Jump to content

قىپيالىڭاچ قالغان ھەقىقەت ۋە بىز

ئورنى Wikipedia

قىپيالىڭاچ قالغان ھەقىقەت ۋە بىز

دەردى يوق كىشى  باشقىلار ئۈچۈن «دەرد» بولۇشقا تۆرەلگەن كىشىدۇر، دەيدۇ دانالار. دەرۋەقە دەردسىز ئىنسان بولماس، دەرمانسىز دەرد ھەم بولماس. ئارىفلارغا كۆرە، ئىنساننىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ئۇنىڭ دەردىنىڭ ئۇلۇغۋار بولۇش ياكى بولماسلىقى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. دەردلەرنىڭ ئۇلۇغۋارى بولسا، ھەقىقەت دەردىدۇر. ھەقىقەتنىڭ سەۋداسى بولۇش، ھەقىقەتنىڭ ئاشىقى بولۇش دەردمەن ئىنسانلارنىڭ خۇلقىدۇر. ئەلۋەتتە،  دەردى ھەقىقەت بولمىغان كىشىنىڭ دەرمانىنى ھەقتىن تاپالىشى، ھەققىنى ھەقلىق ئۇسۇلدا قايتۇرۇپ ئالالىشى ئەمرى مۇھال. چۈنكى ھەقىقەت ھەقنىڭ سەمەرىسى، ئۇنىڭ تەجەللىياتىدۇر. ھەقنى ئىدراك قىلماي تۇرۇپ ھەقىقەتتىن، دەرد ساھىبى بولماي تۇرۇپ دەرمان ساھىبى بولۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەقىقەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ يولى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇش، ئۆزلۈكنى تېپىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. دەردنىڭ دەرمانغا، دەرماننىڭ دەردكە ئايلىنىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغۇسىدۇر. ئارىفلاردىن مەشھۇر تۈرك شائىرى ۋە مۇتەپەككۇر ئەدىب نىياز مىسرىينىڭ يازغىنىدەك:

دەرمان ئىزلىدىم دەردىمگە، دەردىم ماڭا دەرمان ئىمىش،

بۇرھان سورىدىم ئەسلىمگە، ئەسلىم ماڭا بۇرھان ئىمىش.

«ھەقىقەت ھېلىھەم قۇدۇق ئىچىدە مۆكۈنۈپ ئۆتمەكتە»، دەيدۇ مەشھۇر گرېك پەيلاسوپى دىموكرېتىس. پەلسەپەۋى نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، مەزكۇر سۆز ھەقىقەتكە ئېرىشىشنى دەرد قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىگە، ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلغان بولسا، ئادەمىيلىك ۋە ئىنسانىي پەزىلەت نۇقتىسىدىن «كىشىلەر» دېيىلىۋاتقان جەمئىيەت توپىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ھەقىقەت دەردىدىن تامامەن يوقسۇزلاشقان ھالىتىگە، ساختىلىقنىڭ، كاززاپلىقنىڭ، سەپسەتىۋازلىقنىڭ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالغان ۋەزىيىتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان ئاچچىق كىنايىدىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە «ھەقىقەتنىڭ قۇدۇققا مۆكۈۋېلىشى» دەپ ناملانغان مەشھۇر قەدىمىي مەسەل بار بولۇپ، مەسەلدە دىموكرېتىسنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە مەزكۇر كىنايىنىڭ كېلىپ چىقىشى سىمۋول خاراكتېردە يورۇتۇلغان. مەسەلدە شۇنداق دېيىلگەن:

  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە يول ئۈستىدە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا سەپسەتە ھەقىقەتكە قاراپ دەپتۇ:

- بۇگۈن ھاۋا نېمىدىگەن ياخشى.

ھەقىقەت ئادىتى بويىچە سەپسەتىدىن دەرھال گۇمانسىراپتۇ ۋە ئاسمانغا بىر، ئەتراپىغا بىر قاراپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بۈگۈن راستتىنلا ھاۋا ياخشى كۈن بولغانىكەن. سەپسەتىنىڭ راست سۆزلەۋاتقانلىقىنى پەملىگەن ھەقىقەت ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاز سۆھبەتلىشىشنى ئويلاپتۇ. شۇنداق ئويلاپ تۇرغىنىدا سەپسەتە سۆزىنى داۋام قىلىپ:

- بۈگۈن مۇنۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىمۇ يۇيۇنغىدەكلا ئىلمان ئىكەن. بىرلىكتە يۇيۇنمايلىمۇ؟،- دەپتۇ.

ھەقىقەت سەپسەتىنىڭ بۇ سۆزىدىنمۇ ئادىتى بويىچە گۇمانلىنىپتۇ. راست سۆزلەۋاتامدۇ يوق، ئەمىن بولۇش ئۈچۈن بېرىپ قۇدۇقنىڭ سۈيىگە قولىنى تىقىپ كۆرۈپتۇ. بىلىپتۇكى، سۇ ھەقىقەتەن سەپسەتىنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەن. ئىككى قېتىملىق تەجرىبىدە سەپسەتىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست چىققانلىقىدىن كۆڭلى تىنغان ھەقىقەت بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ بىلەن قۇدۇق سۈيىگە چۆمۈلمەكچى بولۇپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كىيىملىرىنى سېلىشىپ يۇيۇنۇشقا باشلاپتۇ. ھەقىقەت خاتىرجەم يۇيۇنىۋاتقان بىر پەيتتە بىردىنلا سەپسەتە قۇدۇقتىن قايتىپ چىقىپتۇ – دە، ھەقىقەتنىڭ كىيىمىنى كەيگىنىچە يۈگۈرۈپ قېچىشقا باشلاپتۇ. بۇنى پەرق ئەتكەن ھەقىقەت دەرغەزەپ بولۇپ قۇدۇقتىن چىقىپتۇ ۋە قىپيالىڭاچ ھالدا قۇدۇقتىن چىققان پېتى سەپسەتىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا باشلاپتۇ. سەپسەتىدىن كىيىمىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەتراپنى بىرمۇبىر تىنتىشقا چۈشۈپتۇ. بۇ جەرياندا ھەقىقەتنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرگەن كىشىلەر بىردە ئۇنىڭدىن يامانلاشسا، بىردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشكە باشلاپتۇ. بىچارە ھەقىقەت كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن بەكمۇ نۇمۇس قىلىپتۇ، خورلۇق ھېس قىلىپتۇ، غەزەپكە كەپتۇ ۋە خىجىلچىلىقتا قۇدۇققا قايتىپ  كەپتۇ ۋە شۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قاپتۇ. سەپسەتە بولسا ھەقىقەتنىڭ كىيىمىنى كىيىۋېلىپ دۇنيا بويلاپ كېزىشكە باشلاپتۇ. شۇندىن بېرى سەپسەتە ھەقىقەت لىباسىغا ئورۇنۇۋېلىپ كىشىلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىغا چىقىش يولى كۆرسەتكۈچى، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان سۇنغۇچى، ئۇلارنى ئاغزىغا قارىتىۋېلىپ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغۇچى كۆرۈنىدىغان، ئۇلارنى ئارقىسىغا سۆرەشتۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى يالىڭاچ ھالدا كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى كۆرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئىكەن. «ھەقىقەت ھېلىھەم قۇدۇق ئىچىدە» ئىبارىسى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەنىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر مەسەل بۇندىن بىر ئەسىر ئاۋۋال فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن مەشھۇر «درېيفۇس» دېلوسى مەسىلىسىدە ژان لېئون گېرېم ئىسملىك رەسسامنىڭ قولىدا قايتىدىن جانلانغان بولۇپ، ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا قارشى كوللېكتىپ ۋىجداننىڭ ئورتاق ساداسى سۈپىتىدە ئاۋازىنى ياڭراتقان ۋە تارىختا ئۆزىنى تۇنجى قېتىم «زىيالىيلار» دەپ ئاتىغان بىر تۈركۈم جەمئىيەت سەرخىللىرىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان بۇ فىرانسۇز رەسسام مەزكۇر مەسەلنى رەسساملىق سەنئىتىگە تايىنىپ تىرىلدۈرۈشكە، زۇلۇمغا قارشى دەردىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئۇ سىزغان رەسىمدە قۇدۇقتىن يالىڭاچ ھالىتىدە چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان بىر ئايالنى سىزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى تۇتۇمىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئۆز توپىنىڭ، يەنى ئادالەتنىڭ تەرىپىنى تۇتقان ئادالەتچى توپنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ھالدا مەزكۇر رەسسىمىگە «قۇدۇقىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەت» دەپ نام بېرىدۇ. تەقدىر قىسمەت شۇكى، «درېيفۇس» دېلوسىدىكى ناھەقچىلىك تەلتۆكۈس ئايرىلماي تۇرۇپ ژان لېئون ۋاپات بولىدۇ.  گەرچە فىرانسىيە خەلقىنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋەتكەن، جەمئىيەتنى زىلزىلىگە سالغان بۇ دېلو ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن نەچچە يىل كېيىن خۇلاسىلەنگەن ۋە ئۇ كۈتكەن ئادالەت جايىنى تاپقان بولسىمۇ، ژان لېئوننىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەت تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن مەزكۇر رەسىم ھەمىشە ئۇنىڭ مەيدان مەۋقەسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى مەلۇم بولغىنىدەك ژان لېئون مەزكۇر رەسىمنى ھەمىشە يېنىدىن ئايرىماي كەلگەن. ھەتتا ئۇ مەزكۇر رەسىمنى ياتاق ئۆيىگە، كارىۋىتىنىڭ باش قىسمىغا ئېسىپ قويغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ژان لېئون 1904 - يىلى ۋاپات بولغان چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ مەزكۇر رەسىمگە قاراپ قۇچاق ئېچىپ تۇرغىنىچە، گويا خوشلىشىۋاتقان تەرزدە ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ سوزغان ھالىتىدە جان ئۈزگەنلىكىنى كۆرگەن.

ھەقىقەت دەردى بولغان پەرقلىق مەدەنىيەت كىشىلىرىنىڭ ھەقىقەتكە تۇتقان مۇئامىلىسى جەھەتتىكى پەرقلىق يوسۇن ۋە مېتودلىرى بولىدىغانلىقى بىر رېئاللىق. ناۋادا بىز زۇلۇمغا قارشى تۈگۈلىۋالماستىن ھەقىقەتنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشتىكى پەرقلىق يوسۇنلىرىنى، ھەق دەپ بىلگەن تۇتۇمنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۇسۇللىرىنى ۋە بۇ ئۇسۇللاردىكى پەرقلەرنى دىققەتكە ئالغان چېغىمىزدا، دەردلىك ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ئورتاقلىقنىڭ، خاراكتېر ۋە تۇتۇم جەھەتتىكى ئوخشاشلىقنىڭ مۇنداق بىر نۇقتىدا كېسىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: ئۆزى ئىشەنگەن ھەقىقەتنى تەجەللى تاپقۇزۇشتا مەيدان - مەۋقەسىنى ئېنىق قىلىش، ماڭغان دەۋاسىدا ساداقىتىنى يوقاتماسلىق ۋە ئۆزى ئىشەنگەن ئادالەت يولىنىڭ سەمىمىي دەردمىنى بولۇشتىن ۋاز كەچمەسلىك روھىدۇر.

  يۇقىرىقى مەسەلنىڭ ئىدىيەسىدىن قارىغان ۋاقىتتا، بۈگۈننىڭ «زىيالى - موللا» ئاتىقىنى كۆتۈرۈۋالغاندىن تارتىپ، «دەۋا» ئاتلىق مىنىپ قالغان تۈكلۈك مەخلۇقنىڭ ئۈستىدىن يا چۈشۈشنى ياكى ئۇنىڭ تېزگىنىنى ئۆز قولىغا قانداق ئېلىشنى بىلەلمەيۋاتقان «كاتتىباش»، «يوغان باش»لارغىچە كۆپ سانلىق توپنىڭ دەۋاسىنىڭ سەمىمىي ئادىمى بولۇشتەك، دەرمانلىق يولنىڭ يولۇچىسى، يەنى «دەردمەن ئىنسان» بولۇشتەك ئەقەللىي روھتىن يوقسۇزلاشقانلىقىنى، كېتىۋاتقان دەۋاسىدا ساداقەتمەنلىك روھىدىن بارغانچە ياتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مەيدان - مەۋقەدە بولسا ئاللىبۇرۇن ھەقىقەت لىباسىنى ئۇچىسىغا ئارتىۋالغان سەپسەتىچىلىكنىڭ شاخلىتىپ ساتقۇچى ئەزالىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

دەرۋەقە،  ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاشتىن بىزار بولۇش، ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىش، ئەڭ مۇھىمى ھەقىقەتنى بىلىش ئىستىكىدىنمۇ ئايرىلىپ ياشاشنى تاللاشتەك كىرىزىسلارغا مۇپتىلا بولۇش مەزكۇر توپنىڭ، شۇنداقلا مەزكۇر توپنىڭ خېرىدارلىقىنى قىلىۋاتقان توپلۇمنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدۇر. يۇقىرىقى مەسەلدىكىدەك، سەپسەتىنىڭ تونىغا ئالدىنىپ ئۆتەۋاتقان، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولۇپ ياشاۋاتقىنىدىن نومۇس قىلىش ئورنىغا ھەقىقەتنىمۇ سەسكەندۈرۈپ نومۇس قىلدۇرۇۋەتكەن، ساختىلىق ئالدىدا ھەقىقەتنىڭ مەڭگۈ بەنت قىلىنىشىنى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان سەركەشلەشكەن توپلۇم ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان توپلۇمغا ئايلىنىش قىسمىتىدىن قاچالمايدىغان بىتەلەي توپلۇمدۇر. بۇنداق توپلۇم كىشىلىرىدە دەردمەن ئىنسان بولۇش ھاياتقا مەنە قوشۇشتىن، غايە ئۈچۈن ياشاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە دەرد ئۇنىڭ ئۈچۈن نوقۇل يۈك بولۇشتىن، قۇتۇلىمەن دەپ قۇتۇلغىلى، قاچىمەن دەپ قاچىقىلى بولمايدىغان ئالۋاڭ - ياساق بولۇشتىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ھەقىقەت قانداق بولسا، شۇنداق يۈزلىشىشكە جۈرئەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، جۈرئەت قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ھەقىقەتنىڭ يالىڭاچ ھالىتى ئۇلارنىڭ ھەقنى كۆرۈپ يېتىشتىن باش تارتىشىغا، ھەقىقەتتىن باتنىشىغا، ئۇنىڭ كۈن يۈزى كۆرۈشىنى چەكلەشكە، ئۇنىڭ كەشپ بولۇشىغا قارشى مەيدان ئوقۇشىغا باھانە بولىدۇ، خالاس! بۇنداق توپلۇمدا دەردىمىزنىڭ نېمە بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكى، ھەقىقەتلىرىمىزگە قانچىلىك ئىگە چىقالىغانلىقىمىز، بىزنىڭ ھەقىقەتلىرىمىز بىلەن يۈزلىشىشكە قانچىلىك جۈرئىتىمىز بارلىقى، دېگەندەك مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللار قارشى ئېلىنمايدۇ. تېپىلغان جاۋابلار بولسا ئىلىم ۋە تەپەككۇر تارازىسىغا سېلىنماي تۇرۇپ ئۇجۇقتۇرۇلۇش كومپانىيەلىرىگە دۇچ كېلىپ تەييار بولىدۇ. ئىس - بۇسى چىقماي تۇرۇپ پىپەن قىلىنىپ ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ. بەلكى بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش توپلۇم ئەزالىرى ئۈچۈن تاغنى يۆتكەشتىنمۇ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. سەپسەتىچىلەرنىڭ ئوغۇرلاپ كەلگەن تونىنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشقا رازىكى، دەردى ئۈچۈن دەرمان ئىزدەشكە، ھەققى ئۈچۈن ھەق يولدا يۈرۈشكە بەل باغلاشقا، ئاچچىق ھەقىقەتتىن قانداق قىلىپ  تاتلىق مېۋە ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا باش قاتۇرۇشقا ئازراقمۇ تەمشىلىپ قالمايدۇ. بولۇۋېلىش، باشنى ئىچىگە تىقىۋېلىش بۇ توپلۇمدا «ئاقىلانىلىك»، «ئالىجانابلىق»نىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۆز ئۆزىگە سوئال سوراشتىن قاچىدىغان بولۇپ قېلىشتىن ئارتۇق قورقاقلىق، بەنت قىلىۋېتىلگەن، توغرىسى بەنت بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان، ئۇنتۇغان ھەقىقەتلىرىنى ئۆز ھالىتى بىلەن كۆرۈپ قېلىشتىن، ھەقىقەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن، يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن ئۈركىيىدىغان بولۇپ قېلىشتىن ئارتۇق بىچارىلىك، ھەقىقەت يولىنىڭ دەردمىنى، بۇ يولنىڭ يولۇچىسى، ھەق يولنىڭ شەھىدى بولۇشتىن كۆرە، سەپسەتە يولىدا بىھۇدە بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇشتىن، ئىجتىھادسىز مەنزىلگە بارغىلى، بەدەلسىز دەرمانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەكەپ ياشاشتىنمۇ ئارتۇق ئەقىلسىزلىق، دەردسىزلىك، نۇمۇسسىزلىق بولسۇنمۇ!؟ ۋاي ھالىمىزغا!!!

- بۇرھان مۇھەممەد

2022-04-25


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى