قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(3)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(3)
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇزۇق مېتودلۇق «يېڭى» تەرجىمىسى
يۇقىرىدا بىز قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان جەريانىغا قىسقىچە نەزەر ئاغدۇرۇپ چىققان بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلىش باسقۇچلىرىنى تىلغا ئالغاچ قولىمىزدا بار بولغان ئىككى خىل نۇسخىدىكى قۇرئان تەرجىمىسى ئۈستىدە توختالدۇق ۋە بۇ ئارقىلىق مەزكۇر تەرجىمىلەرنىڭ قايسى خىل بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقى ۋە قايسى خىل رولنى ئۆتىگەنلىكى توغرىسىدا بىر قىسىم مۇلاھىزە ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردۇق. نۆۋەتتە توختىلىدىغانلىرىمىز بولسا، مۇھەممەد يۈسۈپ تۇرسۇن قەلىمىگە مەنسۇپ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ناملىق تەرجىمە ئەسەر ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بىر قىسىم خۇسۇسلار ھەققىدە بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىز تەرجىمىگە چېتىشلىق تېمىلارغا كىرىشىشتىن ئاۋۋال ئەسەردە يولۇققان ۋە جىددىي تۈزىتىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
1. يېڭى تەرجىمە ئەمەس، قايتا تەرجىمە
مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»نىڭ ئىككىنچى نەشردىن چىققاندىن كېيىن بەس - بەستە تەشۋىقاتلار بولدى. تەشۋىقاتلاردا دىققەت تارتقان ۋە ئاۋامدىن ئوقۇمۇشلۇققىچە بولغان كۆپچىلىك ئارىسىغا ئۇرۇقتەك چېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆنۈكۈش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بەزى تەرىپلەشلەر شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى مەزكۇر تەرجىمىنىڭ «يېڭى تەرجىمە» دېگەن تەرىپ بىلەن ئاتىلىشى ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىنىشىدۇر. دېمىسىمۇ ئاۋام ئۈچۈن تەكرارلىنىشى پەرقلىق بولغان ۋە نەشرى يېڭى بولغان ھەممە نەرسىنىڭ «يېڭى» دېگەن تامغا بىلەن مۆھۈرلىنىشى، ئۇلارنىڭمۇ بۇنى مەزگىللىك قوللىنىپ تۇرۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسە. شۇڭا ئاۋامنىڭ ئىشىنى ئۆز يولىدا چۈشىنىپ تۇرۇش تامامەن مۇمكىن. لېكىن ئىش ئاۋامدىن يۆتكىلىپ خاسلارغا، ئەل - جامائەت ئارىسىدىن دەرىجە ئاتلاپ ئىلىم ئەھلىلىرىگە ۋە ئىلمىي ساھەگە بېرىپ تەرەققىي قىلسا، ھەتتا ئىلىم ئەھلى دېيىلىۋاتقانلار ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى كونىغا چىقىرىشقا ياتىدىغان تەرزدە «يېڭى» ئۇقۇمىنى بازارغا سېلىپ، ئىلىم ساھەسىنىڭ تىلىنى قوللانماستىن ئاۋامچە ئىش تۇتۇپ ياسالما تەرىپنى ۋاشاڭلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنسە، ئاۋامغا تۈزەتكۈچى بولماقتا يوق، باشلامچىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىسا بۇنداق قىلمىشلار ئېنىقلا بىنورماللىق ھېسابلانمىقى لازىم. بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى نورمال قوبۇل قىلىشتەك بىنورماللىقنىڭ تەڭشىكىنى تۈزەش، ئىشنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەشنى ئېسىگە سېلىپ قويۇش، ھاياجىنىغا ھاي بېرىشنى پەملىيەلمەي كېتىۋاتقان بىنورمال قىزغىنلىقنى سەگىتىش زۆرۈر بولىدۇ.
تىلىمىزدا «ئىسمى - جىسمىغا لايىق بولۇش» دەيدىغان تەرىپلەش شەكلى بار. بۇ سۆز يەنە بىر ئىشنىڭ تەلەپكە لايىق بولغانلىقىغىمۇ، شۇنداقلا بولۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپقا ئۇيغۇنلاشقانلىقىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ھەمدە ئىشنىڭ ۋايىغا يېتىشىنى، ماھىيەت ۋە شەكىلنىڭ، ئىچ ۋە تېشىنىڭ بىردەكلىكنى ساقلىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىر-بىرىگە ماس بولغانلىقنى ئىپادىلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئىلىمنى ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىساق، ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدە بارلىققا كەلگەن ئىشنىڭمۇ ئىسىم - جىسمىغا لايىق ئىلمىي بولۇشىنى، ئىلمىيلىكتىن چەتنەشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەسلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالىغان چاغدىلا ئىلمىيلىككە مەنسۇپلەنگەن ئىشنىڭ توغرىلىقتىن نېسىۋىسى بولىدۇ ۋە بۇ ئىلمىيلىكتىن بارلىققا كەلگەن ئەمگەكنىڭ توغرىغا يېتەكلەش سالاھىيىتى بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭا ئىسمى - جىسمىغا لايىقلىشىش شەرت بولغاندەك، سۈپەتنىڭمۇ جىسىمغا لايىق، يەنى ئۇنى توغرا تەرىپلىيەلەيدىغان بولۇشى زۆرۈردۇر. تەشۋىقاتلاردا كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ئەسەر مەيلى تەشۋىقاتلاردا بولسۇن، مەيلى تەرجىماننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور سەھىپىسىدە بولسۇن، ئەسەر نەشردىن چىققاندىن بۇيان «قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى ئەۋلاد تەرجىمىسى»، «قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى» قاتارلىق ماۋزۇلارغا ئىزچىل ئورۇن بېرىلگەنلىكى ۋە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمە مەسىلىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ خىل تۇتۇملارنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماق لازىم. شۇنداقلا ئەڭ ئاۋۋال تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلاردىن بىرىنىڭ ئەسەرنىڭ ئاتىلىشىنىڭ ئىلمىي ئاتاقتا ئاتىلىشى بويىچە تەشۋىق قىلىنىشى لازىملىقىنى، يەنى جىسمىغا لايىق قويۇلغان ئىسىم - سۈپىتى بىلەن تەرىپلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلىدە «يېڭى تەرجىمە» ئەمەس، بەلكى شۇ ساھەنىڭ ئىلمىي ئاتالغۇسى ۋە كەسپىي ئاتىلىشى بويىچە قايتا تەرجىمە ياكى باشقا تەرجىمە ۋەياكى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەك لازىم.
ئەسەرنى كەسپىي نامى بىلەن ئاتاشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلار ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچىدىن، تەرجىمىشۇناسلىقتا بىر ئەسەرنىڭ ئوخشىمىغان تەرجىمانلارنىڭ قولىدا ئىككىنچى قېتىم ياكى بىرقانچە قېتىملاپ تەرجىمە قىلىنىشى نورمال ۋە تەبىئىي ئەھۋال. بۇنداق ئەھۋالدا ئەسەرنىڭ تۇنجى تەرجىمىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمىلىرى ئورتاق ھالدا «Retranslation» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەنىسى قايتا تەرجىمە، قايتىدىن قىلىنغان تەرجىمە ياكى قايتا ئىشلەنگەن تەرجىمە دېگەنلىكتۇر. بۇنى يەنە تەكرار تەرجىمە دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم ئەرەبچە ئىستىلاھتا «إعادة الترجمة» دەپ ئېلىنىدۇ. بىلىمىزكى، قايتا قىلىنغان تەرجىمە ھېچقاچان شۇ ئەسەرنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھېسابلانمايدۇ. بۇنى بەك دېگىلى بولسا «ئەسەرنىڭ يېڭىدىن قىلىنغان تەرجىمىسى» دېيىش مۇمكىن. بىر ئىشنىڭ «يېڭى» دەپ سۈپەتلىنىشى بىلەن «يېڭىدىن» دەپ سۈپەتلىنىشى ئوتتۇرىسىدا ئالەمچە پەرق بار. «يېڭى» دېمەك ئۆرنەكسىز قىلىنغان، ئالدىن قىلىنمىغان ئىشنىڭ تۇنجى قىلىنىشىنى كۆرسەتسە، «يېڭىدىن» دېگەنلىك قىلىنغان ئىشنى يېڭىۋاشتىن قايتا قىلىشنى، بىراۋ قىلىپ بولغاننى قايتىدىن تەكرار قولغا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسى قايتا تەرجىمە قىلىنغان ئىلمىي ئەمگەك كاتېگورىيەسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا ئاتىقى يېڭى تەرجىمە ئەمەس، بەلكى قايتا تەرجىمىدۇر. ياكى قايتىدىن قىلىنغان تەرجىمىدۇر. ئەسەرنىڭ ئىلمىي تىلدىكى كاتېگورىيەسى ئېنىق ئەھۋالدا ئۇنى ئىلمىي بولمىغان بىر ئاتاققا جور قىلىش بىھۇدىلىك بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئاتىقى بويىچە ئاتاش، ئىلمىي بولمىغان ئاتاقتىن ساقلىنىش زۆرۈرلەرنىڭ ئەڭ زۆرۈرىدۇر.
ئىككىنچىدىن، تىلىمىزدا يېڭى دېگەن سۆزنىڭ قارىمۇقارشىسى كونا بولۇپ، تەبىئىيكى ھەر قايتا قىلىنغان تەرجىمىنى «يېڭى» دەپ ئاتاش مەزمۇن جەھەتتىن ئۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىلەرنى «كونا» دېگەن سۈپەتكە لايىقلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھالبۇكى، تەرجىمىشۇناسلىقتا كونا تەرجىمە دەپ ئاتالغۇ يوق. بۇ تەبىئىيلا ئالدىنقى ئىلمىي ئەمگەكلەرگە ئىلمىي بولمىغان بىر سۈپەتنى قالپاق قىلىپ كىيگۈزۈپ قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن يەنە بىر تەرجىمە چىققان ھامان، ئۇنىڭ تەرجىمىسىنىڭ «يېڭى» سۈپىتى تەبىئىي ھالدا «كونا»غا ئالمىشىدۇ ۋە باشقا تەرجىمىلەرگە ئوخشاش ئىلمىي بولمىغان بىر ئاتاقنى كىيىشكە مەجبۇر قالىدۇ. مانا بۇ خىل ئۇقۇم - ئاتالغۇ ئىشلىتىشتىكى دىتسىزلىق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭكىگە يېڭى، بۇرۇنقىلىرىغا «كونا» تامغىسىنى بېرىشكە يول ئېچىش ۋاقتىنچە ھاردۇق چىقىرىشقا ئەسقاتسىمۇ، مەسىلە ئىلمىي ئىش بولۇشتىن چىقىپ مودا قوغلىشىش ئىشىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. قايتا قىلىنغان ھەر تەرجىمە گويا ئالدىنقىسىنى مودىدىن قالدۇرىدىغاندەك، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قىممىتى ئەمدى قالمىغاندەك، ئۇنىڭدىكى خاتالىقنى چوقۇم كېيىنكى «يېڭى»سىنىڭ تۈزەيدىغانلىقى مۇقەررەردەك، بۇرۇنقىلىرى تەۋەررۈك قىلىنسا بولىدىغان، كېيىنكىسى ئەڭ پۇختا، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ھەممىنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىقالايدىغان دېگەندەك كەمكۈتىسىزلىك ماركىسى چاپلانغان ناباب ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەننىڭ ئېڭىغا ئەملەشتىن ساقلىنالمايدۇ. نەتىجىدە ئىلمىيلىكى بولمىغان بىر ئاتالغۇنىڭ يەنە بىر ئىلمىي خاتاغا يول ئاچىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىپلا قالماي، ئاڭغا بېرىلگەن ناتوغرا ئۇچۇر ئەسەرگە بولغان تۇتۇمنىمۇ شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ قويىدۇ. ئەسەرگە يېزىلغان «بېغىشلىما»لاردىكى، ھەمدە مېدىيالاردا ماختاپ ئۇچۇرۇشلاردىكى «ئەڭ پۇختا»، «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ سۈپەتلىك»كە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ شاپاق نەرقى ئىشلىتىلىۋېرىشى ئارقىسىدىمۇ ئەسلىدىنلا ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تىلى ۋە ئىلمىي ئاتىقى بويىچە مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقنىڭ، ئىلمىي بولمىغان ئاتاقتىن ئىلمىيلىكتىن نېسىۋىسى بولمىغان نەتىجە چىقىرىشقا زورۇقۇشنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئۈچىنچىدىن، كۈنىمىزدىكى «يېڭى» ئۇقۇمىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بېرىدىغان ئۇچۇرى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەرنى كونا دەپ سۈپەتلەش كېرەكلىكىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىدۇ. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قەدىمىيلىككە ئىگە تىل يىلتىزىمىز بىلەن باغنى ئۈزگەن بۇ 70 نەچچە يىللىق ئاسارەتلىك تارىخىمىزدىكى ئۆزگىرىشلىرىمىزنىڭ، ئۆزگەرتىلىشلىرىمىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرىدىن بىرى. چۈنكى، كىلاسسىك تىلىمىزدا كونا سۆزى ھەمىشە يېڭى ئالدىدا كېرەكسىز، ئەمدى رولى قالمىغان، يېڭىسى چىقىشى بىلەن تەڭ پاخشى بولۇپ كەتكەن، مودىدىن قالغان مەنىلىرىنىلا كۆرسىتىپ كەلگەن ئەمەس. كونانىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى كوھنە بولۇپ، ئىشلىتىلگەن ئورنىغا قاراپ ئىجابىي مەنىلەرنىمۇ ئۆزىدە جەملىگەن. كوھنە دېگەن چاغدا ئەسكىگەن، كونىرىغان مەنىسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە قەدىمىيلىكنى، تەجرىبىدىن ئۆتكەنلىكنى، قەدىرلىك ۋە قىممەتلىكنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. كوھنەلىك ئۇزاق قەدىمىيلىككە تارتىلغاندا ئۇ ئەتىۋارلىق، مۇھاپىزەت ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئۇقۇمنى ئۆزىدە ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئاسارەتتىن كېيىنكى تەلقىنلەردە، بولۇپمۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تىلىدا «كونا» ئۇقۇمىنىڭ ئاۋۋال زېھىنغا كېلىدىغان مەنىسى ئىجابىيلىقتىن بەكمۇ يىراق. كونا دېمەك تاشلاش كېرەك بولغاننى، قايتا بۇرۇلۇپ قاراپ قالماسلىقنى، تەرك قىلىشنى، خالىماسلىق ۋە يۈز ئۆرۈش تۇتۇمىدا بولۇشنى تەلقىن قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ دائىم جاھالەت، خۇراپاتلىق، قالاقلىق ۋە نادانلىق قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن تىل ھاۋانچىسىدا سوقۇلۇپ، پىششىقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مودېرن دۇنيانىڭ بۇنداق بىر زېھنىيەتنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانلىقىمۇ پاراللېل ھالدا ھەر يېڭىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىق، ئالدىنقى نەشرىنى ئىناۋەتسىزلەشتۈرىدىغانلىق، مودىدىن قالغۇزۇۋېتىدىغانلىق قاتارلىق خۇرۇچلار بىلەن دەم يېگۈزۈلگەن سۆزلەرنى يوشۇرۇن ئاڭغا پىچىرلاپ تۇرىدۇ. ئەجداد سۆزىنى توغرا چۈشەنگىنىدە «كونىلار راست ئېيتىپتىكەن»، دەيدىغان ئەۋلادتىن، «قاچان قارىسا كونىلارنىڭ گېپىنىلا تەكرارلايدىكەن» دەپ ۋايسايدىغان، ئۆزىنىڭ ماڭقۇرتلۇققا يۈز تۇتقانلىقى تۈپەيلى ئەجداد سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېچ نەزەرگە ئالماستىن بىزارلىق تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە زورۇققاق بىر زېھنىيەتكە كېلىشمۇ مانا بۇ «يېڭى» ئۇقۇمنىڭ ئاسارەتتىن كېيىنكى ئىجتىمائىيلىقتىكى بىنورمال تەلقىنلەرنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى. مانا بۇنداق زېھنىيەت ئومۇملاشقان بىر كوللېكتىپ مۇھىتتا، «يېڭى تەرجىمە» دېگەن ئىلمىي بولمىغان ئاۋامچە تەبىردىن تۈرلۈك چۈشەنچ قالايمىقانچىلىقىنىڭ كېلىپ چېقىشى بىر ئەمەلىيەت. مەزكۇر قايتا تەرجىمە 2020 – يىلى تۇنجى نەشردىن چىققاندىن تارتىپ نۆۋەتتىكى ئىككىنچى نەشرىگىچە ھەمدە ئۇندىن كېيىنكى ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلاردا بۇ نۇقتىدا ئىزچىل سەل قارىلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا «يېڭى تەرجىمە» تەلقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىنغىنىدىن كېيىن، بىر تۈركۈم دىيانەتپەرۋەر ئاۋامنىڭ پەتىۋا ئەھلىلىرىدىن: «يېڭى قۇرئان تەرجىمىسىدە كونىسىدىكى خاتالىقلارنى تۈزەپتۇ، يېڭىسىنى ھېساب قىلساق ئۇنداقتا كونا تەرجىمە قۇرئانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز» دېگەنگە ئوخشاش تىراگېدىيەلىك سوئاللارنىڭ تۇغۇلۇشى قاتارلىقلار مانا بۇ ئىلمىي بولمىغان ئاتاقنى ئۆلىما ئاتلىق تائىپىدىن تارتىپ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنغۇچى تەرجىمانغىچە ھەممىنىڭ نالايىق شەكىلدە قوللىنىپ بېرىشلىرىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ. مانا بۇ نۇقتىلار ئايان بولغاندا، ھەر ئىشنى ئۆز ماقامىغا چۈشۈرۈپ قېلىش، ئىسمى - جىسمىغا لايىقلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇ سەۋەب، دىققەت قىلىنغايكى، مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسى يېڭى نەشردىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسى ئەمەس. چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەمەس. ئەگەر مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن قىلچە پايدىلانماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا يېڭىۋاشتىن تەرجىمە قىلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي تىلدىكى ئاتىقى يەنىلا ئاتالمىش «يېڭى تەرجىمە» بولمايدۇ. بەلكى قايتا تەرجىمە قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەزكۇر تەرجىمىنىڭ ئىلمىي ئاتىقى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى ئىچىدە تەكرار ئىشلەنگەن ۋە مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قەلىمىدە روياپقا چىققان قايتا تەرجىمىدۇر. مانا بۇلار بىزنىڭ ئەسەرنى تىلغا ئالغاندا تىرناق ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇپ «يېڭى» تەرجىمە دەپ ئىپادىلىشىمىزنىڭ بەزىبىر سەۋەبلىرى.
2. ۋەھيى تەلىمات ئەمەس، ئىلاھىي كۆرسەتمە
ھەر ئىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس تېرمىنى، ئىككىنچى بىر ئىلىمدىن پەرقلىنىدىغان ئاتالغۇ ۋە ئىستىلاھلىرى بولىدىغانلىقى ئىلمىي ساھە ئەھلىگە مەلۇملۇق بىر ئىش. شۇڭا ئاتالغۇ ئىزاھلىغاندا ھەر ساھە ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىگە كۆرە ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلىرىنى شەرھلەيدۇ ۋە ئىلمىي تېمىلار شۇ ئاساستا يورۇتىلىدۇ. مۇنازىرىدىمۇ مەزكۇر شەرھ ۋە ئاتالغۇغا بىنائەن تارتىشما، مۇھاكىمە ۋە تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك ھەرقانداق بىر تېمىدا ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنىڭ شەرھى شۇ ساھەنىڭ ئىزاھاتى بويىچە شەرھلەنمىكى، شەرھلەنگەندىمۇ ئاشۇ ساھەگە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئاساسلانمىقى لازىم. ئىلمىيلىك سۈپىتىنى يەنىمۇ ئىشەنچلىك قىلىش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر ئاساسلانغان مەنبەنى ماقالىگە ئەسكەرتمەك كېرەك بولىدۇ. ئەسەردە سۆرىلەرنىڭ تەرجىمىسى تۈگىشى بىلەن تەڭ تەرجىماننىڭ مۇئەللىپلىكىدە يېزىلغان «قۇرئان كەرىم ھەققىدە» دەپ ناملانغان ماقالىدە بۇ نۇقتىلارغا ئاساسەن رىئايە قىلىنمىغان بولۇپ، ماقالىدە ئايەت ۋە ھەدىستىن سىرت قۇرئان كەرىم ئىلمىگە دائىر سۆزلەنگەن ياكى ئىزاھلانغان ھېچبىر ئاتالغۇغا، ھېچبىر شەرھكە نە قامۇس كىتابلاردىن، نە ئۇلۇمۇلقۇرئان (قۇرئان ئىلىملىرى) ئەسەرلىرىدىن مەنبە بېرىلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى دەۋر ئىلمىي تەلەپ جەھەتتىن ئۆتمۈشتىكى ئىپتىدائىي قەلەمكەشلىكتىن زور پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر دەۋر. ھەر كىم ئۆزىنىڭ يېزىۋالغىنى، چۈشىنىۋالغىنى بويىچە مەنە بېرىپ كېتىۋەرسە، شەرھلەپ قويسا بولۇۋېرىدىغان زامان ئاللىبۇرۇن يوق. ئەلۋەتتە 21 يىللىق قۇرئان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېلان دەرىجىسىدە تەشۋىق قىلىنغان، يەنە كېلىپ نەچچە ئون يىللىق ئىلىم ھاياتىدا يۈزلەپ ئەسەر ئېلان قىلغان مۇئەللىپ ئۈچۈن بۇنداق بىر نۇقتىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئەمەس، سەۋەنلىك يۈزىسىدىنمۇ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتىلار ئىدى. ئەمما كۆرۈنمەكتىكى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدىن ئىبارەت ۋەزنى كاتتا بىر خىزمەتنى روياپقا چىقىرىشتىمۇ بۇنچىلىك ئەقەللىي تۇتۇمغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، سەل قارالغان.
ئەپسۇسلۇق تەرىپى بۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارغا مەنبەسىز ۋە ھېچبىر قۇرئان ئىلىملىرىگە دائىر بىرەر ئىلمىي مەنبەگىمۇ تۇتاشتۇرۇلماستىن ئىزاھلىنىپ كېتىۋېرىلگەنلىكى بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ ۋەھيى ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى. مۇئەللىپ ۋەھيىنى تەبىرلەپ شۇنداق يازىدۇ: «ۋەھيى − ئاللاھتائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەلىماتى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ئىنسانغا بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر».
خوش، ئەجەبا مۇشۇمۇ تەبىر بولدىمۇ؟ ئەجەبا تەبىر بولسا، قايسى پەننىڭ، قايسى مۇپەسسىرنىڭ، قايسى قامۇسنىڭ بەرگەن تەبىرى؟ ھالبۇكى، تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، قۇرئان ئىلىملىرىدىلا ئەمەس، ئىسلامغا دائىر ھېچبىر ئىلىمنىڭ قامۇسىدىن ۋەھيىگە دائىر بۇنداق تومتاق، چۈشىنىكسىز ۋە تۇتۇرۇقسىز تەبىرنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئەگەر يانپاشقا ئۇرۇپ تەبىر ئىجاد قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، تەبىرشۇناسلىققا چۈشكىدەك، تەبىر بېرىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان تەبىر بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئالدى بىلەن ۋەھيىنىڭ قۇرئان سۆزلۈكلىرى قامۇسىدا ھەمدە قۇرئان ئىلىملىرى كىتابلىرىدا كەلگەن تەبىرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
(1) الكلمة الإلهيّة التي تلقى إلى أنبيائه وأوليائه. يەنى ۋەھيى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، ئەۋلىيالىرىغا تەلەققىي شەكلىدە چۈشۈرگەن ئىلاھىي سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ[1] .
(2) كلام الله تعالى المُنَزَّلُ على نبي من أنبيائه. يەنى ۋەھيى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرىگە نازىل قىلغان كالامىدۇر[2] .
(3) أن يعلم الله تعالى من اصطفاه من عباده كل ما أراد إطلاعه عليه من ألوان الهداية والعلم ولكن بطريقة سرية خفية غير معتادة للبشر. يەنى: ۋەھيى − ئاللاھنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆزى تاللىغان بەندىسىگە ھىدايەت ۋە ئىلىم قاتارلىق خەۋەردار قىلىشنى ئىختىيار قىلغان نەرسىلىرىنى، تېز ۋە كۆرۈنمەس ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇسۇل بىلەن ئۇلارغا بىلدۈرۈشىدۇر[3] .
(4) إعلام الله أنبياءه بما يريد أن يبلغه إليهم من شرع أو كتاب بواسطة أو غير واسطة. يەنى ۋەھيى: ئاللاھنىڭ شەرىئەت، كىتاب قاتارلىق پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغانلىرىنى ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز رەۋىشتە ئۇلارغا ئۇقتۇرۇشىدۇر[4] .
(5) هو إعلام الله تعالى مَن يصطفيه من عباده ما أراد من هداية بطريقة خفية سريعة. يەنى ۋەھيى: ئاللاھنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆزى تاللىغان بەندىسىگە ھىدايەت قاتارلىق ئىرادە قىلغان جىمى كۆرسەتمىلىرىنى تېز ۋە كۆرۈنمەس ئۇسۇلدا ئۇقتۇرۇشىدۇر[5] .
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىلاسسىك قۇرئان سۆزلۈكى قامۇسلىرى ھەمدە قۇرئان ئىلىملىرى ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان يۇقىرىقى تەبىرلەر ۋەھيىنىڭ نېمىلىكى، مەزمۇنى ۋە يەتكۈزۈلۈش شەكلى قاتارلىقلارغىچە ئېنىق يورۇتۇپ بېرىدىغان بايانلاردۇر. مەنبەلەر بىزگە ۋەھيىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كالامىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ۋەھيى ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇمەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە پەرقلىق ۋە كۆرۈنمەس ھەمدە ئالاھىدە ئۇسۇللاردا يەتكۈزگەن جىمى بىلدۈرمىلىرىنى، ئۇقتۇرۇش ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەبىرىدىچۇ؟ ئۇنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقى ۋە قانداق ئاساسقا تايىنىپ ئىزاھلانغانلىقى بىلىنمىگەن بۇ تەبىرىدە نېمە ئۈچۈن ۋەھيىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەلىماتى، دېيىلىدى؟ ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە نازىل قىلغان دېگەندىكى نۇزۇلنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق دېسەكمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ تەلىماتى دېيىلىشى ۋەھيىنىڭ تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدىغان، ئۇنى يورۇتۇشقا يارىمايدىغان بىر سۆز، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەبىرى كونكرېتلاشتۇرۇلۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن ناباب ئۇقۇمدۇر. ۋەھيى تەلىمات بولسا، ئۇنداقتا تەلىمات نېمە؟
ئالدى بىلەن بىز بۇ سۆزنىڭ مۇئەللىپ ئۆزى تەكىتلەپ ئۆتكەن ۋە قۇرئان تەرجىمىسىدە ئىزچىل ئاساسلانغان چاغداش ئۇيغۇرچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزاھلىق لۇغىتىگە قاراب باقايلى. ئىزاھلىق لۇغەت مۇنداق دەيدۇ: 1. تەلىمات− ئىلىم - پەن جەھەتتىكى سىستېمىلىق تەشەببۇس ياكى كۆزقاراش؛ 2. نەزەرىيە: ئۇنىڭ تەلىماتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئاتالغۇنىڭ بۇ ئىزاھاتىغا قارالسا، يەنى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىزاھاتىدا تايانچ ھېسابلىنىدىغان ۋە قۇرئان تەرجىمىسىدە شۇنىڭدىكى ئىزاھلار ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت دەۋاتىدۇكى، تەلىمات دېگەننىڭ ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار. بىرى پەن ساھەسىدە قوللىنىدىغان مەنىسى. بۇ بويىچە بولغاندا تەلىمات ئەڭ ئاۋۋال ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي قابىلىيىتى، تەجرىبىسى ۋە ئەقلىيىتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئىلىم پەندىكى تەشەببۇسلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا ھەرقانداق بىر ساھەسىنىڭ بىر پۈتۈن نەزەرىيەۋى قۇرۇلمىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنى تەلىمات دېگەن گەپ مۇئەييەن كۆزقاراشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياكى مۇئەييەن سىستېمىلىق تەپەككۇرنىڭ ئەقلىي يەكۈنلىرىنىڭ، نەزەرىيەۋى قاراشلارنىڭ ئورتاق نامى.
تەلىمات سۆزى مەيلى بىرىنچى مەنىسى بويىچە بولسۇن، ياكى ئىككىنچى مەنىسى بويىچە بولسۇن ئىنسانلارنىڭ ئەقلىيىتىنىڭ، تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ، تەجرىبىۋى ھاسىلاتلىرىدىن كەلگەن ئىلمىي خۇلاسىلەرنىڭ نامى. دېمەك، تەلىمات قايسى مەنىسىگە جورالمىسۇن، نەتىجىدە ئۇ ئىنسانغا ئىشلىتىدىغان، ئۇنىڭغا تەۋەلىنىدىغان بىر ئۇقۇم. ھالبۇكى، ۋەھيى ئىنساننى مەنبە قىلمايدۇ، بەلكى ۋەھيىنىڭ مەنبەسى يېگانە ئاللاھتۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنى پەقەتلا تەڭرىگە مەنسۇپدۇر. مانا بۇ كىلاسسىك قامۇسلاردا ئېيتىلغان: ۋەھيى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرىگە نازىل قىلغان كالامىدۇ، دېگەننىڭ مەنىسى. دېمەك، تەرجىمانىمىز بەرگەن تەبىرىدە ۋەھيىنىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتېرى ۋە تەۋەلىكىنى يورۇتىدىغان سۆز قوللىنىلغان بولماستىن، ۋەھيىنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرىگە زىت كېلىدىغان، بەلكى ۋەھيىگە قارىمۇقارشى بولغان تەلىمات سۆزىنى ئىشلەتكەن. يەنى تەرجىمانىمىز ۋەھيى ئۇقۇمىنى ئىزاھلاشتا ئۇنىڭغا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بىر سۆز بىلەن تەبىرلىگەن.
ئەگەر بىز تەرجىماننىڭ نەزىرىدە ئېتىبارلىق قارالغان ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش سۆز تاسقاش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇنلىشىپ تۇرۇپ تەلىمات سۆزىنى ئەرەبچىدىن كىرگەن دەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەرەبچىدىكى ئاتالغۇ مەنىسىگە قارىساق، تەلىماتنىڭ بىرىنچى ئۇقتۇرىدىغان مەنىسىنىڭ بۇيرۇق ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن ھۆججەت، ھۆكۈم، قارار قاتارلىق يوليورۇق خاراكتېرىنى ئالغان كۆرسەتمىلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز[6] . ھالبۇكى ۋەھيى پەقەتلا يوليورۇق، ھۆكۈملەرنىلا تەشكىل قىلمايدۇ. ناۋادا بۇ تەلىمات سۆزىنى ئۇقۇم مەنىسىدە ئەمەس، ئەرەبچىدىن ئۇدۇل ئۆزلەشكەندىكى لۇغەت مەنىسى بويىچە، ياكى بولمىسا چاغاتاي تۈركچىسىدىكى مەنىسى بويىچە تەلىم سۆزىنىڭ كۆپلۈكى شەكلىدە ئىشلەتكەن تەقدىردە، ئۇ چاغدا تەلىماتنىڭ مەنسىى قامۇستا كەلگەندەك تەلىملەر، ئۆگىتىشلەر مەنىسىدە بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى بۇ مەنىنى كۆرسىتىدىغان تەلىمات سۆزى تېخى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىگە كىرگۈزۈلمىگەن ياكى ئۇنداق مەنىدە ئىستېمال قىلىنمىغان. ئەگەر تەلىمات سۆزىنى چاغاتاي تۈركچىسىدىكى مەنىسى بويىچە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسىمۇ، تەلىملەر ياكى ئۆگىتىشلەر مەنىسىدە ئىشلىتىش كېرەك بولىدۇ. بۇ مەنىمۇ ۋەھيىنىڭ مەنىسىنى ئۇنىڭ تېز ۋە كۆرۈنمەس ئۇسۇلدا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە بىلدۈرۈشتەك خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىشقا يارىمايدۇ. ئەكسىچە پەقەتلا ئوقۇ - ئوقۇتۇش ياكى تەلىم - تەربىيە شەكلىدە يەتكۈزۈلدىغان مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ قويغان بولىدۇ. دېمەك، تەلىمات سۆزىنى بۇ مەنىدە ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ مەزكۇر سۆزنىڭ ۋەھيىنى تەرىپلەشكە يارىمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. يىغىپ كېلىنسە، تەرجىمانىمىز ۋەھيى ھەققىدىكى تەبىرىدە ھېچبىر ماقامغا چۈشمەيدىغان بىر باياننى گويا داغدۇغىلىق بىر نەرسىنى تەقدىم قىلىش سىياقىدا ئىپادىلىگەن بولۇپ، قۇرئاننى تونۇشتۇرىدىغان بىر ماقامدا ۋەھيى تەبىرىنىڭ تەييار ئىلمىي ئىزاھاتى بار بولۇشىغا قارىماي، گويا ئىلمى ئىزاھاتلارنى نەقىل قىلىشتىن ياكى شۇ بويىچە ئەينەن ئىزاھات بېرىشتىن ئېرىنگەندەك، تەبىرلەشكە يارىمايدىغان، سۈپەتلەشكىمۇ باب كەلمەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنىڭ ئىزاھاتى قىلىپ قويغان.
يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان ئىلمىي خاتالىقلار مۆجىزە ھەققىدىكى تەبىردىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، مۇئەللىپ مۆجىزىنىڭ نېمىلىكىنى ئىلمىي مەنبەلەردىن ئىزاھلاش ئورنىغا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى، رولىنى تەبىر ئورنىدا ئىشلىتىپ قويغان. قارىماققا مۆجىزىنىڭ نېمە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋاتقاندەك «مۆجىزە − پەيغەمبەرلەرنىڭ..... دېمەكتۇر» دېگەن تۈستە جۈملە تۈزگىنى بىلەن، بەرگەن ئىزاھاتى مۆجىزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ نېمە رولى ۋە ۋەزىپىسى بارلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ قالغان. يەنى ئۇقۇم تەبىرلەشتە قۇرئان كەرىم تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇنى ئىلمىي ئاساس بىلەن يورۇتۇش كېرەك بولغان بىر ماقامدا تەرجىمانىمىزنىڭ، يەنە كېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى قىلغان، تەپسىر كىتاب يازغانلىقى بىلىنگەن بىر مۇئەللىپنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىلمىي خاتالىققا يول قويۇشى ھەقىقەتەن ئىزاھاتى قىيىن بولغان مۇئەممادۇر.
3. «كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتى ئەمەس، ۋەھيى كاتىپلىرى
تۈزىتىلىشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىزچىل ئۇنىڭغا چۈشكەن ۋەھيىنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان ۋەھيى كاتىپلىرىنى «كۇتتابۇلۋەھيى كومىتېتى» دەپ ئاتاش مەسىلىسىدۇر.
مەلۇمكى، كومىتېت سۆزى ئاسارەت دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە چاغداش ئۇيغۇرچىغا سىرتتىن ئىمپورت قىلىنغان بىر ئۇقۇم. يەنە كېلىپ بۇ ئۇقۇم ئىلمىي ساھەنىڭ تىلى بولۇشتىن بەكرەك، ئىدارىي تەبىقىنىڭ ئىستېمال تىلى. ئاساسەن دىنىي ساھەگە يات، كۆپرەك كوممۇنىستچە ئىستېمال تۈسىنى بېرىدىغان بىر ئۇقۇم. ئەلۋەتتە بۇ ئۇقۇم باشقا مىللەت ياكى جۇغراپىيەلەردە ھەممىباب نورمال سۆز جۈملىسىدىن بولۇشى تەبىئىي. بۇ يەردە بۇ نۇقتىنى ئالدىن ئەسكەرتىشىمىز ئۇقۇمنىڭ تەۋەسى ۋە كاتېگورىيەسىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولۇپ، ئەگەر كومىتېت سۆزىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت تىلىدىن ياساپ چىقىلماي ھازىرقى تەييار ھالىتىدە دىنىي ساھەگە ئىشلىتىلسە قانچىلىك مۇۋاپىق بولىدۇ، زادى كومىتېت سۆزىنى دىنىي تىلغا ئېلىپ كىرىپ ئىشلىتىش قانچىلىك مۇۋاپىق، ئىشلىتىلسىمۇ قانچىلىك ئومۇملىشىدۇ، بۇنى ساھەنىڭ ئەھلىلىرى كەڭ - كۇشادە تارتىشىسا بولىدىغان بىر تېما. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ ئەمەس. بەلكى مەسىلە كۇتتابۇلۋەھيىنى كومىتېت دەپ ئاتاشقا بولامدۇ، يوق دېگەن مەسىلىدۇر. كومىتېت سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا ئۆزلىشىپ كىرگەن سۆز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزاھلىق لۇغەتتە شۇنداق تەبىر بېرىلگەن:
بىرىنچى: سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات، ئورگان ۋە مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ياكى شۇنداق ئورگان: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى. تەنتەربىيە كومىتېتى.
ئىككىنچى: ئورگان، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەخسۇس ئاپپارات: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى.
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، كومىتېت گەرچە مۇئەييەن تەشكىلىي ئەزالاردىن تەركىب تاپىدىغان ۋە مەلۇم خىزمەتنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن نازارەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قۇرۇلما بولسىمۇ، ئۇنىڭ پائالىيەت ساھەسى ئالدى بىلەن بىرەر تەشكىلات ياكى ئىدارە - ئورگان. شۇنداقلا بۇ مۇئەييەن تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ قارمىقىدا ھەرىكەت قىلىدىغان كوللېكتىپ ۋەزىپىلىكلەرنىڭ ئىدارىي نامى، ياكى بولمىسا شۇلارنىڭ قارمىقىدا نازارەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئاپپاراتنىڭ ئىسمى. ھالبۇكى كۇتتابۇلۋەھيى (ۋەھيى كاتىپلىرى) بىلەن پەيغەمبەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كوممۇنىست تىلدىكى ئىدارە ياكى تەشكىلات قارمىقىدىكى ۋەزىپىلىك ھەيئەتكە ئوخشايدىغان ئىدارىي مۇناسىۋەت ئەمەس. پەيغەمبەر بىلەن ۋەھيى كاتىپلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇستاز ۋە شاگىرت، مىراس قالدۇرغۇچى ۋە ۋارىس ئوتتۇرىسىدىكى، مىسالى ئاتا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى، ئامانەت يەتكۈزگۈچى ۋە ئۇنى ئەينەن خاتىرىلەپ قوبۇل قىلغۇچى ئارىسىدىكى ئەھدى ۋاپا، ساداقەت، پىداكارلىق، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزئارا بېغىشلاش مۇناسىۋىتىدۇر.
ۋەھيى كاتىپلىرى ۋەھيىنى خاتىرىلەپ مېڭىش ئۈچۈن پەيغەمبەر تەرىپىدىن مەخسۇس تاللاپ ئىشقا قويۇلغان. ۋەھيى كاتىپلىرى ئادەتتە نوقۇل خاتىرىلەش ۋەزىپىسىنى قىلماستىن پەيغەمبەردىن خاتىرلىگەنلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ، ئەمەل قىلىدۇ. تۈرلۈك چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى پەيغەمبەردىن سورايدۇ ۋە تەپسىرىنى ئۆگىنىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ۋەھيى كاتىپلىرىنى مەيلى ئىش - پائالىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قۇرۇلۇش مەقسىتى جەھەتتىن بولسۇن كومىتېت دېگىلى بولمايدۇ. ھەم ئۇنداق دېسىمۇ چۈشمەيدۇ. شۇڭا مۇئەللىپنىڭ ۋەھيى كاتىپلىرىغا كومىتېت دەپ ئات قويۇشى پەقەتلا چۈشمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ۋەھيى كاتىپلىرىنى كومىتېت دەپ ئاتىۋېلىش گويا يارىشىملىق تەلپەك ئۈستىگە زورلاپ كىيدۈرۈلگەن شىلەپىدىن پەرقى يوق ئارتۇقچە قالپاقتۇر. چۈنكى، باش كىيىمى يارىشىملىق ۋە لايىقىدا ئىكەن، ئۇنىڭغا شىلەپە ياكى بىرەر قاسقان شەپكىنى تېڭىپ باشقا مىختاپ بېقىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەيغەمبەر مىراسىنىڭ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى مۇنتىزىم تالىبۇلئىلىملىرى بولغان بۇ مۇبارەك زاتلارغا تارىخ تولىمۇ يارىشىملىق قىلىپ «كۇتتابۇلۋەھيى (ۋەھيى كاتىپلىرى)» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ بولغان. ئىلىم ئەربابلىرىمۇ بۇنى كەڭ قوللىنىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭغا كوممۇنىست تىلدىكى قوشۇمچە قالپاقنى ئەتەي يەملەپ كومىتېت قالپىقىنى تەڭلەشنىڭ ھېچبىر ئورنى ۋە زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا تەرجىمانىمىزنىڭ كۇتتابۇلۋەھيى دەپ ئاتالغان كاتتا ساھابىلەر توپىنى، يەنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى چوڭقۇر، ئىلىمىي ۋەزنى ئېغىر بولغان ۋەھيى كاتىپلىرىنى «كومىتېت» دەۋېلىشى مەيلى بۇ توپنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى، خاراكتېرى ۋە مەقسىتى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئۇلارنى تەرىپلەش جەھەتتىن بولسۇن ھېچ ياراشمىغان، جايىغا چۈشمىگەن، بەلكى ناتوغرا بولغان.
كېيىنك تېما:
ئۈچىنچى باب: بۇزۇق مېتودلۇق تەرجىمىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۆزگىچىلىكلەر»
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] الراغب الأصفهاني: المفردات في غريب القرآن، ط دار المعرفة، ص 515.
[2] مناع القطان: مباحث في علوم القرآن، ط مكتبة وهبة، ص 28.
[3] الزرقاني: مناهل العرفان، دار الكتاب العربي، ط1، ص 55.
[4] محمد أبو شهبة: المدخل لدراسة القرآن الكريم، مكتبة السنة ط2 ، ص 84.
[5] مناع القطان: مباحث في علوم القرآن، ط مكتبة وهبة، ص 28.
[6] معجم اللغة العربية المعاصرة، عالم الكتب، ط1، 2/1542.
داۋامى بار....
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-04-07
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(2)