەكىلدىكى بەزى ئوخشاشلىقلارنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇزۇلۇشقا ئۇچرىمايدىغانلىقى، مۇھىم بولغىنى ئەقىل ۋە قەلبنىڭ گىرەلەشكەن ھالىتى بولغان شوئۇردا ساغلاملىشىشنىڭ ھەرىكەت شوئارنىڭ ئاساسى بولۇشى شوئارنىڭ مەشرۇئلىقىنى بەلگىلەيدىغانلىقى، شوئۇرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تاغدىكى بۇتلارنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى بىلەنلا ئەمەس، زېھنىيەتتىكى بۇتنىمۇ چېقىپ تاشلاش بىلەن ئادا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا «مىن شەئائىرىللاھ» دەپ خىتاب قىلىش ئارقىلىق جىمى شوئۇر ئىگىلىرىگە: شوئۇر ۋە شوئاردا بىردەكلىكنى ساقلىغاندا، سۈنئىي توسالغۇلارنىڭ، ۋەسۋەسىلەرنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمايدىغانلىقىنى، سۈنئىي توسۇقلارنىڭ ئەسلى ھەقىقەتنى تەرك قىلىشقا يول ئاچالمايدىغانلىقىنى تەلىم بەرگەن. دېمەك بۇ يەردە مەسىلىنىڭ شوئاردىكى تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ شەكلىنىڭ ساغلام بولۇشىلا ئەمەس، ئاشۇ ساغلام ھەرىكەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شوئۇرنىڭمۇ ساغلام بولۇشى كېرەكلىكى، شوئۇرلۇق بولۇشنىڭ شوئۇرسىزلىقنىڭ ئەكسىچە ئىككىلىنىشكە، تۇتامسىزلىققا يول ئاچمايدىغانلىقى، شوئۇر ساغلام بولمىغاندا شوئاردىمۇ قەتئىيلىك پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ شوئار ساھىبىنىڭ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىغا دەخلى - تەرۇز ياراتماي قالمايدىغانلىقى ئېنىقلىق تاپقان. مانا بۇ نۇقتىلار ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ مىللىي شوئۇرىمىزغىمۇ تىمسال بولۇپ، مەسىلىمىز ھەمدە شوئارلىرىمىزنى ئىمانىي شوئۇر ۋە ھەقىقەتچىل ئاڭ ئاساسىدا قانچىلىك تۇرغۇزالىغانلىقىمىز، قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن ياكى مۇھاپىزەت قىلالىغانلىقىمىز ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.
خاتىمە
شوئۇر ۋە شوئار مەسىلىسىنىڭ ئانالىزى مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە زامانىمىزنىڭ گىگانت پەيلاسوپلىرىدىن مارتىن ھايدىگىرنىڭ «تىل مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆيى» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمىز. شۇنداقلا ئۆزىگە خاس مەنە ۋە قىممەت يۈكلەنگەن، بولۇپمۇ جاھانشۇمۇل بىر مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان، ھەمدە كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان مەيدان - پوزىتسىيەلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر ئۇقۇمنىڭ مىللىي ئاڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بوھرانلارغا يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئەجداد تىلىدا قۇرۇلغان بىر مەپكۇرىنىڭ تاجاۋۇزچى قول تەرىپىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىشىنىڭ نەقەدەر چوڭ يوقىتىشقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى، مىللىي روھنىڭ دەز كېتىشىگە قايسى دەرىجىدە سەۋەبكار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە مەجبۇرمىز. دەرۋەقە مىللەت تەرەددۇت (ئىككىلىنىش) قا چۆككەن پەيتىدە ساغلام يولغا باشلاپ قويۇش، سەگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشتىن مۇھاپىزەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ئاتالغۇ - ئۇقۇملارغا سۇيىقەست قىلىشنىڭ كەچۈرگۈسىز خىيانەت جۈملىسىدىن ساناشقا تېگىشلىك جىنايەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتمىكىمىز زۆرۈر. بولۇپمۇ، بۇنىڭ مەلۇم مەنىدە مۇستەملىكىچىنىڭ ئارزۇسىغا بېقىنىشقا ياتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۆز كۈلتۈرىنىڭ تىلىنى تەۋەلەنگەن مەدەنىيەت تىلىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك نومۇسسىزلىقتا چېكىگە يەتكەن شەرەپسىز قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتنى دۆتلەشتۈرۈشكە، كىم بەك توۋلىسا ئىلغىماستىن شۇنىڭ تەرىپىگە ئۆزىنى ئېتىشقا، ئەڭ ئېچىنارلىقى مۇستەملىكىچىسىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماس ھالدىكى ئاڭقاۋ ماڭقۇرتلار توپىغا ئايلاندۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، قىسقىسى، بۇ كەبى قىرقىش، سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە ماتالاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ماھىيەتتە مىللىي مەۋجۇتلۇققا قىلىنغان چوڭ سۇيىقەست دائىرىسىدىكى ئىشلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈردۇر. مىللەتنىڭ تىل قامۇسىدىن شوئۇر سۆزىنى قىرقىپ تاشلاپ، شوئارنى قالدۇرۇپ قويۇشقا ئوخشاش خىيانەتلەر دەل مۇشۇ خىل تۈردىكى سۇيىقەستلەر جۈملىسىدىندۇر.
مىللىي شوئۇرغا قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقنىڭ، شۇنداقلا مىللىي خاتىرىلەرنى يۇيۇشقا ياردەم بەرگۈچى خىيانەتلەرنىڭ بۈگۈنكى قۇربانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈنكى ئۆتمىتۆشۈك قىلىپ تاشلانغان «مەۋجۇتلۇق ئۆيىمىز» ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈشىمىز، ئۇنىڭ بىزنى قوغدىغۇدەك قانچىلىك ماجالى قالغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز، يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا مەزكۇر ئۆينىڭ قانچىلىك بەرداشلىقى قالدى، دېگەنلەرنى سوراپ كۆرۈشىمىز، بىزنىڭ بۇ «ئۆي»نى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىمىز قايسى دەرىجىدە جارى بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز تەلەپ - تەقەززا بولۇپ تۇرۇپتۇ.
تىلىمىز ۋە ئېڭىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلانغىنىغا باقماي، مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شوئۇرىمىزنىڭ ھالى نېچۈك بولۇۋاتىدۇ، بۇمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولۇپ قالدى. ئىمان شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىدە ئويغاق، ۋەتەن شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىدە ساغلام، مۇسۇلمانلىق شوئۇرىمىز قانچىلىك چويلىغا توختاۋاتىدۇ، ئىددىئا قىلىۋاتقان دەۋالىرىمىز، دەبدەبىلەشكەن شوئارلىرىمىز قايسى دەرىجىدە ھەقىقىي شوئۇرلۇقتىن نېسىۋە ئېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىققا خاس روھ بىلەن داۋاملىشىۋاتامدۇ يوق، بۇ كىرىزىسلاردا ئائىلە شوئۇرىمىز قانچىلىك زەربە ئالدى، سىلە رەھىم شوئۇرىمىزغا قايسى دەرىجىدە دەز كەتتى، دوست - دۈشمەن ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىمىز قانچىلىك تۇتاملىقلىشالىدى، مۇھەببەت - نەپرەت ئېنىق بولۇش جەھەتتىكى ۋىجدانىي شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالدى؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار جاۋاب تېپىشىمىزغا، ئەجداد شوئۇرىغا ئىگە ئاقىللارنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ھاۋالە بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەجەبا شوئۇرسىزلىقىمىزنىڭ بەدىلىنى بۈگۈنگە قەدەر تارتىپ كېلىۋاتقىنىمىز يېتىپ ئاشمىدۇ؟ ئەجەبا شوئارۋازلىقنى تەسەللىيگاھ قىلىپ ياشاشنىڭ مۇنقەرزلىك تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە خىزمەت قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش پەيتىمىز كېلىپ ئۆتۈپ كەتمىدىمۇ؟
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-06-03
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
كېيىنكىسى: «دۈشمەننى تونۇش» ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەكس تەسىرلىرى (2)