قۇددۇس غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىق ئۇيغۇر مۇزىكىلىق-كومېدىيا تىياتىرى
قۇددۇس غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىق ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيا تىياتىرى (كرىل: Қуддус Ғоҗамияров Намидики Җумһурийәтлик Дөләт Академиялик Уйғур Музыкилиқ Комедия Театри؛ قازاقچە: Қуддус Ғоҗамияров Намидики Җумһурийәтлик Дөләт Академиялик Уйғур Музыкилиқ Комедия Театри؛ رۇسچە: Республиканский государственный академический уйгурский театр музыкальной комедии имени К. Кужамьярова) قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان ۋە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر تىياتىرى.
كەچمىش
[تەھرىر]تىياتىر رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 1934 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئۆز ئىشىگىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەنئەت دەرگاھى سۈپىتىدىكى پائالىيىتى خېلىلا بۇرۇن باشلانغان. 1918 - يىلى يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى كۆرنەكلىك سىياسى ئەرباپلارنىڭ بىرى بولغان ئىسمايىل تايىروۋنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ھەم بىۋاسىتە قوللاپ - قۇۋەتلىشى بىلەن ۋېرني (ھازىرقى ئالمۇتا) شەھىرىدە «ئازسانلىق مىللەتلەر كۇلۇبى» تەشكىل قىلىنىپ، ئۇنىڭ دائىرىسىدە ئۇيغۇر، تاتار ۋە ئۆزبەك دراما ئۆمەكلىرى ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر دراما ئۆمىكى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەچكە، مەزكۇر كۇلۇب ئورۇنلاشقان فۇرمانوۋ ۋە م. گوركىي (ھازىرقى ن. نازاربائېۋ ۋە يىپەك يولى) كوچىلىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى سابىق مۇسۇلمانلار مەسچىتىنىڭ بىناسى پەيدىنپەي «ئۇيغۇر كۇلۇبى» دېگەن نامغا ئىگە بولىدۇ. ئەنە شۇ ئۇيغۇر كۇلۇبىدا 1919 - يىلى تۇنجى قېتىم ئا.روزىباقىيېفنىڭ مىللىي دراماتۇرگىيەمىزنىڭ باش بۇرنى بولۇپ ھېساپلانغان «مەنسەپپەرەس» كومېدىياسى بىلەن ئى. تايىروۋ ئۆزبەك تىلىدىن تەرجىمە قىلغان «مەزلۇم خوتۇن» ۋە «پەدەرقۇش» پىئېسىلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئىدى.
تىياتىرنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىدە رۇس، قازاق، ئۆزبەك ۋە تاتار مەدەنىيەت ئەرباپلىرىدىن مۇختار ئەۋېزوف، سەبىت مۇقانوف، غەبىت مۈسرېپوف، ئىلىياس ژانسۈگۈروف، ۋاھاپ ئەزىموف، قارى ياقۇبوف، مەننان ئۇيغۇر، ئېۋگېنىي برۇسىلوۋسكىي، كۈلەش بايسېيىتوۋا، ئەبىل تۆلېبايېف، لاتىف خەمىدى ۋە باشقىلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلىگەن.
پەيدىنپەي سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئۆسۈپ، مۇنداق دراما ئۆمەكلىرى ۋېرنيدىن باشقا ياركەنت، چېلەك، چونجا، قورام، قاراتۇرۇق، قارىيوتا دېگەندەك شەھەر - يېزىلاردىمۇ تەشكىل قىلىندى. ئۇلار ئەينى زاماندىكى مۇھىم مەسىلىلەرگىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە تارىخىي ماۋزۇلارغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىمۇ سەھنىلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. شۇ تۈپەيلى ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسىدە «سادىر خاڭرۇق» (مۇئەللىپى ز. باشىرى)، «تەلەيسىز كۈنلەر» (ب .قاسىموف)، «نازۇگۇم» (ن. ئابدۇسېمەتوف، م. ئىماشېف، ج. غەنىيېف) ناملىق بىرقاتار سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى.
ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ رىۋاجلىنىشىدا «كۆك كۆينەكلىكلەر» (بەزىدە «كۆك كۆينەكلەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پائالىيىتىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇ يەردە، «كۆك كۆينەكلىكلەر» بىلەن ئۇلاردىن سەل بۇرۇنراق جاي - جايلاردا تەشكىل قىلىنغان سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۆمەكلىرىنىڭ پائالىيىتىنى بىر - بىرىدىن بۆلۈپ قاراشقا بولمايدىغانلىغىنى قەيت قىلغان ئورۇنلۇق. چۈنكى، تارىخى موسكۋا شەھىرىدىن باشلىنىدىغان سوتسىيالىزم ئىدېيالىرىنى تەشۋىق قىلىش يۆنىلىشىدىكى «كۆككۆينەكلىكلەر» ھەرىكىتى قازاقستانغا 1926 - يىلى يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بېشىدا ئاتاقلىق كومپوزىتور لاتىف خامىدى تۇرغان. ھە-ئە، بەدىئىي ھەۋەسكارلار ئۆمەكلىرىنىڭزە، بۇ دىياردا شۇنىڭغا قەدەرمۇ موجۇت بولغانلىغى مەلۇم. ئۇلار پەقەت 1926-ژىلدىن كېيىنلا كېڭەش ئىتتىپاقى دائىرىسىدە كەڭ قانات يايغان ئۇشبۇ ئۇمۇمھەرىكەت تەسىرىدىن پائالىيىتىنى «كۆككۆينەكلىكلەر» نامى ئاستىدا داۋاملاشتۇرغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتъئىي نەزەر، دەل شۇ ئۆمەكلەرنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىغى ئېنىق. سەۋەۋى، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى رولى ئۆسۈپ، ئىش-پائالىيىتى ئارقىلىق ئاددىي خەلىقنىڭلا ئەمەس، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغانلارنىڭمۇ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە قاراتقان ئېدى.
بۇنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تېئاتر سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولۇپ، كەسپىي تېئاتر ئېچىش مەسىلىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىغىدىن دالالەت بېرەتتى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە 1930-ژىلى مايدا قازاق دۆلەت تېئاترى يېنىدا ئۇيغۇر دراما ترۇپپىسىنى ئېچىش قارارى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا شۇ ژىلى ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ مەجلىسىدە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغىنىنىڭ 10 ژىللىغىغا دائىر ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىي چارە-تەدبىرلەردە ھۈنەر كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇراقلىق ئۇيغۇر تېئاتر ترۇپپىسىنى قۇرۇش مەسىلىسى قارىلىدۇ.
بۇ كەمدە «ئازسانلىق مىللەتلەر كلۇبى» يېنىدا پائالىيەت ژۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر دراما ترۇپپىسى كەسپىي جەھەتتىن بىرقەدەر تەكامۇللىشىپ قالغان ئېدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئازدۇ-تولا مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئەخمەت ئايۇپوۋ مۇدىرلىققا، جالال ئاسىموۋ بەدىئىي رەھبەرلىككە تايىنلىنىدۇ. لېكىن، بۇ كەسپىي ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغان ۋاقتى بولۇپ ھېساپلانمايدۇ. سەۋەۋى، كۆپلىگەن مەسىلىلەر تېخى ئېنىق ھەل قىلىنمىغان ئېدى. كەسپىي ئۇيغۇر تېئاترى ئەينە شۇ ئۇيغۇر دراما ترۇپپىسىنىڭ ئاساسىدا 1934 - يىلى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ سەھنىسىدە تۇنجا قويۇلغان ئەسەر – ئا.ئىبراھىموۋنىڭ رېژىسسېرلۇغىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن ج. ئاسىموۋ بىلەن ئا. سادىروۋنىڭ «ئانارخان» سپېكتاكلى بولدى.
ئارىدىن يەتتە ژىل ئۆتۈپ، يەنى ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى باشلانغاندا، ئۇيغۇر تىياتىرى ئالمۇتا شەھىرىدىن 112 چاقىرىم ژىراقلىققا ئورۇنلاشقان چېلەك يېزىسىغا كۆچۈرۈلۈپ، 20 يىل داۋامىدا ۋىلايەتلىك تىياتىر سۈپىتىدە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر تېئاترى 1961-يىلى يېڭىباشتىن ئالمۇتا شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، دەسلەپ پۇشكىن كوچىسى بويىدىكى بېنالارنىڭ بىرىگە، كېيىنىرەك دزېرژىنسكىي (ھازىرقى نائۇرىزباي باتىر) كوچىسىنىڭ بويىدىكى ئىلگىرى نكۋدنىڭ كلۇبى بولغان ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئالمۇتىغا كۆچىرىلگەندىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتلىك مەرتىۋىگە ئېگە بولغان تېئاتر ھازىرمۇ شۇ بېنادا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 1967-ژىلى بولسا، «ئۇيغۇر مۇزىكىلىق دراما تىياتىرىنىڭ» نامى «ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيا تىياتىرى» بولۇپ ئۆزگەرتىلدى.
1984-ژىلى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيا تېئاترى تەشكىل قىلىنغىنىنىڭ 50 يىللىغى ھارپىسىدا كۆپ مىللەتلىك قازاقستاننىڭ سەنئىتىنى رىۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «ھۆرمەت بەلگۈسى» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
2002-ژىلى ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ تارىخىدا چوڭ خوشاللىق ۋاقىئە يۈز بەردى. سەۋەۋى شۇ ژىلى سەنъئەت دەرگاھى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋسۈمىنى تولۇق قايتا رېمۇنت قىلىنغان يېڭى بىنادا ئاچتى. ئۇنىڭ ئېچىلىش تەنتەنىسىگە قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى ئىشتىراك قىلدى.
2005-ژىلى بولسا، ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ قۇرۇلغىنىنىڭ 70 ژىللىغى ھارپىسىدا مەزكۈر سەنئەت دەرگاھىغا ئىجادىيىتى قازاقستان مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان ئۇلۇغ كومپوزىتور، س س ج ئى خەلق ئارتىستى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپىتىنىڭ لائۇرېئاتى، پروفېسسور قۇددۇس غوجامىياروۋنىڭ نامى بېرىلدى.
2016 - يىلى، يەنى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىياتىرى «ئاكادېمىيالىك» مەرتىۋىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.
2021-ژىلمۇ تېئاتر تارىخىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە ژىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۆلۈنگەن مەبلەغ ھېساۋىغا تېئاترنىڭ سەھنىسى تولۇق جۆندىلىپ، زامانىۋىي ئۈلگىدىكى ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەندى.
ئۇيغۇر تىياتىرى تەشكىل قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردىن تارتىپلا رېپېرتۇئارىنىڭ باي ھەم ھەرخىل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىللار ماباينىدا ئۇنىڭ سەھنىسىدە پەقەت ئۇيغۇر دراماتۇرگلىرىنىڭلا ئەسەرلىرى قويۇلۇپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ. شېكسپىر، ژ. -ب. مولئېر، لوپې دې ۋېگا، ك. گولدونى، ن. ۋ. گوگول، ن. ف. پوگودىن، چ. ئايتماتوف، ئۇ.گولدىنگ، ھ. ھ. نىيازىي، ۋ. دېلمار، ئۇ. غاجىبېكوفتەك ئىسمى دۇنياغا مەشھۇر كلاسسىكلار بىلەن قازاق، ئۆزبەك، تاتار، قىرغىز، ئەزەربەيجان قاتارلىق قېرىنداش خەلىقلەرنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىندى. بۇ ئەنئەنە ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تېئاترى يېنىدا «ناۋا» فولكلور، «رۇخسارە» ئۇسسۇل، «ياشلىق» ۋە «سادا» ئېسترادا ئانسامبللىرى تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار كۆپچىلىكنى خەلق ۋە بەلگۈلۈك كومپوزىتورلارنىڭ ئىجادىغا مەنسۈپ ناخشا-ساز ۋە ئۇسسۇللار بىلەن خوشال قىلىپ كەلمەكتە.
كۆپ مىللەتلىك قازاقستان سەنئىتىنى پەقەت قازاقستانلىقلارغىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇىيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق قازاقستان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ئۈلۈشىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان كوللېكتىۋنىڭ بۇ يۆنىلىشتە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇق-مۇۋاپپەقىيەتلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار دۆلىتىمىزدە ۋە چەت ئەللەردە ئۆتۈۋاتقان ھەرخىل كونكۇرس-فېستىۋالьلارغا تۇراقلىق قاتنىشىپ، مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ.[1]
مەنبە(لەر)
[تەھرىر]- ↑ ئورگان بېتىدە ئېلان قىلىنغان ق.غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيا تېئاترىنىڭ قىسقىچە تارىخى ناملىق يازما، 20205-02-07 مۇقىمدالدى.