قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(14)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(14)
4. «سەۋر» ئاتالغۇسىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدىكى گەپ ئوينىتىشلار
تەرجىمانىمىز يەنە «سەۋر» ئاتالغۇسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلگەن بىرقانچە مەنىلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە سەۋرنىڭ بىرىنچى مەنىسى «چىدامچانلىق كۆرسىتىش» بولۇپ، بۇنىڭغا قۇرئاندىكى سەۋرنىڭ چىدامچانلىق كۆرسىتىش مەنىسى بىلەن تەڭداش مەنىگە ئىگە بولغان «اصطبر» ئىبارىسى كەلگەن ئايەتنى ۋە «اصطبر» مەنىسىدە كەلگەن، ئەمما «صبر» ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن ئايەتلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا سەۋرنىڭ «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ بۇنىڭغا قاف سۈرىسىنىڭ 39 – ئايىتىنى، يەنى «فاصبر على ما يقولون» دېگەن ئايەتنى ۋە «ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىسىنى زىكرى قىلىدۇ. ئاندىن يەنە نەھل سۈرىسىنىڭ 126- ئايىتىدىنمۇ بىر مىسال كەلتۈرۈپ «وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِين» دېگەن ئايەتنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، بۇ ئەپۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى زىكرى قىلىدۇ. يەنى ئىككىنچى ئورۇندا «صبر» كەلىمىسىگە «ئەپۇ قىلىڭلار» دېگەن مەنىنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈچىنچى ئورۇندا سەۋرنىڭ تەقدىرگە رازى بولۇش مەنىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 155 – ئايىتىدىكى «وبشر الصابرين» «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن ئايەت تەرجىمىسىنى ۋە مەئارىج سۈرىسىنىڭ 5 – ئايىتىدىكى «فَٱصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا» «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن» دېگەن تەرجىمىنى كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقى ئۈچ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «الصبر» سۆزىنى ئۇيغۇر تىلدىكى سەۋر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ «تەرجىمە»سىدە «الصبر» سۆزىگە ئايەتلەردىكى كېلىش ئورنىغا قاراپ مەنە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خوش، دەرۋەقە تەرجىمانىمىز ئۆزى دېگەندەك دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، جۈملىدىن قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە «الصبر» كەلىمىسىنى پەرقلىق ئورۇندىكى مەنىسىگە قاراپ تەرجىمە قىلىنمىغان، ھەممىنى سەۋر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈۋەتكەن ئىش مەۋجۇتمۇ؟ مەزكۇر تەرجىمانىمىز ئۆزى ئىددىئا قىلغىنى بويىچە «الصبر» ئىبارىسى ئۇچرىغان ئايەتلەرگە پەرقلىق تەرجىمە قىلىپ ماڭغانمۇ، ياكى بۇنىڭدىمۇ رەڭۋازلىق، كۆچۈرمىكەشلىك ۋە ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىش خاھىشى سادىر قىلغانمۇ؟
بىرىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئىددىئا قىلغاندەك، ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ھەممىنى ئۇيغۇرچىدىكى سەۋر سۆزى بىلەن كاتېگورىيەلەندۈرگەن ئىش يوق. بەلكى مەزكۇر تەرجىمىلەردە «الصبر» ئىبارىلىرى كەلگەن ئايەتلەرنى پەرقلىق ئىزاھات ئاساسىدا «سەۋر» دەپ تەرجىمە قىلىش، يەنى سەۋر قىلىشتىن نېمە كۆزدە تۇتۇلغانلىقنى ئەسكەرتىپ تەرجىمە قىلىش بار.
مەسىلەن تۆۋەندىكى ئايەت تەرجىمىسىگە قارايلى:
1) سۈرە بەقەرەنىڭ 175 – ئايىتى: «أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلضَّلَـٰلَةَ بِٱلْهُدَىٰ وَٱلْعَذَابَ بِٱلْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَآ أَصْبَرَهُمْ عَلَى ٱلنَّارِ».
تەرجىمىلەر:
− ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق! − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە! − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− ئەنە شۇلار ھىدايەت بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى، مەغپىرەت بەدىلىگە ئازابنى سېتىۋالغانلاردۇر. ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدىگەن چىداملىق – ھە! − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدە «صبر» ئىبارىسى كەلگەن يۇقىرىقى ئايەتنى چىداملىق بولۇش مەنىسىدە تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسىدە مەلۇم بولغىنى بولسا، ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى شۇ پېتى كۆچۈرۈش بولغان، خالاس. پەقەت ئۆزگەرگەن تەرىپى ئاتالمىش «ئۆزگىچىلىكلەر»نىڭ 19 – نومۇرلۇق ماددىسىدا تىلغا ئالغان ۋە تىل فاشىستلىقىغا ياتىدىغان تۇتۇمى بويىچە «گۇمراھلىق» دېگەن سۆزنى يىلتىزى ئۇيغۇرچە ئەمەس دېگەن فاشىست زېھنىيەت بويىچە ئۆگەيلەپ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن مەنىداش بولغان «ئازغۇنلۇق» سۆزىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان، خالاس. نەتىجىدە ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ پاساھىتى ۋە مەزمۇنىغا قىلچە نۇقسانلىقى يوق، بەلكى تولىمۇ جايىدا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىلگەن بۇ سۆز، ھەتتا قىزىل زېھنىيەتلىك ماتېرىيالىست تىل جاللاتلىرىمۇ چەتتىن كىرگەن دەپ شاللىماي ئىزاھلىق لۇغەتكە كىرگۈزگەن «گۇمراھلىق» سۆزى تەرجىمانىمىزغا تېتىمىغان.
2) سۈرە فۇرقاننىڭ 41-42 – ئايىتى: «وَإِذَا رَأَوْكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا، أَهَـٰذَا ٱلَّذِى بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًاإِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنْ ءَالِهَتِنَا لَوْلَآ أَن صَبَرْنَا عَلَيْهَا ۚ وَسَوْفَ يَعْلَمُونَ حِينَ يَرَوْنَ ٱلْعَذَابَ مَنْ أَضَلُّ سَبِيلًا».
تەرجىمىلەر:
− ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» دېدى. كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن يول ئىكەنلىكىنى ئۇلار پات - يېقىندا ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن تاندۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىپ قالىدۇ. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟ ئەگەر بىز ئىلاھلىرىمىزغا (چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىپ قالىدۇ. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
بۇ تەرجىمىدىمۇ ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە مەزكۇر ئايەتتىكى «صبر» سۆزىنى دىندا چىڭ تۇرۇش مەنىسىدە تەرجىمە قىلغان. يەنى «صبر» سۆزى ئايەتتىكى ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىنغان. ئۈچىنچى تەرجىمىدە كۆزگە چېلىققىنى «صبر» ئىبارىسىنى ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلغانلىقتىن بەكرەك، تەرجىمانىمىزنىڭ قانداق قىلىپ بىرىنچى تەرجىمىدىن بەزى سۆزلۈكلەرنى ئوغرىلاپ ئىككىنچى تەرجىمىدىكى ئابزاس ئارىلىقىدىكى سۆزلەرگە ئالماشتۇرغانلىقى، قىياپىتى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسىدىن ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدىن قانداق قىلىپ قوراشتۇرۇپ، مۇھەممەد يۈسۈپكە ئائىت ئاتالمىش ئۈچىنچى «تەرجىمە»نى ياساپ چىققانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئايەتتىكى «اصطبر» ئىبارىسى كەلگەن ئايەتنى مىسال كەلتۈرۈپ سەۋرنىڭ چىدامچانلىق مەنىلىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىغا قاراپ شۇنداق تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىددىئا قىلغان بولسا، بۇ ئىش ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ئاللىبۇرۇن ئورۇندىلىپ بولغان. مەسىلەن، تەرجىمانىمىز ئۆرنەك بەرگەن سۈرە تاھانىڭ 132 – ئايىتىگە بېرىلگەن تەرجىمىلەرگە قاراپ باقايلى:
«وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْـَٔلُكَ رِزْقًا ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَٱلْعَـٰقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ».
تەرجىمىلەر:
− (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− (ئى پەيغەمبەر!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ (ئۇنى ئادا قىلىشتا) چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بىز سېنى رىزىقلاندۇرۇۋاتىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە بىلەن ئۈچىنچى تەرجىمىنى سېلىشتۇرساق، مەلۇم بولىدىغىنى «اصطبر» ئىبارىسىنى ئورنى بويىچە تەرجىمانىمىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان سەۋر قىلىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈۋەتمەستىن چىدامچانلىق كۆرسىتىش مەنىسىدە ئىشلەتكەن. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «تەرجىمە»سىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى قانداقتۇر سەۋر تەرجىمىسىنى نېمە دەپ ئېلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن بىر ئىككى سۆزنى ئالدى كەينى قىلىش، تىرناق ئىچى ئالمىسىمۇ بولىدىغان جاينى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇشتەك رەڭۋازلىق قىلىش، قالغان ئومۇم تەرجىمىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىش بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىككىنچى تەرجىمىنىڭ بىرىنچى تەرجىمە بىلەن ئوخشاش چىقىشىغا كەلسەك، تەرجىمانلارنىڭ مۇھەممەد يۈسۈپتەك قۇرئاننى «يېڭى تەرجىمە قىلغانلىق»، «ئۆزگىچىلىك» قىلغانلىق، ئالدىنقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزەپ ئالاھىدە تەرجىمە قىلىۋەتكەنلىك ئىددىئاسى يوق. ھەيئەت تەرجىمىسى ئومۇمەن ئالدىنقى تەرجىمىنى تىل راۋانلىقى ۋە ئىپادە گۈزەللىكى قاتارلىق تەرەپلەردە پىششىقلاشقا تېگىشلىك دەپ ئويلىغان جايلارغا كۆپرەك زېھىن ئاجرىتىپ، قالدى جايلارنى مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىنى ئەينەن ئېلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ھەيئەت ئايەت تەرجىمىلىرىدە ئۆز ئىددىئاسىغا ئۇيغۇن تەرزدە ئىش قىلغان.
سەۋر ئاتالغۇسى ئومۇمەن ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، بەزى ئورۇنلاردا، مەسىلەن سۈرە رەئدنىڭ 22 - ئايتىدىكى «صبر» ئىبارىسىگە مۇھەممەد سالىھنىڭ «تەفسىيرۇلجەلالەين» قاتارلىق تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئايەتتىكى سەۋر كەلتۈرۈش ئىبارىسىنى «(يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلىش» دەپ تەرجىمە بېرىشى تامامەن مۇناسىپ بولغان بولسا، مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ يەنە بىر تەپسىرگە ئاساسلىنىپ تىرناق ئېچىپ (تائەت - ئىبادەتتە) چىداملىق بولۇش مەنىسىنى ئېلىشىمۇ ئوخشاشلا تەپسىرگە خىلاپ ئەمەس. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەش تەرزىدە زورىغا قىلىپ ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى «سەۋر ئىبارىسى كەلگەن ئايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۇيغۇرچىدىكى سەۋر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ تەرجىمە قىلىپ قويغان» دەۋېلىش، بۇنى پۇتاق چىقىرىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىش چاكىنىلىقتۇر. دېمەك ئالدىنقى تەرجىمىلەردە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك تەرجىمانلار پەرقلىق جايلاردا پەرقلىق مەنە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكى ئەمەلىيەت. شۇنداق ئىكەن، پەرقلىق تەپسىرگە ئاساسلىنىپ سەۋرنىڭ ئوخشىمىغان مەنىلىرى بويىچە تەرجىمە قىلىنىشى تامامەن تەرجىماننىڭ ئىلمىي تەرجىھىگە باغلىق بىر ئىش. بۇنى مەخسۇس مەسىلە قىلىپ ئېلىپ چىقىش، خۇددى باشقا تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋرنى بىرلا خىل مەنىدە تەرجىمە قىلىپ قويغاندەك كۆرسىتىش بىر تۈرلۈك رەڭۋازلىقتۇر. بولۇپمۇ، بۇ خىل قۇسۇرچىلىق مەسىلىنى مەلۇم سۆزلۈكنى پەرقلىق ئالغانلىققا دىققەتنى بۇراپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ جۈملىمۇجۈملە، ئابزاسمۇئابزاس كۆچۈرۈپ باشقىلارنىڭ جاپالىق تەرجىمە ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ياتىدىغان رەڭۋازلىق جۈملىسىدىندۇر. بىر سۆز ياكى ئاتالغۇنى پەرقلىق ئالغانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەرجىمىلەرنى ئۆز پېتى ئالغانلىقنىمۇ ئىشارەت قىلماستىن، «مۇنداق تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق»، «ئالدىنقى تەرجىمىلەردە ئۇنداق قىلمىغان، بىز مۇنداق قىلايلى دېدۇق» دەپ گەپ سېتىشنى، ئۇزۇندىن ئۇزۇن گەپ يورغىلىتىپ ئوقۇرمەننىڭ ئەسلىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىدىن دىققەتنى بۇراشنى، كۆرۈنۈشتە مەلۇم سۆزلۈكنى ئالماشتۇرۇپ قويغاننى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن جۈملە ۋە ئابزاسنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەمگىكى باردەك تۇيغۇ بېرىشنى قانداقمۇ «ئۆزگىچىلىك» دېگىلى بولسۇن! بۇنداق رەڭۋازلىقنى «ئۆزگىچىلىك» دەپ ئاتىغاندىن كۆرە «نائۇستا كۆچۈرمىكەشلىك»، «تەرجىمە ئالىقاپلىقى» دېگەن تۈزۈك.
ئۈچىنچىدىن، سەۋرنىڭ «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» مەنىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەرجىمانىمىز سۈرە قافنىڭ 39 - ئايىتىنى، يەنى «فَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ ٱلشَّمْسِ وَقَبْلَ ٱلْغُرُوبِ» دېگەن ئايەتنى ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن پەرقسىز جۈملىمۇجۈملە ئوخشاش كۆچۈرىدۇ ۋە «صبر» سۆزىنىڭ ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن پەرقسىز سەۋر قىلىش مەنىسى بويىچە شۇ پېتى ئالىدۇ. يەنى سەۋر قىلغىن ئىبارىسىنى ئالدىنقىلاردىن پەرقى يوق ئىشلەتكەندىن سىرت ئۆزى تەكىتلەۋاتقان «ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىق» مەنىسىگە ئالاقىدار ھېچبىر ئىما - ئىشارە بەرمەيدۇ. تەرجىمانىمىز سەۋر قىلىشنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» دەپ قارىدى، دېسەكمۇ ئالدىنقىلار تەرجىمە قىلغاننى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارنى «ھەممە جايدا بىرخىل سەۋر دەپ ئالغان» دەۋېلىشى غەلىتە.
تەرجىمانىمىز يەنە سەۋرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەچ كەلتۈرگەن ئىككىنچى مىسالنى بېرىدۇ ۋە مىسالغا «لئن صبرتم لهو خير للصابرين» دېگەن ئايەتنى، يەنى سۈرە نەھلنىڭ 126 – ئايىتىنى ۋە بۇ ئايەتكە بەرگەن تۆۋەندىكى تەرجىمىسىنى كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ: «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، بۇ ئەپۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[1]. مانا بۇ مىسالدا تەرجىمانىمىز ئايەتتىكى «صبرتم» ۋە «الصابرين»، ئىبارىلىرىنى «ئەپۇ قىلغۇچىلار» دەپ ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» مەنىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ بىرىنچى نەشرىدىمۇ، ئىككىنچى نەشرىدىمۇ نەھل سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتنى كەلتۈرگەن مىسالدىكى ئۆرنەك تەرجىمە بويىچە ئالماستىن، ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدىن قوراشتۇرۇپ كۆچۈرگەن بويىچە ئالىدۇ. مەسىلەن ئايەتنىڭ تەرجىمىلىرىگە قارايلۇق:
− ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
يۇقىرىقى تەرجىمىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەد يۈسۈپ ئايەت تەرجىمىسىنى كىتاب ئىچىدە بەرگەندە ھەيئەت تەرجىمىسىدىن«سەۋر قىلغۇچىلار» دەپ ئەينەن كۆچۈرگەن. قانداقتۇر ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا كەلتۈرگەن بويىچە «... ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، بۇ ئەپۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر» دەپ تەرجىمە بەرمىگەن. مېتود باشقا، ئەمەلىي تەتبىقلىشى باشقا بۇ خىل تۇتامسىزلىقلارمۇ تەرجىمانىمىزنىڭ نائۇستا تەرجىمانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كۆچۈرۈپ - چاپلاش ھەرىكىتىدىمۇ نائۇستا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تۆتىنچىدىن، سەۋر ئاتالغۇسى تەۋەككۈل ئاتالغۇسىغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرچە سەۋر قىلىش ئاتالغۇسىمۇ دىنىي تىلدا قۇرئان كەرىمدە كۆزدە تۇتۇلغان مەنىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان ئۇقۇمدۇر. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئاللاھقا تايىنىش مەنىسى بولغىنىدەك، سەۋر قىلىشنىڭمۇ ئەزىيەتكە سەۋر قىلىپ تەمكىن بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، چىداملىق بولۇش مەنىلىرى بار، ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىسلامىي ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىقى مەنىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. شۇڭا تەرجىمىدە ھەممە يەرگە سەۋرنى ئىشلىتىش ئۇنىڭ چىدامچان بولۇش مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرچىدا «چىداپ تۇر»، «سەۋر قىل»، «سەۋر - تاقەتلىك بول» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مەنىدە ۋە بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان سۆزلەردۇر. چۈنكى سەۋر ئۇقۇمىدا بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى جەملەنگەن. شۇڭا بىر تەرجىماننىڭ سەۋر سۆزىنى ئۇدۇل ئىشلىتىشى سەۋرنىڭ ئۈچ مەنىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىپادىلەشكە قادىر بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتكىنىدۇر. كونتېكىستتا سەۋرنىڭ قايسى مەنىسىنى بەلگىلەش بولسا، تەرجىماننىڭ تىرناق ئىچىدىكى «ئەزىيەتلەرگە»، «تائەت - ئىبادەت ئۈستىدە»، «جىھاد مەيدانىدا» قاتارلىق تىرناق ئىچى ئىزاھاتنىڭ مۇددىئاسى بەلگىلەپ بېرىدۇ. تەبىئىي ھالدا بۇ ئوقۇرمەنگە سەۋر ئۇقۇمىنىڭ تىرناق ئىچى ئىزاھاتىغا قاراپ ياكى سەۋر ئۇقۇمىنىڭ كونتېكسىتتىكى ئورنىغا قاراپ مەنىلەر ئىچىدە قايسىسى كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭقىرىشىغا يېتەكچى بولىدۇ. بۇ تەرزدە تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىتتا ھەم ئاتالغۇلارنى جانلىق ئىشلىتىش، ھەمدە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قاتلاملىق مەنىلىرىنى ئوقۇرمەنگە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەد سالىھنىڭ مەلۇم ئايەتتە سەۋر سۆزىنى ئىشلىتىپ شۇ سۆزنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە تىرناق ئېچىپ «بالاغا ئۇچرىغاندا» دەپ قوشۇپ قويۇشى ئۇ يەردىكى سەۋر قىلىشتىن تەسەللىي بېرىش ۋە تەسكىن تاپقۇزۇش سىياقىدىكى «تەمكىن بولۇش» مەنىسىنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا يېتەرلىكتۇر. يەنە بىر ئايەتتىكى سەۋر سۆزىگە تىرناق ئېچىپ سەۋر قىلىش دەپ بولۇپ «كەچۈرۈۋېتىش» سۆزىنى قوشۇپ قويۇشى ئۇ يەردىكى سەۋرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېغىر بولۇش، كەڭ قورساق بولۇشقا قارىتىلغان مەنىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا يېتەرلىكتۇر. دېمەك ئىش تەرجىمانىمىزنىڭ كاللىسىدا قوراشتۇرۇۋالغىنىدەك ئەمەس. سەۋر ئۇقۇمىغا ئۇيغۇرچىدىكى، يەنى ئىزاھلىق لۇغەتتىكى سەۋرنىڭ بىرلا مەنىسىنى بېكىتىۋېلىپ سەۋرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى باشقا مەنىلىرىنى، بولۇپمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن بويىچە چۈشىنىش كېرەك بولغان ئاتالغۇ مەنىلىرىنى ئۇيغۇرچىدىكى سەۋر بىلەن زىت دەپ ئويلىۋېلىش، دەرۋەقە خاتا مۇقەددىمىدىن خاتا نەتىجە چىقىرىپ بىھۇدە كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇنىڭدەك ئالدىنقى تەرجىمان مەلۇم تەپسىرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پەرقلىق ئالغان جاينى كېيىنكى تەرجىمان يەنە بىر تەپسىرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يەنە بىر مەنىسى بويىچە پەرقلىق ئالسا بولۇۋېرىدىغان ئىشقىمۇ زورىغا پۇتاق چىقىرىشقا تىپىرلاشنىڭ، گويا باشقا تەرجىمانلارمۇ پەرقلىق جايدا پەرقلىق ئالمىغاندەك بىر ھېكايىنى توقۇشنىڭ، ئۆزىنى ئۇلاردەك قىلماي باشقىچە ئىش قىلغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ قىلچە ئورنى يوق. بەلكى تەرجىمانىمىز ھەرقانچە سۆزلۈك يەڭگۈشلەپ، ئاتالغۇلار ئۈستىدىن گەپ يورغىلىتىپ دىققەت بۇرىسىمۇ نەتىجىدە تەرجىمانىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ ئۆزى ھەممىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھەرقانچە رەڭۋازلىق قىلسىمۇ بەرىبىر ئىشنىڭ تەرجىمانىمىز ئىددىئا قىلىۋاتقاندەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ئىشىنىڭ ئاساسەن جۈملىمۇجۈملە كۆچۈرۈش، سۆزلۈك يەڭگۈشلەپ ياكى بىر - ئىككى سۆزنى ئالدى - كەينى قىلىپ ياپسارلاش ۋە ياكى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنى ئالدى - كەينى قوراشتۇرۇپ ئۈچىنچى تەرجىمە ياساپ چىقىشتەك ساختا ئىلمىيلىكنى، بۇزۇق مېتودلۇق سۈنئىي تەرجىمە بولۇشتەك ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. قايسى سۆزنى قەيەردىن ئالغانلىقنى، قايسى گەپنى قايسى تەپسىر بويىچە ئاساسلانغانلىقنى پەرق ئېتەلىگۈدەك ھەرقانداق ئىزدەنگۈچى ئاتالمىش يېڭى تەرجىمە ھەققىدىكى بۇ تۈر گەپ ئوينىتىشلارنىڭ ئەسلى - ۋەسلىنى، قىلىنىۋاتقان ئىلمىي كۆز بويامچىلىقنىڭ ئەپتى - بەشىرەسىنى ئوڭايلا بايقاپ ئالالايدۇ.
5. «ئىسراپ» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى تۇتۇم ۋە زىتلىقلار
تەرجىمانىمىز بۇ خۇسۇستىكى بايانىدا قۇرئاندىكى «إسراف» سۆزىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق مەنىلىرى بارلىقىنى، ئىسراپ سۆزىنىڭ قۇرئاندىكى مەنىلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتتىكى مەنىسى بىلەن ئۇيۇشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرچىدىكى ئىسراپنىڭ بۇزۇپ چېچىش مەنىسىدىن سىرت، يەپ ئېچىشتە قارنى بالالىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، يەنى ئىسراپ ئۇقۇمنىڭ بۇزۇپ چېچىش ۋە ئورۇنسىز زايە قىلىۋېتىش مەنىلىرىدىنمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى ئاۋام ئارىسىدىكى بۇزۇپ چېچىش مەنىسى بويىچە چۈشەنمەستىن كەڭ مەنىدە چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يېرى تەرجىمانىمىز ئىسراپ ئاتالغۇسىنى بۇ نۆۋەت لۇغەت مەنىسى بويىچە ئېلىش تەشەببۇسىنى قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئىسراپ سۆزى ئومۇملىشىپ بولغان ئاتالغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن قېلىپلىشىپ بولغان شەكلى بويىچە ئېلىشنى، يەنى، ئىسراپ ئاتالغۇسىنى ئەينەن ئېلىۋەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ئۇقۇمنى ئىزاھلىق لۇغەتتىكى مەنىسى بويىچە ئەمەس، قۇرئانىي مەنىلىرى بويىچە كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
بۇ ئورۇندا تەرجىمانىمىزغا دېگۈمىز كېلىدۇكى، ئەجەبا «تەۋەككۈل»، «پاسىق»، «ئىھسان»، «سەۋر» قاتارلىق ئاتالغۇلارمۇ دەل ئىسراپ ئۇقۇمىدەك كەڭ ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنىلەرگە ئىگە سۆزلەر ئەمەسمىدى؟ شۇ سۆزلەرگىمۇ ئىسراپ ئاتالغۇسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىنسا، ئىزاھلىق لۇغەتتىكى چالا ئىزاھاتى بويىچە چۈشەنمەستىن قۇرئانىي مەنىسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك مەنىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ چۈشىنىش ئەسكەرتىلسە، قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇ ھالىتىدە ئۆز پېتى ئېلىنسا بولۇۋېرەتتى ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا ئىسراپ ئاتالغۇسىغا قوللىنىلغان ئۆلچەم نېمىشقا باشقا ئاتالغۇلارغا ئوخشاش قويۇلمىدى؟ ئەجەبا يۇقىرىقى ئاتالغۇلارغا بىرخىل ئۆلچەم، ئىسراپ ئۇقۇمىغا بىرخىل ئۆلچە قوللىنىش قەيەرچە ئىلمىيلىك؟
يەنە كېلىپ تەرجىمانىمىز تەۋەككۈل، پاسىق قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئەرەبچىدىن ئۆزلەشكەن بويىچە ئۇيغۇرچە ئەينەن ئېلىشنى ئىزاھاتلىق لۇغەتتىكى مەنىسى توغرا ئىپادىلىيەلمىدى باھانىسى بىلەن بۇزۇشنى لايىق كۆرىدۇ - يۇ، ئىسراپقا كەلگەندە ئاتالغۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەنىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتتە يوق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنى ئۆز پېتى ئېلىۋېرىشنى لايىق كۆرۈپ قالىدۇ. نېمىشقا ئىسراپ ئاتالغۇسىغا تۇتۇلغان بۇ تۇتۇم باشقا قۇرئانىي ئاتالغۇلارغا تۇتۇلمىدى. ئەجەبا بۇ زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆزىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان قائىدىسىگە ئۆزى زىت ئىش قىلىش ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا بۇ قەيەرچە تۇتۇم؟
تەرجىمانىمىز يەنە ئىسراپ ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇملاشقان ئاتالغۇ بولغانلىقىنىڭ يۈزىنى قېلىپ ئىسراپ ئاتالغۇسىنى ئۆز پېتى ئېلىۋەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز بۇ تەرجىمىدە ‹الإسراف› دېگەن ئاتالغۇنى تىلىمىزدا ئومۇملاشقان بويىچە ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن ‹ئىسراپ› دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇق»[2] دەيدۇ. بىزمۇ دەيمىزكى، ئەجەبا تەۋەككۈل، پاسىق، سەۋر، پەرۋەردىگار قاتارلىق ئاتالغۇلار تىلىمىزدا ئومۇملاشقان ئاتالغۇلار بولماستىن، بىرەر ھابدالنىڭ خورجىنىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ قالغان ئاتالغۇلارمىدى؟ ئاشۇ ئاتالغۇلارمۇ ئىسراپ ئاتالغۇلىرىغا ئوخشاش بۇ تىلنىڭ، ھەمدە دىنىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆز ۋە ساپ ئاتالغۇلىرى ئەمەسمىدى؟ ئەگەر بۇ ئاتالغۇلار ئەسلىدە ساپ ھالىتىدە ئومۇملىشىپ كېيىنچە بۇرمىلىنىشقا ۋە مەنىلىرى تار دائىرە بىلەن چەكلىنىشكە ئۇچرىغان بولسا، ئىشنىڭ يولى خۇددى ئىسراپ ئاتالغۇسىغا قۇرئانىي ئىزاھات ۋە ئەسكەرتمىلەرنى بەرگەندەك ئەسكەرتىش ۋە ئاتالغۇنى ئومۇملاشقان بويىچە ئەسلى پېتى ئېلىۋېرىش ئاتالغۇنى يەكلەشتىن، ئۇنى ئىشلەتمەي لۇغەت ۋە سۆزلۈك مەنىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ ھەر خىل ئىزاھاتلاپ مەقسەتنى ئۇقتۇرۇشقا مەجبۇر قېلىشتەك جان قىيناشتىن نەچچە ھەسسە ئەلا ۋە ئىسلاھ قىلىش يولىنى تۇتقانلىق بولماسمىدى؟
قىسقىسى، بۇلارنىڭ بەرى تەرجىمانىمىزنىڭ ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەر ئاستىدا قوللانغان مېتودىنىڭ باشتىن تارتىپ بۇزۇقلىقىنىڭ، نېمىنى قانداق تەرجىمە قىلىش ۋە قانداق ئىپادىلەش خۇسۇسىدا ئۆزىگە ئائىت مۇستەقىل ئىلمىي مېتود ياكى بىرەر تۇتۇمغا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ، مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋەزنى ۋە دەرىجىسى ئاساسىدا ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىدىن يوقسۇزلۇقىنىڭ ئاقىۋىتى دېمەكتىن باشقا چارە يوق. مانا بۇلار ئۆز نامىغا تەۋە قىلىپ قۇرئان تەرجىمە قىلىشتەك بىر خىزمەتنى ئىشلەشتە ئۆزىگە خاس تەرجىمە ئۇسلۇبى، تىل ئىشلىتىشتىكى ماھارەت ۋە ئۆزىگە خاس تەپسىرچىلىك مېتودى بولۇشتەك ئەقەللىي شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. شۇنداقلا تېگىشلىك شەرت ۋە ئىلمىي سەۋىيەنى ھازىرلىماي تۇرۇپ تەرجىمىگە يەڭ تۈرۈشتە ھەددىنى بىلمەسلىكنىڭ، ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى ئابزاسمۇئابزاس ئېلىپ كۆچۈرسىمۇ، ئېپى كەلگەندە بىر ياكى ئىككى سۆزنى مەنىداش سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇش ياكى ئالدى - كەينى قىلىپ يەڭگۈشلەش، ياكى ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن كېسىپ ئۇلاپ ئۈچىنچى ئەبجەش تەرجىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ «مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى» دېيىشتىن تەپتارتمايدىغان دەرىجىدە يۈزى قېلىنلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ دەرىجىدە سەۋىيە چاندۇرىدىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈش، «تەرجىمە قىلغۇچى» دېگەن ۋەسىپنىڭ ھەققىنى بېرەلمىگەننى ئاز دەپ چويلىغا توختىمايدىغان ئۆزگەرتىش، شاللاش، بۇزۇش ۋە بۇرمىلاشلارنى، كۆچۈرمىكەشلىكلەرنى سادىر قىلىپ يۈرۈشلەر كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ. ئىلىم نامۇسىنىڭ بۇ دەرىجىدە پايخان قىلىنىشى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ كۈنىمىزدە ئۆلىما نامىدا ساھەنىڭ بېشىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ قولىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى بولسا، كىشىنى چۆچۈتىدۇ، نومۇسىنى كەلتۈرىدۇ.
كۆچۈرۈش گېپى بولۇنغان ئىكەن، ئىسراپ ھەققىدىكى ئايەتلەرگە تەرجىمانىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە تەرجىمە ئەمگىكى سىڭدۈرگەنلىكىگىمۇ دىققەت ئاغدۇرماي تۇرالمىدۇق. ئەپسۇسكى، بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن ئالغان تەسىراتىمىز ئالدىنقى تېمىلاردا كەلتۈرگەن سېلىشتۇرمىلاردىن ئالغان تەسىراتىمىزدىن كۆپ پەرقلىق بولمىدى. تۆۋەندە بىز ئىسراپ ھەققىدىكى ئايەتلەر ھەققىدىمۇ ئۆرنەك تەرىقىسىدە بەزى سېلىشتۇرما ئۆرنەكلەرنى بېرىش بىلەن بۇ خۇسۇستىكى بايانلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.
1) سۈرە دۇخان 31 – ئايەت: «مِن فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيًا مِّنَ ٱلْمُسْرِفِينَ».
تەرجىمىلەر:
− شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن− پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى پىرئەۋىننىڭ خار قىلغۇچى ئازابىدىن قۇتقۇزدۇق. پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىدى. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن− پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى پىرئەۋن يوغانچى ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
يۇقىرىقى تەرجىمىلەرنىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىدىن ئابزاس ھالىتى ۋە قۇرۇلمىسىى جەھەتتىن پەرقى يوق. تەرجىمانىمىزنىڭ قىلغان ئىشى ئۆز پېتى كۆچۈرۈش، ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر - ئىككى سۆزنىڭ ئىپادە شەكلىنى ئوخشىماس ئېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىۋالغان تىل فاشىستلىقى «مېتودى» بويىچە تىلىمىزدىكى قۇرئانىي ئاتالغۇ بولغان مۇتەكەببىر سۆزىنى ئەتەي يوغانچى دەپ ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمىغان. يەنى مۇھەممەد يۈسۈپكە ئائىت تەرجىمە ۋە ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىسى يىغىپ كەلسە ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى «مۇتەكەببىر» سۆزى يىلتىزى ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى زېھنىيىتىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمىغان. قارىماققا مۇتەكەببىر سۆزىنى يوغانچى دەپ ئالغانلىق ئاددىي ئىشتەك، تەرجىمىگە نىسبەتەن مەسىلە يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، مەسىلە قانداق تەرجىمە قىلغانلىقتا ئەمەس، بەلكى ئۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقتا ۋە بۇنى قىلىشنىڭ سەۋەبىدە. تەرجىمانىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدىكى بۇزۇق مېتودىغا سالغاندا قىلغىنىنىڭ تەرجىمە ئەمگىكى ئەمەس، تىل فاشىستلىقىنى كوچىلاپ يۈرۈپمۇ بولسا تەتبىقلاش ئىشى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
2) سۈرە غافىر 34 – ئايەت: «وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ».
تەرجىمىلەر:
− شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈفمۇ روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن سىلەر ھەمىشە گۇمانلىناتتىڭلار. ئۇ ۋاپات بولۇۋىدى، سىلەر ‹ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن) گۇمانلانغۇچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− شەكسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر ئۇنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن ھەمىشە شەكلىنىش ئىچىدە بولدۇڭلار، نىھايەت ئۇ ۋاپات بولغاندا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان گۇمانخورنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
ئىسراپقا دائىر ئىبارە كەچكەن يۇقىرىقى ئايەت تەرجىمىسىدىمۇ ۋەزىيەت ئالدىنقىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەيئەت تەرجىمىسى ئۆز ئىددىئاسىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە بىرىنچى تەرجىمىنىڭ تەرجىمە سۈپىتى، ئىپادە شەكلى قاتارلىقلارغا، يەنى ئىشنىڭ پەرداز قىسمىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سىدە بولسا، ئۇنىڭغا تەۋە قىلغۇدەك ئايەت تەرجىمىسى مەۋجۇت ئەمەس. بۇ تەرجىمىدىمۇ قىلغان ئىشى ئالدىنقىغا ئوخشاش جۈملىنىڭ ئىگە - خەۋىرىنى ئالدى كەينى ياپسارلاش، ئومۇمىي ھالىتىنى ئەينى پېتى كۆچۈرۈش ۋە تىل فاشىستىلىقى تۇتۇمى بويىچە كۆز رادارىغا چۈشكەن ئەرەبچە ياكى پارسچىدىن ئۆزلەشكەن ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى شاللاپ ئورنىغا فاشىست زېھنىيەتنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش يىلتىزى ئۇيغۇرچە سۆزگە ئالماشتۇرۇش بولغان. مەسىلەن قىلىنغان ئىش ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدە كەچكەن «روشەن» سۆزىنى پارسچىدىن ئۆزلەشكەنلىك گۇناھى سەۋەبلىك «ئوپئوچۇق»غا ئۆزگەرتىش بولغان، خالاس!
3) سۈرە ئىسرا 33 – ئايەت: «وَلَا تَقْتُلُوا۟ ٱلنَّفْسَ ٱلَّتِى حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۗ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِۦ سُلْطَـٰنًا فَلَا يُسْرِف فِّى ٱلْقَتْلِ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ مَنصُورًا».
− ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن (قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− ئۆلتۈرۈشنى ئاللاھ ھارام قىلغان ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار؛ ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا تولۇق ھوقۇق بەردۇق، ئۇ قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن. ئۇ ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر. – ھەيئەت تەرجىمىسى.
− ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار، (قىساس ئېلىشقا ئوخشاش) ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا تولۇق ھوقۇق بەردۇق. ئۇ قىساس ئېلىشتا چەكتىن ئاشمىسۇن. ئۇ (قىساس ئېلىشتا ئاللاھ تەرەپتىن) ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
يۇقىرى ئايەت تەرجىمىسىدىمۇ ھەيئەت تەرجىمىسىنىڭ مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىگە قارىتا مەلۇم چەكتە تىل جەھەتتىن ئوڭشاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۆز ئىددىئالىرىغا ئۇيغۇن ھالدا بىرىنچى تەرجىمىنى پەردازلاش تۈسىدە پەرقلىق تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرىمىز. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئاتالمىش تەرجىمىسىدە بولسا، ئىش ئۇنداق ئەمەس. تەرجىمانىمىز تەييار رەندىلىنىپ ئىشلەنگەن، پەردازلىنىپ لوق گۆش ئورنىدا تەييار قىلىپ بەرگەن تەرجىمىنى شۇ پېتى ئالغان ۋە ئۆز ئالدىغا تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە تەرجىمە قىلىشقا كاللا ئۇپرىتىپ يۈرمىگەن. شۇنداق قىلىپ تەرجىمانىمىز ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا مەنسىتمىگەن ھالدا «ئاتالمىش تەرجىمانلار» دەپ تۇرۇپ تىلغا ئالغان تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۇپ بولدى قىلغان.
قىسقىسى، تەھقىقلەش ۋە تەنقىد تارازىسىغا سېلىش نەتىجىسىدە تەرجىمانىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئالدىنقىلارنىڭكىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئىددىئاسى بىلەن مەخسۇس ماددىلارغا ئايرىپ سۇنغان ئاتالمىش «ئۆزگىچىلىكلەر»دىن نۆۋەتتە مەلۇم بولغىنى مەزكۇر «تەرجىمە ئەسەر»نىڭ بۇزۇق مېتودلۇق سۈنئىي تەرجىمىدىن، قوراشتۇرمىلار دۆۋىسىدىن باشقا نەرسە بولمىغانلىقىدۇر. بۇنىڭغا يەنە كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈچ تەرجىمىنى سېلىشتۇرغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆز ئالدىمىزدىكى تالايلىغان سۈرە ۋە ئايەت تەرجىمىلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئۆرنەكلەرگە ئوخشاش ياپسارلىنىپ، قوراشتۇرۇلۇپ، ئۇنى قىلىپ بولالمىغاندا بولسا، زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ سۆزلۈكلەرنى مەنىداشلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپمۇ بولسا پەردازلاپ دېگەندەك ھەر تۈرلۈك كۆچۈرۈپ - چاپلاش ھۈنەرلىرى بىلەن پۈتۈپ چىققانلىقىدەك رېئاللىقلار ئۇشبۇ يەكۈنىمىزنىڭ ئەمەلىي پاكىتى، تېنىۋېلىشقا يوچۇق قويمىغۇدەك دەرىجىدىكى «دەلىلى بۇرھانىي»، يەنى قەتئىيلىكى چىن ۋە تەۋرەنمەس دەلىللىرىدىندۇر.
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 652 - 653 بەتلەرگە قارالسۇن.
[2] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 654 – بەت.
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-06-02
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(13)