قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(2)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(2)
3. شاۋقۇنسىز ئىنقىلاب: مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى
مۇھەممەد سالىھ قەلىمىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا روياپقا چىققان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ «پۇرسەت»لىك زاماندا ئېلىپ بېرىلغان قۇرئان تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان ئىدى. گەرچە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇددىئاسىغا قالسا، بۇ خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىش تەلىپى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمران كۈچنىڭ ئىستىكىگە خىزمەت قىلىشقا يارايدىغان يوسۇندا چىقىشى كۆزلىنىپ، ئىسلامىي مەدەنىيەت خەزىنىلىرى خىرىسقا دۇچ كەلگەن ھەمدە مەدەنىيەت كىرىزىسى ياشاۋاتقان غەربىي تۈركىستان ۋە ئاناتولىيە جۇغراپىيەلىرىدىكىگە ئوخشاش قۇرئان كەرىمنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىنى تۆۋەنلىتىش، قەلىبلەرگە ئورنىغان مۇقەددەسلىك، ئۇلۇغلۇق ماقامىنى تۆۋەنلىتىش مەقسەت قىلىنىپ يېشىل چىراغ يېقىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئىش ھۆكۈمران سىنىپ كۈتكەندەك چىقمىدى ۋە ئۇ ئارزۇلىغان نەتىجىمۇ رۇي بەرمىدى. توغرىسى قىلىنغان خىزمەتنىڭ ساغلام ۋە ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىنىشى ئىشنى پۈتۈنلەي ئەكسىگە بۇرۇۋەتكەن بولدى. رېئاللىق شۇ بولدىكى، ئالتە يىللىق قېتىرقىنىپ ئىجتىھاد كۆرسىتىش نەتىجىسىدە 1986 – يىلى قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشردىن چىقتى، ئىككى يۈزمىڭ تىراژدا بېسىپ تارقىتىلدى. ئەسەر چىقىشى بىلەن تەڭ كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە ئاسارەتتە قاغجىرىغان قەلبكە زىلال سۇ مىسالى سىڭىپ خەلقنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە دىنىي ئاڭ ساپاسىنى يۇقىرىلاش ئېھتىياجىغا چارە بولدى، ئۇلارغا كۈچ بەخش ئەتتى. مەيلى مۆتىۋەر ئالىم - ئۆلىمالار نەزىرىدە بولسۇن، مەيلى قۇرئانشۇناس تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بولسۇن مەقبۇل بولغان ۋە ھەر دائىم بىمالال پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي قىممىتى يۇقىرى تەرجىمە سۈپىتىدە ھەممىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەسەرنىڭ بۇ دەرىجىدە مەقبۇللۇققا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ خەلقئارادىمۇ نوپۇزى ئاشتى. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسىسى سۈپىتىدە 1992 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت قارمىقىدىكى قۇرئان باسمىخانىسىدا ئالتە يۈزمىڭ تىراژدا بېسىلىپ ۋەتەن ئىچىگە ئەۋەتىلدى. ئېھتىياج ۋە تەلەپنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىدىن كىتاب سودىگەرلىرى نەچچە يۈزمىڭ تىراژدا بېسىپ تارقىتىپ تۇردى. ھېلىھەم بۇ تەرجىمە ئەسەر سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرئان باسما زاۋۇتىدا بېسىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 2017 - يىلى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىنمۇ نەچچە ئونمىڭ تىراژدا بېسىلدى ۋە ھازىرغىچە بىرقانچە قېتىم قايتا نەشر قىلىنىىپ كېلىۋاتىدۇ.
مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىشى ئۇنىڭ نوقۇل بىر تەرجىمە ئەسەرنى روياپقا چىقارغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىلمىي ئىجتىھادىنىڭ قۇرئان مەنىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىغا، يەنى الترجمة التفسيرية (ئىزاھاتلىق تەرجىمە) مېتودىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە قىلغانلىقىدا، پىشقان بىر لۇغەتشۇناس ئالىم بولۇشتەك ئىلمىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ قالماستىن، بىر دىنىي ئالىملىق، جۈملىدىن مۇپەسسىرلىك سالاھىيىتى بىلەن ئەسەرنىڭ تىلىنى، ئىسلامىي ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە، تەرجىمە قېلىپلىرىنى بېكىتىشتە ئۆزىگە خاس يول تۇتقانلىقىدا، بەرگەن ھەربىر ئىزاھ ياكى سۆز ئىشلىتىشتە چوقۇم بىر قاتار مۆتىۋەر تىل قامۇسلىرىغا، نوپۇزلۇق تەپسىرلەرگە ئاساسلانغانلىقىدا گەۋدىلەنگەن. چاغداش ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئالىمنىڭ ھەر ئىككى تىلنىڭ كىلاسسىك ۋە چاغداش تىل - ئەدەبىياتىغا پىششىق ۋە ھەر ئىككى تىلدا يۇقىرى سەۋىيەدە قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان، شېئىر - نەزمە پۈتەلەيدىغان يۈكسەك ئىلمىي ئىستېدات ئىگىسى بولغانلىقى، تىرەن ئەدىبلىكى ۋە جانلىق تىل ئىشلىتىشتىكى تەبىئىي تالانتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ پاساھەتلىك ۋە چۈشىنىشلىك چىقىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، جانلىق ئەدەبىي تەرجىمە بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىغا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، بولۇپمۇ تەرجىمە قىلىشتا تەپسىر ئىلمىنىڭ قانۇن - قائىدىلىرىگە تولىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن رىئايە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى قاتارلىقلار ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. قىسقىسى، ھەم چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلدىكى تۇنجى قۇرئان تەرجىمىسى بولۇشتەك مۇستەقىل ئەسەرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش، ھەمدە بۇنى ساھەنىڭ ئىلمىي قائىدىلىرىگە مۇمكىنقەدەر ئۇيغۇنلاشقان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك ئەۋزەللىكلەر ئەسەرنىڭ پۇختا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىشىدا چوڭ رول ئوينىغان ۋە بۇ سەۋەبلىك كۆپچىلىكنىڭ مەقبۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى، جۈملىدىن ئاسارەت مابەينىدە ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتقان، مەدەنىيەت تىلىمىزنىڭ تۈپكى مەنبەسىدىن، يەنى قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنى مۇناسىپ ئورنىدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى يېڭى زامان ئەدەبىي تىل زاپىسىغا ئېلىپ كىرىش جەھەتلەردىكى رولى پەۋقۇلئاددەدۇر. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى يەنە ئۇيغۇر تىلىنى قاناتسىز قۇشقا ئايلاندۇرۇش، پەنجىسى ۋە تۇمشۇقى كاردىن چىقىرىلغان بۈركۈتكە ئايلاندۇرۇش، يەنى تىلنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ تاشلاش پىلانى بولغان ۋە ھە دېگەندە بازارغا سېلىنىپ تۇرىدىغان ئاتالمىش تىل ۋە يېزىق ئىسلاھاتى، ئىملا يېڭىلىنىشى قاتارلىق يولسىزلارچە قايچىلاش ۋە تىكىپ سۆكۈشلەرگە قارشى ئىسلاھاتكارلىق رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭدەك مىللىي خاتىرىنى تىرىلدۈرىدىغان، مىللەتنىڭ ئەقىدە - ئەخلاق مىزانىغا خىتاب قىلىدىغان، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت دىنامىكلىرىنى جانلىق تۇتۇپ تۇرىدىغان، قىسقىسى ئۆزلۈكنى ساپلاشتۇرۇپ كۆك بىلەن يەر - زېمىن ئارىسىدىكى ساماۋى باغنى مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلىدىغان تەسىرچانلىقى كۈچلۈك قانداقكى سۆزلۈك ياكى ئاتالغۇ بولسا ئۇنى پىلانلىق شاللاش، ئاتالمىش «ئەرەبچىدىن كىرگەن»، «پارسچىدىن كىرگەن» ئىددىئاسىغا يوشۇرۇنغان يەكلەش ۋە ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلەرنى بىر - بىرىنىڭ دۈشمىنى كۆرسىتىش خاھىشىدىكى تىلنى قىرقىش ۋە تېيىزلەشتۈرۈش پىروجىلىرىگە قارشى ئىستىخىيەلىك زەربە بولۇشتەك قالقانلىق رولىنىمۇ جارى قىلدۇردى. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت قۇرۇلۇشى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارچە ئىسلامىي ۋە مىللىي ئەدەبىياتنى، مەدەنىي مىراس دائىرىسىدىكى بارچە ئىلمىي بايلىقلارنى باشتىن ئاياغ كوممۇنىستىك زېھنىيەتكە ئۇيغۇن شەرھلەپ چىقىش، يېزىق كۈلتۈرىدىن كەلگەن بارچە ئەسەرلەرنى قىزىللاشتۇرۇپ نەشردىن چىقىرىش شىددەت بىلەن قايناۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدە بارلىققا كەلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە بۇ تەرجىمىنىڭ ھۆكۈمران كۈچنىڭ كۈتمىگەن تەرزىدە روياپقا چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ نەمرۇت ياققان ئوتنىڭ ئىچىدە لەرزان ئېسىۋاتقان مەيىن شامالنىڭ كىنايىلىك مەسخىرىسى بولغان ئىدى.
مۇھەممەد سالىھ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق يېڭى زامان ئەدەبىي تىلنىڭ ئىسلامىي دىنامىكلىرىنى قوزغىتىپلا قالماي، قۇرئان تىلىنى تۈرلۈك ھۇجۇم ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان مەزمۇت ئۇلغا ئىگە قىلىشقىمۇ سەل قارىمىدى. مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ قارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشتەك «ئەۋزەللىك»كە تايىنىپ، شۇنداقلا ئۆز ئەمگىكى ۋە جاپالىق مېھنىتىگە يارىشا تىكلىگەن ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ يەنە يۈزلەپ تەرجىمە ئەسەر، نەچچىلىگەن ماۋزۇلاردا كىتاب - ئەسەر يېزىش ئىمكانىيىتى ۋە شۇنداق قىلغۇدەك ئەمەلىي ئىستېداتى بار تۇرۇپ ھېچبىر ئىشنى لۇغەت تۈزۈشتىن، قامۇس تۈزۈپ چىقىشتىنمۇ مۇھىم بىلمىدى. باشقا - باشقا ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەمگەكلەرگىمۇ قامۇس تۈزۈش خىزمىتىدىن ئېشىنغاندا ئاندىن قول ئۇردى. «قامۇسى بولمىغان مىللەتنىڭ نامۇسى بولماس» دېگەن ھېكمەتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ۋە بۇنى شوئۇرىغا نەقىشلىگەن بۇ ئالىم قۇرئان تەرجىمىسىدىن كېيىنكى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك خىزمەتلەردىن بىرىنىڭ مىللەتكە چوڭ تىپتىكى بىر قامۇسنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇلارغا تەقدىم قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئانا تىلنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدەك چوڭ خەزىنە تىلنى قەپەسكە مەھكۇم قىلىۋېتىپ ئۇنىڭ ھەققىدە خۇي - مىزاجىغا ۋە كوممۇنىستىك زېھنىيەتكە بېقىپ تۈرلۈك ھۆكۈم پىچىدىغان كادىرلارنىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن، ئىككى تىلدا ئىجادىيەت قىلالايدىغان ئىمكانىيەت ۋە سالاھىيەت تۈرتكىسىدە «ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە قامۇس» تۈزۈش پىلانى ئالىم ئۈچۈن ئەڭ جايىدا تاللاش بولغان ئىدى.
قامۇسنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە كېكەچلىككە مەھكۇم قىلىنغان تىلنى راۋانلاشتۇرۇشقا، بوغۇق ئاۋاز تونىنى سازلاشقا خىزمەت قىلاتتى. ئىستېمالدىن مەجبۇر قالدۇرۇۋېتىلگەن، مەتبۇئاتتىن چىقىرىپ تاشلىنىشقا، ھەتتا مەتبۇئات خادىملىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان ھالدىكى ناتونۇشلۇققا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن دىنىي تىلنى ئىستېمالغا قايتىدىن كىرگۈزۈش، ئاتالمىش «دىنىي ئەسەرنىڭ تىلى» كۈنلۈكى ئاستىدا بولسىمۇ ئۇنى يېزىق تىلىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش خىزمىتىمۇ ئۇشبۇ قامۇسنىڭ مەتبۇئات يۈزىدە تىكلىگەن ئوبرازى، نوپۇزى ۋە سالاھىيىتى سايىسىدا ۋۇجۇدقا كېلەتتى. دەرۋەقە، مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ رولى، ھەمدە ئۇنىڭ خەلقنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ ئاساسىي ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى بولغان ئانا تىل ئىھياسى بابىدىكى بۇ تىرىشچانلىقلىرى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە تېزلا ئۈنۈم كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قازغان قۇدۇقىدىن، توغرىسى تىندۇرۇۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدە قايتا كەشىپ قىلىنغان، مىللەتكە تەقدىم قىلىنغان ئىلىم - مەرىپەت بۇلۇقىدىن ئوقۇمۇشلۇقلار سىنىپىدىن تارتىپ ئاۋاملار تەبىقىسىغىچە بولغان بارچە تەبىقىلەر ئۇچۇملاپ سۇ ئىچتى.
«قۇدۇقنى بىر كىشى قازار، مىڭ كىشى ئىچەر» دەپ ئېيتىلغاندەك، ئەللامە مۇھەممەد سالىھنىڭ شاۋقۇنسىز ئىنقىلابى، مۇنداقچە ئېيتقاندا داۋراڭسىز ۋە ساداسىز ئېلىپ بارغان ئىھيا ھەرىكىتىدە قۇرئان كەرىمنىڭ پەقەتلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىسىلا روياپقا چىقمىدى. بەلكى ئۇ تەرجىمانلىق سۈپىتى بىلەن تەرجىمە نەزەرىيەسىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆرنەك بەرپا قىلدى. لۇغەتشۇناس ۋە ئەدىبلىك سۈپىتى بىلەن تىل ۋە ئاتالغۇشۇناسلارغا ئۇنتۇغانلىرىنى ئەسلەتتى. ئۇقۇم - ئاتالغۇلارنى، ئىستىلاھىي ۋە كەسپىي سۆزلەرنى ئەمەلىي تەتبىقلاشتا قانداق ئىپادىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. قۇرئان بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭ قۇرئان تەرجىمىسىگە مۇراجىئەت قىلماستىن قۇرئاننى چۈشىنىشكە يېقىنلاشماسلىقنى ئەدەپتىن بىلدى. قۇرئان ئىلمىنى ئۆگىنىشكە يەڭ تۈرگەن ھېچبىر تالىبۇلئىلىم ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى ۋە قامۇسلىرىنىڭ ياردىمىسىز ئىلىم ساھەسىدە يورغىلىماس بولدى. مانا بۇنى يېقىنقى ئوتتۇز يىلغا سوزۇلغان قىسقىغىنا مۇددەتتە مەيدانغا كەلگەن مىللەتنىڭ ئىلىم مىراسىغا ئۆز ئەھلى ۋە سالاھىيەتلىك كىشىلىرى تەرىپىدىن توغرا ئۇسۇلدا ساھىب چىقىشقا تىرىشقانلىقنىڭ مېۋىسى، مەلۇم مەنىدە ئاللاھنىڭ قوبۇل كۆرگىنىنى بەندىلەرنىڭمۇ باغرىغا باسىدىغانلىقىنىڭ رېئال ئىپادىسى دېيىشكە بولاتتى.
4. يولنىڭ داۋامى: تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى
يۇقىرىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەر ئەلۋەتتە مۇھەممەد سالىھنىڭ باشلىغان يولىنىڭ ھەرقاچان ۋە ھەر جەھەتتىن كامىللىقتىن نېسىۋىلەنگەنلىكنى، ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ نۇقسانسىز ياكى سەھۋەنلىكتىن خالىي بولغانلىقىغا كۆز يۇمغانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇنداق بولغانلىقىمۇ مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي ھاياتىدا تىكلىگەن ئوبرازىنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرمەيدۇ. ئەكسىچە يۇقىرىلىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى تەكرارلانغان ياكى تەكرارلىنىشى ئىلمىي بوشلۇق بولۇپ، قىلىنغان ئىش يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىق، تولۇقلىغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى يولىنىڭ داۋامىنى ئۇلىغانلىق جۈملىسىدىن بولغان بولسا، ئىلىم - مەرىپەتكە تويۇنغان ۋە ئەھلى بولۇشقا لاياقەتلىكلەر قولىدا بارلىققا كەلگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا روياپقا چىققان ھەرقانداق ئىلمىي ئەمگەك قارشى ئېلىنمىقى، ئىلمىي ئۆلچەملەر ئاساسىدا ئۆز يولىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىكى ئىلمىي ئەخلاق ۋە ئىنساپ جۈملىسىدىندۇر.
ئەپسۇسكى، مۇستەملىكىچى تۈزۈم ھەر ۋاقىت ھېچ ئىشنى كۈتكەندەك ماڭدۇرماسلىقنىڭ كاپالىتى. ئۇ ھەمىشە مەھكۇم تەبىقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بەدىلىگە ئۆز مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كويىدا بولىدۇ. مۇھەممەد سالىھتەك مىڭلىغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدىن يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى سۈپەتلىك روياپقا چىقىرالايدىغان ئالىم - ئەدىبلەرنىڭ، تەتقىقاتچى ئۆلىمالارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئاز كەم 50 يىلدا بىر مۇمكىن بولىدىغان ئىشلاردۇر. ئوقۇيدىغانلار ۋە ئوقۇمۇشلۇقلار تۈركۈمى ھەر دەۋردە سانى كۆپىيىشى، مەلۇم دائىرىدە تەسىر يارىتىپ خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. لېكىن خەلقنىڭ مەقبۇلىغا ئېرىشىدىغان، ئۇلارنىڭ ئاڭ - تەپەككۇرىغا، ئىلمىي چاڭقاقلىقىغا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەممىباب مەلھەم ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ئىستېدات ئىگىلىرى، ئىلىم ئەھلى توپىدىن ئۈزۈپ چىقىپ ئۆرنەك ۋە ئۈلگىلەرنى بەرپا قىلالايدىغان ئالىم - فازىللار نەچچە ئون يىلدا بىر چىقسا شۈكرى قىلىنسا بولىدۇ. دەرۋەقە بۇ تۈرلۈك ئىشلار ھەرقايسى ساھەدە ئوخشاش بولۇپ، ھەرقانداق بىر ساھەنىڭ توپى ۋە شۇ توپنىڭ ئىچىدە تەسىر دائىرىسى ئومۇمغا يېتىدىغان، ئۇلارنىڭ غېمىنى ئۇلاردىن بۇرۇن ۋە ئۇلار ئۈچۈن يەپ ئۆمۈر ھاياتىنى ئىسلامغا، ۋەتەن - مىللىتىگە ئاتايدىغان كىشىلەر بولىدۇ. بۇ بىر شەخس بولۇشىمۇ، بىرەر كوللېكتىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇھىمى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپنىڭ ئىچىدە ھەرقاچان ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، شاۋقۇنسىز ئىنقىلابلارنىڭ، داۋراڭسىز ئىھيا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدا ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىنىڭ كۈنى كېلىپ چوقۇم مېۋە بەرمەي قالمايدىغانلىقىدۇر.
قۇرئان كەرىم تېمىسىغا قايتىپ كېلىدىغان بولساق، تەبىئىكى ھەرقانداق تەرجىمە ئەسلىسىنى ئىككىنچى تىلدا ئىزاھ ۋە شەرھ تەرىقىسىدە ئاڭلىتالايدۇكى، ئەسلىسىنىڭ ئورنىنى ئالدىراپ ئالالمايدۇ. قۇرئان كەرىمدەك مەتنىدىن تارتىپ مەزمۇنىغىچە، ھەتتا زىر ياكى زەۋەر ئوقۇلۇشىغىچە مەنە قاتلىمى چوڭقۇرلىشىدىغان، پاساھەت ۋە بالاغەتتە مۆجىزىۋىلىكى بىلەن 14 ئەسىر مابەينىدە پەقەت ئەرەبلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلاھىي كىتابقا نىسبەتەن ئۇنىڭ تەرجىمىسىگە تۇتۇنۇش پەقەتلا ئۇنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىنى ئاڭلىتىشتىن ھالقىمايدىغان بىر ئىلمىي خىزمەت، خالاس. قىلالايدىغان ئىش ئىككىنچى بىر تىلنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشىشتۇر. پاساھەت ۋە بالاغەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى چۈشىنىپ يېتىش، مەنە قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنى قېزىپ چىقىش قاتارلىقلار بولسا، پەقەتلا ئۇنىڭ ئەسلىي تىلىغا ئەتراپلىق ۋاقىپ بولۇش، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشكە خىزمەت قىلىدىغان بارچە ئىلىم تۈرلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇرۇش ۋە ئەقلىي ھەمدە نەقلىي ئىلىملەرنى قائىدىسىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇمكىن. مۇپەسسىرلەرنىڭ قۇرئاننى تەپسىرلەشكە كېتەرلىك ئاز كەم 20 گە يېقىن ئىلىمنى ئەتراپلىق بىلىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىندۇر.
دەرۋەقە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە مەنە تەرجىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەر تەرەپلىمە مۇددىئا - غايىلەر تۈرتكىسىدە باشلانغان بولۇشىغا قارىماي، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە تارىخىي رولىنى ئۆتەيدىغان، سۈپەتلىك ۋە ساغلام بولغان ئىلمىي ئەمگەك سۈپىتىدە مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئىجابىي خىزمەت قىلدى. مىللەتنىڭ ئىسلامىي شوئۇرىنى دەز كەتكۈزۈش ئورنىغا، ئاسارەتلىك 30 يىلنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز قاباھەتلىك يىللىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئازغىنە نەپەس ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان مىللەتنىڭ چوڭقۇر مەنىۋى جاراھىتىگە يارايدىغان مەلھەم بولدى. ئارىدىن يىگىرمە يىلچە ئۆتۈپ كۆزىتىش ۋە دەڭسەشتىن مەلۇم بولدىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئوبرازى كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە خەلق قەلبىدە يەنىمۇ يۇقىرىلىسا يۇقىرىلىدىكى تۆۋەنلىمىدى. مانا بۇ ھۆكۈمران سىنىپنى ئىككىنچى قەدەمنى ئېلىشقا قىستىغان ئامىل بولۇپ، ئىككىنچى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ، يەنى 2013 - يىلدا نەشرگە تەييارلانغان ھەيئەت تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىشى مانا بۇ تۈرتكىنىڭ ئاپىرىدىسى ئىدى. ئەينى چاغدا مەزكۇر تەرجىمە روياپقا چىقىشتىن خېلى يىللار ئاۋۋال قۇرئان كەرىمنىڭ قايتا تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى خەۋىرى تارقالغان بولۇپ، قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكەن مەلۇماتلاردا قۇرئان كەرىمنىڭ مەۋجۇت تەرجىمىسىنىڭ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كۈتكىنىچە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، شۇڭا بۇ نۆۋەت دىننى ئاتالمىش مۆتىدىللەشتۈرۈش، قۇرئان تەرجىمىسىنى ئاتالمىش تېررورلۇققا خىزمەت قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇقتىلاردا سەزگۈر تۇرۇپ قايتىدىن سىلىقلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش، مۇھىمى كېيىنكى تەرجىمىنىڭ دىننى سوتسىيالىزم يولىغا يېتەكلەشكە خىزمەت قىلىدىغان ئۇسلۇبتا روياپقا چىقىرىش پىلانلانغانلىقى غەيرى رەسمىي خەۋەر بولۇپ تارقىلىشقا باشلىغانىدى. خەۋەر تارقالغانچە ھەر ئاڭلىغان كىشى نەپرەت بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇنى قىلغۇچىلارنى لەنەتلەيدىغان ئەھۋاللار، ئېتىراز ۋە نارازىلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە مەزكۇر پىروجىنىڭ بېشىدىكىلەرگىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ تۈر زىددىيەتلىك ئىككى ئىرادىنىڭ سۈركىلىشى بىرقانچە يىل داۋاملاشتى. بارا - بارا بۇ تېما ئاساسەن ئەستىن كۆتۈرۈلەي دېگەندە بولسا، بىردىنلا ئىككىنچى تەرجىمىنىڭ نەشردىن چىققانلىق خەۋىرى ھەممە ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ئىش بولغانىدى. كېيىنرەك مەلۇم بولدىكى، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىدا قۇرئاننى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن تەرزدە بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىش ۋە بۇ تەرجىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئالدىنقى تەرجىمە ۋە شۇنىڭغا چېتىشلىقى بار پۈتكۈل ساغلام دىنىي ماتېرىياللارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان ۋە نامەلۇم بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ھەقىقەتەن بۇرمىلانغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى ئىشلەش باشلىۋېتىلگەن. يەنى، بۈگۈنكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا داۋراڭ قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «ئىسلامنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» پىروجىسىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئەينى چاغدىلا قۇرئاننى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىشتىن باشلاش بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، دەل شۇ مەزگىللەردە مەزكۇر پىلانغا قايتا قاراپ چىقىش مەسىلىسى مۇزاكىرىگە سېلىنغان. مۇزاكىرىدە ئۇيغۇر كادىرلار بۇنداق قىلىشنىڭ مۇناسىپ ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىنمىغان. بۇ ئەسنادا كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى پەملىگەن تۇڭگان كادىرلار بۇ ئىشقا ئىككى نۇقتىدىن پىكىر بىلدۈرگەن: بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇرمىلانغان قۇرئان تەرجىمىسى نەشر قىلىنىپ قالسا، خەلق ئېنىقلا بۇ تەرجىمىگە ئىشەنمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خەلق مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشىدۇ. ئىككىنچىدىن، خەلقئارادىن جۇڭگودا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرئان بۇرمىلىنىپ تەرجىمە قىلدۇرۇلغان دېگەن قالپاق كېيىلىدۇ ۋە بۇنداق ئاتاققا قېلىش دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىدىكى ئوبرازىنى قاتتىق تۆكىدۇ.
مەككار مۇستەملىكىچىلەر يۇقىرىقى تەكلىپ - پىكىردىن كېيىن سەگىشكە باشلايدۇ ۋە بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىدۇ ھەمدە ساغلام تەرجىمە قىلىش خۇسۇسىدا مەزكۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنى قايتىدىن تەشكىللەيدۇ. لېكىن ئۇلار ھەيئەت تەرىپىدىن پاكىز ۋە سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىسى نەشر قىلىنىشى بىلەن بۇنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەسلى پىلاننىڭ بىر قىسمى بولغان «ھەيئەت تەرجىمىسىنى مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشىدۇ ۋە دەسلەپكى قۇرئان تەرجىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن يوقىتىش پىلانىنى ماقۇللايدۇ. يەنى ھۆكۈمران سىنىپ ئادىتى بويىچە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشنى قاملاشتۇرالمىغاندا، ھېچ بولمىسا بىر قۇشقا بولسىمۇ تەگكۈزۈپ ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش، پىلاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا، بىرنى بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغاچ تۇرۇش غەرىزىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. دېمەك، ھۆكۈمران سىنىپ مەزكۇر غەرەز بويىچە ئۆزى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمە نۇسخا نەشردىن چىقىشى بىلەن تەڭ تەبىئىيلا ئەڭ دەسلىپىدە كۈتكىنىدەك چىقىپ بەرمىگەن مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى كۆزدىن نېرى قىلىش، كۆزدىن نېرى قىلىش بىلەن تەڭ كۆڭۈللەردىنمۇ نېرى قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. بارا - بارا ھاكىمىيەت قارمىقىدا چىقىرىلىدىغان دىنىي ژۇرنال، كىتاب - ئەسەر ۋە تەشۋىقاتلاردا قۇرئان تەرجىمىسىدىن نەقىل بېرىشتە مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىتىش توختىتىلىپ ئورنىغا ھەيئەت تەرجىمىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، جۈملىدىن «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسلام دىنى ئىشلىرى يېتەكچىسى» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا دەسلەپكى تەرجىمىنى مۇتلەق ئىشلەتمەسلىك ۋە ھەيئەت تەرجىمىسىگە بىر تۇتاش كۆچۈش بولغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇزۇنغا قالماي ھەممىگە مەلۇملۇق بولغان ئۆي - ئۆيلەردىن مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىنى يىغىۋېلىشتىن تارتىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەرجىمە قۇرئاننى ساقلاشنىمۇ جىنايەت ھېسابلاشقىچە بولغان جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ شۇم نىيەتلىك ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرى بولغانىدى.
يۇقىرىقىدەك مۇددىئالار ئىشنىڭ دەسلىپىدىلا سېزىلگەن، يەنە كېلىپ ھەيئەت تەرجىمىسى نەشردىن چىقىشتىن يىللار ئاۋۋال مەزكۇر تەرجىمىنىڭ نامى - ئەمالى قۇلاقتىن - قۇلاققا ئوقۇلۇپ بولغان بولغاچقا، شۇنداقلا قۇرئان تەرجىمىسىگە ئىسمى يېزىلغان ھەيئەت ئەزالىرى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەرنىڭ خەلق نەزىرىدە يۇقىرىسى پاسىق كادىر، تۆۋىنى مۇناپىق موللا ئاتىقى بولغانلاردىن تەشكىل تاپقان بولغاچ ئىككىنچى تەرجىمىگە ئىجابىي قاراشتىن بەكرەك، سەلبىي تونۇش ئېغىر بېسىپ كەتتى. دەسلەپكى قۇرئان تەرجىمىسىنى يىغىۋېلىشقا باشلىنىشىمۇ مەسىلىنى تېخىمۇ سەزگۈر ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. بۇ ۋەجىدىن ھەر ساھە ئىلىم ئەھلىلىرى، جۈملىدىن دىنىي ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مەسىلىنىڭ سىياسىي غەرەزدىكى ۋەزنىنى ئىلمىي جەھەتتىكى ۋەزنىدىن ئارتۇق كۆرۈپ ئېھتىيات بىلەن پىكىر - باھا بېرىش يولىنى تاللىدى. ھەتتا نۇرغۇنلار ئاۋامچە ساداغا جور بولۇشتى. بۇ ئاز كېلىپ ھەتتا توغرا ۋە ساغلام دېيىشكە بولىدىغان ئايەت تەرجىمىلىرىدىن زورىغا قۇسۇر چىقىرىپ يولسىز تەنقىدلەرنى تۆكمە قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكتىن ئالقىش ئېلىشقا تۇتۇنغانلارمۇ ئاز بولمىدى. مانا بۇلار ھەيئەت تەرجىمىسىنىڭ روياپقا چىقىش ۋە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈش جەريانى. لېكىن بۇ يەردە مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىزچىل ئويلىشىلماي، دىققەت قىلىنماي كەلمەكتە ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ھەيئەت تەرجىمىسى مەزكۇر تەرجىمە ئىشىدا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ غەرىزىگە زادى قانچىلىك ئۇيغۇنلاشتى؟ ھەقىقەتەن بۇ تەرجىمە سىياسىي غەرەزگە ئۇيغۇن تەرجىمە قىلىندىمۇ، يوق؟ دېگەنلەر ئىدى.
ۋەزىيەت ئىسپاتلىدىكى، بۇ تۈر نۇقتىلار ئاساسەن ئەقلىي مۇھاكىمىدىن چەتتە قالدۇرۇلدى. بۇ تۈپەيلى ئەسەرمۇ تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئىلمىي تارازىغا سېلىنىپ ئوبزورمۇ قىلىنمىدى. ھەتتا ئىلمىي ئىش سۈپىتىدىمۇ مۇئامىلە قىلىنمىدى. شۇنداق قىلىپ ھەيئەت تەرجىمىسى تولاراق ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشتىكى غەرەز - مۇددىئاسى بويىچە مۇئامىلە قىلىش، ئاۋامچە ئۇسۇلدا كىتابنىڭ ھۆكۈمران كۈچنىڭ دەستەكلىشى ۋە ئارقا چىقىشى ئاساسىدا روياپقا چىققانلىقى ئۈچۈنلا بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئۇر - ئۇر قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان تەنقىد ئوبيېكتى بولۇشنى داۋام قىلىۋەردى. ھالبۇكى، ئەقىللەرگە «ئەجەبا، قۇرئاننىڭ ئالدىنقى تەرجىمىسىنى، يەنى مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ ئوخشاش غەرەز، ئوخشاش مۇددىئادا نەشرگە تەييارلاش پىلان قىلىنمىغانمىدى؟ ئىككىنچى تەرجىمىگە ئوخشاشلا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئارقا چىقىشى ۋە بىر قوللۇق پىلانلىشى ئاستىدا روياپقا چىقمىغانمىدى؟ ئەينى چاغدا ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ساغلاملىقى ئورتادا بولغانلىقى دىققەتكە ئېلىنغان ۋە شۇ ئاساستا تەمكىن مۇئامىلە قىلىنمىغانمىدى. ئەجەبا تەكرار قىلىنغان ئىككىنچى ئىشنىمۇ بىرىنچىسىدەك ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كۈتكىنىچە چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ھەمدە تەرجىمە سۈپىتىنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ماقامدا تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەك بولماسمۇ؟» دېگەنلەر كۆپچىلىك ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭلا ئەمەس، ساھەنىڭ ئۆز ئەھلىنىڭمۇ يادىغا كېلىپ كەتمىدى. دېمىسىمۇ ئەسەرگە قارىتا بۇنداق تۇتۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇش شۇ ۋاقىتتىكى ئاتموسفېرادا گويا ھۆكۈمران سىنىپ مەقسىتىگە يەتكەندەك، گويا ئۇنىڭ غەرىزىگە ئۇيغۇن چىققان ئەسەرنى ئالقىشلىغانلىقتەك سانىلىپ تەرەپ - تەرەپتىن پىپەن ئوبيېكتى بولۇشتىن ساقلىنىشمۇ بىر گەپ ئىدى. يەنە كېلىپ مەسىلىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن باشقا نۇقتىلىرىغا دىققەت ئاغدۇرۇش، بولۇپمۇ، خەلقتە 2009 - يىلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەزىل سىياسەتلەرگە قارشى كۈندىن - كۈنگە نەپرەت كۆچىيىۋاتقان بىر پەيتلەردە مەسىلىنى ئىلمىي سوغۇققانلىق بىلەن ئاڭلىتىشقا تەمشىلىش ئانچە مۇۋاپىق سانىلىپمۇ كەتمەيتتى.
ئەمەلىيەتتە ئەسەرگە ئىلمىي نۇقتىدىن قارالغىنىدا، ئىككىنچى تەرجىمىمۇ ئۇنىڭ تەرجىمانلىرى قانچە كىشىلىك ھەيئەت ياكى گۇرۇپپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالدىنقىغا ئوخشاشلا ساغلام ۋە سۈپەتلىك چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ۋە قايتا نەشرگە تەييارلاشتا مۇھەممەد سالىھ تەرجىمسىنى ئاساس ۋە يېتەكچى قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىلغان. پەرقلىق بايان ۋە سۆزلۈك ئىپادىلىرىنى قوللىنىش، تىل نۇقتىسىدىن يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇنى تاماملايدىغان ۋە تولۇقلايدىغان سەۋىيەدە تەييارلانغان ئىلمىي ئەمگەك دېيىشكە بولىدۇ. تەرجىمىنىڭ سۈپەت ۋە ئۇسلۇبىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى قىلىنمىغىنىدا، ھەيئەتنىڭ ئىككىنچى تەرجىمىنى بۇ دەرىجىدە سۈپەتلىك بىر باشقا ئېلىپ چىقالىشى ھەقىقەتەن بىر گەپ بولۇپ قالاتتى. دېمىسىمۇ، ئالدىنقىنى ئىنكار قىلىش خاھىشىدا بولماستىن، سەمىمىيلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ھالدا دەسلەپ سېلىنغان ئۇل ئاساسىدا ئىلگىرىلەشمۇ ئالدىنقىلار بەرپا قىلغان يولنىڭ داۋامىنى ئۇلىغانلىق ھەمدە نورمال ئىلمىي تەرەققىياتقا رىئايە قىلغانلىق جۈملىسىدىندۇر. دېمەك، ئەسەرنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن قارا خالتىنى چىقارغان ۋاقىتتا، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىنكى، مەزكۇر ھەيئەت تەرجىمىسىمۇ ئۇنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىكىگە قايسى كادىر ئۆلىما ياكى كادىر زىيالىي قول تىققان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر (ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى تەرجىمە مۇئەللىپىمۇ مۇشۇ تۈر سۈپەتلەردىن خالىي ئەمەس) ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كۈتكىنىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە روياپقا چىققان، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە مەزكۇر تەرجىمىنى زادى كونكرېت قايسى ھەيئەتنىڭ، پەردە ئارقىسىدا كىملەرنىڭ قولىدىن چىققانلىقىمۇ تەكىتلەنمىگەن بىر ئىش بولۇپ، ئىسىم يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈۋېتىشمۇ نامۇۋاپىق. چۈنكى، ئىسىملارغا قارالسا ئارىلىرىدا ئەدەبىي ژانىرلار بىلەن يېقىندىن ياكى يىراقتىن مۇناسىۋىتى يوق، تۈگەل ئىسم - ئاتىقى ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ دەستەكلىشى بىلەن سۈنئىي پارلىتىلغان، ئاتاقتىلا بار ئىسىملارمۇ مەۋجۇت. شۇڭا بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي تەرجىمانلارنى جەزملەشتۈرۈش، يەنە كېلىپ ئىچكى ئىشلاردىن ئەينەن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئەھۋالدا، ئەسەرگە باھا بېرىشتە دىققەتنى مۇمكىنقەدەر ئۇنىڭ ئىلمىي سۈپىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىغا ئاغدۇرۇشمۇ ئىنساپتىندۇر.
ئەسەر ھەققىدە كىتابنىڭ ئۆزىدە بېرىلگەن ئوچۇقلىمىلارغا قارالغاندىمۇ، ئەسەر قانداقتۇر ئالدىنقى تەرجىمىنى ئەڭ ئاخىرقى چەكتە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇنىڭ خاتاسىنى تۈزەپ بېرىش ياكى ئالدىنقىسى قىلالمىغاننى ئۆزلىرى ئەپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىددىئالاردىمۇ بولمىغان، پەقەتلا ئالدىنقى تەرجىمىدىن كېيىنكى بۇ نۇسخىدا تەرجىمە تىلىنى يەنىمۇ سۈپەتلىك چىقىرىش، يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقى ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن ئەينەن، راۋان ۋە تولۇق تەرجىمە قىلىشقا چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە بۇ ئاساستا مەزكۇر تەرجىمە نۇسخا قايتا ئىشلىنىپ سۇنۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر ھەيئەت ئەسەرنى قانداقتۇر بەك مۇكەممەل، باشقا تەرجىمىگە ئېھتىياج چۈشمەيدىغان دەرىجىدە بىردىنبىر مەنبە، ئاساس قىلىۋېلىش كېرەكلىكىدەك ئىددىئالاردىمۇ بولمىغان. ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ياكى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ياتىدىغان تۇتۇملارنىمۇ ئىپادىلىمىگەن. بەلكى ئۆزلىرى روياپقا چىقارغان تەرجىمىنى گويا يولنىڭ داۋامىنى ئۇلاشتەك، ئالدىنقى تەرجىمە سۈپىتى تىكلىگەن ئوبرازنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچى، تولۇقلىغۇچى ۋە ئۆزىدىن كېيىنكى تەرجىمىلەرنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەل بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇلىغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان [1].
ئەسەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتى ھەمدە ئەدەبىي تىل سەۋىيەسىگە قارالسىمۇ، دەرۋەقە مەزكۇر تەرجىمە مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تىل راۋانلىقى ۋە بەدىئىيلىكى جەھەتتىن پىششىقلاش، تەرجىمە تىلىنى گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتىن بولسۇن ئوچۇقلىمىدا ئىددىئا قىلغىنىغا ئۇيغۇنلىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئورتادا. بۇنداق ئەھۋالدا قىلىدىغان ئىش مەزكۇر ھەيئەت ئۆز ئىددىئالىرىنى قانچىلىك ئەمەلىيلەشتۈرەلىدى، دېگەننى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئەسەرنى ئىلمىي تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرۈش ۋە شۇ بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. تەبىئىكى، بۇ تەرجىمىنىڭ ئالدىنقى تەرجىمىگە سېلىشتۇرغاندا بەلگىلىك ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بولۇشىمۇ، ياكى ئالدىنقى تەرجىمىدەك مەنىنى دەل ۋە جايىغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان تەرەپلىرى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن. سەۋەنلىك ياكى ئىلمىي خاتالىقلار تېپىلىشىمۇ ئەلۋەتتە ئېنىق. شۇنداق بولغان تەرەپلىرى بايقالغان ياكى تېخىمۇ مۇكەممەل بايان ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشتە تەلەپكە لايىق بولمىغان تەرەپلىرى ئايان بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇنداق تەرەپلەرگە ئالدىنقى تەرجىمىگە ئوخشاشلا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، نۇقسانلارنىڭ تەرجىمە ئەسناسىدىكى، ياكى تەرجىمان ياكى مۇھەررىرلەرنىڭ چۈشىنىش سەۋىيەسىدىكى ئېگىز - پەسلىكلەر ياكى ئىپادىلەش ماھارىتىدىكى نائۇستىلىق ۋەياكى ئىلمىي نۇقسانلىقلارغا ياتىدىغان تەرەپلەر بولۇش ئېھتىماللىقى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ مەسىلە ئىلمىي نۇقتىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇكى، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى نەزەردە تۇتۇۋېلىپ ئەسەرنى قارىسىغا تەنقىد قىلىشتەك قوش ئۆلچەم قوللىنىلمايدۇ. مەقسەتلىك بۇرمىلاش ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، ئىلمىي سەۋەنلىك ياكى نۇقساننى بايقاش ئۇنىڭ ئىلمىيلىك تەرىپىدىكى ئالاھىدىلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنى، ئورۇنسىز ۋە ئاساسسىز يەردىن يەرگە ئۇرۇشنى يوللۇق قىلالمايدۇ. يوللۇق دېيىلسە ئۇ چاغدا بۇ ئۆلچەمنى ئوخشاشلا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئارقا چىقىشى، يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى سايىسىدە روياپقا چىققان ئالدىنقى تەرجىمىگىمۇ قوللىنىش يوللۇق بولۇپ قالىدۇ. ھازىرچە ئېنىق بىلىنگىنىمۇ، مەزكۇر تەرجىمە نۇسخىسىنى ئىشلەش جەريانىدا تەرجىمانلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىستىكىنى بەجا كەلتۈرۈش يۆنىلىشىدە يول تۇتۇشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقى، قۇرئاننى ئېنىق بۇرمىلاشقا ياتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشتا خۇددى مۇھەممەد سالىھقا ئوخشاش ساقلانغانلىقى، تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا، ھەيئەت تەرجىمىسىمۇ خۇددى ئالدىنقى مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىگە ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مۇددىئاسىغا ئۇيغۇنلاشمايلا قالماي، ئەكسىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسەرنىڭ مۇمكىنقەدەر ساغلام ۋە سۈپەتلىك چىقىرىلىشىغا كۆڭۈل قويۇلغان. شۇنداقلا ئالدىنقى تەرجىمىمۇ ئىلمىيلىكنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان تەرجىمە بولۇپ پۈتۈپ چىققىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىمۇ شۇ رېلىستا پۈتۈپ چىققان. دېمەك، ھۆكۈمران سىنىپ ئاللاھنىڭ كالامىغا قارشى رەزىل سۈيقەستىدە ئالدىنقىغا ئوخشاشلا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشىدىمۇ كۈتكەندەك نەتىجە ئالالمىغان ۋە ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان. «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرى (دىنى)نى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ بولسا كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلىدۇ» [2].
مەسىلىگە ئالدىنقى ۋە كېيىنكى تەرجىمە تەرەپدارلىقى چاكىنىلىقلىرىدىن خالىي ھالدا ئومۇم لىللا يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كەلسە، شۇنداق دېمەي بولمايدۇكى، مەزكۇر ھۆكۈمران كۈچ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدا دەپ قارىغان ئالىم كادىرىدىن پاسىق كادىرىغىچە بولغان ئىلىم قوشۇنىنى ھەر تۈرلۈك ماددىي دەستەك ۋە ھەر تۈرلۈك ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىپ سەپەرۋەر قىلىشىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ كالامىغا قارشى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇنۇشتا ئوخشاشلا مەغلۇپ بولماي تۇرالمىدى. ئەقەللىيسى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇش بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشتا ھازىرلانغان رېلىسنى بۇزۇپ تاشلاش ياكى يولىنى بۇرىۋېتىش ئورنىغا قارىماققا ئالدىنقىسىغا رىقابەتچىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئالدىنقىسى ئاچقان يولنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولۇشتەك نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋىيە ۋە سۈپەت جەھەتتە ئالدىنقى تەرجىمە قانداق ئىلمىي تارازىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، ھەيئەت تەرجىمىسىنىمۇ ئاشۇ سەۋىيە ۋە سۈپەت تارازىسىغا سېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئالدىنقىسىنىڭ ئىلمىي سەۋەنلىك ياكى پىششىقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى بار، دەپ قارالغاندەك، بۇنىڭغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى، مۇمكىنقەدەر ساغلام رەۋىشتە روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىلغان تەرجىمە ئەسەر، سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى تامامەن مۇمكىن.
كېيىنكى تېما:
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇزۇق مېتودلۇق «يېڭى» تەرجىمىسى
نەقل مەنبەلىرى:
[1] تەپسىلات ئۈچۈن ھەيئەت تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرقى سۆز قىسمىغا مۇراجىئەت قىلىنغاي.
[2] سۈرە سەف ، 8 – ئايەت، (ھەيئەت تەرجىمىسى).
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-04-02
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور