Jump to content

قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(4)

ئورنى Wikipedia

قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(4)

بۇزۇق مېتود ۋە «ئۆزگىچىلىكلەر»

1. قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىدا قايتا تەرجىمە ۋە ئۇنىڭ سەۋەب - تۈرتكىلىرى

ھەرقانداق ئىلمىي خىزمەتنىڭ مۇئەييەن فۇنكسىيەسى بولغاندەك، تەرجىمىنىڭمۇ ھەم ئۆزىگە خاس رولى، خىزمەت فۇنكسىيەسى بار. تەرجىمە خىزمىتى ئەڭ ئاۋۋال ئىزاھلاش ۋە يورۇتۇش خىزمىتىدۇر. قۇرئان تەرجىمىسى دېگەنلىك ئۆز نۆۋىتىدە تەرجىماننىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەرجىماندا بار بولغان ئىلمىي قابىلىيىەت ئاساسىدىكى شەخسىي چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى دېگەنلىكتۇر. بۇ ۋەجىدىن تەرجىمان ئەسەر تەرجىمە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تىل سەۋىيەسى ۋە ئىلمىي قۇۋۋىتىگە تايىنىدۇ. شۇڭا تەرجىمىنىڭ لاياقەتلىك دەرىجىسى تەرجىماننىڭمۇ لاياقىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى تەرجىماننىڭ سەۋىيەسىگە لايىق تەرجىمىدۇركى، ئەسلىي ئەسەرنىڭ قىممىتى دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا قىلىنغان تەرجىمىنىڭ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى بولۇپ قالغانلىقى مەزكۇر تەرجىمىنى ئۇلۇغ ياكى تەنقىد تارازىسىغا ئولتۇرۇشتىن بىھاجەت بولغان ئالاھىدە ئەسەرگە ئايلاندۇرۇۋەتمەيدۇ.  ئەكسىچە ئەسەرنىڭ كىشىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك مېۋىسى بولۇشى نۇقتىسىدىن باھالىنىدۇ، تەقدىرلىنىدىغان يېرىدە تەقدىرلىنىدۇ، ئەيىبلىنىدىغان يېرىدە ئەيىبلىنىدۇ. قۇرئان تەرجىمىسىنى تەنقىد تارازىسىغا قويۇش مەسىلىسى قانداقتۇر قۇرئاننىڭ باھالىنىشى ياكى ئۇنىڭ مۇقەددەساتلىقىغا دەز كەتكۈزىدىغان باھالاش ئەمەس، بەلكى قىلىنغان ئىلمىي خىزمەتنى باھالاش ۋە ئىلمىي تارازىدا تارتىشتۇر. خۇددى باشقا ئىلمىي ساھەلەردىكى بىرەر ئىلمىي ئەسەر ياكى ئەمگەكنى باھالىغانغا ئوخشاشلا. شۇڭا تەرجىمىدىكى مۇكەممەللىك تەرجىماننىڭ ئىستېداتى ۋە ئىلمىي قابىلىيىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ئىپادىسى بولغاندەك، نۇقسانلىقمۇ قۇرئاندىكى نۇقسانلىق بولماستىن، تەرجىماننىڭ سەۋىيە - ساپاسىدىكى، ئىلمى ۋە ئىستېداتىدىكى نۇقسانلىقتۇر.

قايتا تەرجىمە ئىشىدا دىققەتكە ئېلىش ۋە چۈشەنچنى توغرىلىۋېلىش چوقۇم كېرەك بولغان بىر قاتار نۇقتىلار بار بولۇپ، بىز تۆۋەندە بۇلاردىن مۇھىم بولغانلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز.

1) بىر ئەسەرنىڭ قېتىملاپ تەرجىمە قىلىنىشى ياكى پەرقلىق زاماندا تەرجىمىسىنىڭ تەكرارلىنىشى ياكى ئوخشاش بىر دەۋردە ئوخشىمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قايتا تەرجىمىگە ئېلىنىشى تەرجىمە پائالىيىتىدە ماقۇل كۆرۈلىدىغان، ھەتتا بەزى چاغلاردا ئەسەرنى سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى بولغان  تىل ماھارىتى بىلەن يورۇتۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئېچىش، ئەدەبىي كۈچىنى، بەدىئىي قۇۋۋىتىنى ئىككىنچى بىر تىلدىكى پەرقلىق تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە تىل ھەمدە ئىپادىلەش سەنئىتى بىلەن جۇلالاندۇرۇش، تەرجىمە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش تەلەپكە ئايلىنىپ قالىدىغان ھادىسىدۇر. بولۇپمۇ مۇقەددەس كىتابلارنىڭ تەرجىمە خىزمەتلىرىدە تەكرارلىقنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئىي بولۇپ، ھەر دەۋردە شۇ دەۋرنىڭ پىشقان ئەدەبىي تىل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنىپ تۇرۇشى، تىل تەرەققىياتىنىڭ دەۋردىن دەۋرگە پەرقلىق سەۋىيەدە ئىلگىرىلىشى، بولۇپمۇ تىل ۋە يېزىق ئىسلاھاتى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرگەن تىللاردا ئېھتىياج تۈپەيلى تەكرار تەرجىمە قىلىنىپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال.

تەرجىمە خىزمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئۇچراشتۇرۇش، مۇئەييەن مەدەنىيەت ياكى ئىلىم كۈلتۈرىنىڭ سەمەرىلىرىنى ئىككىنچى بىر تىلغا يۆتكەپ تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى كەشىپ قىلىپ ئۆزئارا تەسىرلىشىشكە خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا تەرجىمە قىلىۋاتقان تىلنىڭ مول ۋە يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئالغا سىلجىشىدا، تىل بايلىقىنى مول ۋە رەڭدارلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىشتەك ئەۋزەللىكلىرى مەۋجۇت. چۈنكى تەرجىمە پائالىيىتى نوقۇل ئاغدۇرۇلغان تىلغا ئەسەرنىڭ مەنىسىنى يۆتكەپ قويۇشلا ئەمەس، ئۇ يەنە تەرجىمە قىلىنغان تىلنىڭ كۈلتۈرىگە ئىلىم - مەرىپەت يۆتكەش، ئۇنىڭ ئىلىم ئامبىرىنى موللاشتۇرۇش، تىل زاپىسىنى ئاۋۇتۇش رولىغىمۇ ئىگە. بۇ ۋەجىدىن بىر ئەسەرنىڭ قايتا تەرجىمىگە ئېلىنىشى ساھەنىڭ ئېھتىياجى، تەلىپى ۋە ئەۋزەللىكىنى نۇقتىسىدىن نورمال ھادىسە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىقى زۆرۈر.

2) قايتا تەرجىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا ئۇنى روياپقا چىقىرىشتىكى تۈرتكە ۋە مۇددىئالارمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، بىر تەرجىمە ئەسەر تەكرار ئىشلەنگەن ئىكەن، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ئارقىسىدا قانداق بىر سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم بىر مۇددىئا، تۈرتكە ياتقان بولىدۇ. بەزىدە بۇ مۇددىئا دەسلەپكى تەرجىمىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بولۇشى، يەنە بەزىدە ئالدىنقى تەرجىمە ياكى ئاۋۋالقى تەرجىمىلەردە بايقالماي قالغان تەرەپلەرنى بايقاش بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا تەرجىمان ئەسەرنىڭ باشقا تەرجىمىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى، تەرجىمە سۈپىتىنى كۆتۈرۈشكە بولغان ئېھتىياجنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ياكى يېتەرلىك بولمىغان، ئىلمىي خاتالىقلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى تەنقىدىي تەكلىپ - پىكىرلەر بىلەن تۈزەش ئىمكانىيىتىنى نەزەرگە تۇتۇپ قايتا تەرجىمە قىلىشقا يەڭ تۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. قايتا تەرجىمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە قانداقلا بىر سەۋەب ياكى تۈرتكىلەر رول ئوينىغان بولمىسۇن، چوقۇمكى قايتا تەرجىمىنىڭ روياپقا چىقىشىدا مۇئەييەن تۈرتكىلەرنىڭ، بەلگىلىك سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا قايتا تەرجىمە ئەگەر ئالدىنقىلىرىنى بۇزۇش، پۈچەكلەشتۈرۈش، تېخىمۇ بەرباتلاشتۇرۇشقا قاراپ قېيىپ كەتمىگەنلا بولسا، يۇقىرىقىدەك مۇددىئا ۋە تۈرتكىلەر ئاساسىدا روياپقا چىقىشى تەرجىمە پائالىيىتىدە قارشى ئېلىنىدىغان، مەقبۇل كۆرۈلگەن ئىش جۈملىسىدىندۇر.

3) قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي چاقىرىق بولۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارچە ئىنسانىيەتنى خىتاب ئوبيېكتى قىلغان بولۇشى، ھەمدە ئۇنىڭ ئىلاھىي چاقىرىق ۋە كۆرسەتمىلەرنى يەتكۈزۈشنىڭ ئۇنىڭ جاھانشۇمۇللۇق خاراكتېرىنىڭ تەبىئىي تەلىپى بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە ئىگە چىقىشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بولۇشى قاتارلىق نۇقتىلار قۇرئاننىڭ ساماۋى چاقىرىقىنى ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە يەتكۈزۈشنى شەرت قىلىدۇ. «ھەر قەۋمگە شۇ قەۋمنىڭ تىلىدا ئۇلارغا بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشى ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتۇق»[1]  ئايىتىنىڭ روھىدىن قارىغاندىمۇ تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ مەلۇم مەنىدە ئۇشبۇ ئىلاھىي چاقىرىقنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى ئۇنى بۇرمىلاش، پۇچەكلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ تەرجىمە تىلىنى پاخاللاشتۇرۇش قۇرئان روھىغا زىت كېلىدىغان ۋە رەت قىلىنىدىغان قىلمىش ھېسابلانسا، قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ ئىلاھىي چاقىرىق ۋە ئامانەت تەرىپىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا باشقا مىللەت ياكى قەۋمنىڭ تىلىغا قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تەرجىمە قىلىش ئەلۋەتتە تەقدىرلىنىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەرزىيدىغان كاتتا خىزمەتتۇر. شۇڭا تەرجىمە خىزمىتى مۇددىئا ۋە غايە جەھەتتىن شەخسىي غەرەزدىن خالىي، كىشىلىك ھەۋەستىن، شان - شۆھرەت قوغلىشىشتىن، نام چىقىرىۋېلىش ياكى تەرجىمە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى تەرجىمىگە تايىنىپ راۋاج تاپقۇزۇشتىن، بىرەر ھاكىم كۈچنىڭ ئىستىكىنى بەجا كەلتۈرۈپ بېرىش يۈزىسىدىن قاتارلىق ئەخلاقىي پەسلىكتىن، سۇيىقەست غەرىزى ئارىلاشقان بەتنىيەتلىكتىن خالىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، مۇھىمى تەرجىمىنى قۇرئاننىڭ ئەسلىي مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن ۋە مەقسىتى ساغلام بولغان ئاساستا روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىش تۈپكى مەقسەت قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ ھەقىقىي ئۆز مەنىسىنى تاپقان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى بولۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

4) قۇرئان كەرىمنى قايتا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدە سەۋەب ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ۋە باشقا ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە پائالىيىتىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدە تەرەپ شۇكى، قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى قۇرئاننىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەينەن تەرجىمىسى ئەمەس. چۈنكى تۈزىلىشى ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ھەمدە مەنە - مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، بالاغەت ۋە پاساھەت ھەمدە نەزمىي ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بولسۇن مۆجىزىۋىلىككە ئىگە. يەنى قۇرئان كەرىم ئىككىنچى بىر تىلدىلا ئەمەس، ئەرەب تىلنىڭ ئۆزىدىكى جىمى ماھارەت ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ قۇرئاندەك ئىككىنچى بىر كىتابنى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ساماۋى كىتابتۇر. شۇڭا تەپسىرشۇناسلار مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەندەك قۇرئاننى «الترجمة الحرفية» شەكلىدە تەرجىمە قىلىش، يەنى سۆزمۇسۆز، ئەينەن تەرجىمە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. ئەگەر ئىنسان قەلىمىدە پۈتۈلگەن بىر ئەسەرگە قارىتا تەرجىمە تەتقىقاتىدا سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىشقا بولامدۇ - يوق، دېگەن تېما تارتىشىش نۇقتىسى بولغان بولسا، ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى مەسىلىسىدە بۇ تېما تارتىشىش نۇقتىسى ئەمەس. بەلكى بارچە قۇرئانشۇناسلار، تەپسىرشۇناسلار، تەرجىمىشۇناسلار، ھەتتا قۇرئان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر تۈركۈم قۇرئانشۇناس شەرقشۇناسلار بولۇپ ھەممە بىردەك تەن ئالغان ۋە بىرلىككە كەلگەن نۇقتا: قۇرئان كەرىمنى سۆزسۆزمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ۋە قىلىمەن دەپمۇ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدۇر. قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىشنى مۇمكىن قىلىدىغان يول پەقەتلا ئۇنى «الترجمة التفسيرية» كاتېگورىيەسىدىكى، يەنى ئىزاھاتلىق تەپسىر كاتېگورىيەسىدىكى «ترجمة معاني القرآن» شەكلىدە تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى بولۇپ، مانا بۇ قولىمىزدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ بارچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدە مۇقاۋىغا ئېنىق قىلىپ: «القرآن الكريم وترجمة معانيه إلى اللغة الأويغورية» دەپ ئەرەبچە ئەسكەرتىلىشىنىڭ سەۋەب - بائىسىدۇر.

قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنە تەرجىمىسى، مەلۇم مەنىدىن ئەڭ ئىخچام شەكىلگە ئېلىپ كېلىنگەن قىسقارتىلما تەپسىر كاتېگورىيەسىدىكى ئىلمىي خىزمەت ئىكەنلىكى مۇقەررەرلەشكەن ئىكەن، قىلىنغان تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىش بولماستىن، بەلكى قۇرئان تەپسىرلىرىگە ئاساسلىنىپ قىلىنغان ۋە ئايەتتىن كۆزدە تۇتۇلىدىغان مەنىلەر ئىچىدىن پەقەتلا بىرلا مەنىسىنى، مۇپەسسىرلەرنىڭ بەرگەن ئىزاھاتلىرى ئىچىدىن بىر ئىزاھاتنى تەرجىمىگە تاللاپ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولغان ۋە شۇ ئاساستا روياپقا چىقىدىغان تەرجىمە ئەسەر ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. بېرىلگەن تەرجىمىلەرنىڭ ئايەت تەپسىرىدە كۆزدە تۇتۇلغان مەنىلەردىن بىر مەنىنى ئىزاھلىيالايدىغان تەرزدە بولۇشىنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم جەھەتتىن قۇرئان كەرىمنىڭ قايتا تەرجىمە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللاردىن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرىدە ئىلمىي خاتالىقتىن ساقلانغان، بۇرمىلاش بولمىغان، ئەمما مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن قىلىنغان ئوخشاش ئايەتنىڭ پەرقلىق تەرجىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئايەتنىڭ پەرقلىق مەنىلىرى بولىدۇكى، ئارىلىرىدىن مەلۇم تەرجىمە بىردىنبىر توغرا تەرجىمىسى، قالدىسى خاتا تەرجىمىسى بولمايدۇ. پەرقلىق تەرجىمىلەرنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلاش رولىمۇ ئالدىنقىسىنى خاتاغا، تۈزىتىلگەنگە چىقىرىشتىن بەكرەك، تەرجىماننىڭ ئاشۇ تەرجىمىدە ئىپادىلەنگەن مەنىدىن باشقا مەنىنى تاللاپ ئىشلىتىشى ۋە بۇ ئاساستا پەرقلىق تەرجىمىلەرنىڭ بىر ئايەتنى ئىزاھلاشتا بىرى ئالمىغان مەنىنى يەنە بىرى بېرىشى ئارقىلىق تولۇقلىشىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقا ۋە ئىخچام مەنە تەرجىمىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ ئايەتنىڭ پەرقلىق مەنىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە خىزمەت قىلىدۇ. تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش مانا بۇ نۇقتىدىندۇر.

يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرگە بىنائەن، شۇنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىنكى، قايتا تەرجىمىدە تۈزىتىلگەن ۋە ئىلمىي خاتاسى بايقالغان نۇقتىلار ئالدىنقى تەرجىمىنى تولۇقلاش ياكى مۇكەممەلەشتۈرۈش جۈملىسىدىن بولماستىن، خاتانى تۈزىتىش، رەددىيە بېرىش، تۈزلەش جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي خاتالىق بىلەن ئايەت تەرجىمىسىنى پەرقلىق مەنىلەرگە تويۇندۇرۇشتەك ئىككى ئىشنىڭ كاتېگورىيەسى ئىككى نۇقتىدا ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىشى لازىم. شۇنداقلا ھەممىنى بىر خۇرجۇنغا سولاپ ئوخشاش ئىسىم ئاستىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىلمىيلىكتىن چەتنەشتىن، ئىلمىيلىكتىن بەكرەك خاھىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ياتىدىغان تۇتۇملاردىنمۇ ساقلىنىش لازىم.

2. بۇزۇق مېتود مەسىلىسى

ساھە ئەھلىگە مەلۇم بولغاندەك، قۇرئانشۇناسلىقتا قۇرئان ئىلىملىرىگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنسا، تەپسىردە مەزكۇر ئىلىملەرگە رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە «علم أصول التفسير»گە، يەنى تەپسىر ئۇسۇلى ئىلمىگە رىئايە قىلىش شەرتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەپسىرشۇناسلىقتا مۇپەسسىرلىك سالاھىيەت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ سالاھىيەتنى تىكلەش بولسا، ئالىملار تىزىملىك بېرىپ ئۆتكەن ئەڭ ئاز 15 تۈرلۈك نەقلىي ۋە ئەقلىي ئىلىملەرگە ۋاقىپ بولۇشى، شۇ ساھەلەردە پۇختا ئىلىم ئەھلى بولۇشى شەرت قىلىنغاندۇر. شۇڭا مۇپەسسىرلىك مۇشۇ ساھەدە ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزغانلارنىڭ خەتەرنى كۆزگە ئېلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىلمىي خىزمىتىدۇر. تارىخقا قارىساقمۇ مۇئەييەن ئىلىمدە پېشۋا، ئەللامە سانالسىمۇ يەنە باشقا لازىملىق ئىلىملەردە يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى تەپسىر يازغۇسى بولسىمۇ ۋاز كەچكەن ئەھۋاللار يوق ئەمەس. شۇڭا ئىلمىي سالاھىيەت، يېتەرلىك ئىلىم زاپىسى ۋە تەپسىرگە دائىر مول بىلىم قۇرۇلما شەكىللەندۈرمەي تۇرۇپ قۇرئان ھەققىدە سۆز قىلىش قەدىمدىن تارتىپ تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن ئىشلاردۇر. مانا بۇ ئېھتىياتنى ئاساس قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، مۇنداق ئىككى چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى قۇرئان ئايەتلىرى بارىسىدا ئىلىمسىز سۆزلەپ قېلىشنىڭ ئاخىرەتتىكى ۋابالىنىڭ چوڭلۇقى. بۇنىڭ شەرئىي دەلىلى مەشھۇر ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنغان تۆۋەندىكى ئەسەردۇر:«قۇرئانغا ئۆز رەيى بويىچە سۆز قىلىدىغان كىشى ئالدى بىلەن دوزاختىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك ئورۇن تەييارلاپ قويغاي»[2] .

ئىككىنچىسى بولسا، ئىلمىي يېتەرسىزلىك تۈپەيلى قۇرئاننى ئۆز خاھىشىچە تەپسىرلەشكە ياتىدىغان ئىزاھ ياكى تەپسىرنى قىلىپ سېلىشنىڭ مەقبۇل بولمايدىغانلىقى ۋە ئىش توغرا بولسىمۇ خاتا قىلغانلىق ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى سۇنەن كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان «كىمكى قۇرئان توغرۇلۇق ئۆز رەيىچە سۆزلىسە، بەرگەن تەپسىرى توغرا چىققان تەقدىردىمۇ، خاتالاشقان بولىدۇ»[3]  دېگەن ئەسەردۇر.

   شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە يۇقىرىقى ھەدىس - ئەسەرلەرگە ئاساسلانغان ئىككى ئۆتكەلنى ئەڭ ياخشى يورۇتقانلاردىن بىرى بولۇپ، تەپسىر ئۇسۇلى ئىلمى ھەققىدىكى ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىدۇ. ئىبنى تەيمىييە قۇرئان كەرىمنى تەپسىرلەشنىڭ، ئۇنىڭ مەنە - مەزمۇنىنى كەڭ بېيىتىپ ئىزاھلاشنىڭ دەۋر ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە[4] ، ئەسەردە يەنە ئىلىم ئاساسىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن، نوقۇل «من قبل أنفسهم» تەرزىدە، يەنى ئۆز خاھىشىدىن مەنبەلەنگەن، ئىلمىيلىكتىن نىسىۋېلەنمىگەن قۇرۇق رەيىگە تايىنىپ قۇرئانغا ئىزاھات بېرىشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[5] . شۇنداقلا سەلەف سالىھلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىگە نەقلىي سەنەد بەرمەستىن تەپسىر بېرىشىنى رەيىگە بىنائەن تەپسىرلەش ئەمەس، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا تىكلىگەن ئىلىمغا ئاساسلانغان تەپسىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ[6] . مانا بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى ئۆتكەل ھەققىدىكى بايانى.

كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك بىرىنچى ئۆتكەل ھەققىدىكى بايان ئېنىق ۋە شەرھىلەش ھاجەتسىز. ئەمما مەسىلە ئىككىنچى ئۆتكەلدە. يەنى ئىلىمغا تايانمىغان، ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلمىغان، ئەمما قۇرئان ھەققىدىكى ئىزاھاتى توغرا بولۇپ چىققان كىشىنىڭ مەسىلىسىدۇر. ئىبنى تەيمىييە بۇ خىل ھادىسىنى «ئۆيگە ئىشىكىدىن كىرمەسلىك» مېتافورىغا ئوخشايدىغان بىر ئىبارە بىلەن ئىزاھلايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننى رەيى بويىچە ئىزاھلىغان كىشى ئىلمى بولمىغان ئىشقا زورۇققانلىق، مەسئۇلىيتى بولمىغان مەسلەكتە ماڭغانلىق بولىدۇ. ئەگەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بەرگەن ئىزاھاتى توغرا چىققان تەقدىردىمۇ چوقۇم ئۇ خاتالاشقان ھېسابلىناتتى. چۈنكى ئۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ يولىدا قىلماي قويدى»[7] . ئىبنى تەيمىييە يەنە ئىلىمگە ئاساسلانمايدىغان، ئىلمىيلىككە ياتمايدىغان تەرزدە تەپسىر بەرگەن كىشىنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە شاھىد كەلتۈرەلمىگەن ۋە ئاللاھ نەزىرىدە يالغانچىلار ھېسابلىنىدىغان تۆھمەتخورغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتمىگەن كىشى، يەنى ئىلىمگە ئاساسلانمىغان، ئىلمىيلىككە رىئايە قىلماي، بىراق ئايەتكە بەرگەن ئىزاھاتى توغرا چىققان كىشى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىرى توغرىنى تاپسىمۇ ئىلىمغا تايانمىغانلىقتىن گۇناھكار بولىدىغانلىقى. چۈنكى ھەدىستىكى «خاتالاشتى» دېگەن ئىبارىنى شارىھلار «گۇناھ قىلغان بولدى» دەپ ئىزاھلىغان. ئىككىنچىسى ئىزاھاتنى توغرا قىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىيلىكتە، ئىشنىڭ ئىلمىي تەرتىپى ۋە قائىدىسىگە رىئايە قىلماستىن قۇرئان ئايەتلىرى توغرۇلۇق بىرنەسە دېيىشكە ئۇرۇنۇپ خاتا قىلغانلىقىدۇر. دېمەك بۇ نۇقتىئېينەزەرگە بىنائەن، يۇقىرىقى ئىككىنچى ئۆتكەل سادىر بولغان ئەھۋالدا بېرىلگەن ئىزاھاتنىڭمۇ، تەپسىر ۋە تەپسىرنىڭ ئىخچام شەكلى بولغان تەرجىمىنىڭمۇ ئىلمىيلىكى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇنداقلا ئىلمىي قائىدىنى ئاساس قىلماسلىق ۋە كەتكۈزۈپ قويۇشلارنىڭ، گەرچە بېرىلگەن تەپسىر ياكى تەرجىمە توغرا چىققان تەقدىردىمۇ تەپسىر ئۇسۇلى ئىلمى نۇقتىسىدىن رەت قىلىنىدىغان، ئىلمىيلىككە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلغۇچىنىڭ ئىجتىھادى سەۋەبلىك ئالىدىغان ساۋاب بىر ياقتا قېلىپ ئەكسىچە ئۆزىگە گۇناھ ئارتىۋىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

خۇلاسە شۇكى، ئىلىمسىز قۇرئان ھەققىدە سۆز قىلىش ئىلمىي نۇقتىدىن رەت قىلىنىپلا قالماي سۆز ئىگىسىنى دوۋزاخقا مەھكۇم قىلسا، ئىلمى بار، ئەمما تەپسىرنىڭ ئىلمىگە، ئۇسۇلىغا رىئايە قىلماي قۇرئان ھەققىدە توغرا سۆز، توغرا تەپسىر ياكى توغرا تەرجىمە بەرگەن كىشىمۇ ئۆيگە ئىشىكتىن كىرىشتەك ئەقەللىي ئىلمىي قائىدىگە رىئايە قىلمىغان، ئىجتىھادىدىن ساۋاب ئۈمىد قىلىنمايدىغان، ئىلمىي جەھەتتىن قۇرئان ھەققىدىكى سۆزى رەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان كىشى بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆتكەلدىكى نۇقتا دەل بىزنىڭ «بۇزۇق مېتود» دەپ ئاتاۋاتقان تەبىرىمىزنىڭ تەپسىر ئۇسۇلى ئىلمىغا ئاساسلانغان ئىلمىي ئىزاھاتىدۇر.

3.بۇزۇق مېتودلۇق تەرجىمىدە تەرجىمىگە دائىر بېرىلگەن ئىزاھلار

يۇقىرىقى بايانلارغا بىنائەن شۇ ئېنىق بولغايكى، بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان بۇزۇق مېتودتىن مەقسەت، ئىلمىي پىرىنسىپقا رىئايە قىلماسلىق، ئۆزى قويغان پىرىنسىپقا ئۆزى ئەمەل قىلماسلىق، خاتا نەزەرىيەدىن توغرا نەتىجە چىقىرىش ھەۋەسكارلىقى، ئىلمىيلىكنى ئەمەس، خاھىشىنى ئاساس قىلىش، ئىلمىيلىكنى پېتىقلاش قاتارلىق بۇزۇقلۇقلار كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.

مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا «تەرجىمە قىلغۇچىدىن» دەپ نام بېرىلگەن چوڭ تىپتىكى يازمىسىغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئىزاھاتلار، بولۇپمۇ «بۇ تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر» نامى ئاستىدا مەخسۇس ماددىلارغا ئايرىغان ھالىتىدە ئوقۇرمەنگە سۇنغان ھەمدە ئېكران سۆھبەتلىرىدە ئۆز ئېغىزى بىلەن «مېتود» دەپ ئات بەرگەن بەزىبىر نۇقتىلار مانا بۇ بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان «بۇزۇق مېتود»نىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرىدۇر. بىز بۇ ئۆرنەكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇزۇقلۇق مەۋجۇت دەپ قارىغان ماددىلار ھەققىدە، شۇنداقلا قارىماققا توغرىدەك، ئەمما ئىلمىيلىكى بابىدىن بىر تەرەپلىمە ياكى ناتوغرا ھېسابلىنىدىغان تۇتۇملار ھەققىدە بىر - بىرلەپ توختىلىپ ئۆتىمىز.

مەسىلىنىڭ ئومۇم ۋەزىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز تەرجىمانىمىزنىڭ «تەرجىمە قىلغۇچىدىن» دەپ ناملانغان بۇ يازمىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا ۋە ئۇنىڭدىكى چۈشەنچىلەرگە تەنقىدىي نەزەردە ياققال بىر شەكىلدە قاراپ چىقايلى:

مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە قىلغۇچىدىن» دەپ ئات بەرگەن بۇ چوڭ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىلىقىدىن باشلاپ كۆڭلىگە پۈككەن قۇرئاننى تەرجىمە قىلىپ چىقىش مۇددىئاسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قۇرئان تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىزچىل تىرىشىش، ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەلۇم نىسبەتتە قۇرئان تەپسىرى ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا ئىقتىدارى بار، سالاھىيىتىم بار دەپ قارىغانلىقىنى، بۇ خىزمەتنى ئىشلەشتىكى مۇددىئاسىنىڭ بولسا «ئاسارەت ئىسكەنجىسىدىكى خەلقىگە مەلھەم بېرىش، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭ نۇرىدا داغدام قەدەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە ۋەسىيلە بولۇشنى ئۈمىد قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلايدۇ.

ئارقىدىن تىل نۇقتىسىدىن قانداق ماتېرىياللاردىن پايدىلانغانلىقىنى ۋە تىل ئىشلىتىشتە قانداق ئۇسۇل قوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئارقىدىنلا قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىچىلىك تارىخىنى قىسقىچە ۋە تولۇقسىز مەلۇمات سانىلىدىغان بايانلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قەدىمكى ۋە ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ ئىسىم - شەرىفلىرىنى گويا يوچۇن، تارىخىي ۋە ئىلمىي ساھەلەر ئارا يات كىشىلەرنىڭ ئىسمىدەك زىكىر قىلىدۇ ۋە كۈنىمىزگە قەدەر تەرجىمە قىلىنغان بىر قاتار مۇئەللىپ ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قۇرئان تەرجىمىلىرىنى تىلغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن نۆۋەتنى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلدا نەشردىن چىققان قۇرئان تەرجىمىلىرىگە بېرىدۇ ھەمدە چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا نەشردىن چىققان تەرجىمىلەرنى ساناش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭمۇ بۇ سەپكە قېتىلىشىنىڭ تامامەن يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەرجىمىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تەرجىمىلەرنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان پىكرىي چوڭقۇرلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇرغۇلايدۇ.

دەرۋەقە، ماقالىدىكى بۇ مەزمۇنلار تەرجىمانىمىزنىڭ قۇرئان تەرجىمىسىنى قايتا ئىشلەشتىكى سەۋەب ۋە مۇددىئالىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمدە قايتا تەرجىمە قىلىشىنى يوللۇقلاشتۇرۇشتا قوللانغان ئىپادىلىرىدۇر. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇئەللىپنىڭ قۇرئان تەرجىمە قىلىشقا يەڭ تۈرۈشىنىڭ سەۋەبى ئۆزى ئېيتقىنىدەك، ئالدى بىلەن شۇنچە يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىشتىن كېيىن كۆڭلىگە كەچكەن تەرجىمە قىلىش ئارزۇسى ۋە ئۆزىنى ئۆزى مۇشۇ ئىشقا سالاھىيىتىم بار دەپ ئويلىشى قاتارلىقلار بولغان. قايتا تەرجىمە ئىشىنى قولغا ئېلىشىدىكى تۈرتكىدە بولسا، يۇقىرىقى سەۋەبكە يانداشقان ھالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «خەلقنىڭ قۇرئان نۇرى ئاستىدا داغدام قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرۈش» قاتارلىق ئۈمىد - ئارزۇلىرى بولغان. دېمەككى، تەرجىمانىمىز قايتا تەرجىمىگە تۇتۇنۇشقا قارىتا كۆرسەتكەن بۇ بايانلىرىدا ئاساسەن شەخسىي ئىستەك، ھەۋەس ۋە ئارزۇ - ئارمانغا باغلانغان ئىدىيەۋى تۈرتكىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، قۇرئان تەرجىمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي خىزمەتنىڭ قايتا ئىشلىنىشىدە تۈرتكە دېگىلى بولغۇدەك بىرەر ئىلمىي سەۋەبنى كۆرسەتمىگەن ياكى بىرەر ئىلمىيلىككە تۇتاشقان تۈرتكە زىكرى قىلمىغان. ھالبۇكى، بىز ئالدىنقى تېمىلىرىمىزدا تەكىتلىگىنىمىزدەك، بىر ئەسەرنىڭ قايتا تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ھەرقاچان ئىلمىي سەۋەبى، ئۇنى روياپقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولغان ئىلمىيلىكنى مەركەز قىلغان تۇتاملىق بىرەر تۈرتكىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بىز مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا بۇ ھەقتە تەرجىمە تەتقىقاتىدىكى تۇنجى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسىدە بولسا، ئەسەرنى قايتا تەرجىمىگە ئېلىشتا ئالدىنقى تەرجىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېھتىياجى سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ تىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، سۈپىتىنى يۇقىرىلىتىش، ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىلمىي سەۋەب ۋە تۈرتكىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدىكى غايىنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش، ئۇنىڭ نۇرىدىن بەھر ئېلىپ سائادەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىش ئەقەللىي مەسىلە. ئەمما بىر ئىلمىي ئەمگەكتە ئۇنىڭ قايتا ئىشلىنىشىگە تۈرتكە بولغۇدەك تۇتاملىق ئىلمىي سەۋەب ياكى ئىلمىي تۈرتكىنىڭ بايان قىلىنماسلىقى، سۇبيېكتىپ ئارزۇلارغا تويۇنغان سەۋەب ۋە تۈرتكىلەر بىلەن كۇپايىلىنىشى ئوقۇرمەنگە گويا ئەسەرنىڭ ياخشى ئارزۇ - ئارمان تۈرتكىسىدىلا روياپقا چىققاندەك تۇيغۇ بېرىشتىن ساقلىنالمىغان. تەرجىمە تارىخىنى قىسقا تىلغا ئېلىشتا، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئېلىشتىمۇ ئاساسەن ئۆزىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ نەشردىن چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ باشقا تەرجىمىلەرگە ئوخشاش نەچچە خىل تەرجىمە قاتارىدا ساناشقا بولىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇرغۇلاشتىن ھالقىپ كەتمىگەن.

مۇئەللىپ كېيىنكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدە پايدىلانغان ئىلمىي مەنبەلەر قاتارىدا 17 تەپسىرنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا تۈركىي تىللاردىكى تەرجىمىلەردىنمۇ ئەتراپلىق پايدىلانغانلىقىنى، ئاخىرقى تەكشۈرۈشىدە «تەپسىرى مۇيەسسەر» بىلەن «تەپسىرى مۇختەسەر» ئىسىملىك ئىككى قىسقىچە تەپسىرگە سېلىشتۇرغانلىقى بىلەن سۆزىنى يەكۈنلەيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن تەرجىمانىمىز يەنە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتنى روياپقا چىقىرىشتا «ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەت بىلەن روياپقا چىقىرىشقا قولدىن كەلگەنچە تىرىشقانلىقى»نى ئۇرغۇلايدۇ.

تەرجىمانىمىز بۇ نۇقتىلارنى ئۇرغۇلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمە يۆنىلىشىنىڭ ئىككى خىل يۆنىلىشتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بىرىنچى يۆنىلىشنىڭ مەنە تەرجىمە قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىش كېرەك دەپ قارايدىغان يۆنىلىش ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى يۆنىلىشنىڭ بولسا، بىرىنچى يۆنىلىشكە قوشۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقلا تەرجىمە قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى خىل يۆنىلىشنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. تەرجىمانىمىز تەرجىمە يۆنىلىشى خۇسۇسىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەپسىلاتقا كىرمەيدۇ. مەسىلەن، زادى قانداق تەرجىمە قىلىشنى مەنە تەرجىمە قىلىش يۆنىلىشى دەيمىز، قانداق تەرجىمىنى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قېلىش يۆنىلىشى دەيمىز، دېگەنلەرگە ئىزاھات بەرمەيدۇ. پەقەت ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىش ھەققىدە سەجدە سۈرىسىنىڭ 9 – ئايىتىنىڭ بىرقانچە تەرجىمىسىنى مىسال بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەرجىمىلەر ئىچىدە بىرىنى ئەڭ مۇناسىپ ۋە قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىشتا ئۇيغۇن بولۇش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئۇيغۇنلۇقنى نېمىگە ئاساسەن مۇناسىپ كۆرگەنلىكىنىڭ، قانداقسىگە ئۇيغۇن دېگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئىزاھاتىنى بەرمەستىن سۆزىنى تۈگىتىدۇ. ھالبۇكى، بىز ئالدىنقى بۆلۈمدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، تەرجىمە ئىككى خىل يۆنىلىشتە بولۇپ بىرى ئەينەن تەرجىمە، يەنە بىرى مەنە تەرجىمىسىنى ئاساس قىلغان ئىزاھلىق تەرجىمە يۆنىلىشىدىن ئىبارەت.  قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان تەرجىمە مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، تەرجىمىدىكى ئۇسلۇب، ماھارەت ۋە تىل سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تامامەن تەرجىماننىڭ ئىستېداتى، ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە تىل پاساھىتىگە باغلىق بولغان نەرسىلەردۇر. شۇڭا تەرجىمىدە قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىش يۆنىلىشى دەيدىغان بۇنداق يۆنىلىش بار دېسەك، مۇئەللىپ بۇنى قەيەردىن چىللاپ كەلگەن، قۇرئاننىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىش يۆنىلىشى دەيدىغان ئاتالمىش تەرجىمە يۆنىلىشىنىڭ قانداق تەرجىمە يۆنىلىشى ئىكەنلىكى، قۇرئاننىڭ ئىپادە ئۇسلۇبى دېگەندە زادى قانداق ئۇسلۇبى، نەزمىي ئىپادە ئۇسلۇبىمۇ، شېئىرى ئىپادە ئۇسلۇبىمۇ، بەدىئىي جەھەتتىكى ئىپادە ئۇسلۇبىمۇ، زادى قانداق ئىپادە ئۇسلۇبى ئىكەنلىكى قاتارلىقلار ئىلمىي مەنبەلەر ئاساسىدا ئىزاھلاپ بېرىشى كېرەك بولغان نۇقتىلاردۇر. ئەگەر شۇنداق ئۇسلۇب بار دېگەن تەقدىردە، نېمىشقا «ونفخ فيه من روحه»[8]  دېگەن ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى ياراتقان روھتىن پۈۋلىدى» دېگەن تەرجىمىسى تەرجىمىنىڭ ئەسلىگە سادىقلىقى ۋە ئايەتنىڭ ئىپادە شەكلىنى يورۇتۇش جەھەتتىن مۇۋاپىق بولماي، قانداقسىگە «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئىلىكىدىكى روھنى كىرگۈزدى» دېگەن تەرجىمىسى، يەنە كېلىپ پاساھىتى ئالدىنقىلىرىدىن تۆۋەن، مەتىننىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇشتىمۇ ئالدىنقىسىغا يەتمەيدىغان تەرجىمىسى قانداقسىگە ھەم مەنە جەھەتتىن، ھەمدە ئىپادە ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئۇيغۇن دېيىلىپ قالىدۇ؟ مانا بۇلار تەرجىمانىمىزنىڭ تومتاق، چۈشىنىكسىز ۋە يوچۇن بىر نەرسە سىياقىدا ئىزاھلاپ قويغان «قۇرئاننىڭ ئىپادە ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قىلىش يۆنىلىشى» دەيدىغان يۆنىلىشنىڭ زادى نېمىلىكىنى كونكرېتراق ئىزاھلىشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان سوئال ئىشارەتلىرىدۇر. ناۋادا تەرجىمانىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان تەرجىمە كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىغا «القرآن الكريم وترجمة معانيه إلى اللغة الأويغورية» سۆزىنى ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن دوراپ قويۇۋالمىغانلا بولسا، نېمە ئۈچۈن تەرجىمىسىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ مەنە تەرجىمىسى يۆنىلىشىدە تۇرۇپ، بەرگەن ئىزاھاتىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش دەيدىغان يۆنىلىشنى قوشۇپ قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ۋە بۇ يۆنىلىشنىڭ ئەسلىدە نېمە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ تىلىدا ئىزاھلاپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. غەلىتە يېرى، ئۆزى ئىددىئا قىلىپ قوللىنىۋاتقان تەرجىمە يۆنىلىشىدە تاللىغان مىسالدىكى تەرجىمە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەرجىمىسى بولماستىن، ئۆز قەلىمىدە ئاتالمىش تەرجىمانلار دەپ مەنسىتمىگەن تەرزدە تىلغا ئالغان ھەيئەتنىڭ تەرجىمىسىدىن كۆچۈرۈپ ئالغان تەرجىمە بولۇپ، بۇ يەردىكى تاللىدىم دېيىشتە تەرجىمە قىلىشتا تاللىغان يۆنىلىشىنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەرجىمە قىلغان جايلىرىغا ئىشلەتكەنمۇ ياكى ئۈستىلىگە تىزىۋالغان تەرجىمىلەردىن قايسىسى دىتىغا ياققان بولسا شۇنى ئۈزۈپ ئېلىشقا ئىشلەتكەنمۇ دېگەن نۇقتا يوچۇن قالغان ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئايرىۋاشلاشقا سەل قارىغان ياكى تومتاق بايانغا باب كەلمەيدىغان مىسال ئالغاندەك بىر ئىش قىلىپ قويغان.

مانا بۇ بايانلاردىن كېيىن تەرجىمانىمىز «بۇ تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر» تېمىسىنى باشلاپ كېتىدۇ. بۇ تېمىسىدا ئۆزىنىڭ «مېتود» ۋە «ئۆزگىچىلىكلەر» دەپ نام بەرگەن، شۇنداقلا ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان ۋە باشقا تەرجىمىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر قاتار «ئۆزگىچىلىكلەر»نى ماددىمۇماددا زىكرى قىلىشقا باشلايدۇ. كېينكى توختىلىدىغان تېمىمىز مانا بۇ «ئۆزگىچىلىكلەر» ۋە ئۇنىڭدىكى ئاتالمىش «مېتود»لار ھەققىدە بولغۇسى.

نەقل مەنبەلىرى:

[1] سۈرە ئىبراھىم ، 4 – ئايەت،

[2] أخرجه الترمذي (2950)، والنسائي في "الكبرى" (8085)، والطبري (1/ 34)، وقال محققو مسند أحمد: "إسناده ضعيف لضعف عبد الأعلى الثعلبي، ومع ذلك فقد حسنه الترمذي وصححه ابن القطان كما في "النكت الظراف" 4/ 423".

[3] أخرجه الترمذي في جامعه - كتاب تفسير القرآن - باب ما جاء في الذي يفسر القرآن برأيه - رقم 2951 ، وقال : هذا حديث حسن . وإسناد الحديث ضعيف ، وقد ذكر طرقه ابن كثير في مقدمة تفسيره 1/122-125.

[4] ابن تيمية: مقدمة في أصول التفسير، ط دار مكتبة الحياة، بيروت، ص 10.

[5] ابن تيمية: مقدمة في أصول التفسير، ط دار مكتبة الحياة، بيروت، ص 46.

[6] ابن تيمية: مقدمة في أصول التفسير، ط دار مكتبة الحياة، بيروت، ص 46-47.

[7] نفس المصدر.

[8] سۈرە سەجدە، 9 – ئايەت.

داۋامى بار...

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-04-12

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(3)

كېيىنكىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(5)