Jump to content

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى

ئورنى Wikipedia

«تۈﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 11-ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

«ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﺩﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﮪﯩﻴﻪ، ﺋﯧﺘﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ‹‹ ﺩﯨﯟﺍﻥ ›› ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،[1] ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ.

ﮪﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 466 (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ1073-1074)-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﺗﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1266-ﻳﯩﻠﻰ(‹‹ﺩﯨﯟﺍﻥ››ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ 192ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ) ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺕ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻮﺑﯘﻟﻔﻪﺗﮭﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻣﻪﺷﯩﻖ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﺎ 1910-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﻮﻝ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﭘﯩﺒﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﭙﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 1914-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺑﻪﻛﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮﮔﻪ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﺲ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺭﯨﻔﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﻪﻟﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ 1915-، 1917-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﺗﻮﻡ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﺦ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﯩﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ.

1930-، 1940-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ، ﻣﺎﺭﺗﯩﻦ ﮪﺎﺭﺗﻤﺎﻥ، ﺑﯩﺮﻭﻛﻜﯧﻠﻤﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯧﻤﯩﺲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎﻻﻱ، ﺩﻩﮪﺮﻯ ﺩﯨﻠﭽﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﻰ، ﺋﯧﻨﺪﯨﻜﯩﺲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﻧﯧﻤﯩﺲ، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.

ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮪﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺑﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﯞﻩ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

«ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﭼﺎﭼﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ –ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻥ» ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺩﻩﻡ ﻛﻮﺗﺎ – ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺯﯗﻟﯘﻡ –ﺯﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯘﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ»[2] ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.

ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ، «19–ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﯞﻩ 20–ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻮﺭﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻗﯩﻞ –ﮪﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ – ﺋﯧﺘﻘﺎﺩﻯ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ»[2] ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﻯ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﺩﺍ–ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮪﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﭽﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭ – ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ.

ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﻪﻙ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ﺷﯘ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ، ﭘﺎﻙ ﺋﯩﻤﺎﻥ–ﺋﯧﺘﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ «ﮔﯘﻧﺎﮪﻰ»ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺕ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ –ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ 1876 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮪﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺭﻩﺏ–ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. 1908–ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ «ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﻝ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭ ﺩﺍﺭﯨﺌﯘﻟﯘﻡ»ﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﻧﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ (ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﯩﻠﯩﻚ) ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﮪﯩﺘﻨﻰ–ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺟﺎﮪﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﯟﻯ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﻮﻟﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ، ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ (ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ–ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﯩﻠﯩﻚ)ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ، ﻗﺎﻻﻕ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ–ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻢ–ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ– ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﻮﻟﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﮪﻪﺭ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﻪﻳﺪﯗ.1917–ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﯩﻴﻪﺕ– ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮪﻪﺭ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ 1918–ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺦ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ «ﺋﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ، ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﻠﯩﻢ– ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ «ﺋﺎﯓ» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ، ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﻣﻮﻟﻼ ﻧﺎﺯﯨﻢ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯜﺳﯜﭘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﻠﯩﻢ– ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋﻪﺷﺌﺎﺭﻟﯩﺮﻯ»، «ﺋﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺯﺍﻻﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1920– ﯞﻩ 1924– ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺦ ﻣﻪﺗﺒﻪﺩﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.[3]

ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮪﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ، ﺋﻪﺯﯨﺰ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ، ﺋﺎﻧﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ– ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ– ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ.

ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ– ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﯞﻩ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 1940– ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، 30– ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻼ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.[4]

ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.

ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ 1936– ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﺭﺋﻰ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﺴﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻮﻟﻼ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ.[5] ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ «ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻏﻪﺯﯨﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯗﺭ:

ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ،

ﮪﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﺎﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﻳﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ.

ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ،

ﺋﻮﻝ ﺷﻪﮪﯩﺪﯗ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺳﯩﻼﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ.

ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ،

ﺧﺎﺱ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﮪﺎﺟﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺋﯩﺮﭘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ.

ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺟﻪﮪﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺯﺩﻯ «ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﻟﯘﻏﻪﺕ»،

ﻣﻪﮪﻤﯘﺩﯨﻞ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﺸﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ.

ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺋﻪﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ،

ﺑﯘ ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺗﯘﺭ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﮪﯧﺴﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮪﺴﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﮪﻪﻡ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﮪﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻛﯚﺭﻩﺷﭽﺎﻥ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ– ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ– ﻣﻪﮪﻜﯘﻣﻠﯘﻕ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ،ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.[6] ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻙ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ)ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ–ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﻳﮕﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ) ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﭻ– ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ- ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺵ)، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ «ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻧﻪﺯﻣﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ– ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ:

ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ،

ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ.

ﺑﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻳﯘ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ،

ﺳﻪﺭﭖ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﻼ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ.

ﺋﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯩﺸﺎﻥ،

ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﻳﻰ ﺯﻩﻣﯩﻨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﺋﻪﺗﻜﯜﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ!

ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﮪﻪﻗﻘﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﺴﻤﻰ–ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ «ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻧﻪﺯﻣﯩﺴﻰ»ﺩﯗﺭ.

1933-، 1934– ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭﻗﺎ–ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ «ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮪﺎﻳﺎﺕ»، «ﻳﯧﯖﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ» ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ، ﯞﺍﻗﯩﺌﺎﺗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ»ﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ.

ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘﺭﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﻏﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﺦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻣﺎﻳﺪﯗ.ﺋﺎﺧﯩﺮ 1937–ﻳﯩﻠﻰ 5–ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺟﺎﯞﺍﮪﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ–ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﮔﯧﺰﯨﺖ–ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﯘ ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ، ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰ– ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺒﺎﮪﺎ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻮﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ «ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ، ﯞﺍﻗﯩﺌﺎﺗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﺯﯦﻴﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﯞﻩ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.

ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ 20–ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 30–ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﮪﯩﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺒﺎﮪﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.

مەنبە

[تەھرىرلەش]

ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﺘﯘﺭﺳﯘﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ، ‹‹ﺑﻮﻻﻕ››2001-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ1-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ

  1. «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» 1 – ﺗﻮﻡ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1981 – ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ 42 -، 43 – ﺑﻪﺕ.
  2. 2.0 2.1 ﻡ. ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﻱ. ﺭﯗﺯﻯ: «ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1997 – ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮﻯ، ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺸﻰ 2-، 3 – ﺑﻪﺕ.
  3. ﻥ.ﺯﺍﻣﺎﻥ: «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮪ»، «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ 1986– ﻳﯩﻞ 11– ﺳﺎﻥ 112– ﺑﻪﺕ.
  4. ﻍ. ﺳﻪﺩﯨﯟﺍﻗﻘﺎﺳﻮﭖ: «‹ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ›ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ»، «ﺑﯘﻻﻕ»1997-ﻳﯩﻞ 1 – ﺳﺎﻥ 118– ﺑﻪﺕ.
  5. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﮪﯜﺳﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺑﯘ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ. «ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ»، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1965 – ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 97 – ﺑﻪﺕ.
  6. ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﮪﺎﺟﻰ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﻧﻰ ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. «ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ»، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1983 – ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 195 – ﺑﻪﺕ.

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮪﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﻴﻨﯩﯔ «ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ، ﯞﺍﻗﯩﺌﺎﺗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]