قۇتراۋاتقان ۋە قۇترىشىپ بېرىۋاتقانلارغا
قۇتراۋاتقان ۋە قۇترىشىپ بېرىۋاتقانلارغا
ئەجداد سۆزلىرىدىكى «تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ» دېگەن تەمسىل مىسالى كۈنىمىزدە مىللەتنىڭ قوينىدا يېتىشكەن سەرخىللىرى، ئوقۇمۇشلۇق ۋە پىكىر ساھىبلىرى مىللەتتىن ئايرىپ تاشلانغان، قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىنىپ ئىلىمنىڭ ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ يولى توسۇلغان، ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم - مەرىپەت كارۋىنى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق لەھزىلەردە پىكىر ۋە ئىلىم بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشنى ئويلىشىدىغان ئاۋانگارتلار ئۈن - تىنسىز بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقىنىدەك، يەنە توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغان بىر قىسىم ئىلىم ئوغرىلىرىنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقى، شالغۇت زېھنىيەت نىمكەشلىرىنىڭ ئىجارە ئېلىنغان ئىدېئولوگىيەلەرنى مىللەتكە يۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقى پاكىتلىرى بىلەن قوشۇپ ئوتتۇرۇلۇقتا كەزمەكتە. مەزكۇر شالغۇت زېھنىيەت ئىگىلىرى مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىلمىي جەھەتتىن بولسۇن، ھەر قەدەمدە بۇرنىغا يەپ تۇرۇۋاتقان بولۇشلىرىغا قارىماي تىپىرلىماقتا ۋە پۇرسەتپەرەسلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يوللارنى ئۇرۇنۇپ كۆرمەكتە.
شۇنى ئەسلىتىشتە پايدا باركى، پىكىرگە كۈچ بىلەن جاۋاب قايتۇرماقچى، قەلەمگە قورال بىلەن ياكى پاكىتسىز ھالدا تىل - ئاھانەت، قارىلاشلار بىلەن ۋەياكى ئىلىم ئەخلاقىغا ياتمايدىغان ھەرقانداق ۋاسىتە ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولۇش نامەردلىكنىڭ، ئاجىزلىقنىڭ، زەيپانىلىكنىڭ ئىپادىسى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پىكىرگە پىكىر بىلەن، قەلەمگە قەلەم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، نادانلىققا ئىلىم بىلەن، سەپسەتىگە ھەقىقەت بىلەن تاقابىل تۇرۇش مەردلىكنىڭ، پەزىلەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يەنە شۇنىڭدەك، مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئۇنىڭ بىر ئەزاسى ۋە داۋامى سۈپىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئۆكتىچىلىرىگە ئايلىنىۋالغان، مىللەتنىڭ مىللەتچىسى قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ زېھنى بىلەن ئوينايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئىگەللىگەن بىلىمنىڭ مەھسۇلىنى تەقدىم قىلىشتەك ئىلمىي ئەخلاقتىن، لاياقەت ۋە سالاھىيەتتىن يوقسۇزلۇقىغا قارىماي پەقەتلا جۈملە قۇراشتۇرۇش تالانتىغا تايىنىپلا مىللەتنىڭ ھېچبىر قىممەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماستىن شالغۇت ئىدېئولوگىيەلەرنى ۋە پىشمىغان ھەمدە ياتلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى سىڭگەن ئەبجەش چۈشەنچىلەرنى ھېچبىر ئىلمىي تارازىغا تارتماستىن تۆكمە قىلماقچى ۋە شەخسىي ئىستەكلىرىگە باقىدىغان سۈنئىي بازار شەكىللەندۈرمەكچى بولۇشلار ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بولغىنىدەك، بۇلارغا قارىتا ۋاقتىدا تۈزەتمىلەرنى بېرىش، ناچار ئىستىل سىڭگەن سۇيىقەستلەرنى پاش قىلىش ھەمدە مەزكۇر قەلەم ساۋاتىغا تايىنىپ قىلىنىۋاتقان ئىلىمگە، تارىخقا ۋە ئەدەبىياتقا قىلىنىۋاتقان ھايانكەشلىكلەرگە ساھەنىڭ يولى ۋە قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئۇسۇلدا رەددىيە بېرىش، ھەتتا پاش قىلىپلا قالماي يەنە توغرىسىنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇش مەسئۇلىيەتتىن ۋە ئەخلاقتىندۇر.
ئېتىراز سۈپىتىدە چىقىۋاتقان سادالارنىڭ ئەلپازدىن قارىغاندا، قەلەم ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ئىلمىي خىيانەتلەرنىڭ پاش قىلىنىۋاتقانلىقى، پىكىر بويىقى بىلەن بويىۋېتىلگەن ھېسسىي ۋە ساختا ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تېگىشلىك ۋە مۇناسىپ يول بىلەن جاۋابقا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەزكۇر تارىخ ئوغرىسى ۋە ئىلىم ھايانكەشلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپلا قالماي يەنە بىر تۈركۈم گۇپپاڭچىلارنى، قەلەم ساۋاتى چىققانلىقنى يازغۇچىلىققا تەڭ دەپ ئويلىۋالىدىغان كونا چاپتىكەشلەرنى، زېھنىيىتى پوزىتىۋىزمنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ساختا بىلەرمەنلەرنى ئۇۋىسىدىن چۇۋۇۋەتكەندەك. نە ئىلمىي ئەخلاقتىن، نە ساغلام تەپەككۇردىن نېسىۋە ئالمىغان ۋە ھەتتا ئوقۇۋاتقان نەرسىلىرىنى نورمال تەپەككۇر بىلەن چۈشىنىشنىمۇ جايلاپ قاملاشتۇرالمايدىغان بۇ ئاۋارىگەرلەر تۈگەل گۇمانغا تايانغان ۋەسۋەسە خاراكتېرلىك ئەندىشىلىرى سايىسىدە تەنقىدلىنىۋاتقان ۋە ئوتتۇرىغا تاشلىنىۋاتقان ھەمدە پاكىتلىق ھالدا يېزىلىۋاتقان تەنقىدلەرگە سوغۇققان بولۇش ئورنىغا ئىنتايىن تۇتامسىزلارچە، نوقۇل قارىسىغا چۆكۈرۈش، مەسىلىنىڭ سەۋەب - ھېكمەتلىرىگە ئەقلى يەتمىگەنلىكىگە باقماي بىمەنىلەرچە باھالاش ۋە قارىسىغا ھۆكۈملەش تىپىدىكى غەرەزلىك تەشۋىقاتلارغا تۇتۇنماقتا. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يېزىپ چىقىرىۋاتقان نەرسىلىرىنى نەچچە تۈزىتىپ تەھرىرلەپ چىقىرىشقا مەجبۇر قالغۇدەك دەرىجىدە تۇتۇرۇقسىزلاشقان ھالدا تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتەك ئەقەللىي قائىدىدىن يوقسۇن بۇ ئاۋارىگەرلەرنىڭ قېرى - ياش پەرق ئېتىشمىگەن ۋە چوڭ - كىچىك ھۆرمەت پاسىللىرىنى بىر چەتكە قايرىغان ھالدا بىر - بىرىگە ئەتەي پاس چىقىرىشىپ يېزىلغان ئىنكاس ۋە يازمىلىرىدا ئوبزورلارنى چۆكۈرۈپ بېقىۋاتقانلىقى، ئىلىمگە ئىلىم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي قارىسىغا تون پىچىپ باھالاۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ پاجىئەلىكى بولسا، يېزىلغان تەنقىد ئەسىرىنىڭ ئوبزورغا خاس تۇتۇم، مېتود ۋە ئەتراپلىق تەھلىللەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇشىغا قارىماي، مەزكۇر چاپتىكەش ۋە ساختا بىلەرمەنلەرنىڭ «بىرىنچى قىسىمنىڭ 4 ئابزىسىنى ئوقۇپلا ۋاز كەچتىم»، «ئىككى ئابزاس ئوقۇپلا ئوقۇمىغانتىم»، دېگەندەك ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى ئۆز قوللىرىدا تۆكىدىغان ئىپادىلەرنى ئېيتىپ تۇرۇپ بىر پۈتۈن ئوبزورغا باھا بەرمەكچى، ئوبزورغا قارىتا بىرەر تۇتاملىق ياكى قايىل قىلارلىق رەددىيە يازالماي كۆكەمىلىك ۋە ئۇششۇقلۇق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ ئاپتورىغا چاپانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، گۇپپاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە دەستەكچى بولماقچى بولۇشلىرىدۇر. ئاۋارىگەرلەرنىڭ قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي قائىدىگىمۇ رىئايە قىلماستىن، ھەمدە تەنقىد ئەسىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ھەزىم قىلماستىن كاھىنلارچە بىلجىرلاپ بېقىۋاتقانلىقى ئۇلاردىكى ئىلىمگە، پىكىرگە قارىتا ئەستايىدىللىق ۋە ئەخلاقىي تۇتۇمنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇلار يەنە ئۆز ئېتىرازلىرىدا ئوبزورنى ئازراق ئوقۇپلا ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق گويا ئوقۇشقا تاقىتى يەتمىگەنلىك تۈسىنى بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابىنىڭ ئۇ قەدەر بىمەنە ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارغا تولغان ئەسەر بولۇشىغا قارىماي، پەقەتلا مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چىداپ تۇرۇپ باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىققان ۋە سۆزلىنىۋاتقان تېمىغا قارىتا بىرمۇبىر نەقىل بېرىپ تۇرۇپ تەنقىد يازغان كەمىنىگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزچە يۈكلىنىپ بېقىشلىرى كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ. يېزىلغان ئوبزورنى تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپ بىلجىرلاشلىرى، توپ ۋە پارچە باھالارنى تەپتارتماي بېرەلەيدىغان داپشاقلىقنى سادىر قىلىشلىرى مەزكۇر بىچارىلەرنىڭ كىچىك تىپتا بولسىمۇ «ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ ئاپتورىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇيغۇر بۇلاقنىڭ ئاپتورىنى ھەرقانداق سەۋىيەسىزلىك ۋە ناچارلىق بەدىلىگە بولسىمۇ قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماقچى بولغانلىقلىرىنى، ياكى بولمىسا تەرەپپازلىق ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېھتىماللىقلارنىڭ قايسى بىرى مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق ئاڭسىزلارچە، مۇتەئەسسىپلەرچە قارشىلىق كۆرسىتىشلەر چاكىنىلىقنىڭ، زەيپانىلىكنىڭ ئىپادىسى خالاس.
دەرۋەقە، ئەدەبىي ئوبزور ۋە تەنقىدچىلىك قائىدىلىرىدە ئەدەبىي زوقنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، بەدىئىيلىك ۋە ئىدىيەۋىلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش، بەدىئىي تەسۋىر ۋە ئوبرازدا چىنلىق ۋە تىپىكلىكتە تەلەپكە چۈشكەن ياكى چۈشمىگەنلىكىگە قاراش، ئەسەرنى ئومۇملۇق ۋە پۈتۈنلۈك نۇقتىئىنەزەرىدە كۆزىتىش قاتارلىقلار ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. تەنقىدتە يېزىلغان بايانلار، ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىدىيەلەر، قوللىنىلغان ئېماگلار، تەتبىقلاۋاتقان ئۇسلۇب ۋە ئىشلىتىلگەن سۆز-ئىبارىلەرنىڭ كونتېكىستتىكى ئورنى، بەدىئىي تەسۋىردىكى تىپىكلىكى قاتارلىقلارغا دىققەت بېرىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىش، بېكىتىش ئارقىلىق يەكۈن ۋە خۇلاسىلەر چىقىرىلىدۇ. بۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمەي چىقىرىلغان باھانىمۇ باھا دېگىلى، تەنقىدنىمۇ تەنقىد دېگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي سۇۋاقلار يالىتىلغان ئىبارىلەردە ئاپتورمۇ ئاقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن «ئاق» دېگەن كونكرېت بىر سۈپەتنى ئىشلىتىپ توختىمىغاندەك، تەنقىدتىمۇ «ئاق»، دېيىلگەننى قارا، دېدى دەۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا «ئاق»نى «ئاق»، دەپلا ئىپادىلەشمۇ ئەدەبىيلىككە كىرمەيدۇ. ئۇنداقتا ئەدەبىي ئەسەرگە ئەدەبىيچە مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنغاندەك، ئەسەرنى تەنقىد ئوچۇقىغا سالغان ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭ قائىدىلىرى ئاساسىدا تەھلىل ۋە ئوبزور ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەنقىد پائالىيىتىنى تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا تەنقىدچىلىكتە ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ۋە قائىدىسى ئاساسىدا باھا ۋە خۇلاسىلەر چىقىرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئەقلىي ۋە ئەدەبىي تەھلىللەر ئاساسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. يېزىلىۋاتقان ئوبزورنىڭ بۇ جەھەتتىن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدە تارتىشىش ئارتۇقچە. ئىنگلىزلارنىڭ مەشھۇر ماقال تەمسىللىرىدىن بىرىدە ئېيتىلغاندەك: ناۋادا يىراقتىن كۆرۈلگەن بىر جاندارنىڭ مېڭىشىمۇ، تۇرقىمۇ، ئاۋازىمۇ ئۆردەككە ئوخشاپ كۆرۈنسە، دېمەككى ئۇنىڭ ئۆردەك بولۇشى چوقۇم. خۇددى شۇنىڭدەك، تەنقىد ئوچۇقىغا سېلىنغاندىن كېيىن تاۋلاپ چىقىلغان ئەسەرمۇ قانداق تاۋلانغان بولسا، شۇ بويىچە يەكۈنلىنىپ چىقمىقى بەرھەق. تەنقىدى نەزەرنىڭ ئەھمىيىتى، خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە ئوبزورىمىزنىڭ كىرىش سۆزىدە تەمسىللەر ئاساسىدا ئاممىباب تىلدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزنى نەزەرگە ئالساق، مەزكۇر تەنقىدنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يېزىپ چىقىلغانلىقى، ئۇسلۇب ۋە مېتود بەلگىلەنگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇنىڭ سۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرۇلۇقتا. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ھەقىقىي تەنقىدنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ تەرەپبازلىق قىلىۋاتقان، ئوبزورنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇشنىمۇ قولاشتۇرالمايۋاتقان چاپتىكەشلەر ۋە چاپانچىلىق ئۈچۈنلا چاپان كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىلەرمەنلەر بۇ ساھەدە بوي كۆرسىتىشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى ئۆزى كۈلكىگە قويىدىغان يۇقىرىقىدەك ئالىقاناتچە ۋە مۇتەئەسسىپچە تۇتۇملاردىن ئېرىغدىلىپ تۇرۇپ چۇقان كۆتۈرۈشى كېرەك ئىدى. بىراق، سۆز - چۆچەك ھېسابىدىكى پاخال ئېتىرازلىرىغا، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش تىپىدىكى تىرناق ئېچى «باھالىرى»غا تايىنىپ قېلىشقىنىغا قارىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ باھالىرىدا يالغۇز «ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ ئاپتورىنىڭ ئۇششۇقلىقىغا پاس چىقىرىشىپ بەرگەندىن سىرت، ئۆزلىرىنىڭمۇ تايىنلىقلىقتا قېلىشمايدىغانلىقلىرىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
يېزىلغان ئەسەر ئوتتۇرۇلۇقتا، ئوبزورىمۇ شۇ. مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەر قانداقتۇر بەتنامچىلارنىڭ ئەزۋەيلەۋاتقىنىدەك ئەمەس، ئەكسىچە ئەسەرنىڭ بەدىئىي قۇۋۋىتى، تۈپ ئىدىيەلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتور قەلىمىدە ئىپادىلىنىۋاتقان شالغۇت زېھنىيەت ۋە بۇ زېھنىيەتتىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىدىيەلەر تەنقىدلەندى. قانداقتۇر ئاپتورنىڭ شەخسىيىتى مەركەز قىلىنىپ تەنقىدلەنمىدى. مەسىلىگە دىنىي نۇقتىدىن باھا تېخىمۇ بېرىلمىدى. شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭغا قايتۇرما جاۋابمۇ قانداقتۇر «تۆھمەت قىلدى» يەي، «دىنغا قارشى قالپاق كىيدۈردى » يەي، دېگەندەك كۆكەرمىلىك قىلىش، ياكى يۈزنى داپتەك قىلىپ بولۇۋېلىش، ياكى بولمىسا بىچارىلەرچە ئىڭراپ مەزلۇم سىياقىغا كىرىۋېلىش ۋە بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا تېۋىنىش ئاساسىدا ئۆزىنى گويا ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك كۆرسىتىش تەرزىدە ئەمەس، ئەكسىچە پاراللېل سەۋىيەدە ئەسەرگە ئەسەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونكرېت پاكىتلار، دەلىللەشلەر ۋە ئەتراپلىق تەھلىللەرگە قارىتا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىش بولۇشى لازىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەسەرگە قارىتا قانداقتۇر قۇترىشىۋاتقانلار قىلىۋاتقاندەك، يوشۇرۇن ئاڭغا ئورناپ كەتكەن ئادەم يېغىپ پىپەن قىلىش تىپىدىكى خىتايچە تىياتىر قويۇش تۈسىدە مۇئامىلە قىلىنماستىن ئەسەرگە ئەسەر بىلەن يولىدا ئوبزور ئېلان قىلىنغان ئىكەن، قايتۇرما ئىنكاسمۇ قەلەمگە قەلەم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئۇسۇلىدا بولۇشى كېرەك. مەسىلە ئەدەبىي ساھەگە چېتىشلىق بولغان ۋە قەلەم بىلەن بېرىلگەن رەددىيەنى شۇ ساھەنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قەلەم بىلەن قايتۇرۇش كېرەك بولىدىغان بولۇشىغا قارىماي، خۇددى نۆۋەتلىشىپ ئۆيىدە قاتار چاي ئوينايدىغان بىر ئانسامبىلنىڭ مۇۋەققەت سازەندىلىرىدەك بىر كۈنىسى ئۇ سەھىپىگە، يەنە بىر كۈنىسى بۇ سەھىپىگە توپلىشىپ پىپەن قىلىش، قارىسىغا چۆكۈرۈپ ئىغۋاگەرلىك قىلىش قانچە ساپاسىزلىق بولسا، مەسىلىنىڭ قائىدىسىنى نەزەرگە ئىلماي، قانداقتۇر ئاغزاكى سۆھبەت شەكلىدە، ياكى تېلېۋىزور ئېكرانى ۋەياكى چايخانا پاراڭلىرى تۈسىدە ئوبزور مەسىلىسىنى پاراڭ تىلى ئارقىلىق ھەل قىلىۋالماقچى بولۇشقا ئۇرۇنۇش بولسا، ئىشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىك، ۋەزنىنى دىتلىيالماسلىق، شۇنداقلا ئۆزى پۇت سالغان ساھەنىڭ قائىدىسىنى چۈشەنمەيدىغان باسقۇچتا تۇرۇپ سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەسىلىگە بۇ دەرىجىدە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىلىم ساھەسى بىلەن سىياسەت ساھەسىنى پەرق قىلالمىغانلىق، مەسىلىگە ئىلىم بىلەن ئەمەس، تەتۈر تەشۋىقات شەكلىدە مۇئامىلە قىلىش بولۇپ، بۇنداق تەنتەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە، سۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشتان سالغانلىق، جەڭ بولماي تۇرۇپ ئاق بايراق چىقارغانغا باراۋەر.
ئوبزورغا بولالماي قۇتراۋاتقانلار ياكى ئۆتكۈنچە قۇترىشىپ بېرىۋاتقانلار بولسۇن، ئومۇمەن بۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ سەمىمىيەتتىن سۆز ئېچىپ تۇرۇپ سەمىمىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى، خام تەخمىنلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، ئىلمىيلىكتىن، پىكىردىن سۆز ئېچىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە سەھىپىلەر ئارا غەيۋەتچىلەر كۇلۇبى ئېچىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇلارغىمۇ گەپ يۇقىرىقىدەك بولۇپ، ساقال تاشلاۋاتقان ساھەنى بىلسە، بىلگەنچە ئويۇننى قائىدىگە چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم. پىكىرگە سەۋىيەسىز مازاقلار بىلەن ئەمەس، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى، ياراتقۇچى قەسەم بىلەن تىلغا ئېلىش ئارقىلىق شەنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، سەپسەتىلەر ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى قورال قىلىپ ياراتقان، ئەقىل ۋە پىكىرنىڭ خادىمى بولغان قەلەمنىڭ ھەققىنى لايىقىدا ئادا قىلىشقا تىرىشىشى، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاغزاكى پاراڭ سۆھبەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشتەك كالامپايلىقلار بىلەن ساپاسىزلاشماسلىقى، مەسىلىگە غەرەزلىك، مەككارلىق بىلەن ئەمەس، ئەستايىدىللىق ۋە ئىلىم ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئەدەپتىن ۋە ئىنساپتىندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، يۇقىرىقى مەشھۇر ماقال تەمسىلىدىكىدەك، ئىلىمگە ۋە پىكىرگە تۇتقان يۈرۈش - تۇرۇشلار (مۇئامىلىلەر) گە ۋە چىقىرىۋاتقان چۇقان - سادالارغا قاراپ قۇتراۋاتقان ۋە قۇترىشىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ماھىيەتتە ئۆردەكتىنمۇ پەس جاندارلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھۆكۈم قىلماقتىن، ئەمەلىيىتىگە قاراپ خاراكتېرى بويىچە مۇئامىلە قىلماقتىن ئۆزگە چارە قالمايدۇ. ۋەسسالام!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى