قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(12)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(12)
ئاتالغۇ پېتىقلاش ھېرىسمەنلىكى
تەرجىمانىمىزنىڭ ئاتالمىش «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىدا تىلغا ئالغان ۋە ئالدىنقىلارنىڭكىنى تۈزەش بابىدىن زىكرى قىلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا، تۈزەش ئەمەس، بۇزۇش تۈرىگە كىرىدىغان «ئۆزگىچىلىك»لەردىن بىرى ئاتالغۇلارنى پېتىقلاش، يەكلەش خاھىشىدۇر. ئالدىنقى بابلاردا ئەسكەرتكىنىمىزدەك، تەرجىمانىمىز ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ئىشلىتىلگەن ۋە يىلتىزى ئەرەب ۋە پارسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلۈكلەرگە ئۆگەيلەش ۋە شاللاش پوزىتسىيەسى تۇتقان، تىل فاشىستلىقىنى سادىر قىلغان، نە تىلشۇناسلىقتىن، نە تەپسىرشۇناسلىقتىن ئاساسى يوق بۇزۇق مېتودقا تايانغان بىمەنىلىكلەرنى سادىر قىلغان بولسا، بۇ ئورۇندا قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن ئاتالغۇ - ئۇقۇملار ھەققىدە بىلجىرلاپ چۈشىدۇ. ئالدىنقى تەرجىمىلەردە، بولۇپمۇ مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە يېڭىدىن جان بېرىلگەن قۇرئانىي ئاتالغۇلارغا، يەنە كېلىپ تىل ئىستېمالىمىزدا ئومۇملىشىپ بولغان، مەدەنىيەت تىلىمىزنىڭ ئايرىلماس ئۇنسۇرىغا، دۇنيا قارىشىمىزنى تىكلەش ۋە ھايات يولىمىزدا يېتەكچى ئورۇندا تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس تېرمىنغا، ئاتالغۇغا ئايلىنىپ بولغان ئىستىلاھلىق سۆزلەرنىمۇ ئاتالمىش «كۆزلەنگەن مەقسەتنى ئېچىپ بەرمەيدۇ»، «ئىزاھلىق لۇغەتتىكى مەنىسى بويىچە بولۇپ قالىدۇ» باھانىلىرىنى پەردە قىلىپ تۇرۇپ ئاتالغۇلارنى شاللاشنى، ئورنىغا مەزكۇر ئاتالغۇلارنىڭ شەرئىي تىلدىكى ئىزاھاتلىرى ئىچىدىن بىرەر ئىزاھات ياكى لۇغەت تەرجىمىسىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى «ئۆزگىچىلىك» نامى ئاستىدا يۇتقۇزماقچى بولىدۇ ۋە ئۆرنەك سۈپىتىدە: «تەۋەككۈل قىلىش»، «پاسىق»، «بالحق»، «سەۋر» قاتارلىق ئۇقۇم - ئاتالغۇلانى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.
بىز بۇ بابتا تەرجىمانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئاتالغۇلار ھەققىدىكى بىمەنە تۇتۇملىرىغا قارىتا تەنقىدىي نەزەرلىرىمىزنى ئاغدۇرۇشتىن بۇرۇن ئاتالغۇ - ئۇقۇملارنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىككى كەلىمە ئوچۇقلىما بېرىشنى، خاتىرىمىزنى بۇ ھەقتە بىر ئاز جانلاندۇرۇشنى لايىق كۆردۇق. دەرۋەقە، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشتە، ھاياتقا بېقىشىنى، ياشاش سەنئىتىنى، تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلىرىنى بەلگىلىگۈچى ئامىللار بولىدۇ. دىننىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى مانا بۇ ئامىللارنى مۇستەھكەم تۇتقىغا ئىگە قىلىش، مىللەتنىڭ مەنە - قىممەت دۇنياسىنى تەرتىپكە سېلىش، ئىنتىزاملاشتۇرۇش ۋە مەۋجۇتلۇق بىناسىنى پۇختا ئۇل -ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر. ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلار مانا بۇ بىنانىڭ ئىچىگە ئېسىلغان چىراغلارغا، ھەربىر قەۋەتنىڭ دەرىجىسىنى، ھەربىر ھۇجرىنىڭ نېمىگە ئاجرىتىلغانلىقىنى، ھەربىر پەلەمپەينىڭ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى، ئۈستىنىڭ قەيەرگە تاقىشىپ، ئاستىنىڭ قەيەردە توختايدىغانلىقىنى كۆرسەتكۈچى ئىشارەت، بەلگىلىرىگە، مۈدۈرۈپ كېتىشتىن، قاراڭغۇلۇققا قاپسىلىپ قېلىشتىن، ئىچىدە ئادىشىپ قېلىشتىن ساقلىغۇچى بەلگە - ئالامەتلەرگە ئوخشايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنىڭ «نۇر» دەپ ئاتالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى يورۇقلۇق تارقاتقۇچى، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، زۇلمەتتىن نۇرانەلىككە ئېلىپ چىققۇچى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىشى قاتارلىقلار ئەسلا بىھېكمەت ئەمەس. قۇرئان ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت بىناسىغا مەشئەل بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن ئىنساننىڭ زاھىرىي ۋە باتىنىي ۋۇجۇدىنى ئايدىڭلاتقۇچى نۇردۇر. ئۇ پاساھەت ۋە بالاغەتتە تەڭداشسىز بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە خاس مەنە - مەفھۇملارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئاتالغۇ - ئۇقۇملارنى بەرپا قىلغاندۇر. مەۋجۇتلۇق بىناسىنى ۋەھيى تىلى بىلەن ئايدىڭلىتىشقا، قۇرئان نۇرى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەلۋەتتە تىلىمىزنىڭ قۇرئان تىلىدىن ئوزۇق ئالغان، خېمىر تۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇشى، مەنە - قىممەت دۇنيايىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇقۇم - ئاتالغۇلىرىنى تىل تەركىبىمىزنىڭ ئايرىلماس ئۇنسۇرلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشى، ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ بارچە ۋارىيانتلىرىدا ئەكس ئېتىپ كەلگەنلىكى ۋە ھېلىھەم ئەكس ئېتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىل تەسىرلىشىش ۋە ئۆزلىشىش ھادىسىلىرى بىزدىلا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. بەلكى ھەرقانداق مەدەنىيەت مەنسۇبلىرىدا، مۇقەددەس كىتابى باركى مىللەتلەردە بار بولغان ۋە بولۇشى مۇقەررەر بولغان ھادىسەدۇر. بۇ پەقەت مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئېقىننىڭ چەشمىلىرىدىن سۇ ئىچكەن قەدىمىيلىككە ئىگە مىللەتلەردىلا بار ئىش بولماستىن، ھەتتا ئىدىيەۋى ياكى سىياسىي ئېقىملارنىڭ مەنسۇبلىرىنىڭ شەكىللەندۈرگەن تىلىدىمۇ يۈز بېرىدىغان ھادىسەدۇر. قىسقىسى، ھەرقانداق مەنسۇبىيەت ئەھلىنىڭ تىلىدا تەۋەلەنگەن ئېقىمنىڭ دۇنيا قارىشىنى، قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقىي تۇتۇملىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئۇقۇم - ئاتالغۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى، ئۆزلىشىشى، مەنسۇبلەنگۈچىلەرنىڭ ئەدەبىي ۋە جانلىق تىلىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى تارىخىي ۋە ئەمەلىي رېئاللىقلار جۈملىسىدىندۇر. ئۆزلۈكنىڭ بەرپا بولۇشىمۇ مانا بۇ رېئاللىقلارنىڭ داۋاملىشىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە كەڭ ئىستېمال ئادىتىگە ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەت تىلىنىڭ ئۇقۇم - ئاتالغۇلىرىنى ئۆزلەشتۈرەلمىگەن، ئۆزلەشتۈرگەنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرالمىغان، كەڭ ئىستېمال ئادىتىگە ئايلاندۇرالمىغان بىر تىل مۇھەققەق تېيىزلىشىشكە ۋە پۇچەكلىشىشكە مەھكۇم. مەدەنىيەت تىلىدىن ئوزۇقلىنىشتىن قالغان تىل روھسىز تىلدۇر. مەدەنىيەت تىلى ئاساسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئايدىڭلىتىشنى بىلمىگەن جەمئىيەت ياتلىشىش يولىنى تاللىغان ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر.
دەر ھەقىقەت، مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرالىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە مەنە - قىممەت دۇنياسىنىڭ بولۇشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. تىل مەۋجۇتلۇق بىناسىنىڭ ئىستونلىرى دېسەك، ئۇقۇم - ئاتالغۇلار بۇ بىنانىڭ قەندىللىرى مىسالىدۇر. مەنە - قىممەت دۇنياسىنى يورۇتقۇچى چىراغلىرىدىن ئايرىلغان مىللەت زۇلمەتتە ئادىشىشقا، تېڭىرقاشقا مەھكۇم. زۇلمەتكە مەھكۇم بولۇش، يولىنى ئايدىڭلاتقۇچى چىراغلاردىن مەھرۇم بولۇش ھالاكەتنىڭ مۇقەددىمىسى، مۇنقەرزلىككە تۇتاشقان تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر. مۇستەملىكىچىنىڭ ئىشى مىللەتنى مانا بۇ زۇلمەت تونېلىغا باشلاپ ئۇنىڭغا ھەپسىلەش، تونېلنىڭ چىقىش يوللىرىنى تاقاپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە قىستاش ئارقىلىق كۆزدىن يوقىتىشتۇر. مۇستەملىكىچى يا ئۆزىگە ئوخشىتىشنى ياكى يوق قىلىپ قىرىپ تاشلاشنى غايە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەپىلىشىش ئوبيېكتى دائىما ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇق بىناسىنى زۇلمەتكە پاتۇرۇش، قەندىللىرىنى بۇزۇپ تاشلاش، يانماس قىلىۋېتىش، يىلتىزىغا دەز كەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلسىزلاشتۇرۇش، ئۆرۈپ تاشلاش، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا يەر بىلەن يەكسان قىلىشتۇر. قايسى بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئېيتقان: «بىر ئاتالغۇ ئۈچۈن گېزى كەلسە ئۆيۈمگە ئوت قويىمەن» دېگەن كەسكىن تۇتۇمىمۇ ئاتالغۇ - ئۇقۇملارغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى، ئاددىي قارايدىغان، ئوڭ - تەتۈر مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە، مەسىلىگە جىددىي قاراش لازىملىقىنى تەكىتلەشكە يېتەرلىكتۇر.
شاللاش ۋە قايچىلاش ئوپېراتسىيەلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن قولىمىزدىكى قامۇسلىرىمىز، ھەر بەش - ئون يىلدا بىر يېڭىلىنىپ قايتا ئىشلىنىپ تۇرىدىغان ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىز يۇقىرىقىدەك رەزىل غايىلەرنىڭ، شۇم نىيەتلىك ئىرادىلەرنىڭ ئارزۇلىرىغا بېقىنىشنىڭ نەتىجىسى، سىستېمىلىق ۋە تەدرىجىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋۋال ئۇنتۇلدۇرۇش، ئارقىدىن ياتلاشتۇرۇش، ئۇندىن كېيىن شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە نىھايەت ماڭقۇرتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت باسقۇچلۇق پىلان - پىروجىلەرنىڭ ئاچچىق سەمەرىلىرىدىندۇر. بۇ يەردىكى شاللاش ۋە قايچىلاش ئۇرۇنۇشلىرى نوقۇل بارىنى ئازايتىش، كېمەيتىش، دىنىي ياكى شەرئىي مەزمۇنغا ئىگە ئۇقۇم ۋە تېرمىنلارنى لۇغەتكە كىرگۈزمەسلىك، كىرگۈزۈلگەنلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىنى بۇزۇپ يېزىش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. بۇ يەردە يەنە ئىستېمالدىن چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان، ئورنىغا ئىككىنچى بىر تولدۇرغۇچى تاپقىلى بولمايدىغان سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلار بار بولۇپ، بۇ تۈردىكى سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلاردىن بەزىلىرى ماتېرىيالىست زېھنىيەت بويىچە ئىزاھلانسا، يەنە بەزىلىرى ئەسلىي مەنىسى بۇرمىلىنىپ ئىزاھلانغان. يەنە بەزىلىرى ئىنتايىن يۈزەكى، تېيىز ۋە قۇرغاق بايانلار بىلەن ئىزاھلانغان. بۇ خىل ئۇسۇللار ئەمەلىيەتتە بارىنى ئۇجۇقتۇرۇش، ئۇجۇقتۇرالمىغاننىڭ ئىچىنى بوشىتىپ كارغا كەلمەس قىلىپ تاشلاپ بېرىش قاتارلىق تىلنىڭ ئىسكىلىتىنى قالدۇرۇپ روھىنى قەستلەش تىپىدىكى ئوپېراتسىيەلەرنىڭ بىر پارچىسى بولغان. نەتىجىدە قۇرئان تىلىدىن مەنبەلىنىش ۋە ئىسلامىي روھ پۈۋلىنىشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ھاياتىمىزغا چىراغ تۇتۇپ كەلگەن سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلىرىمىز، ئاڭ - تەپەككۇرىمىزدىن تارتىپ يۈرۈش - تۇرۇشلىرىمىزغىچە، ئەقىدە - ئېتىقادىمىزدىن تارتىپ ئەخلاق - سۈلۈكلىرىمىزغىچە بولغان بارچە تەرەپلىرىمىزنى تەرتىپكە سالغۇچى ئىستىلاھلىرىمىز، ھىدايەت يولىدا، يەنى توغرا يول ئۈستىدە بولۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلىرىمىز مانا بۇ خىل ئوپېراتسىيەلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇچراپ كەلگەن ۋە كېلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئەللامە مۇھەممەد سالىھ قەلىمىدە روياپقا چىققان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەدىس شەرىف ۋە سىيرەتكە دائىر ئىلمىي تەتقىقات سەمەرىلىرى، لۇغەت ۋە قامۇس تۈزۈش ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر قولىمىزدا بار بولغان يىرىك تەرجىمە ئەسەرلەر، فىقھىي، ھەدىس، تەپسىر تەرجىملىرى، لۇغەت ۋە باشقا ئىلمىي ئەمگەكلەر ساھەنى بېيىتىش بىلەن بىرگە، دەل يۇقىرىقىدەك ئوپېراتسىيەلەر تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بوشلۇقنى ئېتىش، بىر ياقتىن بۇزۇۋېتىلگەننى يەنە بىر ياقتىن شارائىت ۋە ئىمكانىيەت يار بەرگەنچە تۈزەش، شاللانغاننى ئىستېمالغا ئېلىپ كىرىش، بۇزۇپ ئىزاھلانغاننى توغرا مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش رولىنى ئۆتەپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. خۇسۇسەن تىلىمىزدىكى ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاققا دائىر ئۇقۇم ئاتالغۇلارنىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ۋە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۆز ئورنىدا جانلىق ئىشلىتىلىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە دۇنيا قارىشىمىزنى قۇرئانغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا تىل ئىستېمالىمىزغا ئومۇملىشىپ بولغان ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قېلىپلىشىپ بولغان ئىسلامىي ئاتالغۇلار ھەرقاچان ئۆز پېتى ئېلىنىشى، كەڭ دائىرىلىك ۋە قاتلاملىق مەنىلەرگە ئىگە ئاتالغۇلار مۇمكىنقەدەر ئەسلى پېتى ئېلىنىشى، تەرجىمىدە پەرقلىق مەنىسىنى ئۇرغۇلاش كېرەك بولغاندا، بەت ئاستىغا كونتېكىستتا كۆزلەنگەن ۋە كۈچلۈك دەپ قارالغان مەنىلىرىدىن بىرىنى يورۇتۇش ئارقىلىق تەرجىماننىڭ ئۆزى يورۇتماقچى بولغان نۇقتىغا ئىشارەت بېرىشى بۇ تۈردىكى تەرجىمە خىزمەتلىرىنىڭ تەلەپ - تەقەززاسىدۇر. ھالبۇكى تەرجىمانىمىز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ يۇقىرىدا زىكىر كەچكەن ئاتالغۇلار ھەققىدىكى تۇتۇمى تولىمۇ بىمەنە ۋە بىر تەرەپلىمە بولۇپ، خۇددى سۆزلەرگە ئۆز ۋە ئۆگەي مۇئامىلىسى قىلىشتەك تىل فاشىستلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»نى ئاساس قىلىۋالغاندەك، ئاتالغۇ پېتىقلاشتىمۇ يەنە شۇ «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»نى تۇتىيا قىلىۋالغانلىقى كىشىنى تەئەججۈپكە سالىدۇ. ھالبۇكى، تەرجىمانىمىز مۇھەممەد يۈسۈپ ئۇزۇن يىل چەتئەللەردە شەرئىي ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە بۇ ھەقتە تۈرلۈك كىتاب - ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان بىرى. شۇنداق تۇرۇپ ئۆزلىشىپ بولغان شەرئىي ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بېكىتىشتە، ئۇيغۇرچە ئۆزلىشىپ بولغان جىمىكى سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلار ئۈستىدە گەپ يورغىلىتىشنىڭ تارازا - مىزانى قىلىۋېلىشقا زورۇقۇشى كىشىنى تەئەججۇپلەندۈرمەي تۇرالمايدۇ. يەنە كېلىپ دىنىي ساھەنىڭ مۆتىۋەرلىرىلا ئەمەس، ۋەتەن ئىچىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان زىيالىيلارمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان، بولۇپمۇ پەن - مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە ۋە سىياسەت ساھەلىرىدە نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان، قىسقىسى، مۇستەقىل ئىلىم ياكى پەن دائىرىسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇ مۇقىمداشتا ھەر ئېچىپ ۋاراقلىغاندا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۇھسىنىپ قايتا يېپىپ قويىدىغان بىر لۇغەتنى شەرئىي ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بېكىتىش، مەزمۇنىنى چۈشىنىشتە ئاساس قىلىۋېلىشى، ئوپئوچۇق بىر تەرەپلىمە ئىزاھاتلارغا توشاق تۇرسىمۇ، يەنە ئۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئاتالغۇلار ئاتالغۇ ھالىتىدە ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتىشى، مەزكۇر لۇغەتنى قۇرئانىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىنى بېكىتىشتە پايدىلانما، مۇراجىئەتگاھ قىلىشتىن بەكرەك «دەستۇر» ۋە «قىبلىگاھ» قىلىۋېلىشقا ياتىدىغان تۇتۇمنى ئىپادىلىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماي تۇرالمايدۇ.
ئۇنداقتا بىز تەرجىمانىمىز ئۆرنەك بەرگەن مىساللار ئاساسىدا ئۇنىڭ ئاتالغۇلارغا ھەققىدىكى بىمەنە تۇتۇملىرىغا قاراپ چىقايلى:
1. «توكل» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى بىرتەرەپلىمىلىك
تەرجىمانىمىز قۇرئاندىكى «توكل» ئىبارىسى كەلگەن ئايەتلەرگە، يەنى ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ئۇيغۇرچىدىكى «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش» مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ئايەتلەرگە تەۋەككۈل قىلىش دەپ ئالمىغانلىقىنى، ئورنىغا «ئاللاھقا تايىنىش» دەپ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تىلىمىزدىكى تەۋەككۈل قىلىش سۆزى ئىزاھلىق لۇغەتتە ئەرەبچىدىكى لۇغەت مەنىسى بويىچە تايىنىش دەپ ئىزاھلانمىغان. يەنى تەرجىمانىمىزچە بولغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا تەۋەككۈل قىلىش ئىبارىسى ناۋادا ئاللاھقا ئىشلىتىلسە ۋە «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش» دەپ ئېلىنسا مەنىسى ئاللاھقا ئىشەنچ باغلاپ، ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەپ ئىش قىلغانلىق مەنىسىنى ئۇقتۇرمايدىغان بولۇپ، گويا ئوقۇرمەن قۇرئان تەرجىمىسىدە «مۇئمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېگەن تەرجىمىنى ئوقۇغاندا، ئۇلارنىڭ زېھنىدە ئەكس ئېتىدىغىنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ئىش قىلىش، يەنى ئۇنىڭدىن ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا قىلىنماقچى بولغان ئىشقا ئاتلىنىشتەك بىر چۈشەنچە جانلانمايدۇ، بەلكى ئىزاھلىق لۇغەتتە نېمە دەپ بەرگەن بولسا شۇ جانلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇھەممەد سالىھقا ئوخشىغان ئالىملارنىڭ بۇ ئۇقۇملارنى ئالدىنقى تەرجىمىلەردە كەلگەندەك تەۋەككۈل قىلىش دەپ ئېلىشى تۈزىتىلىشى لازىم. شۇڭا تەۋەككۈل قىلىش دېمەي تايىنىش دەپ ئېلىش كېرەك.
تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ تۇتۇمىدا ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت گويا كالامۇللاھ مىسالى نېمە دەپ بەرسە تەكشۈرمەستىن، نېمە دەپ بېكىتىپ بەرسە شۇ بويىچە بېكىتىش، ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلارنى چوقۇم ئۇنىڭ مۇئەللىپلىرى سىزىپ بەرگەن سىزىقغا چۈشۈرۈش كېرەك بولغان دەستۇر ئورنىغا قويۇش خاھىشى ئەكس ئېتىدۇ. گويا ئۇلارنىڭ ئىزاھاتىدا ئەسلا مەسىلە يوقتەك، خاتالىشىش ياكى بۇرمىلىۋېتىش ئېھتىماللىقى يوقتەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ھەتتا مەزكۇر لۇغەتنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ تەۋەككۈل ئىبارىسىنىڭ «ئاللاھقا تايىنىش» مەنىسىنى بىلىشتىن يىراق، ئەكسىچە ئۇقۇم - ئاتالغۇلارنىڭ مېتافىزىك دۇنياغا تۇتۇشىدىغان مەنىلىرىنى رەت قىلىدىغان قىزىل تائىپىلەر ئىكەنلىكىنى، بەرگەن ئىزاھاتىدىنلا تەۋەككۈل ئۇقۇمىنىڭ ئىچى كاۋاكلاشتۇرۇلغانلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭقىرىماستىن ئۇلارنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى بويىچە 14 ئەسىرلىك مەدەنىيەت تىلىمىزدا پۈتۈنلەي شەرئىي مەنىسى بويىچە ئىشلىتىلىپ ۋە ئىستېمال قىلىنىپ كەلگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئاللاھقا تايىنىش مەنىسى يوقلىقىغا ئورتاق قانائەت باردەك، ئىلگىرىكى تەرجىمانلارمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈلدىمۇ ئاللاھقا تايىنىش مەنىسى يوق بولۇشىغا قارىماي، قۇرئان تەرجىمىلىرىگە تەۋەككۈل سۆزىنى ئىشلەتكەندەك بىر تۈسنى ئالغۇزىدۇ ۋە تەۋەككۈل دېگەن ئۇقۇمنى شاللاپ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىزاھاتىدا، يەنى لۇغەت مەنىسىگە بېرىلىدىغان تەرجىمىسىنى دەسسىتىپ تەۋەككۈل ئاتالغۇسىنى شاللاپ ئېلىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، مەسىلە قۇرئان تەرجىمىسىگە تەۋەككۈل سۆزىنى ئىشلىتىشتە قۇرئان كۆزدە تۇتقان مەقسەتنى يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، شۇنداقلا قۇرئاندىكى تەۋەككەل سۆزىنى ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈل سۆزى ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىمۇ ئەمەس. بەلكى مەسىلە بۇنى خاتا شەرھىلىگەن، خاتا ئىزاھات بېرىپ تىلنى گاچىلاشتۇرۇش، روھسىزلاشتۇرۇش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش قەستىدىكى ماتېرىيالىزمچى زېھنىيەتلىك تىلشۇناسلارنىڭ بەرگەن چولتا ۋە خاتا ئىزاھاتىدىدۇر. چۈنكى تەۋەككۈل سۆزى تىلىمىزغا قۇرئان تىلىدىن ئۆزلەشكەن، ئۆزلەشكەندىمۇ قۇرئانىي مەنىسى بىلەن ئۆزلەشكەن سۆزدۇر. شۇنداقكەن بۇ سۆزنىڭ ئىچىنى تولدۇرۇشتا قۇرئان تىلىدا كۆزدە تۇتۇلىدىغان تەۋەككۈل مەنىلىرى بىلەن ئىزاھلىنىشى ۋە تىلىمىزدىكى ئىزاھاتىغا بۇ مەنىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ئىزاھلىق لۇغەتنىڭ قىزىل زېھنىيەتلىك تىل جاللاتلىرى بۇ نۇقتىدا خاتالاشقان بولسا، بۇنى پەرق ئېتىش، تۈزەش ۋە تىل زاپىسىغا كىرگۈزۈپ توغرىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇ ساھەنىڭ ئەڭ ئويغاق ۋە سەگەك ئىلىم ئەربابلىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇ خۇسۇستىكى تۆھپىسى پەۋقۇلئاددىدۇر. ئۇنىڭ قۇرئان تىلىنى يورۇتۇش، ئاتالغۇلارنىڭ كېسىپ تاشلانغان مېتافىزىك باغ - رىشتىلىرىنى قايتىدىن تۇتاشتۇرۇشتا قۇرئان تەرجىمىسىدىكى ۋە ھەدىس شەرىفلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى تۇتۇمى ئالقىشقا سازاۋەر. تەۋەككەل ئىبارىسىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈل بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى، ئىزاھلىق لۇغەتنىڭ ئاتالمىش ئىزاھاتلىرى بويىچە ئەمەسلىكىنى بىلگەن، قىزىل زېھنىيەتلىك تائىپىلەرنىڭ، بەتنىيەتلىك تىل جاللاتلىرىنىڭ قارىشىسىدا تىل ۋە ئىلىم بابىدا قىلچە كەمسىنىش ئىپادىسىنى كۆرسەتمەستىن، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش پىسخىكىسىغا چۈشۈپ قالماستىن ئىمام ئەزەم مىسالى «هم رجال ونحن رجال»، يەنى ئۇلار نوچى بولسا، بىزمۇ بوش ئەمەس، تۇتۇمىنى لايىقىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن تەۋەككەل سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتە شاللىۋېتىلگەن «تايىنىش» ۋە ئۇنى مەزمۇن قىلغان چۈشەنچىلەرنى قۇرئان تەرجىمىسىدە تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدىكى ئايەتلەرگە تەرجىمە بەرگەندە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ قۇرئانىي مەنىلىرى ھېسابلانغان «ئىشلارنى ئۇنىڭ ھامىيلىقىغا تاپشۇرۇش»، «ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئىش قىلىش»، «ھەممە ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش» قاتارلىق مەنىلەرنى ئەسكەرتىپ ماڭغان. مەسىلەن تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنتىقىلىق ئاساسىنى يورۇتۇپ كەلگەن ئايەتلەردىن ھۇد سۈرىسىنىڭ 123 – ئايىتىدە كائىناتنىڭ مۇتلەق ھاكىمىغا قۇللۇق قىلىش كېرەك بولغاندەك، قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى، ھېچبىر ئىشتىن غاپىل بولمىغان ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ كەلگەن «وَلِلَّهِ غَيْبُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ ٱلْأَمْرُ كُلُّهُۥ فَٱعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ» دېگەن ئايەتكە: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»، دەپ تەرجىمە بەرگەن. يەنى، قۇرئاندا دېيىلىۋاتقان تەۋەككەل ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈل قىلىش ئۇقۇمى بىلەن بىردەكلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئىزاھاتنىمۇ تىرناق ئىچىگە ئېلىش ئارقىلىق ھەم ئاتالغۇنىڭ، ھەمدە ئىزاھاتىنىڭ ئەدەبىي تىل ئىستېمالىدىكى توغرا ۋە شەرئىي مەنىسىنى يورۇتۇشقا سەل قارىمىغان. ئۇندىن باشقا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 89 ئايىتىگە بەرگەن تەرجىمىسىدە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ «على الله توكلنا» دېگەن سۆزىنى «(شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز)» دەپ تەرجىمە قىلغان. ئايەتتە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ۋە ھەق يولدا ئۆز بېشىغا نېمە قىسمەت كېلىشىدىن قەتئىينەزەر يولىدىن قايتمايدىغانلىقىنى، سان جەھەتتە باتىل ئەھلى كۆپ ۋە ماددىي كۈچى زور بولسىمۇ، بۇنى دەپلا يولدىن قايتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ يولنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈل قىلىشنىڭ توغرا مەنىسىنى، يەنى شەرئىي مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلەردىن تەۋبە سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىنى، يەنى «قُل لَّن يُصِيبَنَآ إِلَّا مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَىٰنَا ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ» دېگەن ئايەتنى «ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۇئمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۇئمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)» دەپ تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەد سالىھنىڭ تەۋەككۈلنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە يۆلەنمەسلىك، يەنى ھېچكىمگە تايانماسلىق مەنىسىنى يورۇتقان بۇ تەرجىمىسىدە «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش» ئۇقۇمى تولىمۇ روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنى، بۇ تەرجىمە خەت ساۋاتى بار ۋە ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالمىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر چۈشىنەلەيدىغان تەرجىمە بولغان. شۇنداقلا ئايەتتىكى «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش» چۈشەنچىسىنىڭ قىزىل زېھنىيەتلىك تائىپىلەرنىڭ ئىزاھاتىغا بۇراشقا ئورۇن قويمىغۇدەك، يەنى تەۋەككۈل قىلىش دېگەنلىكنى: كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار، دەپ قىلىنغان ھەرىكەت، دېگەندەك ئەخلەت مەنىسى بويىچە چۈشىنىۋېلىشكە يوچۇق قويمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ تەرجىمىسىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ساۋاتلىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرچىدىكى تەۋەككۈل قىلىشنى ماتېرىيالىزمچە كاللىدا ئىزاھلانغىنى بويىچە چۈشىنىۋالمايدۇ، ئەكسىچە شۇنداق چۈشىنىپ قالغان بولسا، ئىككىلەنمەي ئىزاھلىق لۇغەتتىكى ئەخلەت مەنىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ قۇرئانىي مەنىگە قايتىدۇ. تەۋەككۈلنىڭ شەرئىي مەنىسى ۋە بۇ شەرئىي مەنىسىنىڭ ئۇيغۇرچىدا تايىنىش دەپ ئەمەس «تەۋەككۈل قىلىش» دەپ ئېلىنىدىغانلىقى يالغۇز قۇرئان تەرجىمىسىدىلا ئەمەس، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان «ياخشىلار باغچىسى» ناملىق ھەدىس شەرىفلەر مەجمۇئەسى كىتابىدىمۇ ھەدىس – شەرىف ۋە ئۇنىڭ مېغىزلىق شەرھلىرى ئاساسىدا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرئىي مەنىسى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. لېكىن تەرجىمانىمىز مۇھەممەد يۈسۈپ بۇ نۇقتىلارنى قىلچە نەزەرگە ئالماستىن ئالدىدىكى قېلىپلىشىپ بولغان ۋە ساغلام ئاساس يارىتىپ ئىزاھلىنىپ بولغان بىر ئۇقۇمنى بۇزۇپ ئايەت تەرجىمىسىدىكى ئاتالغۇنى شاللىۋەتكەن ۋە تەۋەككۈل قىلىش ئىبارىسى كەلگەنكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىنى «تايانسۇن، تايىنىڭلار، تايىنىمىز» قاتارلىق سۆزلۈك تەرجىمىسى بويىچە بىر - بىرلەپ ئۆزگەرتىپ چىققان.
دېمەك يىللار داۋامىدا ئىسلامىي مەدەنىيەت تىلىمىزنىڭ گۆھەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ئۇيغۇرچە دىنىي تىلىمىزدا ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ قېلىپلىشىپ كەتكەن تەۋەككۈل قىلىش سۆزى ۋە ئۇيغۇرچە توغرا ئىپادىلىنىشى ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ بولغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرچە بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان يېڭى ئەۋلاد - نەسىللەرنىڭمۇ چۈشىنىشىنى قولايلاشتۇرۇش، مەزكۇر ئاتالغۇنى جانلىق ئىشلىتىش ھەمدە تۈرلۈك تەرجىمە ۋە تەپسىرلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىزاھلاشتەك خەلقنىڭ دىنىي ئىلىم سەۋىيەسىنى ئالغا باستۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىيلەشكەن. شۇنداقلا بۇ يەردە مىللەتنىڭ تىل ئىستېمالىدىن شاللىۋېتىلگەن، ئىچى كاۋاكلاشتۇرۇلۇپ بۇزۇپ ئىزاھلانغان مەنىلەرنى تۈزلەپ بېرىشتەك تىل ئىھياسىمۇ ئەمەلىيلەشكەن. شۇنداق ئىكەن، تەۋەككۈل قىلىش ئۇقۇمى ئەگەر ئىزاھات جەھەتتىن ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەن قالسا، قىلىدىغان ئىش ئۇنى شاللاپ لۇغەت تەرجىمىسىگە چۈشىۋېلىش ئەمەس، بەلكى يەنىمۇ كېڭەيتىپ شەرئىي مەنىسى بويىچە ئىزاھلاشتۇر. بۇنداق زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغان تەقدىردە، نەدىكى تايىنى يوق ئىزاھاتلارنىڭ تەسىرىگە كىرىپ قالماستىن دادىل ھالدا شەرئىي ئاتالغۇنى ئاتالغۇ پېتى ئەينەن ئېلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئەقەللىي ئىشتۇر. بۇنداق قىلماستىن ھە دېگەندە سۆزلۈك يەكلەش، ئاتالغۇ شاللاش خاھىشىدا بولۇش، ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئورنىغا ئۇنى پېتىقلاشقا ئاران قېلىش، ھە دېگەندە تىل جاللاتلىرىنىڭ قولى ۋە زېھنىيىتى ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتنىڭ ئاتالمىش ئىزاھاتلىرىغا ئەل بولۇپ ئولتۇرۇش، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى شۇنىڭغىلا زورلاپ بويسۇندۇرۇۋېلىش، قېلىپلىشىپ بولغان شەرئىي ئۇقۇم ۋە ئىزاھاتلارنى بەلگىلەشتە ئۇنى كەمكۈتىسىز تارازا، يېگانە ئۆلچەم دەستۇرى قىلىۋېلىش ئەجەبا، بۇ قەيەرچە ئىلىمدارلىق، قەيەرچە زېھنىيەت؟ ئاللىبۇرۇن قېلىپلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇيغۇرچىدا ئاللىبۇرۇن مەنە - مەزمۇنى ئومۇملىشىپ بولغان ئاتالغۇلارغا بۇ قەدەر ئەخمەقلەرچە چېقىلىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ قىسقىسى، ئانا تىلنىڭ ھاياتى كۈچىنى خورىتىدىغان، بىر سۆزنى ھايات قالدۇرۇشنى ئىككىنچى بىر سۆزنىڭ خۇنى بەدىلىگە ھىمايە قىلىشقا ياتىدىغان، توغرىسى تىلنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپىدىغان بۇ خىل تۇتۇملار ئىلىمدىن نېسىۋە ئالمىغان، بەلكى پۈتۈنلەي بۇزۇق مېتودنى يېتەكچى ئۈلگە قىلىشتىن، بۇزۇق زېھنىيەتنى ئاساسىي مەنبە قىلىشتىن كېلىپ چىققاندۇر، خالاس!
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-05-30
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(11)