قۇتراۋاتقان ئىدىيە پاھىشەلىكى
قۇتراۋاتقان ئىدىيە پاھىشەلىكى
مىللەت ئەڭ ئېغىر قەتلىئامغا دۇچ كېلىپ دەردىنى ئاڭلايدىغان نوپۇزلۇق دۆلەت، خەلق ۋە سەپداش ئىزدەۋاتقان ئەڭ قىيىن زامانلاردا يۈرەكنى تىترەتكۈچى مىسرالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرغا سەۋر تاقەت تىلەپ ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى كۈيلىگەن، كۆز ياشلار قان بولۇپ ئېقىۋاتسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى ئۆلۈم ۋە قورقۇغا بەند قىلىنىۋاتقان تۇرسىمۇ، مۇسۇلمان ئەللەردىن سادا چىقىش تۈگۈل پۈتكۈل كائىناتتىن ئۈن - سادا چىقمايۋاتقانلىقىغا ئېچىنىشلىرىنى، يۈرەكلەرنىڭ پۇچۇلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەربىر ئىنسان ۋىجدانىغا «بۇ قەدەر سۈكۈت زادى نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوئال تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۈچۈن سۈكۈت بۇزۇش كېرەكلىكىنى كۈيلەپ شېئىر پۈتكەن پەلەستىنلىك ئوت يۈرەك شائىر مەھمۇد ئەيياد ۋە ئۇنىڭ مەزلۇم خەلقىگە ئاللاھ مەدەتكار بولسۇن! شائىر مەھمۇد ئەيياد ئۆزىنى ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈيلەشكە، زۇلۇمدىن خالاس بولۇشى ۋە ھۆر بولۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا نىيەتلەنگەن ئاۋانگارتلاردىن بىرى. شۇنداقلا ئۇ «ھەققانىيەت جەڭچىسى»، «ھەق ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغۇچى» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان (ئەلمۇرابىت) تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە پىداكارلار قوشۇنىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇلۇمنىڭ نېمىلىكىنى تېتىپ ياشىغان، ۋەتەنسىزلىكنىڭ، سۈرگۈننىڭ، قەدىمقى يەھۇدىي سوتسىيولوگىيەسىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالمىش دېئاسپورالىق بولۇپ قېلىشنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتقانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ پۈتكەن ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي دەۋاسىنى سەنئەت - ئىجادىيەتلىرى بىلەن كۈيلەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن كۈيگە سېلىنغان پىغانلىق شېئىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىققا چاقىرىدۇ، سەۋر - تاقەتلىك بولۇشقا، چىدامچانلىققا ئۈندەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەر يۈزىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىدىغان قەھرىمان ئەزىمەتلەرنىڭ چىقمايۋاتقىنىغا ئېچىنىدۇ. مەھمۇد ئەيياد ئۇيغۇرلارغا «بېشىڭلارغا نېمە كۈن كەلمىسۇن (مەيلى شەھىد، مەيلى غازى قېلىڭلار، مەيلى قىرىلىڭلار، مەيلى ئامان قېلىڭلار) رەببىمنىڭ جەننىتى چوقۇم سىلەرگە قۇچاق ئاچىدۇ» دېيىش ئارقىلىق مىللىي دەۋاسى يولىدا كېتىۋاتقان، (خەلق نامىغا چىقىۋالغان سىياسەتچىلەرنىڭ ئەمەس) مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋىجدانىغا ئاۋاز بولۇۋاتقان بىر خەلق جەڭچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىقىنى يەتكۈزگەنىدى. بۈگۈنكى سىناق كۈنلەردە مەزكۇر شائىر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان خەلقى ئوچۇقتىن ئوچۇق قىرىلىۋاتىدۇ، ئىززىتى دەپسەندە بولۇۋاتىدۇ، تۇپراقلىرى ۋە مۇقەددەساتلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما كۆرمەكتىمىزكى، زۇۋانى ئۇيغۇر ئەمما، ئادىمىيلىك مەيدان - مەۋقەسى «لېۋەنلەر سارىيى»نىڭ ئايرىم خانىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بەزى ئىدىيە پاھىشەلىرى بۇ زۇلۇمغا قارشى بۇزۇلغان سۈكۈتلەرگە، «زۇلۇم ھەممە يەردە ئوخشاشلا زۇلۇم» چۈشەنچىسىگە ئەخلاقسىز ۋە مەسخىرانە تۇتۇملىرىنى سازايى قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك جۆيلىمىلەرنى بازارغا سېلىش بىلەن كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ. بىر سىياسىي تەشكىلاتنىڭ قارشى تەرەپنىڭ سىياسىي غەمگۈزارلىق ئىستىكىگە قارىتا «سەن ماڭا دەستەك بەرمىگەن، مەنمۇ ساڭا بەرمەيمەن» دېيىشى ئايرىم مەسىلە. لېكىن كىشىلەر توپىنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارىتىپ بۇزغان سۈكۈتىنى ئەيىبلەش ياكى مەسخىرە قىلىش ئايرىم مەسىلە. گەرچە يۇقىرىقىدەك سىياسىي تۇتۇم مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە تاقاشمىغان، ياكى قارشى تەرەپ بىلەن سىياسىي يىرىكلىك شەكىللەنمىگەن بىر ۋاقىتتا رەقىبنى دوستقا ئايلاندۇرۇش تاكتىكىسى نۇقتىسىدىن تولىمۇ پاراسەتسىز بىر زاكون بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي زاكون نۇقتىسىدىن شۇنداق دېيىشى تەڭ سەۋىيەلىك سىياسەتچىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىشلاردۇر. ئەمما ئوتتۇرىدا سىياسىيونلار ئارا بىرەر زاكون ياكى دىپلوماتىك بىر سەۋىيە تەشكىللەنمىگەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ بىر ئەزاسى، ياكى نوپۇزلۇق بىرەر سىياسىي تەشكىلات مەنسۇبىمۇ ئەمەس، بىرەر سىياسىي تەلىپىمۇ ئېنىق يوق، پەقەتلا ئائىلىسىنىڭ، مىللىتىنىڭ ئىزىلىشىگە قارشى بىر كىشىلىك ئىشىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇنى بۇنى جىجىلاش ئارقىلىق زىيالىيلىق تەمەسىدە يۈرۈۋاتقان تىپلارنىڭ، يەنە كېلىپ سىياسىيلىقتىن ۋەز ئوقۇپ يۈرگەنلەرنىڭ پەلەستىنلىك شائىر مەھمۇد ئەييادچىلىك مىللىي خاراكتېر، سىياسىي ئاڭ - ساپا، ئادىمىيلىك ئەخلاق، مىللىي مەپكۇرە تۇرغۇزالمىغانلىقى، سىياسەتچىلەرنىڭ رەزىل تۇتۇملىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئەمەس، ئاتالمىش زىيالىيلىق سۈپىتى بىلەنمۇ بولسا مىللىتىنىڭ قىممەتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان ھەققانىي مەۋقەسى ۋە ۋىجدانىي ئاۋازلارغا يورۇتما بولىدىغان پىكىرلەرنى ئىشلەپچىقارماستىن ئەكسىچە چىدالماي تەرەپ - تەرەپتىن قۇتراۋاتقانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
مىللەت ئەزالىرى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ ئوقۇمۇشلۇقلار تۈركۈمى ئۈچۈن ئىدىيەسىزلىك بىر ئاپەت بولسا، ئىدىيە پاھىشەلىكى مىڭ ئاپەتتۇر. پاھىشەلىك قىلىۋاتقان ئىشىدا ئېتىكا ۋە ئەخلاقىيلىققا ئورۇن بەرمىگەن، قىممەت پىرىنسىپلاردىن ئاللىبۇرۇن ۋاز كەچكەن، بەدەنىي مەۋجۇتلۇقى ماددىي كاپالەتكە ئىگە بولسىلا كىم پۇلىنى تۆلىسە شۇنىڭ بىلەن ياستۇقلىشىپ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ۋەزىپە قىلىدىغان بىر مەسلەك ياكى ياشاش يولى. ئەلۋەتتە پاھىشەنىڭ پاھىشەلىك يولىنى تاللىشى ئۈچۈن باھانىسى بولغىنىدەك، ئىدىيە پاھىشەلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق باھانىسى بار. لېكىن شۇنىڭ پەرقىنى بىلىش كېرەككى، پاھىشە ئادىمىيلىك قىممىتىنى سېتىپ جان بېقىشتا قانداقتۇر زورلۇقتا قالغانلىقىنى، ياكى مەجبۇرلانغانلىقىنى ياكى بىرىلىرىنىڭ زۇلۇم قىلىشى سەۋەبلىك ناپاك يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قانچە كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرىدىغان باھانە ئويدۇرسۇن ياكى ئەمەلىي شارائىت راست شۇنداق بولغانلىقتىن بۇ يولنى تاللىغان ۋە خەيرخاھلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بولۇپ كەتسۇن ئۇ بىر پاھىشە بولۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن، شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت خالاس. ئۇ تەسەللىگە ئېرىشىشى، كىملەرنىڭدۇ ئىگىدارچىلىق قىلىپ قويۇشىغا، ئۈستى - بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئىگە چىقىلغىنى بەرىبىر پاھىشەلىك ۋە پاھىشە. ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆرنەك چىقمايدۇ، ئىبرەتمۇ چىقمايدۇ. چىقىدىغان ئۆرنەك ۋە ئىبرەتمۇ پاھىشەدە ئەمەس، ئۇنىڭغا ئادەمگەرچىلىك قىلغان، بېشىنى سىلىغۇچىدىدۇر. ئەمما ئادىمىيلىكىنى سېتىش بەدىلىگە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى نومۇس بىلگەن، ئادىمىيلىك قىممىتىنى مال باھاسى قىممىتىگە چۈشۈرۈشنى راۋا كۆرمىگەن ئىپپەت ئىگىسى بولسا، ئۇ قانچە تۆۋەن، قانچە خار، قانچە زەئىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسۇن، ئۇ شەرەپ ئىگىسى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەققانىي مەيدانى ۋە مەۋقەسى ئېتىبارى بىلەن ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. بىراۋ ئۇنىڭ ئاجىز ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى تۈپەيلى قىيىنچىلىقىنى كۆرۈپ ئىگە چىققان ئەھۋالدىمۇ، ئۇ قىممىتىنى ساتقان ۋە ئىگە چىقىلغان پاھىشەدىن پەرقلىق ھالدا ئىپپەتلىك بولغانلىقى ۋە قىممەتلىرىنى قوغداشنى، ھايات مىزانىدىن چۈشۈپ بەرمەسلىكنى پاھىشەلىكتىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىگە چىققۇچى تەرەپ نەزىرىدە ھەرقاچان ئۈستۈن ۋە ھۆرمەت كۆرىدۇ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىززەتلىنىدۇ، ئەتىۋارلىنىدۇ، تەقدىرلىنىدۇ. بەنى ئىسرائىلدىكى ئاچارچىلىق زامانىدا ياشىغان يەھۇدىي قىزنىڭ ئۆز بېشىنى سىلىغۇچىسىغا ئىپپەت ۋە قىممەتلىرىگە قول تەگدۈرمىگەنلىكى، بىر قېتىملىق نومۇسىغا چېقىلىش بەدىلىگە ھاياتىي مەۋجۇتلۇقىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقتەك ھايات - ماماتلىق تەكلىپنى ئالغاندىمۇ بۇنى تەرەددۇتسىز رەت قىلغانلىقى مەدھىيەلەنگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرنىڭ تىلىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك ۋە ئىبرەت قىلىنىپ ياد ئېتىلگەنلىكى پاھىشە بىلەن ئىپپەت ئوتتۇرىسىدىكى ھايات مىزانى تۇتۇمىنى، قەدىرسىزلىك ۋە قەدىر - قىممەت، ھەمدە ئىنسانىي تەبىئەت بىلەن ھايۋانىي تەبىئەت ئوتتۇرىسىنى، مەۋجۇدىيەت كۈرىشىدە ئادىمىيلىك تۇتۇم پەرقىنى ئايرىشتىكى تەمسىل دېيىشكە بولىدۇ. ئىدىيە پاھىشەلىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. كىم كېلىپ بېشىنى سىلىسا شۇنىڭغا زېھنىيىتىنى، ھايا، نومۇس، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تۇتۇمىنى قوشۇپ تۇتۇپ بېرىشتىن يانمايدىغان، مەنپەئەت بەدىلىگە چۈشۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغان، ساتىدىغان ۋە ساتمايدىغان نەرسىلىرى بارلىقىنىڭ پەرقىدە بولمىغان تىپتىكى پىراگماتىستلىق بەئەينى ئىدىيە پاھىشەچىلىكى بىلەن كۈن كەچۈرۈش يولىنى تاللىغان بىچارىلىكتۇر. چۈنكى كىشى مۇئەييەن سىياسىي مۇئەسسەسە ياكى تەشكىلات ئاپپاراتىدا ۋەزىپىدار بولمىغان، مەشرۇئىيەت ئىگىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇتۇم ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ مىللەتكە قارىتىپ قىلىۋاتقان سۆزى ۋە تۇتۇمىدا ئالدى بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ ئەزاسى ۋە شۇ مىللەتنىڭ قىممەتلىرىنى، مۇقەددەساتلىرىنى ئورتاق قىممەت بىلگەن بىرى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان مىللەت ئەزاسى دەپ بىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى مىللىتىنىڭ بىر نەپىرى، پارچىسى سانىسا، ئۇنىڭ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ئالدىدىكى مەۋقەسى خۇددى پەلەستىنلىك شائىر مەھمۇد ئەيياد كەبى ھەققانىي ۋە دادىللىقنى ئۆز ئىمكانى ۋە سالاھىيىتى دائىرىسىدە ياقىلىغان بولۇشى تەقەززا بولىدۇ. چۈنكى مەھمۇد ئەييادنىڭ تۇتۇمى سىياسىي ۋەزىپىدارلىق، قانداقتۇر كادىرلىق ۋە يا مىللىي مەنپەئەتىنى ئويلاشقاننى باھانە قىلىپ قېرىنداشلىرىنى ساتىدىغان دەرىجىدىكى قورچاق ۋە زەئىپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇمى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇتۇمى تۇپراقلىرىنى تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكە يولى ئارقىلىق ئىشغال قىلىش نەتىجىسىدە قۇرۇۋالغان ئىسرائىلىيە ئاتلىق ئۈندۈرمە بىر دۆلەتنىڭ ئاپتونومىيەسى سايىسىدە يەكلىنىپ، قېقىلىپ سوقۇلسىمۇ، ئۆز تۇپرىقىدىن چىقىپ كېتىشكە قىستالسىمۇ، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىسىمۇ ئىسرائىلىيەدىن شەپقەت كۈتۈپ ئىناق - ئىتتىپاق ياشاشنىلا كۆزلەيدىغان ۋە بۇنى ئاتالمىش «مىللەتپەرۋەرلىك» سانايدىغان خىيانەتكار پەلەستىن ئەرەبلىرىنىڭ تۇتۇمىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۇتۇمى مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلى ۋەتىنىگە، زېمىنىغا ۋە تۇپراقلىرىغا ساھىب چىقىش يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقان، قان بېرىۋاتقان، جان بېرىۋاتقان، مىللىي خاتىرىسىنى ۋە يېقىن تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ كىم بولۇپ ئۆتكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇپ تەسلىمىيەتچىلىك، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە سەۋەبى نائېنىق باھانىلەر بىلەن بىھۇدە قىرىلىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىپ خار ۋە زەبۇن ياشاشنى ئۆلۈمدىن بەتتەر بىلىپ كەلگەن، ئاسارەتكە مەھكۇم قالغاندىن بېرى ئىزچىل شالغۇتلاشتۇرۇلۇش ۋە ماڭقۇرتلاشتۇرۇلۇشلارنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ ۋە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن شانلىق خەلقىنىڭ، يەنى شەرىپى بىلەن ياشاشنى ئەلا بىلىپ زالىمغا تېز پۈكمەيۋاتقانلىقىنى ھەققانىي قارشىلىقلىرى بىلەن دۇنياغا جاكارلاپ تۇرۇۋاتقان، ھۆرلۈكىنىمۇ، مۇستەقىللىقىنىمۇ تاجاۋۇزچىسىغا ئوخشاپ ئەمەس، ئابا - ئەجدادى ۋە مىللىي قىممەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرۈش يولىدا توختاۋسىز قارشى تۇرۇۋاتقان، بەدەل تۆلەۋاتقان مىللىتىنىڭ قىممەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇتۇمىدۇر. مانا بۇ ئارىمىزدىكى ئىدىيە پاھىشەلىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان شالغۇت زىيالىيلىقتىن نېسىۋە ئالغان بەزى تىپلار بىلەن ساغلام ئىدىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن قانداق قوللاشنى، زالىمنىڭ قارشىسىدىكى پىراگماتىستچە سۈكۈتنى ياكى مەرەزلىك ئۇۋىسى بولغان بىتەرەپلىكنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىمكانىيىتىچە ھەققانىيلىقنى دوست تۇتۇشنى، مىللىي خاراكتېرنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىلگەن پەلەستىنلىك مەھمۇد ئەيياد كەبى ھەقىقىي زىيالىينىڭ گەۋدىلىك پەرقى. سىياسەتچىلەر ھەر تۈرلۈك نىجاسەتكە دەسسەش بەدىلىگە ئۆز ئىشىنى ئاقتۇرۇش يولىنى تاللىشى ئايرىم مەسىلە. لېكىن خەلقنىڭ ۋىجدانىغا زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش كېرەكلىكنى، بىتەرەپلىك بولۇش كېرەكلىكنى تەشەببۇس قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ھەققانىي ئىنكاسلىرىدىن ئۈركۈپ ئۇنى بېسىقتۇرۇش كويىدا بولۇش ئايرىم مەسىلە. ۋىجدانىغا قارشى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ياكى بىتەرەپ تۇرۇش ئۇرۇقىنى تېرىغان خەلق رەزىل خەلق، ئۇنى خەلقىگە تەشۋىق قىلىدىغان زىيالىيلىق بولسا رەزىل زىيالىيلىقتۇر. مىللەتنىڭ سىياسەتچىلىرى مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئاغزاكى بولسىمۇ سۈكۈتنى راۋا كۆرمىگەن ۋە ھېچبىر ۋاقىت زۇلۇمنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىجابىي ئىنكاسلارغا قارشى سۈكۈتنى لازىم تۇتۇشنى، ئاتالمىش بىتەرەپلىكنى تەرغىب قىلىشنى، ئىدىيە پاھىشەلىكىنى ھەر تۈرلۈك بۆبۆلۈكلەرگە، پىروپاگاندالارغا ئوراپ بازارغا سېلىشنى قانداقمۇ زىيالىيلىق دېگىلى بولسۇن؟!
فىرانسۇز پەيلاسوپ سارتېرى ئەنە شۇنداق ئىدىيە پاھىشەلىكىگە دۈم چۈشكەن ۋە ئۇنى راۋاج تاپقۇزۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان بۇ خىل تىپلارنى «ھۆكۈمران كۈچنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قاۋاپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىتلار» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەگەر سارتېرى ئارىمىزدا بىخلىنىۋاتقان، تېخى دەرۋازا ئالدىغا باغلىنىش شەرتىگىمۇ چۈشمەي تۇرۇپ، مۇساپە ئارىلىقى قىتئە يىراقلىقىدا بولۇشىغا قارىماي ئالدىن قاۋاشنى مەشىق قىلىۋاتقان پىيونېر زىيالىيچاقلارنى، توختىماي سۈنئىي كۈن - تەرتىپلەرنى ياساپ ئۇلغايتىش ئارقىلىق مىللىي خاراكتېرنى پۈچەكلەشتۈرۈشنى، مۇسۇلمانلىق ئېڭىنى بۇلغاش ۋە بۇرمىلاشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان ماڭقۇرت يازارلارنى كۆرسە يەنە نېمىلەرنى دەر بولغىيدى، بۇنىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ.
−بۇرھان مۇھەممەد
2021-05-15
---
Uygar jewlan:
پىكىرى بارلار پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ پەقەت پىكىردىنلا ئىبارەت. پىكىر دېگەن ۋاقىتلىق كۆز قاراش بولۇشى مۇمكىن، ئىدىيە بولسا نىسبەتەن مۇقىم كۆز قاراشتۇر، نۇرغۇن پىكىرلەر جەم بولۇپ تۇراقلاشقاندا ئاندىن ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. شۇڭا بىرەر يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرگە قاراپ ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە «سېنىڭ ئىدىيەڭ زادى شۇنداق»دەپ پىچاق ئۇرىۋېتىش ئىدىيە قاسساپلىرىنىڭ ئىشىدۇر. مەلۇم پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلسا بىر نېمىنى بىلىدىغان ئادەم ئۇنى توغرا تاپىدۇ ياكى تاپمايدۇ؛ ھەممە ئادەم قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدىغان ئىش يوق؛ باشقىلارنى ئەقىلسىز كۆرۈپ نېمە، دېسە ئەگىشىدۇ دەپ قاراشمۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك. پىكىر بەرگەنلەر پەقەت پىكىر بېرىدۇ، پىكىرلەرنى ئويغىتىدۇ ياكى چالغىتىدۇ؛ ۋەزىپىسى شۇنچىلىك. ئەمما ئۇنى ئىدىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ«ئىدىيە پاھىشەلىكى» قىلىۋاتىدۇ دەپ گەپ يورغىلىتىش ۋە بۇنى دەبدەبىلىك قوپال ئىبارىلەر بىلەن ھەقلىق كۆرسىتىش كىشىنى سەسكىندۈرىدۇ. ئانچىكى سىياسىي كۆز قاراش يازمىلىرىغا «ئىدىيە پاھىشەلىكى» دېيىلسە، ئۇ ھالدا مۇخالىپ پىكىر ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسى «پاھىشە» بولامدۇ؟ ئۇ ھالدا بۇ قوپال ئىبارىنى ئىلمىيلىك نامىدا قوراشتۇرۇپ ئارقىدىن ئۆزى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئۇ ئاپتورنى «ئاغزى بۇزۇق ئىلمىي پاھىشە» دېيىش كېرەكمۇ؟ قوپال گەپتىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئاكادېمىكلار قالتىس ھە. ئەسلىدە قوپال، سېسىق گەپتىن قىتىغۇر ئاياللار، ئاچچىقى ئىچىگە پاتمايدىغان ئەرلەر بەكرەك ھۇزۇرلىنىدىغان . يازمىنىڭ ماۋزسىغا بۇنداق قوپال مەجازلارنى ئىشلىتىشمۇ بولىدىغان چارىكەن، خۇددى ساتراشخانىنىڭ ئالدىدا يوتىسىنى چىقىرىپ ئولتۇرغان تەتەيگە ئوخشاش جەلپ قىلارلىق بولىدىكەن.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Uygar Jewlan
ئۇيگار جەۋلانغا:
دەل سىز ئېيتقاندەك، پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلۇۋاتىدۇ. پىكىرنىڭ خاراكتېرى مېنىڭكىگە ئوخشاش تەنقىدىي بولۇشى ياكى سىزنىڭكىگە ئوخشاش گەپ يورغىلىتىش ھەققىدە گەپ يورغىلىتىشنى مەزمۇن قىلغان چاپانچىلىق تۈسىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. بولۇۋاتقان دىياگنوز، مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەر مۇنداقلا جىجىلاپ قويۇپ چىقىرىلىۋاتقان كولدۇرلاتما گەپلەر ئۈستىدە بولمايۋاتىدۇ. چىقىرىلغانلىرى ئۆرنەك، مىساللار خالاس. ئىدىيە پاھىشەلىكى بىرەر ھەپتىلىك ماجىرادا كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس. بىر قانچە يىللاردىن بىرى قېتىملاپ سادىر بولۇۋاتقان، يازمىلاردا تەكرارلىنىۋاتقان ھادىسە. سىز بۇنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن بولسىڭىز بۇ ئۆزىڭىز كۆتۈرۈپ بېرىۋاتقان تەخسىنىڭ كىمگە ئائىتلىقىنى پەملەپ بولالماي يۈرۈۋاتقانلىقىڭىزدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
سىز پىكىردىن ئىدىيەگە دىياگنوز قويدىڭىز، پىكىرلەر ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئىدىيە نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ، دەپ گەپ ئوينىتىپ بېقىپسىز. پىكىر دېگەن شۇ ئىدىيەنى مەنبە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەرسە. سىزنىڭ بۇ قۇرغاق مەنتىقىڭىز بويىچە قارىساقمۇ، مەزكۇر تەنقىد ۋە دىياگنوزمۇ ئاشۇ سىز ئاقلاۋاتقان ۋاقىتلىق كۆز قاراشلارنى دېگۈزۈۋاتقان، يازدۇرۇۋاتقان ھېلىقىدەك «بىر قەدەر مۇقىملىققا ئىگە ئىدىيەنى»نىڭ خاراكتېرىگە ۋە تەبىئىتىگە قارىتىپ يېزىلغان. ئەتەي رەڭ قارىغۇسى بولۇۋېلىش ھاجەتسىز. سىز سەھىپىدە بۇ ۋە بۇندىن بىرى يېزىلغان تەنقىدلەرنى ئوقۇسىڭىز سىز گەپ ئوينىتىپ ھېسداشلىق قىلىۋاتقان تىپلارنىڭ زېھنىيىتىگە مەزكۇر ماقالىنىڭ تېمىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن قويۇلۇپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىسىز. تەنقىدتە ئوبيېكت بولۇۋاتقىنى زېھنىيەت ۋە پىكىر ئارقىسىدىكى ئىدىيەلەر ۋە تۇتۇم مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. سىز ئانچىكى جۈملىگە «ئىدىيە پاھىشەلىكى قىلىۋاتىدۇ» دەپ بولالمىغان بولسىڭىز، سىزگە كونكرېتراق دەيدىغىنىم شۇ: يازما ۋە چىقىرىلغان مىسال ئۆرنەك خالاس. لېكىن «ئىدىيە پاھىشەلىكى» مۇشۇ بىر ئىككى يازمىغىلا قارىتىلغان ئەمەس. يىللاردىن يېزىلىپ - سىزىلىۋاتقان ئىدىيە ياكى ئىدىيە دېگىلىمۇ بولمايدىغان ئەخلەت نۇقتىئىنەزەرلەرنى توپ ۋە پارچە تارقىتىشنى ۋەزىپە قىلىۋاتقانلىقى بىلىنگەن تىپلارغا قارىتىلغان. ھەم دىياگنوز بىرلا قېلىپ، بىرلا تەرزدە بولمايدۇ، ھەر نۇقتىدىن كۆزىتىلگەندە ئوخشىمىغان ۋە بىر بىرىنى تاماملايدىغان دىياگنوزلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
خالىسىڭىز مىسالدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئۆز گېپىڭىزنى يورغىلىتىڭ، خالىسىڭىز سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ تارازىغا توختىغىدەك گەپ ئوينىتىڭ، ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. ئەمما شۇنى تەكىتلەيكى، مەسىلىنىڭ تەبىئىتىگە، خاراكتېرىگە قارىغۇدەك نەزەر يېتىلدۈرۈپ بولالمىساق، نەزەر ئىگىلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرساق، ياكى ئىدىيە ۋە كۆز قاراش ئۇقۇملىرىنى پەرق قىلالايدىغانلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ قويساق ياخشى. شۇ چاغدا تەخسىنى قاملاشتۇرۇپ كۆتۈرسەكمۇ ئالدىراپ چېقىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
Uygar jewlan:
ئەگەر پىكىرگە پىكىر بىلەن رەددىيە قايتۇرۇلغان بولسا بۇ يەردە ئىنكاس يېزىپ يۈرمەيتتۇق. «ئىدىيە پاھىشەلىكى»دېگەن تومتاق، سېسىق ئىبارىدىن پىكىر تەنقىدى چىقىدۇ دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك، ئىلمىي تەنقىدنى مۇشۇنداق »ئۆتكۈر ھەم سېسىق»قىلىمىز دېسىڭىز بۇ سىزنىڭ بىلىدىغان ئىشىڭىز، ئەمما قارشى تەرەپ سىزنىڭ مەمەدانلىقىڭىز ۋە ئۆكتەملىكىڭىزنى، ئىلمىي سەۋىيىڭىزنىڭ چاغلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. مەن پىكىردىن ئىدىيەگە دىياگنوز قويمىدىم، بەلكى پىكىرگە قاراپ ئىدىيەگە ھۆكۈم قىلىش ئىلمىيلىك ئەمەس دېمەكچى. ئەكسىچە سىز مەقسەتنى بۇرمىلاپ، پىكىر دېگەن ئىدىيەنى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەرسە دەپ يەنە گەپ يورغىلىتىپسىز. مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن گەپ يورغىلىتىش، يالتىراق گەپلەر بىلەن بەزەپ ئوخشىتىشلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىك بايقىمىدىم. نە يېڭى بىر پىكىر، نە بىر ئىلمىيلىك. ئۆتكۈرلۈك دېگەن ئىدىيەدە بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىدىيە پۈچەك بولسا، قاراشلىرىڭىز چەك باسمىسا سۆزگە، دەبدەبىلىك ۋە قوپال ئىبارىگە بەكرەك كۈچەيدىغان ئىش چىقىدۇ. پېقىرنى چاپانچى دېگىنىڭىزگە ھەيران قالمىدىم، چۈنكى سىز چاپان كەيدۈرۈشكە، قالپاق كىيگۈزۈشكە، سېسىق گەپتىن ھۇزۇرلىنىشقا خۇمار«ئاكادېمىك»كۆرۈنىسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Uygar Jewlan
(2) ئۇيگار جەۋلانغا:
يەنە تەكرارلاي: پىكىر، كۆز قاراش دېگەنلەر تامنىڭ تۆشۈكىدىن چۈشۈپ قالىدىغان ياكى يانپاشقا ئۇرسىلا كاللىغا موگودەك ئۈنۈپ قالىدىغان نەرسىلەر ئەمەس. مېنىڭ سىزنىڭ مەنتىقىڭىزگە چۈشۈپ بەرگەن تەقدىردىمۇ دەپ ئىلاۋە قىلىشىممۇ شۇنىڭدىن. سىز ئىلگەكنىڭ گېپىنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ قويۇپ ئىلگەككە دائىر گەپ قىلىنسا: ياق مەن ئەلگەكنى دەۋاتسام، دەپ ياماشسىڭىز ئورۇنلۇق بولمايدۇ.
مەن «ئىدىيە پاھىشەلىكى» دېگەن بولسام گەپنى تومتاقلا دەپ قويمىدىم. ئەكسىچە قايسى نۇقتىئىنەزەردە شۇنداق دېيىلىدىغانلىقىنى تەمسىل، تەشبىھلەر بىلەن، مۇقايەسە ۋە سېلىشتۇرما تەھلىللەرگە يۇغۇرۇپ بايان قىلدىم. شۇنچە ھەجىملىك يازما ئىچىدىن سۈزۈۋېلىنغان تۆت تال كىنايە مۇبارەك كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن قىلىپ سىزنى بۇ دەرىجىدە چىچاڭشىتىۋەتكەن بولسا، يازمامنى لايىقىدا ھەزىم قىلىپ ئوقۇۋاتقان شۇنچە كۆپ ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىن ئاتايىن سىزگە يازمىنى ھاۋانچىدا سوقۇپ ئاغزى - بۇرنىڭىزدىن ماڭدۇرۇپ ھەزىم سىستېمىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش ۋەزىپەم يوق. سىزنىڭ تەنقىدكە چىدىمىغان ۋە ھەزىم قىلىشقا ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلەرنىڭ ياكى تەنقىدنىڭ جايىنى تاپقانلىقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا بىر - بىرىگە پاس چىقىرىپ دېيىشىدىغان گەپلىرىنى ۋە ياكى چىدىماسلىقلىرىنى «دەبدەبە»، «قوپال ئىبارە»، دېگەندەك ۋايساشلىرىغا يوشۇرۇپ كۆڭلىنى تىندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گەپلىرىنى بۇ يەردە ئۈزۈندە قىلىپ تەكرارلاپ ئولتۇرغىنىڭىزدىنلا ۋاكالىتەن شۇلارنىڭ ئىچ - باغرىنى تۆكۈپ قويغىلى كىرگىنىڭىز مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. پاھىشەلىك ئەخلاقىي نۇقتىدىن تەنقىدلەنگىنى بىلەن «دېموكراتىك» تۈزۈملەردە قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغان كەسىپ بولغىنىغا ئوخشاش، ئىدىيە پاھىشەلىكىنىڭ قانۇنىي ھىمايىچىلىكىنى ۋاكالىتەن ئۈستىگە ئالىدىغان پىدائىيلارنىڭ ئازدۇر - كۆپتۈر پەيدا بولۇپ تۇرۇشى ھەيران قالغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس.
يەنە بىرگە، سىز دەۋاتقاندەك ئۆتكۈرلۈك قانداقتۇر ئىدىيەدە بولىدۇ، دەيدىغان قائىدە يوق. ئىدىيەدە ساغلاملىق ياكى پۈچەكلىك بولىدۇ. ساپلىق ياكى بۇزۇقلۇق بولىدۇ. مۇستەقىللىق ياكى تەقلىدچىلىك بولىدۇ، مەزمۇتلۇق ياكى ئاجىزلىق بولىدۇ، تۇتۇقلۇق ياكى روشەنلىك بولىدۇ. تۇتۇملۇق ياكى تۇتۇمسىزلىق بولىدۇ. ئۆتكۈرلۈك بولسا، پىكىردە، كۆز قاراشتا، ئەقلىيلىكتە، نەزەردە بولىدۇ. شۇنداقلا پىكىر ۋە نەزەردىكى ئۆتكۈرلۈك تىلدا، ئىبارىلەردە ئەكس ئېتىدۇ. پىكىردە ئۆتكۈر تۇرۇپ ئىپادىدە ئاجىز كېلىپ قېلىش يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىش. پىكىر ۋە نەزەردە ئۆتكۈر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى تىل ۋە ئىبارىلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلسە پىكىر يوق، ئۇ يوق، بۇ يوق دەپ ئىنكار بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ گەپ يورغىلىتىش ئىنساپتىن ئەمەس. تەنقىدنى تەنقىدنىڭ ۋەزنىدە ئوقۇشنى بىلمەي ماقالىدە شۇنچە ئۇزۇن تەھلىل ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر بېرىلسىمۇ كۆرمىدىمگە سېلىپ، لوپا ئەينەكتە سۈزگەندەك تۆت تال كىنايىنى، ھەقلىق دىياگنوزنى سۆرەپ چىقىپ «سۆز ئىبارىگە كۈچەپسەن، تومتاق، سېسىق ئىبارە ئىشلەتتىڭ، ماقالىدە ئىلمىيلىك، پىكىر، ئىدىيە كۆرمىدىم» دېگەندەك قارىسىغا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش بەغەرەزلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. سىز بۇنداق چېپىلىپ قالغان بىلەن سىز ھەزىم قىلالمىغانغا ياكى كۆرەلمىدىم دەپ تۇرۇۋالغانغا بار يوققا، يوق بارغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. خالىسىڭىز «قىممەتلىك» پىكىر - كۆز قارىشىڭىز بىلەن «ئۆتكۈر ئىدىيە»رىڭىزنى يازمام ئۈچۈن مالال قىلىپ ئولتۇرماي ئوقۇمايلا قويسىڭىز ئارتۇقچە تاكاللىشىپ ۋاقتىڭىزمۇ ئىسراپ بولمايدۇ. ياق، مەن زادى ئۆز گېپىمنى گەپ ئەتمىگۈچە بولدى قىلمايمەن، دەپ قالسىڭىز سىزگە تەۋسىيەم: ئاۋۋال سىز ماقالىنى ئوڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىساللار، ئۇقۇم ۋە مۇقايەسەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مەزمۇن سۈزۈپ چىقىپ، قايسى مەسىلىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭقىرىپ، قانداق رېئاللىققا قايسى نۇقتىئىنەزەردە تەنقىد قىلىۋاتقىنىم ھەمدە قانداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمنى بىلىپ كېلىپ، قىسقىسى، نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ كېلىپ ئاندىن تاكاللىشىشنى ئويلىشىپ باقارسىز. شۇ چاغدا ئىپادىڭىزگە قاراپ بېقىپ، سىزنىڭ قارىسىغا گەپ ئوينىتىپ ئەتەي ئۈسكىلى كىرگەن ياكى سەمىمىي ئېتىراز بىلدۈرگىلى كىرگەنلىكىڭىزنى، مەخسۇس قورساق كۈپۈكىنى چىقارغىلى كىرگەن ياكى تەنقىدكە يوللۇق ئېتىراز قىلغىلى كىرگەنلىكىڭىزنى دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن سىز بىلەن زاكونلىشىشنى ئويلىشىپ باققايمەن. ۋەسسالام!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى