Jump to content

قىزىل راۋاقتىكى چۈش

ئورنى Wikipedia

قىزىل راۋاقتىكى چۈش (رومان)


بىرىنچى باب

جېن شىيىننىڭ چۈشىدە ھېكمەتلىك قاشتاشنى كۆرگەنلىكى

جيا يۈيسۇننىڭ غۇربەتچىلىكتە ئۆزىگە رەپىق ئىزدىگەنلىكى

بۇ قىسسەنىڭ بىرىنچى بابى مانا شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. ئاپتور بايان قىلىدۇكى: بۇنىڭدىن مۇقەددەم ئاجايىپ بىر چۈش كۆرگىنىمدىن كېيىن، راست ئىشنى خۇپىيانە تۇتۇپ «ھېكمەتلىك قاشتاش»نى ۋاسىتە قىلىپ، مەزكۇر «تاشنىڭ رىۋايىتى» دېگەن قىسسەنى يېزىپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭ قەھرىمانىغا «جېن شىيىن» دەپ نام بەردىم. لېكىن، مەزكۇر قىسسەدە نېمە ئىشلار ۋە قانداق كىشىلەر ئۈستىدە ھېكايە قىلىنىدۇ؟ بۇ سوئالغا ئاپتور يەنە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «غۇربەتچىلىكتە ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي سەرسان بولۇپ يۈرگىنىمدە، ئۆز ۋاقتىدىكى ھەممە قىزلار يادىمغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ئۆزۈم بىلەن تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتلىرى، بىلىم - مەلۇماتلىرى مەندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، مەندەك ساقال - سۇمباتلىق بىر ئەرنىڭ ئاشۇنداق ئاياللارغىمۇ تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. خىجالەتچىلىكتە ئۆزۈمنى سىغدۇرىدىغان جاي، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالدىم - دە، نەگە بېرىشىم ۋە نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي بىچارە ھالەتكە چۈشتۈم. ئۆز ۋاقتىدا پادىشاھى ئالەمنىڭ مېھرى - شەپقىتى، ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ پەزىلىتى - دۆلىتى سايىسىدا، تاۋار - دۇردۇنغا يۆگىنىپ، لەززەتلىك تائاملارغا تويۇپ، كېرىلىپ - كېكىرىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، ئاتا - ئانام ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىمنىڭ تەربىيەلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىم، ئۇستاز ۋە بۇرادەرلىرىمنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىم ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بەتتەرلىشىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم، ئۆمرۈمنىڭ تەڭدىن تولىسى بىھۇدە ئۆتتى. ئەمدى ئەنە شۇ ئۆتمۈشۈمنى ھېكايە قىلىپ، ئالەمگە شۇنىڭ ئۈچۈن جاكار قىلغۇم كەلدىكى: مېنىڭ گۇناھلىرىم، دەرۋەقە، ناھايىتى كۆپ، ئوردا ھەرەملىرىدە بولسا نى - نى گۈزەللەر بار، لېكىن مېنىڭ نائەھلىلىك قىلىپ، ئۆز ئىللەتلىرىمنى يېپىپ قېلىشىم ۋەجىدىن، ئۇلارنىڭمۇ مەن بىلەن بىللە بۇ دۇنيادا نام - نىشانسىز قېلىشىغا كۆڭلۈم ئەسلا ئۇنىمىدى. شۇ ئۇچۇردىن، مېنىڭ بۇ شاخ - شۇمبىلاردىن ياسالغان ساتمام، ئارغامچا - توقۇناقتىن ئۆرۈلگەن كارىۋىتىم، ئىس تۈتەپ تۇرغان مورام ھېچقاچان مېنىڭ كۆڭۈل - كۆكسۈمگە كاشىلا بولالمايدۇ. تاڭ شاماللىرى، ئايدىڭ كېچىلەر، پەلەمپەي يېنىدىكى سۆگەتلەر، ھويلامدىكى گۈل - چېچەكلەر مېنى زوقلاندۇرۇپ، قەلىمىمگە ئىلھام بېغىشلىغۇسى. ئەدىب بولمىساممۇ، ئەمما مەن پايدىلانغان سەھرايى تىل بۇ ھېكايەمنى بايان قىلىشىمغا ھەرگىز نۇقسان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ، بىرياقتىن، ئوردا ھەرەملىرىنى ئوچۇق رىۋايەت قىلىشىمغا ئىمكان بەرسە، يەنە بىرياقتىن، بىرەر دەم بولسىمۇ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىشقا ۋە ئۆز ھەمراھلىرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىمغا ياردەم بەرسە پايدىلىق بولماسمىدى؟ شۇڭا، مەن قەھرىمانىمنىڭ يەنە بىرىگە «جيا يۈيسۇن» دەپ ئات قويدۇم. كىتابخانلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتكۈم كەلدىكى، بابلار ئارىسىدا ئۇچرايدىغان «چۈش»، «غايىب» دېگەن سۆزلەر مەزكۇر قىسسەدە كۆزلەنگەن مەقسەتنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.

كىتابخان، سىز قىسسەنى نەدىن باشلايدىغاندۇ، دەپمۇ ئويلايدىغانسىز، سۆزلەپ كەلسەم، قىسسەم سىزگە ئەپسانىدەكمۇ بىلىنەر. لېكىن، سىز ئۇنى راسا تەمشىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خېلى لەززىتى بارلىقىنىمۇ ھېس قىلارسىز. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، نۇيۋا ناملىق بىر ئىلاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ تاشلارنى ئېرىتىپ ئاسماننى يامايدىغان چاغدا، داخۇاڭ دېگەن تاغدىكى ۋۇجى دېگەن يار ئاستىدا، بويى ئون ئىككى غۇلاچ، ئېنى يىگىرمە تۆت غۇلاچ كېلىدىغان كاج تاشلاردىن ئوتتۇز ئالتە مىڭ بەش يۈز بىر دانىسىنى ئېرىتىپتۇ. لېكىن، بۇ ئىلاھە پەقەت ئۇ تاشلاردىن ئوتتۇز ئالتە مىڭ بەش يۈز دانىسىنىلا ئىشلىتىپ، قالغان بىرىنى نېمىشقىدۇر كېرەك قىلماي، چىڭگېن چوققىسىنىڭ تۈۋىگە تاشلىۋېتىپتۇ. بۇ تاش ئۆز بېشىدىن بىرمۇنچە ئىسسىق - سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىردىنلا جان كىرىپ، ئايىغى چىقىپ ماڭالايدىغان، خالىسا چوڭىيىپ، خالىسا كىچىكلىيەلەيدىغان خىسلەتكە ئىگە بوپتۇ. ئۇ باشقا تاشلارنىڭ ئاسماننى ياماش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، يالغۇز ئۆزىنىڭلا يارامسىزلىقىدىن قاتارغا ئۆتەلمەي قالغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ، كېچە - كۈندۈز ئاھۇ پەرياد چېكىپتۇ.

ئۇ ئەنە شۇنداق قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە ياتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر راھىب بىلەن بىر دەرۋىشكە كۆزى چۈشۈپتۇ، تەق - تۇرقى ئاجايىپ، رەڭگىرويى غەلىتە بۇ كىشىلەر چىڭگېن چوققىسىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. شۇ ئەسنادا، ھېلىقى يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك تاش ئۇلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قاپتۇ، قارىغۇدەك بولسا، بۇ تاش بىردىنلا كىچىكلەپ، يەلپۈگۈچ سىرغىسى شەكلىگە كىرىپ قاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ يېقىملىق بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. راھىب بۇ تاشنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تەبەسسۇم بىلەن:

− تۇرقۇڭدىن قارىغاندا، خېلى ھېكمەتلىك نەرسىدەك كۆرۈنىسەن. بىراق، سەندىن ھېچقانداق بىر خاسىيەت چىقمايدىغانلىقىمۇ كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ. ئۈستۈڭگە يەنە بىرمۇنچە خەت ئويۇپ قويۇلسا، ئاندىن كىشىلەر سېنى بىر مۆجىزە ئىكەن دەپ بىلىپ، راۋاج تاپقان ئاۋات مەملىكەتكە، ئەدەپ - مەرىپەتلىك ۋە تاج - دۆلەتلىك ئەلگە، باغۇبوستان ۋە گۈل - گۈلىستان جايغا، پاراغەتلىك باياشات يۇرتقا ئالغاچ بېرىپ تاشلىغان بولاتتى، سەنمۇ ئۆز نېسىۋەڭنى كۆرگەن بولاتتىڭ، − دەپتۇ. تاش بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولۇپ، راھىبقا مۇراجىئەت قىپتۇ:

− سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، ماڭا قانداق خەتلەرنى ئويماقچى ۋە مېنى قايسى تەرەپكە تاشلىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىقراق ئېيتىپ بەرسىڭىز.

راھىب كۈلۈپ تۇرۇپ:

− بەس، بۇنى سەن ھازىر سورىما، ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئۆز - ئۆزىدىن ئايان بولىدۇ، − دەپتۇ - دە، ئۇنى يېڭىگە سېلىۋېلىپ، دەرۋىش بىلەن ئىككىسى قاياقلارغىدۇر خۇددى شامالدەك ئۇچۇپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

ئالەم ئۆرگۈلۈپ، پەلەك چۆرگۈلۈپ، قانچە زامانلار ئۆتۈپتۇ. كۇڭكۇڭ دېگەن بىر دەرۋىش تاۋاپ - تىلاۋەت مەقسىتىدە داخۇاڭ تېغىدىكى ۋۇجى دېگەن يارنىڭ چېڭگىن چوققىسى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ يوغان بىر قورام تاشنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن خەتلەر ناھايىتى ئېنىق، بايان قىلىنغان ئىشلار ناھايىتى روشەن ئىكەن. دەرۋىش كۇڭكۇڭ باشتىن - ئاياغقىچە نەزەر سالغۇدەك بولسا، بۇ تاش ئاسمان ياماشقا يارىمىغانلىقىدىن مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، كېيىن پىر - ئۇستاز ماڭماڭ بىلەن ئەۋلىيا مياۋمياۋ ئادەمزات دۇنياسىغا ئەكېلىپ مۇشۇ يەرگە تاشلىۋەتكەن كاج تاش ئىكەن. ئۈستىگە ئۇنىڭ تاشلانغان جايى ۋە تۆرەلگەن ماكانى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىۋى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار، ئوردا ھەرەملىرىدىكى ئىشق - مۇھەببەتلەر، شېئىر - نەزملەر، بېيىت - تېپىشماقلار، ئىشقىلىپ، ھەممىلا تەپسىلات پۈتۈلگەن، پەقەت سۇلالىلەرنىڭ ناملىرى ۋە يىللىرىلا ئۆچۈپ كەتكەن، ئاخىرىغا يەنە مۇنداق بىر مۇناجاتمۇ پۈتۈلگەنىكەن:

چىقمىدى بەتتەرلىكىمدىن بىر ئورۇن ئاسمان ئارا،

شۇنچە يىل سەرسان بولۇپ كەلدىم بىكار ئىنسان ئارا.

كۆرگىنىم - كۆرمىگىنىمنىڭ ھەممىسى قىلىندى قەيت،

كىم بۇنى سۆزلەرىكىن داستان قىلىپ جاھان ئارا؟

دەرۋىش كۇڭكۇڭ تاشقا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە خېلى گەپ بارلىقىنى بايقاپتۇ - دە، ئاندىن تاشقا خىتاب قىپتۇ:

− ئەي، بۇرادەر تاش، ئۆز تىلىڭ بىلەن سۆزلەۋاتقان بۇ ھېكايەڭگە قارىغاندا، كەچۈرمىشلىرىڭ خېلى قىزىقتەك تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنى بىر رىۋايەت تەرىقىسىدە ئالەمگە قالدۇرۇپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز ئۈستۈڭگە پۈتۈۋاپسەن. مېنىڭچە، بىرىنچىدىن، بۇنىڭدا سۇلالىلەرنىڭ ناملىرى ۋە يىللىرى چۈشۈپ قالغان؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭدا نە ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، نە ئۆرپ - ئادەتلەرنى يولغا قويۇشتا بولسۇن، دانالىقتا كامالەتكە يەتكەن ھاكىمىيەتلەرمۇ يوق، ناھايەت، باشقىلاردىن ئۆزگىچە بولغان بىرقانچە قىزنىڭلا ئىشق سەۋدالىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئانچە - مۇنچە خىسلەت - خاسىيەتلىرىلا پۈتۈلگەن. مەن بۇلارنى كۆچۈرۈۋالساممۇ بولاتتى، ئەپسۇسكى، بۇ ئاجايىپ قىسسەلەر قاتارىغا ئۆتەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

− ئەي، ئۇستازىم، − دەپتۇ تاش ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ، − سىز بىھۇدە خاتا پىكىر قىلىۋاتىسىز! مېنىڭچە، تا ئەزەلدىن كېلىۋاتقان غەيرىي رەسمىي تارىخلار «خەن»، «تاڭ» زامانىلىرىدىكى داڭدار گۈزەللەر نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن خالىي بولالمىغان. ھالبۇكى، مېنىڭ ئۈستۈمگە پۈتۈلگەن بۇ رىۋايەت ئۇنداق ئەندىزىلەردىن خالىي، ئۇ پەقەت ئىشنىڭ ئۆزىنى ئەينەن توغرا بايان قىلىدۇ ۋە بەلكى كىشىلەرگە يېڭىلىق ھەم ئالاھىدىلىك بېغىشلايدۇ. ۋاھالەنكى، ئاشۇ غەيرىي رەسمىي تارىخلار خان - ۋەزىرلەر ئۈستىدە پىتنە - پاسات تارقىتىدۇ ياكى خانىم - قىزلارنى چۆكۈرۈپ خارلايدۇ ياكى پاسىقلىق، قاتىللىق، قاباھەتلىك توغرىسىدا يازىدۇ، بۇنداقلارنى ساناپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بولۇپمۇ يەنە بىر خىل ئىشقىۋاز قەلەملەر باركى، ئۇنىڭدىن چىققان شەھۋەتپەرەسلىكنىڭ سېسىق بۇسلىرى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ناھايىتى ئاسانلا نابۇت قىلىدۇ. ئۆلىما ۋە نازىنىنلار توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارغا كەلسەك، ئۇ ھە دېگەندىلا سۆزىنى «ۋېنجۈن» خېنىمدىن باشلىسا، ئايىغىنى «زىجيەن» بېگىمدىن چۈشۈرىدۇ. بۇنداق كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەننىۋاسى بىر تىل بىلەن سۆزلەپ، بىر قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا زىناخورلۇقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، بۇنداق كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى بىر - ئىككى پارچە ئىشق - مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىش ئۈچۈنلا ئەتەي بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ئىسمىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەئەينى ئويۇنلاردىكى ھەييارلاردەك يەنە بىر نائەھلىنى قىستۇرۇپ قويۇپ ماجىرا چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ كىشىنىڭ جېنىغا تېگىدىغىنى شۇكى، ئۇلار «دۇركى، بەجايىكى، زىكرى قىلۇرلەركى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ھەدەپ سۆز ئويۇنى قىلىشىدۇ. بۇ سۆزلەر نە مەنتىق، نە سەنئەت جەھەتتە بولسۇن قىلچە ئەقىلگە سىغمايدۇ، بىر - بىرىگە زىت كېلىدۇ. ئۆز ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ئاشۇ قىزلارغا كەلسەك، ئۇلارنى مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، دەپ ئېيتىشقا پېتىنالمىساممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرىگە شۇنداق نەزەر سالسىڭىز، ئۇ كىشىنى غەمدىن جۇدا، ئىچ پۇشۇقىدىن ئادا قىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىكى بىرنەچچە پارچە قاملاشمىغان شېئىرلارغا كەلسەك، ئۇ ھېچبولمىغاندا، كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا پۈتۈلگەن ھىجران قايغۇسى بىلەن ۋىسال شادلىقى، جۇشقۇنلۇق بىلەن چۈشكۈنلۈك جەريانلىرى ئىزچىل ئىزھار قىلىنغان، چىنلىققا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئويدۇرمىلارنى قوشۇپ قويۇشقىمۇ جۈرئەت قىلىنمىغان. مېنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىم پەقەتلا شۇكى، كىشىلەر قاتتىق مەستلىكتىن سەگىگەن چاغلىرىدا ياكى خىلۋەتتە دەرد - پىغانلىرىنى چىقىرىشنى ئىزدىگەن مەزگىللىرىدە بۇ ئۇلارغا ئەمەك بولۇپ قالالىسا ئىدى، ئۇ چاغدا كىشىلەر توۋا - ئىستىغپار ئوقۇپ، تېنىگە قۇۋۋەت تېپىپ ئۆمرى ئۇزارغان، خام خىياللاردىن خالاس تاپالىغان بولاتتى، ئۇ ھالدا مېنىڭ ئەجرىممۇ بىكارغا كەتمىگەن بولاتتى. مېنىڭ بۇ مۇلاھىزەمگە قانداقراق قارايسىزكىن، ئۇستازىم؟

دەرۋىش كۇڭكۇڭ بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغاندىن كېيىن، بىر پەس ئويغا چۆمۈپتۇ - دە، ئاندىن «تاشنىڭ رىۋايىتى»نى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپتۇ. مەزكۇر تاشقا پۈتۈلگەنلىرى، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىشق - مۇھەببەتتىن چەتنەپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىق ئىكەنلىكى ۋە ھەرقاچان زامانغا قىلچە داغ چۈشۈرۈپ قويمايدىغانلىقىغا، زىناخورلۇقنى تەرغىب قىلىپ قويىدىغان نۇقسانلاردىن خالىي ئىكەنلىكىگە ئوبدان كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئالەمگە بىر رىۋايەت تەرىقىسىدە قالدۇرۇپ كېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ باشتىن - ئاخىرغىچە كۆچۈرۈۋاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، دەرۋىش كۇڭكۇڭ يوقلۇقتىن مەۋجۇتلۇقنى كۆرۈپتۇ، مەۋجۇتلۇقتىن تۇيغۇ تۇغۇلۇپتۇ، تۇيغۇدىن ھاۋايى - ھەۋەسكە ئۆتۈپتۇ، ھاۋايى - ھەۋەستىن يەنە يوقلۇقنى سېزىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۇڭكۇڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ئاشىق» دەپ، «تاشنىڭ رىۋايىتى»نى «ئاشىقنىڭ خاتىرىسى» دەپ ئۆزگەرتىپتۇ. دۇڭلۇلۇق كۇڭ مېيشى دېگەن كىشى بۇ قىسسەگە «ئاينەئى جاھاننەما» دەپ نام بېرىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە، كەمىنە ساۋ شۆچىن ئۆز كۆلبەم دياۋ خۇڭشۇەندە بۇ قىسسەنى ئون يىل تەھسىل قىلىپ، بەش قېتىم ئۆزگەرتىپ، مۇندەرىجىلەرگە ئايرىپ، بابلارغا بۆلۈپ چىقىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا «جىنلىڭدىكى ئون ئىككى ساھىبجامال» دەپ نام بەردىم ۋە بىر كۇپلېت بېغىشلىما يازدىم. «تاشنىڭ رىۋايىتى»نىڭ كېلىپ چىقىشى ئەنە شۇنداق بولغان. بېغىشلىما تۆۋەندىكىچە:

تولسا گەر ئەپسانىگە قەغەز بېتى،

سىڭدى مىسرالارغا ئاچچىق كۆز يېشى !

كاشكى، ئاپتورنى ھاماقەت دەرمىدى،

تەمىنى تېتىپ ئۇنىڭ بىلسە كىشى؟

«تاشنىڭ رىۋايىتى»نىڭ كېلىپ چىقىشى بىزگە ئايان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا زادى قانداق ئىشلار ۋە قانداق كىشىلەر رىۋايەت قىلىنغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس، ئەمدى كىتابخاننىڭ قۇلاق سېلىشىنى ئۆتۈنىمەن:

ھېلىقى تاشتا مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر چاغلاردا، زېمىننىڭ شەرقىي جەنۇبى ئوپۇرلۇپ كەتكەنىدى، ئەنە شۇ يەردە گۇسۇ دېگەن بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ چاڭمېن دېگەن دەرۋازىسى بار ئىدى. بۇ دەرۋازا ئادەمزات دۇنياسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايۋەچچە - بەگزادىلەر توپلاشقان بىر جاي ئىدى. چاڭمېن دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا شىلجيې دېگەن بىر مەھەللە بولۇپ، بۇ مەھەللىدىكى رېنچىڭ دېگەن كوچىدا بىر بۇتخانا بار ئىدى، بۇ بۇتخانا تار بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «خۇلۇمياۋ» يەنى «قاپاق بۇتخانا» دەپ ئاتىشاتتى. شۇ بۇتخانىنىڭ يېنىدا جېن فامىلىلىك، فېي ئىسىملىك ۋە شىيىن تەخەللۇسلۇق سابىق يېزا بېگى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنى فېڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئۇ خۇش تەبىئەتلىك، قائىدە - يوسۇنلۇق بىر ئايال ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئانچىلا دۆلەتمەن بولمىسىمۇ، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى مۆتىۋەر زاتلار قاتارىدا ھۆرمەتلەيتتى. جېن شىيىن ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمايدىغان ئادەم بولغاچقا، نام - شۆھرەتكە ئانچە بېرىلمەيتتى، ئۆز كۈنىنى باغۋەنچىلىك قىلىش، گۈلزارلىقلارنى تاماشا قىلىش، شاراب ئىچىپ شېئىر ئوقۇش بىلەن خۇددى پەرىزاتلاردەك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتى. ئەمما، بىرلا نەرسىدىن خورسىناتتى: ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆتكۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى، يىڭليەن دەيدىغان ئۈچ ياشلىق بىرلا قىزى بار ئىدى.

تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، جېن شىيىن بىكارچىلىقتىن ئۆز كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى، مۈگدەك بېسىپ قولىدىن كىتاب چۈشۈپ كەتتى ۋە بېشى ئۈستەلگە تەگكىنىچە كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇ چۈشەكەپ قاياققىدۇر بىر ياققا كېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا، بىرياقتىن كېلىۋاتقان راھىب بىلەن دەرۋىشنى كۆرۈپ قالدى. ئۇلار پاراڭلىشىپ كېلىۋاتاتتى:

− سەن بۇ نەرسىنى نەگە ئەكەتمەكچى بولۇۋاتىسەن؟ − دەپ سورىدى دەرۋىش راھىبتىن.

− ئەندىرىمەي تۇر! − دېدى راھىب كۈلۈپ تۇرۇپ، − بۈگۈن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ دەۋاسى چىقىپ قالدى، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغان پەيتى كەلدى. لېكىن، بۇ ئىشق رەقىبلىرى تېخى ئادەمزات دۇنياسىغا تۆرەلگىنى يوق، مەن مۇشۇ پەيتنى غەنىيمەت بىلىپ، بۇ نەرسىنى ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىغا ئاپىرىپ تاشلىماقچى، بۇمۇ ئاشۇلار بىلەن بىللە كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ باقسۇن.

− دېمەك، بۇ ئىشق رەقىبلىرى يېقىنقى كۈنلەردە بۇ ئالەمگە تۆرىلىپ، ئۆز نېسىۋىلىرىنى كۆرىدۇ دېگىنە. بىراق، شۇنىسى ماڭا نامەلۇمكى، بۇلار نەدە تۆرىلىپ، نەگە بېرىپ چۈشەركىن؟ − دەپ سورىدى دەرۋىش.

− بۇ بىر قىزىق ۋەقە، − دېدى راھىب، − مەزكۇر تاش ئۆز ۋاقتىدا نۇيۋا ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر بولالمىغاندىن كېيىن، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋېلىپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە تاماشا قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ پەرىزات جىڭخۇەننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ قاپتۇ. بۇ پەرىزات ئۇنىڭ كەلمىشىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى قىزىل شەپەق ئوردىسىغا ئېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا شۇ ئوردىنىڭ زەبەرجەت غىلمانى دەپ نام بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمىشە ئۇ دۇنيادىكى ئابىھايات دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە بېرىپ سەيلە قىلىپ يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئابىھايات دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا ئۈچ مەرتەم تىرىلگەن، تاش باغرىدا ئۆسكەن بىر تۈپ «مېھرىگىياھ»نى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ھەر كۈنى شەربەت بىلەن سۇغىرىپ تۇرۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ «مېھرىگىياھ»نىڭمۇ ئۆمرى ئۇزىراشقا باشلاپتۇ. كېيىن بېرىپ، بۇ گىياھ بىر تەرەپتىن، تەڭرىنىڭ قۇدرەت - كارامىتى، يەنە بىر تەرەپتىن، شەربەت بىلەن ئوزۇقلىنىش نەتىجىسىدە، گىياھلىق قېپىنى تاشلاپ ئادەم سىياقىغا كىرىپ، قىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ - دە، كۈنبويى «ھىجران دۇنياسى»دا تاماشا قىلىپ يۈرۈپتۇ. قورسىقى ئاچقاندا «سىرلىق ئىشق مېۋىسى» بىلەن ئوزۇقلىنىپ، ئۇسسىغاندا «غەم - غۇسسە شەربىتى» بىلەن ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپتۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى تەشنالىقتىن خالاس قىلغان زاتنىڭ ھىممىتىنى قايتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىگىچ ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئارزۇ - ئارمانلىرى خۇددى بىر تۈگۈن بولۇپ قەلبىگە ئورنىشىپ قاپتۇ، شۇ ۋەجدىن، ئۇ ھەمىشە «ماڭا شەربەت سۇنۇپ تەشنالىقىمنى قاندۇرغان غىلماننىڭ ئىلتىپاتىنى كۆردۈم، لېكىن مېنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغۇدەك ھېچقانداق شەربىتىممۇ يوق. مۇبادا ئۇمۇ ئادەم قىياپىتىگە كىرىپ ئادەمزات دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولسا ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە ئورتاق بولغان بولاتتىم، ئۇنىڭغا پۈتۈن ھاياتىمدىكى بارلىق كۆز ياشلىرىمنى تەقدىم قىلسام، شۇندىلا قەرزىم ئادا بولاتتى» دەپ يۈرۈپتىكەن. ئەنە شۇ ۋەقە نۇرغۇن ئىشق رەقىبلىرىنىڭ ئادەمزات دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ، ئۆز نېسىۋىلىرىنى كۆرۈشىگە سەۋەب بولغان، ھېلىقى «مېھرىگىياھ»مۇ ئەنە شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئەمدى بۇ تاش ئەنە شۇ ئادەمزات دۇنياسىغا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مەن ئۇنى مۇشۇ ئىشقىۋاز شەيتانلار بىلەن بىللە ئادەمزات دۇنياسىغا يولغا سېلىپ، بۇ دەۋاغا خاتىمە بەرمەكچىمەن، شۇ ئۇچۇردىن مەن ئۇنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قويماق بولۇپ، پەرىزات جىڭخۇەننىڭ ھۇزۇرىغا كېتىۋاتىمەن.

− دەرۋەقە قىزىق ئىكەن، − دېدى دەرۋىش، − «ئىلتىپاتقا كۆز ياش قايتۇرۇش» دېگەن سۆزنى مەن ئەسلا ئاڭلاپ كۆرمىگەنىكەنمەن ! مېنىڭچە، ئىككىمىزمۇ مۇشۇ پەيتتە ئۇلار بىلەن بىللە ئادەمزات دۇنياسىغا بېرىپ، بىرقانچىسىنى گۇناھتىن خالاس قىلساق ساۋابلىق ئىش قىلغان بولماسمىدۇق؟

− مېنىڭ نىيىتىممۇ شۇنداق، − دېدى راھىب، − لېكىن ئىككىمىز ئالدى بىلەن پەرىزات جىڭخۇەننىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، بۇ «ھاماقەت»نىڭ ھېساب - كىتابىنى ئۈزۈۋېتەيلى، بۇ ئىشقىۋاز شور پېشانىلەرنى ئادەمزات دۇنياسىغا راۋان قىلىۋېتىپ، كەينىدىن ئىككىمىز بارايلى، ھازىر ئۇلارنىڭ يېرىمى ئادەمزات دۇنياسىدا، تېخى ھەممىسى جەم بولغىنى يوق.

− ئۇنداقتا، مەنمۇ سىز بىلەن بىللە باراي، − دېدى دەرۋىش.

جېن شىيىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشقان گەپ - سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى:

− ئەسسالام، پىر - ئۇستازلىرىم !

راھىب بىلەن دەرۋىش ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، تىنچ - ئامانلىق سوراشتى، ئاندىن جېن شىيىن سۆزىنى داۋام قىلدى:

− باياتىن پىر - ئۇستازلىرىمنىڭ مۇلاھىزىسىنى بەھۇزۇر ئاڭلىدىم، بۇنداق مۇلاھىزىلەر ئادەمزات دۇنياسىدا ئاڭلاپ بېقىلمىغان. لېكىن، كەمىنىلىرىنىڭ كالتە پەملىكىدىن بولسا كېرەك، ئېھتىمالىم، ئۇنىڭ تېگى - تەكتىگە تازا يېتەلمىدىم. مۇبادا شۇ مۇلاھىزىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئاڭلىتىشقا ئىلتىپات قىلىنسا ئىدى، كەمىنىلىرى راسا قۇلاق سېلىپ تىڭشىغان بولاتتىم، شۇنىڭ بىلەن كەمىنىلىرىنىڭ بۇ گال پىكرىمۇ ئېچىلىپ، ئاز - تولا بولسىمۇ غاپىللىقتىن ئويغىنىپ، گۇناھ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولغان بولاتتىم.

− بۇ بىر ھېكمەت ئىلاھى، ئۇنى ئاشكارىلاش گۇناھدۇر. قازارەن، بېشىڭىزغا بىرەر كۈن چۈشۈپ قالغاندا، ئىككىمىزنى سېغىنىپ تۇرسىڭىزلا، ھەرقانداق جەھەننەمدىن قۇتۇلۇپ چىققايسىز، − دېدى بۇ ئىككى پىر - ئۇستاز تەڭلا كۈلۈپ تۇرۇپ. جېن شىيىن ئۇلاردىن بۇ جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا يېنىشلاپ مۇراجىئەت قىلىشقا پېتىنالماي، تەبەسسۇم ئارىلاش بۇنداق سوئال بەردى:

− دەرھەقىقەت، ھېكمەت ئىلاھىنى ئاشكارىلاش گۇناھدۇر، لېكىن قانداقتۇر بىر «ھاماقەت» ئۈستىدە پاراڭ بولدى، ئۇ كىم ئىكىن؟ ياكى ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرسىتىشكە مۇمكىن بولارمىكىن؟

− بۇ نەرسىگە كەلسەك، سىزگە ئۇنى بىر كۆرۈشكە نېسىپ بولىدۇ، − راھىب شۇ گەپنى دەپلا يېنىدىن ھېلىقى نەرسىنى چىقىرىپ جېن شىيىنغا سۇندى. جېن شىيىن ئۇنى قولىغا ئېلىپ قارىدى، ئۇ پارقىراپ تۇرغان ۋە گۈزەل بىر قاشتاش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە «ھېكمەتلىك قاشتاش» دېگەن ئىبارە ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىرمۇنچە ئۇششاق قىلىپ پۈتۈلگەن سۆزلەرمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. جېن شىيىن ئۇنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەمدىلا تەمشەلگەندە، ھېلىقى راھىب: «غايىب ئالەمگە كېلىپ قالدۇق» دېدى - دە، جېن شىيىننىڭ قولىدىكى تاشنى كاپ قىلىپ تارتىۋېلىپ، دەرۋىش بىلەن بىللە يوغان تاش پەيلۇدىن ئۆتۈپ كۆزدىن غايىب بولدى. پەيلۇنىڭ ماڭلىيىغا «غايىب ئالەم» دېگەن ئىبارە ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا تۆۋەندىكىچە بېيىت يېزىلغانىدى:

بەلكى يالغاننى دېسە راست راست ئىمىش يالغان ھامان،

يوقنى بار دېسەڭكى بار ھەم ئايلىنار يوققا شۇئان.

جېن شىيىنمۇ ئۇ ئىككىيلەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پەيلۇدىن ئۆتمەكچى بولۇپ پۇتىنى ئەمدىلا كۆتۈرگەنىدى، شۇنداق قاتتىق گۈلدۈرلىگەن سادا ئاڭلاندىكى، خۇددى تاغلار ئۆرۈلۈپ، يەرلەر يېرىلغاندەك بولۇپ كەتتى. جېن شىيىن قاتتىق بىر ۋارقىرىۋەتتى - دە، چۆچۈپ ئويغاندى. كۆزىنى ئېچىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، تومۇزنىڭ ئاپتىپى يەنە بۇرۇنقىدەكلا يەر - زېمىننى كۆيدۈرۈپ، بانان دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى يەنە بۇرۇنقىدەكلا لەرزان تەۋرىنىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇ ھېلىلا چۈشىدە كۆرگەنلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى. قىزى يىڭليەننى ئېمىكئانا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. يىڭليەن شۇ تاپتا خۇددى گۈل - چېچەكلەرگە ئورىنىپ ۋە ئۈنچە - مارجانلارغا كۆمۈلگەندەك چىرايلىقلىشىپ، كىشىنىڭ تېخىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ قىزىنى قولىغا ئالدى - دە، باغرىغا باستى، بىر پەس ئەركىلەتتى، ئاندىن ئۇنى كوچىغا ئاچىقىپ بايرام ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلدۇردى. ئۇ ئەمدىلا ئۆيىگە يانماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، ئاللىقاياقتىندۇر بىر راھىب بىلەن يەنە بىر دەرۋىشنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. راھىب ئايپاڭ باش، يالاڭ ئاياغ ئىدى، دەرۋىش بولسا ئاقساق ۋە پاخما باش ئىدى. ئۇلار خۇددى مەجنۇنلارچە سەنتۈرۈلۈپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىپ سۆزلىشىپ - كۈلۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار جېن شىيىننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. راھىب جېن شىيىننىڭ قۇچىقىدىكى يىڭليەننى كۆرۈپ، بىردىنلا ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى، ئاندىن جېن شىيىنغا قاراپ:

− ئەي، خەير - ساخاۋەتلىك غوجام ! سەن جېنى بار، ئەمما تەلىيى يوق، ئاتا - ئانىسىنىڭ شورىنى قۇرۇتىدىغان بۇ مەخلۇقنى باغرىڭغا يېقىپ ئۇنىڭدىن نېمىمۇ تاپاتتىڭ؟ − دېدى. جېن شىيىن ئۇنى بىر تەلۋە دەپ چاغلاپ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ھېلىقى راھىب سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، − قىزىڭنى ماڭا سەدىقە قىلىۋەت ! سەدىقە قىلىۋەت ! − دەپ مۇراجىئەت قىلدى. جېن شىيىننىڭ ئوغىسى قايناپ، قىزىنى كۆتۈرگەن پېتى كەينىگە بۇرىلىپ، بوسۇغىدىن ئاتلىغاندا، راھىب قولىنى ئۇنىڭغا شىلتىپ تۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلدى ۋە تۆۋەندىكى نەزمنى ئوقۇدى:

ئەي ھاماقەت، قىز بېقىپسەن ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرۈپ،

ئېرىگەن قارنى گوياكى كۆزگىدە سەن كۆرسۈتۈپ:

خاسىيەتلىك شۇ چاغانلىق كېچىدىن قىلغىن ھەزەر،

كەتمىگەي ئوت، قالدۇرۇپ ئىس، بار بىساتىڭ كۆيدۈرۈپ.

جېن شىيىن بۇ نەزمنىڭ مەنىسىگە يېتىپ، ئىككىلىنىپ قالدى، راھىبنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋالماقچى بولۇپ ئىنتىلگەنىدى، لېكىن دەرۋىش بىردىنلا راھىبقا قاراپ سۆز باشلاپ قالدى:

− ئىككىمىز ئەمدى مۇشۇ يەردىلا خوشلىشىپ ئۆز ئوقىتىمىزنى قىلىپ كۆرەيلى، پەلەك ئۈچ قېتىم چۆرگۈلىگەندىن كېيىن، مەن سېنى بېيماڭ تېغىدا كۈتۈپ تۇراي، ئىككىمىز دەرقەمتە بولغان ئەنە شۇ چاغدا، ئاندىن غايىب ئالەمگە بىللە بېرىپ ھېساب - كىتاب قىلىشارمىز.

− ناھايىتى ئوبدان، تولىمۇ ئوبدان ! − دەپ جاۋاب بەردى راھىب دەرۋىشنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ. ئاندىن ئىككىسى ھېچقانداق ئىز قالدۇرماي كۆزدىن غايىب بولدى. شۇ تاپتا، جېن شىيىن بىر پەس ئويلىنىپ قالدى: «بۇ ئىككىسىنىڭ ئەلۋەتتە نام - ئەمىلى بار بولغىيدى، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سوراپ كۆرۈشۈم كېرەك ئىدى، ھەسسىنە، ئۈلگۈرەلمەي قالدىم» دەپ ئۆكۈندى.

جېن شىيىن راسا خىيال سۈرۈپ تۇراتتى، تام قوشنا خۇلۇمياۋ بۇتخانىسىدا مۇساپىر بولۇپ يېتىۋاتقان بىر نامرات تالىپنىڭ كېلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ فامىلىسى جيا، ئىسمى خۇا، لەقىمى شىفېي، تەخەللۇسى يۈيسۇن ئىدى. مەزكۇر جيا يۈيسۇن ئەسلىي خۇجۇ دېگەن يەرلىك زات بولۇپ، ئۇمۇ ئىلىم - مەرىپەت بابىدىن خەۋەردار كونا مەنسەپدارلار پۇشتىدىن ئىدى. ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان بىر مەزگىلىدە دۇنياغا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەجدادلىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىسات قالدۇرۇپ كېتەلمىگەن، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆلۈپ - توزۇپ كەتكەن، پەقەت تەنھا ئۆزىلا قالغانىدى. ئۇ ئۆز يۇرتىدىن قىلچە بەھرە ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى يېڭىباشتىن بىسات توپلاشنى نىيەت قىلىپ، بىرەر نام - شۆھرەت ئىزدەپ پايتەختكە سەپەر قىلماقچىدى. ئۆتكەن يىلى مۇشۇ يۇرتقا كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە پېشكەللىككە دۇچ كېلىپ، ۋاقتىنچە بۇتخانىنى پاناھ قىلىپ، ھەر كۈنى خەتتاتلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتى، ئەنە شۇ سەۋەبتىن جېن شىيىن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ھەمىشە باردى - كەلدى قىلىشىپ تۇرۇشۇۋاتاتتى.

شۇ ئارىدا، جيا يۈيسۇنمۇ جېن شىيىننى كۆرۈپ قالدى - دە، ئالمان - تالمان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى ۋە تەبەسسۇم ئارىلاش سۆز ئاچتى:

− تەخسىر، ئەجەبا، ئىشىككە يۆلىنىپ خىيال سۈرۈپ قاپسىز، كوچا - كويلىدا بىرەر يېڭىلىق ئاڭلاپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟

− يوقسۇ، − دېدى، جېن شىيىنمۇ تەبەسسۇم بىلەن، − قىزىم يىغلىغانىدى، تالاغا ئاچىقىپ ئوينىتىپ كەلدىم. مېنىڭمۇ راسا پىغانىم ئۆرلەپ تۇراتتى، خوپ چاغدا كېلىپ قالدىڭىز. بۇرادەر، قېنى، كۆلبەمگە مەرھەمەت قىلىڭ، بۇ ئۇزاق كۈننى ئۆزئارا ھال - مۇڭ بىلەن ئۆتكۈزەيلى، − دېدى - دە، ئۆيدىكىلىرىنى چاقىرىپ، قىزىنى ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىشكە بۇيرۇدى، ئاندىن جيا يۈيسۇننى ئۆز خانىسىغا باشلىدى. غۇلام ئۇلارغا چاي تۇتتى. ئۇلار تېخى سۆزىنى باشلا - باشلىمايلا خىزمەتچىلىرىدىن بىرسى ئۇچقاندەك كىرىپ: «يەن بېگىم زىيارەتكە كەپتۇ» دەپ مەلۇم قىلدى، جېن شىيىنمۇ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ جيا يۈيسۇنغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى:

− بۇ تاسادىپەن ئەيىبىمنى كەچۈرۈڭ، بۇرادەر. سەل - پەل تەخىر قىلىپ تۇرسىڭىز، كەمىنىڭىز ھايال بولماي ھۇزۇرىڭىزغا ھازىر بولىمەن.

− مەرھەمەت قىلىۋېرىڭ، تەخسىر، پېقىر سىزگە ھەر كۈنى مېھمان بولۇپ كېلىۋاتقان ئادەم، سەل كۈتۈپ قالساممۇ ھېچقىسى يوق، − دەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى جيا يۈيسۇنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ. جېن شىيىن مېھمانخانىغا چىقىپ كەتتى.

جيا يۈيسۇن يالغۇز قالغاندىن كېيىن، شېئىرىيەت بابىغا ئائىت كىتابلارنى ۋاراقلاپ ئۆزىگە ئەرمەك قىلىپ ئولتۇراتتى، بىردىنلا پەنجىرە تۈۋىدە ئايال كىشىنىڭ يۆتەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى - دە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا قارىدى ۋە پەنجىرە تۈۋىدە گۈل ئۈزۈپ تۇرغان دېدەك قىزغا كۆزى چۈشتى. بۇ قىز ئۇنچىلا گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، قەددى - قامىتى كېلىشكەن بولۇپ، ئىنچىكە قاشلىرى، تىنىق كۆزلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. جيا يۈيسۇن قىزغا قارىغىنىچە قېتىپلا قالدى. جېن شىيىننىڭ ئۆيىدە ئىشلەۋاتقان بۇ دېدەك گۈلنى ئۈزۈپ بولۇپ كەينىگە بۇرىلىپ كېتىشكە تەمشەلگەندە، پەنجىرىدىن قاراپ تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئۇچىسىدىكى ئېگىنىدىن نامراتتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن تەمبەللىك، كەڭ غوللۇق، يۈزى دۈپدۈگىلەك، قاشلىرى شەمشەردەك، كۆزلىرى چاقناق، بۇرنى ئىلىپتەك، زاڭاقلىرى كەڭ ئادەم ئىدى. دېدەك قىز چۆچۈگەندەك بولۇپ دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ۋە ئىچىدە ئويلىدى: «بۇ ئادەمنىڭ جۇغى شۇنچە بەستلىك ئىكەن، ئەمما ئۈستبېشى نېمانچە جۇل - جۇلدۇ! بۇ ئائىلىنىڭ بۇنداق نامرات ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىنى كۆرمىگەنىدىم. بۇ ئېھتىمال غوجام ھەمىشە تىلغا ئالىدىغان ھېلىقى جيا يۈيسۇن دېگەن كىشى بولسا كېرەك. غوجامنىڭ: «ئۇ بۇنداق تەڭقىسلىقتا قېلىۋېرىدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ھېچ ئېپى كەلمەيۋاتىدۇ» دەپ يۈرگىنىمۇ بىكار ئەمەس ئىكەن. دېدەك ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە، ئىختىيارسىز ھالدا كەينىگە بىر - ئىككى قېتىم بۇرىلىپ قارىدى. جيا يۈيسۇن قىزنىڭ كەينىگە بۇرىلىپ قارىغانلىقىنى ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ چۈشىنىپ، خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي قالدى ۋە ئۆز - ئۆزىگە: «بۇ مەردانە ۋە غۇربەتچىلىكتە ھەمدەم بولالايدىغان قىزدەك كۆرۈنىدۇ» دەپ ئويلىدى.

بىرپەستىن كېيىن غۇلام كىرىپ كەلدى، جيا يۈيسۇن بايىقى كەلگەن مېھماننىڭ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى - دە، ئۇزاق ئولتۇرمايلا يان ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. جېن شىيىن ھېلىقى مېھمىنىنى ئۇزىتىپ قايتىپ كىرىپ، جيا يۈيسۇننىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى ئۇقتى، لېكىن ئۇنى يەنە تەكلىپ قىلىشقا كىشى بۇيرۇمىدى.

كۈنلەر ئۆتۈپ خاسىيەتلىك تاۋۇز چاغىنىمۇ يېتىپ كەلدى، جېن شىيىن ئۆيىدىكىلىرى بىلەن غىزا يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا يەنە ئالاھىدە داستىخان ھازىرلىتىپ قويۇپ، ئۆزى تولۇن ئاينى تاماشا قىلغاچ جيا يۈيسۇننى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن بۇتخانىغا كەتتى.

جېن شىيىننىڭ ئۆيىدىكى دېدەك قىز جيا يۈيسۇنغا قايرىلىپ قاراپ قويغان ئاشۇ كۈندىن بېرى، جيا يۈيسۇن ئۇنى ئۆزىگە بىر جورا ھېسابلاپ، ھامان ئېسىدىن چىقارمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تاۋۇز چاغىنى كېلىپ قالدى، ئاسماندىكى ئاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ ئىستەكلىرى قوزغالدى - دە، شۇئان تۆۋەندىكى نەزمنى توقۇدى:

ئون گۈلۈمنىڭ بىرسى ئېچىلماي تېخى،

تۆپىلەپ قوشۇلدى ماڭا دەرد - ئەلەم.

كەلگىنىدە تۇتتى پىنھان ھۆسنىنى،

يانغىنىدا ئارتقا باقتى دەممۇ دەم.

باقىمەن سايەمگە سابا ئىچىدە،

مەن بىلەن ئايدىڭدا كىم بولغۇسى جەم؟

سەن قەمەرنىڭ بولسا مەيلىڭ، ئالدىدىن −

ئۇچرىشارمىز شۇ راۋاقتا، گۈلسەنەم.

جيا يۈيسۇن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ھاياتىدا كۆزلىگەن ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئەسلەپ پىغانى ئۆرلىدى - دە، بېشىنى قاشلاپ ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇلۇغ - كىچىك تىندى، ئاندىن يەنە تۆۋەندىكى بېيىتنى ئۈنلۈك ئوقۇدى:

ئۈنچە - گۆھەر باھاسىنى كۈتەر پىنھانە دۇرداندا،

سىرغا - تۈرگۈچ قىممىتى ھەم پەيتى كېلىپ ئۇچقاندا.

دەل شۇ چاغدا جېن شىيىن جيا يۈيسۇنغا يېقىنلاپ كەلدى - دە، ئۇنىڭ ئوقۇغان بېيىتىنى ئاڭلاپ، تەبەسسۇم ئارىلاش سۆزلىدى:

− بۇرادەر يۈيسۇن، جانابىڭىزنىڭ ئارزۇ - ئارمىنى نېمىدېگەن يۈكسەك - ھە !

− يوقسۇ تەخسىر، − دەپ جاۋاب بەردى جيا يۈيسۇنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، − پېشقەدەملىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر بېيىت ئوقۇدۇم، ئۆزۈمنىڭ بولسا سىزنىڭ بۇنچىلىك ماختىشىڭىزغا ئەرزىمتى. خوش، جانابىڭىز قانداق ھەۋەس بىلەن بۇياققا قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىڭىزكىن ؟

− بۈگۈن تاۋۇز چاغىنى، ئەل ئارىسىدا «جەم بولۇش بايرىمى» دەپمۇ ئېيتىشىدۇ، ئەزىز بۇرادەر، سىزنى بۇ مۇساپىرخانىدا غېرىبسىنىپ قالدىمىكىن دەپ، ئۈلپەتلىشىش مۇددىئاسىدا ئاز - تولا ئىچىملىك ھازىرلاپ كۆلبەمگە چىللاپ كېلىۋىدىم، غورىگىل داستىخان بۇرادىرىمىزگە مەزۇر بولارمىكىن؟ − دېدى جېن شىيىن تەبەسسۇم ئارىلاش. جېن شىيىننىڭ بۇ تەكلىپىنى جيا يۈيسۇن رەت قىلمىدى، كۈلۈپ تۇرۇپ:

− جانابىڭىزنىڭ شۇ قەدەر مېھىر - شەپقىتىگە سازاۋەر بولغانىكەنمەن، بۇ ئىلتىپاتىڭىزنى يەردە قويۇشقا ھەددىم ئەمەس، − دەپ جاۋاب بەردى ۋە جېن شىيىن بىلەن بىللە قايتا ئۇنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كەلدى.

ئىككىسى بىر پەس سىنچاي ئىچىشتى، قەدەھ ۋە قاچا - قومۇچلار ئاللىقاچان تەخ قىلىپ قويۇلغانىدى، ئېسىل شاراب ۋە لەززەتلىك تائاملار توغرىسىدا ئالاھىدە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. ئۇلار داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى، دەسلەپ كوزىدىن ئاستا قۇيۇپ، قەدەھلەرنى ئالدىرىماي كۆتۈرۈشتى. بارا - بارا پاراڭ قىزىپ، كەيپى چاغ بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا كوزىلار ئۇچۇپ، قەدەھلەر چاپقىلى تۇردى، شۇ ئەسنادا، كوچا - كويلىدا ئۆيمۇ ئۆيدىن نەي - بالىمانلار ياڭراپ، ناخشىلار جاراڭلاپ كەتتى. ئاسماندا تولۇن ئاي تىنىق شولا چېچىپ تۇراتتى، ئىككىسىنىڭ كەيپىگە كەيپ قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن كوزىلارنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ، قەدەھلەرنىڭ ئىچى قۇرۇقدىلىپ، جيا يۈيسۇنمۇ شىركەيپ ھالىتىگە چۈشتى. ئۇ ئۆز ھاياجان ۋە شادلىقىنى باسالماي، ئايغا قاراپ ئۆزىنىڭ يۈرەك سىرلىرىنى شېئىر بىلەن ئىپادىلىدى:

ھەرنە ئون بەش كۈندە ھىلال تولغۇسى ئۆز ھۆسنىگە،

بەند ئەيلەپ كائىناتنى بىغۇبار نۇر ئىلكىگە.

ھەرقاچانكى كۆكتە پەيدا بولسا شۇدەم بىر تولۇن،

يەردە مىڭلاپ زاتنى شەيدا قىلغۇسىدۇر كۆركىگە.

جېن شىيىن جيا يۈيسۇننىڭ بۇ ھازىرجاۋاب شېئىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

− بارىكاللا! − دەپ ۋارقىرىۋەتتى، ئاندىن سۆزىنى داۋام قىلىپ، − كەمىنىڭىز ھەرقاچان سىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن چاغلىماي كەلگەنىدى. ھازىر ئوقۇپ ئۆتكەن شېئىرىڭىزدىن شۇنى كۆرگىلى بولىدۇكى، جانابىڭىز پات يېقىندا پەرۋاز ئەيلەپ ئەرشئەلاغا كۆتۈرۈلگەيسىز. سىزنى قۇتلۇقلايمەن ! تەبرىكلەيمەن ! − دېدى - دە، ئۆز قولى بىلەن بىر جام شاراب قۇيۇپ ئۇنى جيا يۈيسۇنغا تۇتتى، جيا يۈيسۇن بىر جام شارابنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ بىردىنلا سۆز باشلىدى:

− كەمىنە شاگىرتىڭىزنى مەستلىكتە كەلسە - كەلمەس سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن گۇماندىن خالىي بولغايسىز، مۇبادا زامانىۋى ئىلىم بابىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پېقىرىڭىز ئېھتىمالىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىر گەپ يول خىراجىتىدە قالدى، بۇ ھەقتە مەندە تېخى قىلچىلىكمۇ تەرەددۇت يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ پايتەختنىڭ ئارىلىقى يىراق، ئۇ يەرگە خەتتاتچىلىق تاپاۋىتى بىلەن يەتمەكمۇ تەس ...

جېن شىيىن جيا يۈيسۇننىڭ سۆزىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ بولمايلا، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:

− نېمىشقا بالدۇرراق گەپ قىلمىدىڭىز بۇرادەر؟ پېقىرمۇ ئۇزاقتىن بېرى شۇنى خىيال قىلىپ كېلىۋاتاتتىم، ئەپسۇسكى، ھەر قېتىم سىز بىلەن دەرقەمتە بولغاندا، تەنتەكلىك قىلىپ قويماي دەپ، بۇ توغرىدا ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمىدىم. دېمەك، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، كەمىنىڭىز ناقابىل بولساممۇ ۋە لېكىن دىيانەت بىلەن ساخاۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن ئاز - تولا خەۋىرىم بار. شۇ نەرسە كىشىنى خۇرسەن قىلىدۇكى، كېلەر يىلى دەل چوڭ بەسلىشىش يىلى، پايتەختكە قىلىدىغان سەپىرىڭىزنى چاپسانلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. باھارلىق ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنىڭىزدىلا، تەھسىل قىلغان بىلىمىڭىز ئاندىن يەردە قالمايدۇ. يول خىراجىتى ۋە باشقا ئىشلارغا كەلسەك، پېقىر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا بۇرادەرىمىزنىڭ پېقىر بىلەن تونۇشقانلىقىمۇ ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ، − دېدى - دە، غۇلامنى ئىچكىرىگە كىرىپ دەرھال ئەللىك سەر كۈمۈش، ئىككى قۇر قىشلىق ئېگىن ئاچىقىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ، − ئون توققۇزىنچى كۈنى ئەبيەز كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، سىز ئەنە شۇ كۈنگە كېمە ياللاپ غەربكە سەپەر قىلغايسىز. سىز يۈكسەك ئىمتىھان پەللىسىدىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە كېلەر يىلى قىش مەۋسۇمىدا ئۇچرىشىپ قالساق، ئۇ چاغدا ئىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولغان بولاتتى ! − دېدى. جيا يۈيسۇن ھەدىيە قىلىنغان كۈمۈش بىلەن ئېگىننى ھېچقانداق ئوڭايسىزلانمايلا ئالدى ۋە بىرئاز تەشەككۈر بىلدۈرۈپ قويۇپ، يەنە بىر پەس شاراب ئىچىشتى، خۇشال - خۇرام پاراڭلاشتى. ئۇلار شۇ كېچىسى جېسەكچى ئۈچىنچى جىڭ قاققاندىن كېيىن تارقاشتى.

جىن شىيىن جيا يۈيسۇننى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ ياتتى. كۈن دەرەخ بويى ئۆرلىگەندە ئويغىنىپ، ئاخشامقى ئىشلارنى بىر قۇر ئەسكە ئالدى. جېن شىيىن جيا يۈيسۇننىڭ پايتەختكە بارغاندا بىرەر مەنسەپدارنىڭ ئۆيىنى پاناھلاپ تۇرۇشى ئەپلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا مۇشۇ ھەقتە بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بېرىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشنىڭ لازىملىقىنى يادىغا ئالدى - دە، جيا يۈيسۇننى تەكلىپ قىلىپ كېلىش ئۈچۈن كىشى ئەۋەتتى. لېكىن، ئەۋەتكەن كىشىسى: «شەيخنىڭ ئېيتىشىچە، جيا يۈيسۇن بېگىم بۈگۈن تاڭ سەھەردە پايتەختكە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. شەيخكە: موللا ئادەملەر ئۈچۈن <ئەبيەز> بىلەن <ئەسۋەت>نىڭ كارى چاغلىق، ئىشنىڭ ئېپىنى قولدىن بەرمەسلىك ھەممىدىن ئەۋزەل، خەيرلىشىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم، دېگەن ئامانەت سۆزلەرنى ئېيتىپ قويۇپ يولغا راۋان بوپتۇ» دەپ قايتىپ كەلدى. جېن شىيىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپلا قويدى، ھېچنېمە دېمىدى.

بىكارچىنىڭ كۈنى ئاسان ئۆتىدۇ، دېگەن راست گەپ ئوخشايدۇ، ھەش - پەش دېگۈچە مانا خاسىيەتلىك پانۇس بايرىمىمۇ كېلىپ قالدى. جېن شىيىن يىڭليەننى ياغاچ ئاياغ ۋە گۈلپانۇس ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلدۇرۇپ كېلىشكە خىزمەتچىسى خوچىنى بۇيرۇدى. تۈن يېرىم بولغاندا خوچى يىڭليەننى بىر كىمنىڭ بوسۇغىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئەدەپكە كەتتى، ئەدەپتىن قايتىپ كېلىپ يىڭليەننى كۆتۈرەي دەپ قارىغۇدەك بولسا، بۇ يەردە يىڭليەننىڭ ئىز - دېرىكىمۇ يوق. خوچى خاپىچىلىق ئىچىدە ئۇنى كېچىچە ئىزدەپ باقتى، لېكىن تاپالمىدى. ئاخىر ئۇ غوجايىنىدىن قورقۇپ، ئۆيگە كەلمەيلا ياقا يۇرتلارغا قاچتى.

جېن شىيىن ئەر - خوتۇن قىزىنىڭ تۈنبويى ئۆيگە يانمىغانلىقىدىن بىر پېشكەللىكنى سەزدى - دە، ئۇنى ئىزدەپ كېلىشكە يەنە بىرقانچە كىشىسىنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ ھېچقانداق ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى خەۋەر قىلىپ كەلدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئۆز ئۆمۈرلىرىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئاران كۆرگەن يالغۇز قىزىنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، قاتتىق پەرىشانلىق ئىچىدە كېچە - كۈندۈز يىغلاپ نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تىرىلدى. ئۇلار قىزىنى بىر ئايغىچە ئەنە شۇنداق كۈتتى، ئاۋۋال جېن شىيىن كېسەلگە مۇپتىلا بولدى، ئارقىدىن خوتۇنى فېڭ شىمۇ قىزىنى تولا ئويلاۋېرىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ھەر كۈنى دېگۈدەك تېۋىپ - رەممال چاقىرىپ تۇرۇشتى.

بۈگۈن ئۈچىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ئىدى، خۇلۇمياۋ بۇتخانىسىدا ئەرۋاھلارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىلىۋاتاتتى. شەيخنىڭ بىپەرۋالىقىدىنمۇ ياكى قىسمەتكە شۇنداق پۈتۈلگەنلىكتىنمۇ، قازاندىكى ياغقا ئوت كېتىپ پەنجىرىدىكى قەغەزگە تۇتاشتى. ئۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۆي - ئىمارەتلىرى ۋادەك قىلىپ ياسالغانلىقى ئۈچۈن، ئوت ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە تۇتىشىپ، ئۇ ھويلىدىن بۇ ھويلىغا ئۆتۈپ، ھايت - ھۇيت دېگۈچە پۈتۈن كوچا بەئەينى يانار تاغقا ئايلاندى. پۇقرا ۋە لەشكەرلەر كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوت ئەدەپ كەتكەنلىكتىن ھېچقانداق ئىلاج قىلالمىدى، ئوت كېچىچە كۆيۈپ ئاندىن ئۆچتى، قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆيۋاقلىرى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتىكىنتاڭ ! بىچارە جېن شىيىننىڭ ھويلىسى بۇتخانىغا ئارىتام قوشنا بولغانلىقتىن، ئۆيۋاقى كۆيۈپ پارچە - پۇرات خىشلار دۆۋىسىگە ئايلانغانىدى. خەيرىيەت، جېن شىيىن ئەر - خوتۇن بىلەن بىر قانچە چاكارلىرىنىڭ ھاياتى ئامان قالدى. جېن شىيىن ئەلەمگە چىدىماي تېپچەكلەپ ئاھۇپەرياد چېكىشتىن بۆلەك ھېچبىر ئىلاج تاپالمىدى. ئۇ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ سەھرادىكى جاڭزىسىغا كۆچۈپ چىقتى، لېكىن قېرىشقاندەك بىر قانچە يىللاردىن بېرى تاشقىن ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى بولىۋېرىپ، ھوسۇل ئېلىنمىغانىدى، ئۈنىڭ ئۈستىگە ئوغرى - يالغان ئاۋۇپ كېتىپ، پاششاپ - دورغىلارمۇ ئوغرى تۇتۇش ئۈچۈن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بۇ ھال ئۇلارنىڭ جاڭزىدا تۇرۇشىغا ئارام بەرمەي، يەر - سۇلىرىنى سېتىپ، ئايالى بىلەن ئىككى دېدەكنى باشلاپ پاناھ ئىزدەپ قېيىنئاتىسىنىڭكىگە كەتتى.

قېيىنئاتىسىنىڭ ئىسمى فېڭ سۇ بولۇپ، ئەسلىي يۇرتى دارۇجۇ دېگەن جاي ئىدى. ئۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن قول - ئىلكىدە بار ئادەم ئىدى. بۈگۈن ئۇ كۈيۈئوغلىنىڭ ئاشۇنداق غېرىبسىنىپ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى سەل بىئارام بولدى. خەيرىيەت، جېن شىيىن ھېلىمۇ يەر - سۇلىرىنى ساتقان كۈمۈشنى ئۆزى بىلەن بىللە ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تىرىكچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆي - جاي ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، بار - يوق كۈمۈشنى قېيىنئاتىسىغا تۇتقۇزدى. قېينئاتىسى فېڭ سۇ كۈمۈشنىڭ تېڭىنى خەجلەپ كۈيۈ ئوغلىغا بىرئاز قېقىر يەر بىلەن ئەسكى بىر ئۆي سېتىۋېلىپ، قالغان تېڭىنى ئۆزى ھايان ئالدى. جېن شىيىن موللا ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن كېلىشەلمىدى. بىر - ئىككى يىلنى ئاران ئۆتكۈزدى، بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتتى. قېيىنئاتىسى ئۇنى كۆرسە تاپا - تەنە قىلىدىغان ۋە خەقلەرنىڭ ئالدىدا «بۇ جان بېقىشنى بىلمەيدۇ، ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار» دەپ غەيۋەت - شىكايەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. جېن شىيىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئۆكۈندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇرقى خاپىچىلىقنىڭ دەردى بار ئىدى. بىرياقتىن ئىزا - ئاھانەتنىڭ ئازابى، يەنە بىرياقتىن كېسەل ۋە نامراتچىلىقنىڭ زەربىسى بۇ ياشىنىپ قالغان ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ ئېغىر كەلدى، بارا - بارا كۆزىگە ئۇ دۇنيا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ كۆڭۈل - كۆكسىنى ئېچىپ كېلىش ئۈچۈن، ھاسا تايىنىپ كوچىغا مەڭدەپ چىقتى. دەل شۇ چاغدا، كوچا تەرەپتىن بىر ئاقساق دەرۋىشنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مەجنۇن سۈپەت بولۇپ، چىگە چورۇق ۋە جەندە كىيىۋالغانىدى، تۆۋەندىكى ھۆكمەتنى توختاتماي ئوقۇپ باراتتى:

خەلقىئالەم دەيدۇ بىردەك پەرىشتە ئوبدان،

ئەمما چىقماس نام - شۆھرەت يادىدىن تامام !

ئۆتكەنكى شۇ خان - ۋەزىرلەر نەلەرگە كەتتى:

گۆرلىرىنى ئوتلار بېسىپ بولدى باياۋان.

خەلقىئالەم دەيدۇ بىردەك پەرىشتە ئوبدان،

ئەمما، چىقماس ئالتۇن - كۈمۈش يادىدىن تامام !

خەزىنەم ئاز دەپ كېچە - كۈندۈز چېكىدۇ ھەسرەت،

توپلايدىيۇ، ئۇ دۇنياغا بولىدۇ راۋان.

خەلقىئالەم دەيدۇ بىردەك پەرىشتە ئوبدان،

ئەمما چىقماس سەتەڭ خانىم يادىدىن تامام !

ھايات چاغدا مېھرىبانىم دەيدۇ ئۇ سىزنى،

ئۆلگەندە سىز، يات كەينىدىن كېتىدۇ شۇ ئان

خەلقىئالەم دەيدۇ بىردەك پەرىشتە ئوبدان،

ئەمما چىقماس ئەس - يادىدىن پەرزەنتى تامام !

جىق ھاماقەت ئاتا - ئانا ئۆتتى قەدىمدىن،

شۇ پەرزەنتىڭ ساڭا ۋاپا قىلغانتى قاچان؟

جېن شىيىن ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، دەرۋىشنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇراجىئەت قىلدى:

− «ئوبدان» دەيسەن، «تامام» دەيسەن، زادى نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟

− «ئوبدان» بىلەن «تامام» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغانلا بولساڭ، سېنى ئاقىل ئادەم ئىكەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، دۇنيادا تۈمەن مىڭ خىل ئىشلار بولىدۇ، ئۇ ئوبدان بولسىلا تامام بولىدۇ، تامام بولسىلا ئوبدان بولىدۇ؛ تامام بولمىسا ئوبدان بولالمايدۇ؛ ئوبدان بولۇش ئۈچۈن تامام بولۇش لازىم. شۇڭا، مەن بۇ ھۆكمىتىمگە «ئوبدان ۋە تامام» دەپ نام بەردىم، − دەپ جاۋاب بەردى دەرۋىش تەبەسسۇم بىلەن. جېن شىيىن ئەسلىدىن زېرەك ئادەم بولغانلىقتىن، دەرۋىشنىڭ ھۆكمىتىنى ئاڭلاپ، كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك بولدى - دە:

− بەس ! − دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ، − بۇ ھۆكمىتىڭنى شەرھلەپ كۆرسەم قانداق دەيسەن؟

− مەرھەمەت، − دېدى دەرۋىشمۇ كۈلۈپ. جېن شىيىن تۆۋەندىكىچە شەرھلىدى:

ئۆز ۋاقتىدا بەگ - غوجاملار تولغان ساراي،

غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى؛

بىر چاغلاردا بەزمە - مەشرەپ قاينىغان جاي،

گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى؛

زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،

گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياھقا ئاشيان بولدى؛

ئۇپا - ئەڭلىك، خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى،

قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى؛

كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن −

ئاشىق - مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى؛

ساندۇق - ساندۇق ئالتۇن - كۈمۈش ساقلىغانلار،

كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى؛

ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،

كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى؛

ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،

ئېھتىمالىم، قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.

بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،

تاپقان جايى خۇنۈك چالا مەيدان بولدى؛

تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،

كىيىپ قوۋۇق، ياتقان يېرى زىندان بولدى؛

ئاخشام تېخى جۇل - جۇل توندىن غىڭشىغانغا،

بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى؛

بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،

ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى؛

قويغىنا بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى −

باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.

ھېلىقى ئاقساق مەجنۇن دەرۋىش بۇنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، چاۋاك چېلىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ:

− تولۇق شەرھلىدىڭ ! تولۇق شەرھلىدىڭ ! − دەپ ۋارقىرىۋەتتى. جېن شىيىن «يۈرە، كەتتۇق !» دەپ، دەرۋىشنىڭ مۈرىسىدىكى خۇرجۇنىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۈرىسىگە سالدى - دە، ئۆيىگىمۇ يانماستىن، مەجنۇن دەرۋىش بىلەن بىللە غۇيۇلداپ راۋان بولدى.

بۇ ۋەقە پۈتۈن كوچا - كويلىغا پۇر كەتتى ۋە جامائەت ئارىسىدا بەئەينى بىر يېڭى رىۋايەت تەرىقىسىدە تارىلىپ يۈردى. جېن شىيىننىڭ ئايالى فېڭ شى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى، قاقشىدى، بىر ئۆلۈپ، بىر تىرىلدى. ناھايەت ئاتىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇنى ئىزدەپ بېقىش ئۈچۈن ھەر قاياققا ئادەم ئەۋەتىپمۇ كۆردى، لېكىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز - دېرىكى بولمىدى، ئاخىر ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىپ كۈن كەچۈرۈشتىن باشقا ئامال تاپالمىدى. خەيرىيەت، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ئىككى نەپەر دېدەك يېنىدا ئىدى، شۇ ئىككى دېدەك بىلەن كېچە - كۈندۈز يىڭنە ئىشى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ خىراجىتىگە ھەمدەملىشىپ تۇردى. ئاتىسى فېڭ سۇ ھەر كۈنى تاپا - تەنە قىلىۋېرىپ، ئاخىر ئۇمۇ كۆنۈپ قالدى.

بۈگۈن جېن شىيىننىڭ ئۆيىدىكى چوڭ دېدەك يىپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا چىققانىدى، ئۇنىڭغا كوچىدا «پوش، پوش» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، جامائەت: «يېڭى ئامبال بېگىم كەپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. دېدەك ئۆزىنى ئىشىكنىڭ دالدىسىغا ئېلىپ قاراپ تۇردى، ئامبالنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. دېدەك قىز ئازادە تەختىراۋاندا قارا كۇلا، قىزىل تون كىيىۋالغان بىر ئەمەلدارنى كۆرۈپ تېڭىرقاپ قالدى، كۆڭلىدە: «بۇ ئەمەلدارنىڭ چىرايى تونۇشتەك تۇرىدۇ، ئۇنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلىمەن» دېگەن ئويلار كەچتى. شۇنداق قىلىپ، دېدەك ئۆيىگە يېنىپ كىردى ۋە بۇ ھالنى ئەس - يادىغىمۇ ئالمىدى. لېكىن، كەچ كىرىپ ئۇخلاشقا تەمشەلگەندە، ئىشىك بىردىنلا قېقىلدى ۋە كىشىلەر قىيقاس - چۇقان كۆتۈردى، كىمدۇر بىرىنىڭ: «بىز ئامبال بېگىمنىڭ دورغىلىرى، بىر كىم چىقسۇن، گېپىمىز بار!» دېگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى. فېڭ سۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن قورقۇپ قېتىپلا قالدى. بۇنىڭ قانداق بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.

ئىككىنچى باب

جيا ئاغىچىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە قازا تاپقانلىقى

لىڭ زىشىڭنىڭ رۇڭگو قەسىرى توغرىسىدا بايان قىلغانلىقى

جېن شىيىننىڭ قېيىنئاتىسى فېڭ سۇ دورغىلارنىڭ قىچقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئالدىراپ - تېنەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خۇشامەت بىلەن كۈلۈپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.

− جېن بېگىمنى چاقىرىۋەت ! − دەپ ۋارقىرىدى دورغىلار.

− كەمىنىلىرى جېن جەمەتىدىن ئەمەس، فېڭ جەمەتىدىن، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا پېقىرنىڭ جېن جەمەتىدىن بىر كۈيۈئوغلى بار ئىدى، ئۇ كىشىنىڭ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كەتكىنىگە بىر - ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ھەربىرلىرىنىڭ ئىزدىگەنلىرى شۇ كىشىمىكىن؟ − دەپ جاۋاب بەردى فېڭ سۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ.

ھېلىقى دورغىلار:

− ئۇ «جېڭ» مۇ، «جا»مۇ، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق، كۈيۈئوغلۇڭ بولمىسا، ئامبال بېگىمنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزۈڭنى ئېلىپ بارىمىز، دەيدىغىنىڭ بولسا شۇ يەرگە بارغاندا دېگىن، − دېدى -دە، فېڭ سۇنى ئىتتىرىپ - سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. فېڭ سۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى.

جېسەكچى ئىككىنچى جىڭ قاققاندىلا فېڭ سۇ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، ئۆيدىكىلىرى ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىشكە ئالدىراشتى. فېڭ سۇ ئۇلارغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى:

− يېڭى كەلگەن ئامبال بېگىمنىڭ فامىلىسى جيا، ئىسمى خۇا ئىكەن. ئەسلىدە خۇجۇ دېگەن يەردىن بولۇپ، بىر چاغلاردا كۈيۈئوغلىمىزنىڭ قەدىناسلىرىدىن بولۇپ كەلگەن كىشى ئىكەن. دېدەك قىز جياۋ شىڭنىڭ ئىشىك ئالدىدا يىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ كۈيۈئوغلىمىزنى مۇشۇ جايغا كۆچۈپ كېلىۋالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى چاقىرتىشقا ئادەم ئەۋەتكەنىكەن. مەن بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىنى سۆزلەپ بەردىم، ئامبال بېگىممۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بىر پەس ئۇلۇغ - كىچىك تىندى. ئاندىن قىز نەۋرىمىزنى سورىدى، مەن ئۇنىڭ پانۇس ئويۇنى بولغان كېچىسى يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئامبال بېگىم «سەۋر - تاقەت قىلىڭلار، مەن كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى جەزمەن تاپتۇرۇپ كېلىمەن» دېدى. يەنە ئاز - پاز ئەھۋاللاشتۇق، خوشلىشىش ۋاقتىدا ماڭا ئىككى سەر كۈمۈش ئىنئام قىلدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ كېچە ئۈن - تىنسىز ئۆتتى.

ئەتىسى سەھەردىلا، جيا يۈيسۇن خىزمەتكارى ئارقىلىق جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى بولاق كۈمۈش، تۆت توپ كىمخاب - تاۋار ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فېڭ سۇغا يەنە بىر پارچە مەخپىي مەكتۇپ ئەۋەتىپ، جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىدىن دېدەك قىز جياۋ شىڭنى ئۆزىگە كىچىك ئاغىچىلىققا سوراتتى. فېڭ سۇ خۇشاللىقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، جياۋ شىڭنى ئامبال بېگىمگە ئىككى قوللاپ تۇتقۇچە كۆزى تۆت بولدى. ئۇ بۇ قىزنىڭ ئالدىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىشنى پۈتكۈزدى - دە، جيا شىڭنى تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ شۇ كېچىسىلا يامۇلغا ئۇزاتتى. جيا يۈيسۇن بۇنىڭدىن دەپ تۈگەتكۈسىز مەمنۇن بولدى، فېڭ سۇغا يۈز سەر كۈمۈش ئىنئام قىلدى، جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىغىمۇ يەنە نۇرغۇن سوۋغا - سالام يوللاپ، مۇشۇنىڭ بىلەن ھازىرچە ئۆز كۈنىنى كۈن ئېتىپ تۇرۇشىنى، كېيىنچە قىزىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ كۆرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقۇزۇپ قويدى.

جياۋ شىڭ بىر چاغلاردا جيا يۈيسۇنغا بۇرىلىپ قارىغان ھېلىقى دېدەك قىز ئىدى، ئۆزىنىڭ بىر قاراپ قويۇشىنىڭ بۇنداق ئاجايىپ قىسمەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. يەنە كېلىپ تەلەي - ئامىتىنىڭ بۇنداق قوشلاپ كېلىدىغانلىقىنى كىممۇ بىلسۇن؟ ھېچبىر كۈتۈلمىگەندە، ئۇ مانا جيا يۈيسۇننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ بىر ئوغۇلمۇ تۇغدى. يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن، جيا يۈيسۇننىڭ چوڭ ئاغىچىسى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قازا تاپقاندا، جيا يۈيسۇن ئۇنى چوڭ ئاغىچىلىق ئورۇنغا ئۆتكۈزدى، بۇ ھال بەئەينى شۇنداق بولدىكى:

ئارقىغا تاسادىپەن بىر كۆز سېلىپ،

ئۆزگىنىڭ ئۈستىگە چىقتى تور ئېلىپ.

جيا يۈيسۇن ئاشۇ يىلى جېن شىيىندىن كۈمۈش ئىنئام ئالغاندىن كېيىن، ئون ئالتىنچى كۈنى پايتەختكە قاراپ يولغا چىققانىدى. ئۇ پايتەختكە بارغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھان مەزگىلىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ جىنشىلىققا ئۆتكەن ۋە جايلاردا ئىشلەيدىغان ئەمەلدارلار قاتارىغىمۇ ئىلىنغانىدى، بۇ يىل مانا ئۇ مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئامباللىقىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاچ كۆز، تەمەگەر ئىدى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغانلىقى ۋەجىدىن، شېرىكلىرى ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىدا قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتەر - ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: «تەق - تۇرقىدىن قابىلىيەتلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خۇي - پەيلى بەئەينى بىر ھىيلىگەر تۈلكىگە ئوخشايدۇ» دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەمەلدار پادىشاھقا ئەرز قىلدى. شۇ ئەرزگە يەنە ئۇنىڭ يۇرتقا مىتە بولۇپ چۈشكەن دورغىلارنى قانىتى ئاستىغا ئالغانلىقى، يېزا ئاقساقاللىرى بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇۋالغانلىقى توغرىسىدىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرەت ئالىيلىرى قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، ئۇنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇشقا يارلىق چۈشۈردى. دىۋاننىڭ مەزكۇر يارلىقى ئامبال يامۇلىدىكى ھەممە ئەمەلدارلارنى خۇشال قىلىۋەتتى. جيا يۈيسۇن قاتتىق ئېچىنغان ۋە خورسىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچە ھەسرەت ئالامىتى كۆرۈنمىدى. ئۆزىنى خۇشال - خۇرام ۋە تەمكىن تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى - دە، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامباللىقتىن توپلىغان بىساتىنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئوبدان جايلاشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۆزى يەر يۈزىدىكى مەشھۇر يادىكارلىقلارنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن تەنھا چىقىپ كەتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ۋېيياڭ دېگەن يۇرتقا كېلىپ قالدى ۋە كىشىلەردىن بۇ يىل شۇ يۇرتقا لىن رۇخەي دېگەن كىشى تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

لىن رۇخەينىڭ فامىلىسى لىن، ئىسمى خەي، لەقىمى رۇخەي بولۇپ، گۇسۇلۇق زاتلاردىن ئىدى. لىن رۇخەي ئۆتكەن نۆۋەتتىكى دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھاندا تەنخۇالىققا ئېرىشىپ، تېخى يېقىندىلا خانلىق كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى بولۇپ كۆتۈرۈلگەنىدى، ھەزرەت ئالىيلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ يىل يەنە تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشلىكىگە مۇشەررەپ بولغان ۋە بۇ خىزمىتىگە كەلگىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغانىدى. بىر زامانلاردا، لىن رۇخەينىڭ بوۋىلىرىمۇ خۇ مەرتىۋىسىدىكى ئەربابلاردىن ئىدى، تاكى لىن رۇخەيگە كەلگۈچە بەش ئەۋلاد مۇشۇ مەرتىۋىدە بولۇپ كەلگەنىدى. دەسلىپىدە ئۇلار ئۈچ ئەۋلادقىچىلا مۇشۇ مەرتىۋىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن ھەزرەت ئالىيلىرى ئۇلارغا چەكسىز مېھىر - شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ۋەجىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى ئىلتىپاتقا نائىل بولۇپ، لىن رۇخەينىڭ دادىسىمۇ بۇ مەنسەپكە ۋارىسلىق قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدى. لىن رۇخەيگە كەلگەندە، ئۇ دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. لىن رۇخەينىڭ ئائىلىسى بىرىنچىدىن، مەنسەپ مىراسخورلىرىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، مەرىپەتلىك جەمەتتىن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ جەمەتى ئانچە غولدىيالمىغان ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، بىرقانچە جەمەتلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ قان - قېرىنداشلىرىدىن ئەمەس، شىرەم تۇغقانلىرىدىن ئىدى. لىن رۇخەي بۇ يىل ئەللىك ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق يالغۇز ئوغلى بار ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇ ئوغلى ئۆتكەن يىلى قازا قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىرقانچە كىچىك ئاغىچىلىرى بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئوغۇل يۈزى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى. شۇڭا، تەقدىرگە تەن بېرىشتىن باشقا ئىلاج بولمىدى. جيا جەمەتىدىن بولغان چوڭ ئاغىچىسى بىر قىز تۇغۇپ بەرگەن، ئۇنىڭغا دەييۈي دەپ ئات قويۇشقانىدى. دەييۈي مانا بەش ياشقىمۇ كىرىپ قالدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بۇ قىزىغا شۇنچە ئامراق ئىدىكى، ئۇنى خۇددى گۆھەردەك كۆرەتتى. قىزىنىڭ ناھايىتى چېچەن ۋە چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋىسى كەلگەن ئاتا - ئانا ئوغۇلغا بولغان تەشنالىقىغا ئارام بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى ئوغۇل ئورنىدا كۆرۈپ، خەت - ساۋاتلىق قىلىپ قويۇشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.

جيا يۈيسۇن دەڭدە يېتىپ - قوپۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا، تۇيۇقسىز شامالداپ زۇكام بولۇپ قالدى، كېيىن زۇكىمىمۇ يېشىلدى. لېكىن، خىراجەتتىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئۆز يەلكىسىگە چۈشكەن بۇ ئېغىر يۈكتىن خالىي بولۇش نىيىتىدە، بىرەر پاناھ ئىزدەپ يۈرەتتى. ئەنە شۇ پەيتتە ئىككى كونا ئاغىنىسى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى يېڭىدىن كەلگەن تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشى بىلەن تونۇش ئىدى، ئۇلار مۇپەتتىشنىڭ ئۆز قىزىغا تەلىم بېرىدىغان بىرەر خەلپەت تەكلىپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا جيا يۈيسۇننى ئەنە شۇ كىشىگە تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ تالىبەسىنىڭ يېشى كىچىك، بەدىنىمۇ ئاجىز ئىدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ تالىبەگە دەرسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى جەھەتتىن چەك قويۇلمىدى، دەرسكە يەنە ئىككى دېدەك قىز ھەمراھ بولۇپ قاتنىشاتتى. شۇڭا، جيا يۈيسۇنغا بۇ خەلپەتچىلىك ئىنتايىن يېنىك چۈشۈپ، كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئوبدان پەيتى بولۇپ قالدى.

ھەش - پەش دېگۈچە يەنە بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بەختكە قارشى دەييۈينىڭ ئانىسى، جيا جەمەتلىك چوڭ ئاغىچا كېسەل تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز قازا تاپتى. دەييۈي بىرىنچىدىن، ئانىسىنىڭ كېسىلىنى بېقىش، كېيىن ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ، ھازا تۇتۇش بىلەن تولا ھەسرەت چەككەنلىكى، ئىككىنچىدىن، ئەسلىدە ناتىۋان - ئاجىز بىر قىز بولغانلىقى ئۈچۈن، كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قېلىپ ئۇزاققىچە دەرسكە كېلەلمىدى. جيا يۈيسۇنمۇ بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى غىزادىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىپ كېلىدىغان بولدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ شەھەردىن چىقىپ دالانىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغۇسى كەلدى، بىر دەسسەپ - ئىككى دەسسەپ، تاغ ئارىسىدىكى سۇ ئېقىۋاتقان، بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر ئورالغان بىر جايغا كېلىپ قالدى. شۇ يەردە بىر بۇتخانا غىل - پال كۆرۈندى، بۇتخانىنىڭ دەرۋازىسى قىيسايغان، تاملىرىنىڭ سۇۋاقلىرى سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن، دەرۋازىسىنىڭ ماڭلىيىغا «ئاقىللار جامائەسى» دېگەن ئىبارە، ئىككى يېقىغا بولسا كونىراپ ئۆچۈپ كېتەي دەپ قالغان مۇنداق بىر بېيىت يېزىلغانىدى:

گەر ھارامدىن تارتمىسا كىم قولىنى ئىمكان ئالدىدا،

قۇتۇلۇشقا يول تاپالماس بەلكى گۇمران ئالدىدا.

جيا يۈيسۇن بۇ ئىككى بېيىتنى ئوقۇپ: «بۇ ئىككى جۈملە ئەدەبىي جەھەتتىن ئاددىيلا كۆرۈنسىمۇ، مەنىسى چوڭقۇر ئىكەن. قانچە - قانچىلىغان داڭلىق تاغلارنى بېسىپ ئۆتكەن، قانچە - قانچىلىغان مەشھۇر مازار - ماشايىخلارنى زىيارەت قىلغان بولساممۇ، بۇنداق سۆزلەرنى بۇكەمگىچە ئۇچراتمىغانىدىم. ئەتىمالىم، بۇ بۇتخانىدا موللاق ئېتىپ ئەرشنى كۆرگەنلىرىدىن بىرەرسى باردەك قىلىدۇ، ئىچكىرى كىرىپ ئۇنى بىر زىيارەت قىلىپ چىقسام نېمە بوپتۇ» دەپ ئويلاپ بۇتخانىغا كىردى. بۇتخانىدا قاسماق بېسىپ كەتكەن بىر قېرى غالداڭ راھىبنىڭ شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. جيا يۈيسۇن قېرى راھىبتىن ئانچە ئەيمىنىپ تۇرماي، ئۇنى گەپكە سالماقچى بولۇپ سوئال بەردى، ئەمما ئۇ قېرى راھىب قۇلىقى پاڭ، ئۆزى گاراڭ، چىشلىرى قالمىغان ۋە تىلى كالۋالىشىپ قالغان ئادەم ئىدى، شۇڭا ئۇ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بېرەتتى.

جيا يۈيسۇن بۇ قېرىدىن زېرىكتى بولغاي، بۇتخانىدىن يېنىپ چىقتى - دە، ئۆز سەيلىسىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش نىيىتىدە بىر - ئىككى قەدەھ شاراب ئىچمەك بولۇپ سەھرا مەيخانىسىغا يول سالدى. ئۇ ئەمدىلا مەيخانىغا كىرىشىگە، مەي ئىچىپ ئولتۇرغانلارنىڭ بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈلگەن پېتى «مەرھابا ! مەرھابا !» دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. جيا يۈيسۇن لاپپىدە شۇ ياققا قارىدى. بۇ ئادەم پايتەختتىكى ئاسارئەتىقە پۇرۇش لېڭ زىشىڭ دېگەن كىشى ئىدى، جيا يۈيسۇن بىر چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن پايتەختتە تونۇشۇپ قالغانىدى. لىڭ زىشىڭنى جيا يۈيسۇن قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىل ئادەم دەپ ماختىسا، لېڭ زىشىڭ جيا يۈيسۇننىڭ ئەدىبلىكىدىن مەنپەئەتدار ئىدى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئىككىسى بەك چىقىشاتتى.

− بۇرادەر ئەزىز، سىز بۇياققا قاچان كېلىپ قالدىڭىز؟ كەمىنىڭىز بۇنىڭدىن بىخەۋەر قاپتىمەن. تەقدىرنىڭ ماۋۇ كارامىتىنى كۆرۈڭ، بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ بۇ يەردە تاسادىپەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى ! − دېدى دەرھال جيا يۈيسۇن تەبەسسۇم بىلەن.

− بۇلتۇر، يىل ئاخىرىدا يۇرتۇمغا قايتىپ كەتكەنىدىم، ھازىر پايتەختكە كېتىۋاتىمەن. بۇ يەردە پېقىرنىڭ بىر دوستى بار ئىدى، ئۇنى يوقلىغاچ كېتەي دەپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغانىدىم، بىرقانچە كۈن تۇرۇپ كەتكىن دەپ تۇتۇۋالدى، دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ قېلىپ قالدىم. مېنىڭمۇ ئانچە زۆرۈر ئىشىم يوق، بىر - ئىككى كۈن تەخىر قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن، مۇشۇ ئاينىڭ ئون بەشلىرىگىچە يولغا چىقىمەن. بۈگۈن دوستۇمنىڭ بىر ئىشى چىقىپ قالغاچقا، بىكارچىلىقتا سەيلە قىلغاچ بۇ يەرگە كىرىپ قالدىم، ئىككىمىز كۈتۈلمىگەن يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق، − دەپ جاۋاب بەردى لېڭ زىشىڭ. ئۇ جيا يۈيسۇنغا سۆزلەۋېتىپ، ئۇنى ئۈلپەت بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. يېڭىباشتىن يەنە شاراب ۋە تائام كەلتۈرۈپ، ئىككىسى ئۈلپەتلەشتى ۋە ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

− يېقىندىن بېرى پايتەختتە قانداق يېڭىلىقلار بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ − دەپ سورىدى جيا يۈيسۇن.

− يېڭىلىق دېگۈچىلىك بىرەر نېمە ئاڭلىغىنىم يوق، − دەپ جاۋاب بەردى لېڭ زىشىڭ، − ئەمما، تەخسىر، سىز بىلەن بىر جەمەتتىكىلەر ئىچىدە ئاز - تولا يوچۇن ۋەقەلەر چىققانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

− پايتەختتە كەمىنىڭىز بىلەن بىر جەمەتتىكىلەردىن يوق ئىدى، ئەجەبا، سىز بۇنىڭدىن گەپ ئېچىپ قالدىڭىز؟ − دەپ كۈلدى جيا يۈيسۇن.

− فامىلىڭىزلەر ئوخشاش بولسىمۇ، يەنە نېمىشقا بىر جەمەتتىن بولمايسىز، بۇ ئەجەبا؟ − − دېدى لېڭ زىشىڭمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

− ئۇ قايسى جەمەت ئىكەن؟ − دەپ سورىدى جيا يۈيسۇن.

− رۇڭگو قەسىرىدىكى جيا نەسەبىدىكىلەر، تەخسىر. بۇلار سىزنىڭ نام - نىشانىڭىزغا داغ چۈشۈرمىسە كېرەك !

− ھە، سىز رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرنى دەۋاتقانىكەنسىز - دە، − دېدى جيا يۈيسۇن، − سۆزلەپ كەلسەم، كەمىنىڭىزنىڭ جەددى - جەمەتلىرىمۇ ئەسلىي ئاز ئەمەس ئىدى، كېيىنكى خەن زامانىسىدىكى جيا فۇدىن بۇيان، يىلتىز - تومۇرلىرىمىز خېلى يېيىلىپ، ھەممىلا يەرگىچە شۇڭ تارتقانىكەنمىز، ھازىر بۇنى كىممۇ سۈرۈشتۈرىدۇ دەيسىز؛ ئەمدى رۇڭگو قەسىرىدىكى بۇ جەمەتكە كەلسەك، دەرۋەقە، مەن ئۇلار بىلەن بىر نەسەبداش، ئەمما ئۇلار ھازىر بۆلەكچىلا شان - شۆھرەت تېپىپ كەتتى، تۇغقانلىق ئىزدىشىپ بېرىشقىمۇ كىشى ئەيمىنىدۇ، شۇ ۋەجىدىن، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق.

− ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس، تەخسىر، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − رۇڭگو قەسىرى بىلەن نىڭگو قەسىرى خارابلىشىپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى شان - شەۋكىتى قالمىدى.

− بىر زامانلاردا، بۇ ئىككى قەسىردىكىلەرنىڭ جەددى - جەمەتى ئىنتايىن ئاۋۇپ كەتكەنىدى، ئەمدى ئۇلار قانداقسىغا خارابلىشىپ كەتكەندۇ؟

− شۇنى دېمەمسىز، سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق.

− مەن، − دېدى جيا يۈيسۇن، − بۇلتۇر ئالتە سۇلالىنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ جىنلىڭغا بارغىنىمدا، شىتۇچېڭ قەلئەسىگە كىرىپ ئۆتكەنىدىم، شۇ قېتىم مەن بۇ ئىككى قەسىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم. كوچىنىڭ شەرق تەرىپىگە نىڭگو قەسىرى، غەرب تەرىپىگە بولسا رۇڭگو قەسىرى جايلاشقانىكەن، بۇ ئىككى قەسىر بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن، پۈتۈن كوچىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىۋاپتۇ. چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى چۆللىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قەسىر ئىچىگە كۆز تاشلىغۇدەك بولسام، ئايۋان - سارايلار، شىپاڭ - راۋاقلار تېخىچىلا چوقچىيىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. قەسىرنىڭ كەينىدىكى باغدا دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ كۆكىرىپ، سۈنئىي تاغ - تاشلار يالتىراپ تۇرۇپتۇ، ھېچقانداق زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندەك كۆرۈنمەيدىغۇ؟

− سىزنىڭ جىنشى دېگەن ئۇنۋانىڭىزغا ۋاي، − دېدى لېڭ زىشىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، − تېخى سىز ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز! قەدىمكىلەرنىڭ: «مىڭئاياغ ئۆلىدۇ، ئەمما قاتمايدۇ» دېگەن تەمسىلى بار. بۇ ئىككى قەسىردىكىلەر بۇرۇنقىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى مەنسەپدارلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالى يەنىلا باشقىچە. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ جەددى - جەمەتى كۈنسېرى ئاۋۇپ، مەئىشەتلىرىمۇ كۈنسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بەگ - غوجاملاردىن تارتىپ قۇل - چاكارلارغىچە ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەرەنجام قىلىدىغان تەدبىرلىك بىرەرمۇ ئادەم يوق. كۈندىلىك مەئىشەتتە تېجەش ۋە ئىقتىساد قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ تاشقى جازىسىدىن قارىغاندا، سالاپىتى تۆكۈلۈپ كەتمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچىدىن ئاداپ تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇغۇ كىچىك ئىش، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراقى شۇكى، شۇنچە راھەت - پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ قەسىردىكىلەرنىڭ ئۇرۇق - ۋۇجۇدى نېمە ئۈچۈندۇر ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا بەتتەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ!

− شۇنداق ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە، − دېدى جيا يۈيسۇنمۇ لېڭ زىشىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ، − مەرىپەتكە كۆڭۈل بۆلمىگىنى ئەجەب - ھە؟ باشقا نەسەبتىكىلىرىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەزكۇر نىڭگو قەسىرى بىلەن رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە ئەڭ تەدبىرلىكلەردىن ھېسابلىناتتى، ئەمدى نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىكىنە؟

− گەپ مانا شۇ ئىككى قەسىردە ! − دېدى لېڭ زىشىڭ يەنە ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − سىزگە شۇنى بايان قىلايكى، ئۆز ۋاقتىدا نىڭگو گۇڭ بىر ئانىدىن ئىككى ئوغۇل قېرىنداش بولۇپ، ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭى ئىدى، ئۇمۇ ئۆمرىدە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. مەزكۇر گۇڭ قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە چوڭ ئوغلى جيا دەيخۇا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇمۇ ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. تۇنجى ئوغلى جيا فۇ سەككىز - توققۇز ياشلاردىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسى كەنجى ئوغلى جيا جىڭغا قالغان، ئەمما ئۇ ھازىر تەرىقەتچىلىككە بېرىلگەن، باشقا ئىش بىلەن كارى بولماي، كىمىياگەرلىككە ھېرىس بولۇپ كەتكەن. خەيرىيەت، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تېپىپ قويغانىكەن، مەزكۇر ئوغلىغا جيا جېن دەپ ئات قويغان. ئۆزى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئەۋلىيالىق يولىغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ مەنسىپىنى ئەنە شۇ ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئۆيدە تۇرۇشنى راۋا كۆرمەي، پايتەختنىڭ سەھراسىغا چىقىۋېلىپ، دەرۋىشلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن. مەزكۇر جيا جېن بېگىمنىڭمۇ ھازىر بىر ئوغلى بار، ئىسمى جيا رۇڭ، بۇ يىل ئەمدىلا ئون ئالتە ياشقا كىرگەن. ئاتىسى جيا جىڭنىڭغۇ ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق، جيا جېن بېگىممۇ بىرەر تۈزۈك ئىش قىلىدۇ دەمسىز؟ كەيپ - ساپا ۋە ئويۇن - تاماشىغا بېشىچە كىرىپ كەتكەن. ئۇ نىڭگو قەسىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى «ھاي» دېيىشكە پېتىنالمايدىكەن. ئەمدى مەن سىزگە رۇڭگو قەسىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەپ بېرەي: بايا مەن سىزگە ئېيتىپ ئۆتكەن يوچۇن ۋەقە مانا شۇ قەسىردە بولغان. رۇڭگو گۇڭ قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى جيا دەيشەن ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جىنلىڭ شەھىرىدىكى نەسەبلىك تۆرىلەردىن شى بېگىمنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. بۇ خېنىمدىن ئۇ ئىككى ئوغۇل كۆرگەن، تۇنجىسىغا جيا شې، كەنجىسىگە جيا جېڭ دەپ نام بەرگەن؛ جيا دەيشەن خېلى بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم تېخى ھايات، شۇ ۋەجىدىن، ئاتىسىنىڭ مەنسىپى تۇنجى ئوغلى جيا شېغا قالغان. جيا شې مىيانە ئادەم ئىكەن، ئائىلە ئىشلىرى بىلەنمۇ ئانچىلا كارى يوق ئىكەن. كەنجى ئوغلى جيا جېڭ كىچىكىدىن تارتىپلا كىتابخۇمار، تۇغۇشلۇق، ئۇدۇللا كەتكەن ئادەم بولغانلىقتىن، بوۋىسى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق بولغانىكەن، ئەسلىي ئۇنى دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھانغا سۇنماقچىمۇ بولغانىكەن. لېكىن ئىش ئوڭدىن چىقىپ قالغان، جيا دەيشەن سەكراتتا ياتقاندا، پادىشاھ ھۇزۇرىغا بىر ئەرز قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، پادىشاھى ئالەم ئۆزىنىڭ بۇ سابىق ئەمەلدارىغا خەيرخاھلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىغا ئەمەل بەرگەننىڭ سىرتىدا، يەنە قانچە ئوغلى بارلىقىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ، دەرھال ئۆز دەرگاھىغا كەلتۈرۈپ كۆرۈشكەن. شۇ قېتىمدا ھەزرەت ئالىيلىرى جيا جېڭ بېگىمگىمۇ ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا نامزات سەركارلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن ۋە ئۇنى دىۋاندا ئىشلەپ كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ سازاۋەر قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھازىر قوشۇمچە چۆپدارلىق مەنسىپىگە كۆتۈرۈلگەن. مەزكۇر جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسى ۋاڭ خېنىمدىن بولغان تۇنجى ئوغلى جيا جۇ ئون تۆت يېشىدىلا مەدرىسەنى تۈگىتىپ موللا بولغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆيلىنىپ بىر ئوغۇللۇقمۇ بولغان. لېكىن يىگىرمە ياشقا كىرە - كىرمەيلا كېسەل بولۇپ قازا تاپقان. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئىككىنچى تۇغۇتىدا بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن، شۇنىسى ئەجەبكى، بۇ قىز دەل نورۇز كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئارىدىن يەنە ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم يەنە بىر بەگزادە كۆرگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، مەزكۇر بەگزادە تۇغۇلۇشى بىلەنلا، قانداقتۇر بىر دانە يالتىراپ تۇرغان رەڭدار قاشتاشنى چىشلەپ چۈشكەنىمىش، تاشقا تېخى بىرمۇنچە خەتلەرمۇ پۈتۈلگەنىمىش. قاراڭە، بۇ بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟

− دەر ھەقىقەت، مۆجىزە ئىكەن ! بۇ بەگزادىنىڭ يارالمىشىدا قانداقتۇر بىر قىسمەت بولۇشى مۇمكىن ! − دەپ كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى جيا يۈيسۇن.

− ھەممە ئادەم شۇنداق دېيىشىدۇ، − دېدى لېڭ زىشىڭ سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، − شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مومىسى بۇ نەۋرىسىنى خۇددى گۆھەردەك ئەتىۋارلايدىكەن. بەگزادە بىر ياشقا تولغان چاغدا، ئاتىسى جيا جېڭ بېگىم ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى نىيەت - ئىقبالىنى بىر سىناپ كۆرمەك بولۇپ، جاھاندا بار نەرسىلەرنى بەگزادىنىڭ ئالدىغا توپلاپ ئۇنىڭغا تاللاتماقچى بوپتۇ. نېمە ئۈچۈندۇر، بۇ بەگزادە شۇنچە كۆپ نەرسىنىڭ ئىچىدىن باشقىسىنى تاللىماي، پەقەت ئۇپا - ئەڭلىك، سىرغا - جىرغىنى ئېلىپ ئويناپ ئولتۇرغۇدەك. بۇ ھالنى كۆرگەن جيا جېڭ بېگىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، بۇ شارابخور، شەھۋەتپەرەس بىر نېمە بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنىڭدىن رايى قايتىپ قاپتۇ، پەقەت مومىسىلا ئۇنى جېنىدەك ياخشى كۆرىدىكەن. تېخى بۇنىڭدىنمۇ قىزىقىنى ئاڭلايسىز: مەزكۇر بەگزادە بۇ يىل ئەمدى ئون ياشتىن ئاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كەپسىزلىكىگە قارىماي، تېخى ناھايىتى ئەقىللىك، زېرەك ئىكەن، بىر دېمەتلىكلىرىدىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ بالىلىق گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز تېخىمۇ ئاجايىپ. ئۇ: «ئايال كىشىنىڭ سۆڭىكى سۇدىن يارالغان، ئەر كىشىنىڭ سۆڭىكى لايدىن يارالغان. ئايال كىشىنى كۆرسەم ئېچىلىپ - يېيىلىپ كېتىمەن، ئەر كىشىنى كۆرسەم يىرگىنىپ - سەسكىنىپ كېتىمەن !» دەپ يۈرگۈدەكمىش، بۇنىڭ قىزىقلىقىغا قارىمامسىز؟ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بىر شەھۋەتپەرەس بولۇپ چىقىشىدا قىلچە شەك يوق !

− ئۇنداق دېگىلى بولماس ! − دەپ ئېتىراز بىلدۈردى جيا يۈيسۇن جىددىي قىياپەتتە، − ئەپسۇسكى، بۇ بالىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەتتىن بىخەۋەر ئىكەنسىز - دە. شۇ جۈملىدىن، ئېھتىمال، پېشقەدەم جيا جېڭ بېگىممۇ ئۇنى ئىشقىۋاز، پاسىق دەپ خاتا ھۆكۈم قىلغاندۇ ! كۆپلەپ كىتاب ئوقۇپ، مۇپەسسەل بىلىم تەھسىل قىلمىغان، جۈملىدىن بىلىم ھاسىل قىلىش يولىدا مۇتالىئە يۈرگۈزۈپ ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، تەرىقەت بىلەن ھېكمەتنىڭ تېگىگە يېتىش يولىدا تەر تۆكمىگەن ئادەمنىڭ ئۇنىڭ سىرىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

لېڭ زىشىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ جىددىي تۈس ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، سەۋەبلىرىنى يېشىپ بېرىشنى دەرھال مۇراجىئەت قىلدى.

− روھى زېمىنغا يارالغان ئادەملەر ئىچىدە، − دەپ سۆز باشلىدى جيا يۈيسۇن، − رەھىمدىل ئۇلۇغلار ۋە ياۋۇز مەلئۇنلاردىن باشقىلىرى بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. رەھىمدىل ئۇلۇغلارنىڭ يارالمىش تەقدىرى ئامەتتىن، ياۋۇز مەلئۇنلارنىڭ يارالمىش تەقدىرى ئاپەتتىن بولىدۇ. تەقدىرى ئامەتتىن جاھانغا ھالاۋەت كېلىدۇ، تەقدىرى ئاپەتتىن جاھانغا پالاكەت كېلىدۇ، ياۋ، شۇن، شيا يۇي، چېڭ تاڭ، ۋېنۋاڭ، ۋۇۋاڭ، جۇ گۇڭ، شاگۇڭ، كۇڭزى، مېڭزى، دۇڭ جۇڭشۇ، خەن يۈي، جۇدۇڭيى، چېڭ خاۋ، جۇشى، جاڭ زەي … لەر تەقدىرى ئامەتتىن يارالغانلار؛ چى يۇ، گۇڭ گۇڭ، جيې ۋاڭ، جۇۋاڭ، چىن شىخۇاڭ، ۋاڭ ماڭ، ساۋساۋ، خۇەن ۋېن، ئەن لۇشەن، چىن خۇيلەر بولسا تەقدىرى ئاپەتتىن تۆرەلگەنلەر. رەھىمدىل ئۇلۇغلار جاھانغا ئەمىنلىك ئېلىپ كەلسە، ياۋۇز مەلئۇنلار جاھانغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. نازاكەتلىك ۋە دانالىق كائىنات ئۈچۈن ھالاللىقنىڭ ئالامىتىدۇركى، ئۇ رەھىمدىل ئۇلۇغلارنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، قاباھەتلىك ۋە تەرسالىق كائىنات ئۈچۈن ھاراملىقنىڭ ئالامىتىدۇركى، ئۇ ياۋۇز مەلئۇنلارنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ؛ بەخت - ئامەت جەۋلان قىلىپ، ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق قارار تاپقان بۈگۈنكى زاماندا، نازاكەتلىك ۋە دانالىق خىسلىتىگە ئىگە بولغۇچىلار خان ئوردىسىدىن تارتىپ تاكى ئەل پۇقرا ئىچىگىچە ھۆكۈم سۈرمەكتە؛ ئاندىن قالسا پاساھەتلىك ئالامەتلىرى ھەممە يەرگە يېيىلىپ، شەربەت ۋە مەيىن شامال تۈسىگە كىرىپ، يەتتە ئىقلىمنى ئۆزىدىن بەھرىمەن قىلماقتا؛ قاباھەتلىك ۋە تەرسالىق ئىللەتلىرى خەلقىئالەم ئىچىدە ئوچۇق - ئاشكارا يامراپ كېتەلمەي، چوڭقۇر جىلغا ۋە ئازگاللاردا تىقىلىشىپ ياتماقتا. شامالنىڭ قوزغىشى ۋە بۇلۇتلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇلار قىمىرلاپ ئانچە - مۇنچە داۋالغۇپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ، مۇبادا بىرەر - يېرىمى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، نازاكەتلىك ۋە دانالىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولسا، ھالاللىق ھەرگىز ھاراملىققا يول قويمايدۇ، ھاراملىق ھالاللىققا رەشك قىلىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ، خۇددى شامال بىلەن بۇلۇت، گۈلدۈرماما بىلەن چاقماقتەك روھىي زېمىندا بىر - بىرىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىر - بىرىنى يوقىتالمايدۇ ھەم بىر - بىرىگە يول قويمايدۇ، ھامان بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئېلىشىدۇ. مۇبادا ھاراملىق ئىللەتلىرىدىن ئازراق تەپچىپ چىققۇدەك بولسا، شۇئان كىشىلەرگە يۇقىدۇ. مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، تاسادىپەن ئەنە شۇ ئىللەتنىڭ ئىلكىدە تۆرەلگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلار رەھىمدىل ئۇلۇغلار ۋە ئالىيجانابلاردىنمۇ بولالمايدۇ، ياۋۇز مەلئۇنلار قاتارىغىمۇ كىرەلمەيدۇ، مىليونلىغان ئىنسانلار ئارىسىدا قېلىۋېرىدۇ. مۇنداق ئادەملەر پاراسەت ۋە پاساھەت جەھەتتە مىليونلىغان كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ تەرسالىق - ھاراملىق ۋە كىشىلىك تەبىئىتىگە خوپ كەلمەيدىغان ئىللەتلىرى جەھەتتە بولسا، مىليونلىغان ئادەملەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ؛ بەگ - ئەمىر ۋە باي - ئېسىلزادىلەر ئائىلىلىرىدە تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇلاردىن كۆپىنچە مەجنۇن - سەۋدايىلار چىقىدۇ؛ ئۇلار مەرىپەتلىك پېقىر ئائىلىلەردە دۇنياغا كەلسە، ئۇلاردىن مەشھۇر تەركىدۇنيا ۋەلىيلەر چىقىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار ھەتتا بەختسىز - نامرات ئائىلىلەردە دۇنياغا كەلسە، ياكى ئاتاقلىق رەققاس بولىدۇ، ياكى داڭدار سەتەڭدىن بولۇپ چىقىدۇ. لېكىن، ئۇ ھېچقاچان كىشىلەرنىڭ تىزگىنىدىكى ئۇنداق قاۋۇل چاپارمەن - ئاتارمەنلەردىن بولۇپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭدىن مۇقەددەم ئۆتكەنلەردىن شۈي يۇ، تاۋچيەن، رۇەن جى، جى كاڭ، ليۇلىن، ۋاڭ ھەم شى جەمەتىدىكىلەر. گۇخۇتۇ، چېن خۇجۇ، تاڭ مىڭخۇاڭ، سۇڭ خۇيزۇڭ، ليۇتىڭجى، ۋېن فېيچىڭ، مى نەنگۇڭ، شى مەنچىڭ، ليۇچىچىڭ، چىن شاۋيۇ؛ يېقىنقى زاماندىكىلەردىن: نى يۇنلىن، تاڭ بەيخۇ، جۇجىشەن، شۇنىڭدەك لى گۇينەن، خۇاڭ فەنچو، جىڭ شىنمۇ، جوۋېنجۇن، خۇڭفۇ، شۆ تاۋ، سۇي يىڭ، جاۋيۇن قاتارلىقلارنى ئالساق، بۇلار ھەرخىل يەرلەردە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەنە شۇ تائىپىگە كىرىدىغان ئادەملەردىندۇر.

− گېپىڭىزدىن قارىغاندا، غالىبلار ئەمىر ۋە بەگ، مەغلۇپلار قاراقچى - ئوغرى بولىدىكەن - دە؟ − دېدى لېڭ زىشىڭ.

− دەل شۇنداق، − دېدى جيا يۈيسۇن، − سىز تېخى بىلمەيسىز، مەن مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەريانىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى ساياھەت قىلىپ چىقتىم، شۇ جەرياندا، مەنمۇ ئىككى نەپەر غەيرىي تەبىئەتلىك بالىنى يولۇقتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ھېلىقى باۋيۈي دېگەن بەگزادىنىڭ گېپىنى قىلىش بىلەنلا شۇنى قىياس قىلدىمكى، ئۇ يۈزدە - يۈز بولمىسىمۇ، مەن يولۇقتۇرغان ھېلىقى بالىلار بىلەن بىر تائىپىدىكىلەردىن بولسا كېرەك. يىراقتىن گەپ ئاچمايلا قوياي، مەزكۇر جىنلىڭ شەھىرىدىكى جىنلىڭ ئۆلكىلىك خەيرىيەت جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرلىقىغا مۇشەررەپ بولغان ھېلىقى جېن بېگىمدىن خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك؟

− ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار، − دېدى لېڭ زىشىڭ جيا يۈيسۇننىڭ سۆزىنى كېسىپ، − مەزكۇر جېن بېگىم نەق ئاشۇ جيا خانىدانىدىكىلەرنىڭ كونا تۇغقانلىرىدىن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئۆيلۈكنىڭ باردى - كەلدىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان، مەن چېغىمدىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ تۇراتتىم.

− ئۆتكەن يىلى مەن جىنلىڭدا چېغىمدا، − دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى جيا يۈيسۇن، − بىر كىم مېنى شۇ جېن بېگىمنىڭ خانىدانىغا خەلپەتلىككە تونۇشتۇرغانىدى، مەن بۇ خانىدانغا كىرىش بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا سەپسالدىم. ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنداق شەۋكەتلىك ئائىلە ئىكەنكى، «دۆلەتلىك ھەم سۈلكەتلىك» بولۇش جەھەتتىن كەم ئۇچرايدىغان خانىدان ئىكەن. لېكىن، مېنىڭ ئۇ شاگىرتىم گەرچە ئىلىم تەھسىل قىلىشنى تېخى ئېلىپبەدىن باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تەلىم بېرىش مېنى مەرتىۋىلىك موللاملارغا تەلىم بېرىشتىنمۇ ئارتۇق ھاردۇرۇۋەتتى. بۇ شاگىرتنىڭ ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى: «مېنىڭ يېنىمدا ئىككى نەپەر قىز ھەمراھ بولۇشى كېرەك، شۇندىلا كۆڭلۈم روشەنلىشىپ، ماڭا بىلىم يۇقىدۇ، بولمىسا كۆڭلۈم خىرەلىشىپ كېتىدۇ» دەپ تەلەپ قويۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇ يەنە مۇلازىملارغا: «قىز دېگەن سۆز ئىنتايىن ئالىيجاناب ۋە ئىنتايىن پاك سۆز، ئۇ ھەرقانداق جان - جانىۋارلارنىڭ سەردارىدىنمۇ قەدىرلىك، ھەرقانداق گۈل - چېچەكلەرنىڭ سەرخىلىدىنمۇ ئەتىۋارلىق. شۇ نەرسىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭلاركى، سەنلەرنىڭ نىجىس ئاغزىڭلار ۋە بەتبۇي تىلىڭلار بۇ سۆزگە ھەرگىزمۇ داغ چۈشۈرمىسۇن ! ئەگەر تىلىڭلارغا ئالماق بولساڭلار، ئالدى بىلەن ئاغزىڭلارنى زەمزەم بىلەن چايقاپ، تىلىڭلارنى گۇلاپ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن ئېغىزغا ئېلىشىڭلار كېرەك ! مۇبادا ئاغزىڭلاردىن بۇ سۆز بىمەھەل چىقىپ قالىدىكەن، ئۇ چاغدا چىشىڭلارنى چېقىپ، كۆزۈڭلارنى ئويۇۋېتىمەن !» دەپ ھەمىشە تەنبىھ بېرىدۇ. ئۇ ئۆكتەم ۋە تەرسا بولۇپ، قىلىقلىرىمۇ غەلىتە. لېكىن، ئۇ مەكتەپتىن ئازاد بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ قىزلارنى كۆرگەندە، پۈتۈنلەي باشقا بىر قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، قىزلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى مېھرىبان، مۇلايىم، زېرەك ۋە نازاكەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنى ئاتىسى بىرنەچچە قېتىم دەررە ئاستىغىمۇ ئالدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خۇي - پەيلىدىن يانمىدى، ھەر قېتىم دەررە يەپ چىدىيالمىغاندا، «ۋاي ئاچام !» ، «ۋاي سىڭلىم !» دەپ نالە قىلىدۇ. كېيىن ئاڭلىسام، ساراي قىزلىرى ئۇنى گەپكە سېلىپ: «سەن نېمىشقا ھەر قېتىم دەررە يەپ چىدىيالمىغاندا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ نالە قىلىسەن؟ بۇ گۇناھىڭنى تىلەش ئۈچۈن قىزلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىڭمۇ يا؟ ئۇيالساڭچۇ؟» دېسە، ئۇ ناھايىتى ئەپچىل قىلىپ: «دەررىنىڭ ئاچچىقىغا چىدىمىغان چېغىمدا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ توۋلاپ بەرسەم، ئاغرىقىم بېسىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلاپ، نالە قىلىپ كۆردۈم، قارىسام، تېنىمنىڭ ئاغرىقى راستلا ئانچە بىلىنمىدى، مەن بۇ سىرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم دەررىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالمىغاندا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ توۋلاۋېرىدىغان بولدۇم!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭ قىزىقلىقىغا قارىمامسىز؟ بىراق مومىسى ئۇنى بەكمۇ ئارزۇلايتتى، ئەنە شۇ نەۋرىسىنىڭ تۈپەيلىدىن مېنى تەقدىرلىگەنلىكى ۋە ئوغلىنى ئەيىبلەۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاخىر مەنمۇ خەلپەتلىكتىن ئىستېپا بېرىپ يېنىپ چىقتىم. بۇنداق پەرزەنتلەر ھېچقاچان ئاتا - بوۋىسىنىڭ بىساتىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، ئۇستاز - بۇرادەرلىرىنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىمەنكى، بۇ خانىداندا بىرقانچە ياخشى قىزلار بار، ئۇنداق قىزلار بۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ.

− جيا خانىدانىدىمۇ ئەنە شۇنداق كېلىشكەن قىزلار بار، − دېدى لېڭ زىشىڭمۇ گەپكە ئارىلىشىپ، − جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ قىزى يۈەنچۈن خېنىم ئەنە شۇنداق چېچەن، ۋاپادار، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، خان ئوردىسىدا «دەپتەردار ئاغىچا» دېگەن مەرتىۋىگە مۇشەررەپ بولدى. ئوتتۇرانچى خېنىم يىڭچۈن، ئۇ جيا شې بېگىمنىڭ كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان، ئۈچىنچى خېنىم تەنچۈن، ئۇ جيا جېڭ بېگىمنىڭ كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان، تۆتىنچى خېنىم شىچۈن، ئۇ نىڭگو خانىدانىدىكى جيا جېن بېگىمنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى. شى جەمەتىدىن بولغان ئۇلۇغ ئاغىچا ئۆزىنىڭ بۇ قىز نەۋرىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان كۆرگەنلىكتىن، ئۇلار مومىسىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ، بىللە ئوقۇيدۇ، بىر - بىرىدىن ياخشى قىزلار.

− جېن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادىتى ناھايىتى يوچۇن، ئۇلار قىزلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئىزىدىن قويۇشىدىكەن، باشقىلارغا ئوخشاشلا قانداقتۇر «چۈن» (باھار)، «خۇڭ» (بەخت)، «شياڭ» (ئىپار)، «يۈي» (قاشتاش)قا ئوخشاش نەپىس سۆزلەرنى قوللانمايدىكەن. جيا قەسىرىدىكىلەر نېمانچە بۇنداق كونا ئەندىزىگە چۈشۈپ قالدىكىنتاڭ؟ − دېدى جيا يۈيسۇن.

− ئۇنداق ئەمەس، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، − چوڭ خېنىم دەل بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۇغۇلغان شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا «يۇەنچۈن» (نورۇز باھار) دەپ ئىسىم قويغان، قالغان قىزلارنىڭ ئىسمى ئەنە شۇ «چۈن (باھار) دېگەن سۆزنى قوغلىشىپ قويۇلغان. بۇ قىزلاردىن ئاۋۋالقىلىرىنىڭ ئىسمىنى بولسا، ئۆز ئاكا - ئىنىلىرىنىڭ ئىسمى ئىزىنى قوغلىشىپ قويغانىكەن. بۇنىڭغا ئىسپات شۇكى، ھازىر جانابىڭىز خەلپەتچىلىك قىلىۋاتقان قەسىردىكى لىن رۇخەي بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسى دەل ئاشۇ رۇڭگو قەسىرىدىكى جيا شې، جيا جېڭ بېگىملەرنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولىدۇ، ئۇنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان چاغدىكى ئىسمى جيا مىن ئىدى، ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، سىز قايتقاندا زەن سېلىپ كۆرۈڭ، شۇ چاغدا مېنى راست دەپتۇ، دەپ قالىسىز.

− ئاجايىپ توغرا دېدىڭىز! − دېدى جيا يۈيسۇن ئۇنىڭ سۆزىنى چاۋاك بىلەن قۇۋۋەتلەپ، − مېنىڭ تالىبەمنىڭ ئىسمى دەييۈي. ئۇ ھەرقاچان «مىن» (敏) دېگەن سۆزنى ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە «مى» (密) دەپ ئوقۇيدۇ، ئۇنى يېزىشقا كەلگەندە ھامان بىر - ئىككى سىزىقىنى كەم يازىدۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ بىر گۇمان چۈشكەنىدى، گېپىڭىزگە قارىغاندا، گۇمانىم بىھۇدە ئەمەس ئىكەن. مېنىڭ تالىبەمنىڭ گەپ - سۆز، مىجەز - خۇلق جەھەتتە ئادەتتىكى قىزلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەن - دە ! ئۇنىڭ ئانىسى باشقا ئاياللارغا ئوخشىمىغاچقا، قىزىمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىنى دوراپتۇ. ئەمدى بىلسەم، رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرنىڭ نەۋرىسى ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولغۇدەك. ئەپسۇسكى، ئۆتكەن ئايدا بۇ تالىبەمنىڭ ئانىسى قازا بولۇپ كەتتى.

− بۇلار ئاچا - سىڭىل ئۈچ قېرىنداش بولغان، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − تالىبەڭىزنىڭ ئانىسى قىزلارنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىدى، ئۇمۇ قازا تېپىپ كېتىپتۇ. ھازىر ئالدىنقى جەمەتلەردىن بولغان ئاچا - سىڭىللارنىڭ بىرىمۇ قالماپتۇ. ئەمدى گەپ كېيىنكى جەمەتتە قالدى، ئۇلارغا قانداق يەردىن كۈيۈ ئوغۇل چۈشەركىنتاڭ؟

− شۇنداق، − دېدى جيا يۈيسۇنمۇ تەستىقلاپ، − بايا، جيا جېڭ بېگىمنىڭ بۇ دۇنياغا قاشتاش چىشلەپ چۈشكەن ئوغلى بار، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ يېتىم قالغان نەۋرىسىمۇ بار، دېگەنىدىڭىز، ھېلىقى جيا شې بېگىمنىڭ بىرەر بولسىمۇ ئوغلى بار بولغىيدى؟

− جيا جېڭ بېگىمنىڭغۇ باۋيۈي دېگەن ئوغلى بار، ئۇنىڭدىن بۆلەك، كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان يەنە بىر ئوغلىمۇ بار، ئەمما ئۇنىڭ يا ئاق، يا كۆك ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. دېمەك، جيا جېڭ بېگىمنىڭ ھازىر ئىككى ئوغلى ۋە بىر نەۋرىسى بار، كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ، بۇنى بىلىش تەس. ئەمدى سىز دېگەن ھېلىقى جيا شې بېگىمگە كەلسەك، ئۇنىڭمۇ جيا ليەن دەيدىغان بىر ئوغلى بار، ھازىر يىگىرمە ياشتىن ئېشىپ قالدى. ئۇلار قۇدا ئۈستىگە قۇدا بولۇشۇپ، بەگزادە جيا ليەننى جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسىنىڭ جىيەن قىزى بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىپ قويغان، بۇنىڭغا ئالاھازەل تۆت - بەش يىلچە بولۇپ قالدى. بەگزادە جيا ليەن ھازىر مۇئاۋىن ۋالىيلىقنى سېتىۋالغان. ئۇمۇ تۈزۈك يولدا يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس، جاھاندارچىلىق قىلىشقا بەكمۇ ئۇستا، تىل ياغلىمچىلىقنى ئوبدانلا قاملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ھازىر تاغىسى جيا جېڭ بېگىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئائىلە ئىشلىرىغا «ھە - ھۈ» دېيىشىۋېتىپتۇ. جيا ليەن بېگىم ھېلىقى خېنىمنى نىكاھىغا ئالغاندىن بېرى، خانىداندىكىلەردىن بۇ خېنىمنى ماختىمايدىغىنى يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا جيا ليەن بېگىم بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ چىراي شەكلىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق گۈزەللىكى، گەپ - سۆزىنىڭ ئاجايىپ چاققان ۋە ئۆتكۈرلۈكى، پەم - پاراسىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كامىللىقى بىلەن ھەرقانداق ئەرلەرنىمۇ بېسىپ چۈشىدىكەن !

− مەلۇم بولدىكى، − دېدى جيا يۈيسۇن ئاڭلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە، − مەنمۇ خاتا سۆزلىمەپتىمەن، ئىككىمىز پارىڭىنى قىلىشقان بايىقى بىر قانچە كىشىلەر، ۋەللاھى ئەلەم، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئوتتۇرىسىدا تۆرەلگەن تائىپىلەردىن بولسا كېرەك !

− خاھى ئۇ ھالال بولسۇن، خاھى ھارام، ئەمدى سۆزىمىز تامام ۋەسسالام ! باشقىلارنىڭ ھېساب - كىتابى مەشەدىرەك تۇرۇپ تۇرسۇن. سىز يەنە بىر قەدەھ ئىچىۋەتسىڭىز ياخشى بولاتتى، − دېدى لېڭ زىشىڭ.

− گەپنىڭ قىزىقىدا مەنمۇ بىرقانچە قەدەھ ئارتۇق كۆتۈرۈۋەتتىم، − دېدى جيا يۈيسۇن.

− غەيۋەت سۆز شارابنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ ئەمەسمۇ، بىرقانچە قەدەھ ئارتۇق كۆتۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ نېمە زىيىنى بولاتتى ! − دېدى لېڭ زىشىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

− كەچ كىرىپ قاپتۇ، − دېدى جيا يۈيسۇن پەنجىرىدىن تالاغا قاراپ قويۇپ، − شەھەر دەرۋازىسىنى ئېتىپ قويمىسۇن يەنە، ئىككىمىز شەھەرگە كىرىپ، قالغان گەپنى شۇ يەردە قىلىشساق قانداق؟

ئىككىسى ئورنىدىن تۇرۇپ مەيخانا بىلەن ھېساب - كىتاب قىلىشتى. ئۇلار ئەمدىلا مېڭىشقا تەمشەلگىنىدە، كىمدۇر بىرىنىڭ:

− بۇرادەر جيا يۈيسۇن، مۇبارەك بولسۇن ! سىزگە ئالاھىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم ! − دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. جيا يۈيسۇن دەرھال كەينىگە بۇرىلىپ قارىدى، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.

داۋامى: قىزىل راۋاقتىكى چۈش (1-4) | ئۇيغۇر تورى