قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(5)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(5)
«ئۆزگىچىلىك»لەرگە ئۆزگىچە نەزەر
تەرجىمانىمىز مەزكۇر ماقالىسىدە قۇرئان تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىش جەريانلىرى ۋە تەرجىمە يۆنىلىشى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالغىنىدىن كېيىن «بۇ تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر» دەپ بىر تېما ئاچىدۇ. بۇ تېمىدا ئەسەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق نەشرىدە مۇئەللىپ بىۋاسىتە 19 تۈرلۈك «ئۆزگىچىلىك»نى بايان قىلىشقا چۈشكەن بولسا، ئىككىنچى نەشرىدە «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال بىرئاز ئىلاۋە خاراكتېرلىك ئىزاھات يۈرىتىدۇ. ئىلاۋىسىدە ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مەلۇم مەنىدە ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىش شەكلىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇئەللىپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى «تا قىيامەتكىچە قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماقچى بولغانلارغا ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك، ئۈلگە ۋە باشلامچى» دەپ تەرىپلىگەن مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىرىنى تۈزىگۈچى، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىغۇچى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇرغۇلايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇستازىمىز (مۇھەممەد سالىھ) نىڭ بۇ مۇبارەك تەرجىمىسى تا قىيامەتكىچە ‹قۇرئان كەرىم›نى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك، ئۈلگە ۋە باشلامچىدۇر. شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئىنسانلار كامالەت ئىگىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇلار ئىلىمدە قانچىلىك توشقان بولۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى، كەمچىلىكلىرى بولىدۇ ۋە كېيىنكىلەر ئۇنى تولۇقلاپ ماڭىدۇ»[1]. يەنى تەرجىمانىمىز دەۋاتىدۇكى، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى بىر ئۆرنەك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىگەن ئۈلگە. مۇھەممەد سالىھمۇ باشقا ئىنسانلاردەك ھەرقانچە ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، قانچىلىك ئىلىمدە توشقان بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ تەرجىمىسىدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى، كەمچىلىكلىرى بار. مېنىڭ تىلغا ئالغان ئۆزگىچىلىكلىرىمنى كەتكۈزۈپ قويغاننى تۈزەش، كەمچىلىكنى تولۇقلاش دېيىشكە بولىدۇ.
مۇئەللىپ بۇ مۇددىئاسىنى ئوقۇرمەنگە يورۇتۇش ئۈچۈن ساھابىلەر دەۋرىدىكى تەپسىرچىلىكتىن يېقىنقى زامانغىچە بولغان جەرياندا ئۈزلۈكسىز يېزىلىپ كەلگەن تەپسىر كىتابلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ. تەرجىمانىمىزنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ تەپسىرلەرنىڭ يېزىلىشى قانداقتۇر ئۆزى دەۋا قىلىۋاتقان «كەتكۈزۈپ قويغاننى تۈزەش، كەمچىلىكىنى تولۇقلاش» بابىدىن ئىكەن. تەپسىرلەر بۇ تەرزدە يېزىلمىغان بولسا مەزكۇر كىتابلار شۆھرەت قازانمىغان، بۇنچىلىك يۇقىرى باھاغا ئېرىشمىگەن بولار ئىمىش. ھالبۇكى، تەپسىرلەرنىڭ ھەر دەۋردە يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدا، پەرقلىق تەپسىرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئالدىنقىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش، كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ئوڭشاش دەيدىغان بىر ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەتەي چىللاپ كېلىش ھېسسىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، تەرجىمانىمىز مىسالغا ئالغان فى زىلال، تەپسىر سەئدىي ۋە تەپسىر شەنقىيتىي قاتارلىق تەپسىرلەرنىڭ ئۇندىن بۇرۇنقى يېزىلغان تەبەرىي ۋە ئىبنى كەسىر قاتارلىق تەپسىرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقتۇر كەتكۈزۈپ قويغان يېرىنى ئوڭشاش، كەمچىلىكىنى تولۇقلاش مۇناسىۋىتىدە بولمىغانلىقى، مەزكۇر تەپسىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ باغلىنىشلىق تەرەپلىرى بۇ مۇددىئادىكى نۇقتىلار ئەمەسلىكى ساھە ئەھلىگە مەلۇملۇق بىر مەسىلە. بۇ تەپسىرلەر يېزىلىش دەۋرى نۇقتىسىدىنمۇ بىر - بىرىگە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپلا قالماي، «رىۋايەت» ۋە «دىرايەت» جەھەتتىكى ئۇسلۇبى، مۇئەييەن ساھەنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان بولۇشى قاتارلىق بىر تالاي نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىغان، ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەمدە خاتاسىنى تۈزلەش ياكى كەمچىلىكىنى تولۇقلاش نۇقتىسىدىن بىر - بىرىگە ئالاقىسىز تەپسىرلەردۇر. شۇڭا تەرجىمانىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تەرجىمىسىنى مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنى تۈزەش، كەمچىلىكىنى تولۇقلاشنى ئىما قىلغان شەكىلدە تونۇشتۇرۇشىغا كەلتۈرگەن بۇ مىسالىدا دېگەندەك جايىنى تاپمىغان، مۇددىئاسىنى يورۇتۇشتا بىر تۈرلۈك يۈزەكىي ۋە ھېسسىي تەھلىلگە تايىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە زورۇققان.
تەرجىمانىمىز يەنە ئەسەرنىڭ «ئۆزگىچىلىكلەر» دائىرىسىگە مەنسۇپ قىسمىنىڭ مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، كەتكۈزگەنلىرىنى تۈزەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى، بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ تەپسىر بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىغانلىقىغا يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا چىشى پاتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمايدۇ ۋە تۈركىي تەرجىمە ۋە ئەرەبچە تەپسىرلەرگە قايتا - قايتا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى، تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان جايلارنى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۈزىگەنلىكىنى ئىددىئا قىلىدۇ. ئۇ مەزكۇر مۇددىئاسىنى شۇ سۆزلىرى بىلەن تۈگەللەيدۇ: «ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان جايلارنى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۈزىتىپ ماڭدىم. ئۇستازلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا تۈزىتىش بېرىش ئۇلارنىڭ قەدرىنى چۈشۈرگەنلىك بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇقلىغانلىق بولىدۇ».[2]. تەرجىمانىمىز مۇددىئاسىنى بۇ شەكىلدە يورۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەرجىمىسىنىڭ بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان «ئۆزگىچىلىك»لىرىنى، يەنى ئېكران يۈزىدە ئۆزى بىر قوللاپ تەبىرلەپ ئۆتكىنى بويىچە «مېتود»لارنى بىر - بىرلەپ زىكىر قىلىشقا چۈشىدۇ.
تەرجىمانىمىزنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن بۇ تەرجىمىسىدىكى پەرقلىق تەرجىمە قىلىنغان نۇقتىلار مۇنداق ئىككى خىل نۇقتىلار بويىچە ئېلىپ بارغانلىقىنى خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، مەزكۇر تەرجىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ، بولۇپمۇ، مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىپ بېرىش، كەمچىلىكىنى تولۇقلاشنى غايە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
يەنى، تەرجىمانىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۆز تەرجىمىسىدە ئۆزگەرتكەن نۇقتىلار تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئايەت مەنىلىرىگە پەرقلىق سۆز ئىشلىتىشى ياكى پەرقلىق تەرجىمە قىلىشى تۈزىتىش زۆرۈر بولغان، كەمچىلىك سادىر بولغانلىقتىن تولۇقلاش كېرەك بولغان نۇقتىلاردۇر. ھالبۇكى، پەرقلىق تەرجىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە خاتانى تۈزىتىشتىن باشقا يەنە ھەر تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش مېتودى ۋە سۆز تاللاش ئۇسۇلى، مەنە بېرىشتە پەرقلىق بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئېھتىماللىقلارمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئايەت تەپسىرىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرلا مەنىنى ئىپادىلەش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى، شۇڭا بىر تەرجىمە مەلۇم تەپسىرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بىرخىل تەرجىمە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرجىمىنىڭ باشقا مەنىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يەنە باشقىچە تەرجىمە قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار. شۇڭا ھەر تەرجىمىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق توغرا تەرجىمە بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى ساقلاپ تۇرۇشى تامامەن مۇمكىن بىر رېئاللىق. تەرجىمانىمىزنىڭ نەزىرىدە مانا بۇ مۇھىم نۇقتىلار تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ھەمدە پەرقلىق تەرجىمە قىلىنغان جايلاردا گويا ئالدىنقى تەرجىمىلەرگە تۈزەتمە بېرىش مۇددىئاسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان.
ئىككىنچى، مەزكۇر ئۆزگىچىلىكلەر ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى رەت قىلمىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ پەرقلىق چۈشەنچىسى بولۇشتىن بەكرەك ئىلگىرىكى تەرجىمىلەردىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىقتىن ئۆزگەرتكەن نۇقتىلار سۈپىتىدە قارىلىدۇ ھەمدە ئاپتور بۇ ئىددىئاسىنى «ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان جايلارنى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۈزىتىپ ماڭدىم»[3]. دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دېمەك، ئاپتورنىڭ ئىددىئالىرىدىن مەزكۇر ئۆزگىچىلىكلەرنى قايتا تەرجىمىدىكى پەرقلىق تەرجىمىلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز ئىددىئاسى بويىچە ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك تەنقىدى، ئۇلارنىڭ تۈزىتىلگەن، كەمچىلىك ھېسابلىنىپ تولۇقلانغان، توغرىلانغان قىسمى دەپ چۈشىنىشكە ھەقلىقمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاپتورنىڭ «ئۆزگىچىلىكلەر» دېگەن نام ئاستىدا ئۆزگەرتكەن تەرجىمىلىرىدە، ھەمدە تەرجىمە قىلىشتا تاللىغان مېتودلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتا، يەنى «تۈزىتىش» ئىشىدا قانچىلىك ئىلمىي تۇتۇم بەلگىلىيەلىگەن، يۇقىرىقى ئىددىئالىرىدا قانچىلىك ئىلمىي بولالىغان، دېگەنلەرنى تەنقىدىي نەزەردە كۆزدىن كەچۈرۈشىمىز تامامەن يوللۇق. شۇنداق ئىكەن بىز تۆۋەندە تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر ئىككى نۇقتا بويىچە ئىلگىرى سۈرگەن ئىددىئالىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئورۇنلۇق بولغان، قايسى دەرىجىدە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولالىغان، شۇنداقلا ئۆزى بەلگىلىگەن مېتود ۋە ئىددىئالارغا قانچىلىك سادىق بولالىغان، زادى تۇتارلىق بولالىغانمۇ يوق، دېگەنلەرنى ئىلمىيلىك بابىدىن تارازىلاپ كۆرەيلى ۋە ئىددىئا قىلىنغان «ئۆزگىچىلىكلەر»گە قارىتا ئىلمىي نەزەر بويىچە پەرقلىق كۆز بىلەن نەزەر تاشلاپ باقايلى[4].
1. تەرجىمە مېتودىدا لىسان مەسىلىسى ۋە تىل فاشىستلىقى
مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسىدە، توغرىسى ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بويىچە «مېتود» دەپ ئات قويغان «ئۆزگىچىلىكلەر»دە مېتود بۇزۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرىنىڭ تىلغا تۇتقان بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيەسى ئىكەنلكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇنى ھەتتا تىلغا تۇتقان فاشىستچە تۇتۇم، دەپ سۈپەتلەش ھەم مۇمكىن. مەلۇمكى تىل مەسىلىسى ئۆز نۆۋىتىدە لىسان مەسىلىسىدۇر. لىسان ئۇقۇم جەھەتتىن تىلنىڭ نوقۇل سۆزلۈك يىغىندىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەھەللىۋىلىككە ئىگە كۈلتۈرىدىن ھالقىپ مەدەنىيەت كەڭلىكىدە ئۈستۈن تىل سەۋىيەسىگە يەتكەن ۋە جىمى ۋارىيانتلارنى ئۆزىدە جەملىگەن ھالىتىنىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى تىل خەزىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ نامى. بۈگۈنكى شالغۇتلاشتۇرۇۋېتىلگەن، ئېغىزدىكى بىر بارچە ئەت - گۆشكىمۇ، مۇئەييەن قەۋم ياكى مىللەتنىڭ سۆھبەت قورالىغىمۇ، مەلۇم نەزەرىيە ياكى سۆز ساھىبىنىڭ ئىزاھات ئۈچۈن ئىشلەپ چىقارغان نەزەرىيەسىگىمۇ ئوخشاش ئىشلىتىلىپ كەلگەن «تىل» سۆزى ئەنە شۇ لىسان سۆزىنىڭ مىللەت قامۇسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش، مىللىي ئاڭدىن يۇيۇپ تازىلانغاندىن كېيىنكى ئىستېمالغا كەڭ ئومۇملاشقان كۆپ مەنىلىك سۆزلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇ سۆز يەنە مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن تالايلاپ قىرقىش ۋە شاللاش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى. لىسان دېمەكلىك، بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تىل سىستېمىسىنىڭ ئومۇم گەۋدىسى ۋە خەزىنىسى دېمەكتۇر. تىللارنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن تەسىرلىشىشى ۋە بەلگىلىك سەۋەب-ئامىللار، شۇنداقلا تۈرلۈك ئېھتىياجلار سەۋەبلىك ئىككىنچى بىر تىلدىن ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئېلىپ كىرىشى تامامەن مۇمكىن بىر ھادىسە. بۇ ۋەجىدىن ئېلىپ كىرىلگەن ھەرقانداق بىر سۆز، بولۇپمۇ ئۇ تىلنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم تىلىدىن بەلگىلىك تەلەپپۇز ۋە ئۇقۇم ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرگەن ھەرقانداق كەلىمىلەر، ئۇقۇم – ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر مىللەتنىڭ تىل گەۋدىسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى، تىل خەزىنىسىنىڭ ئۆز مۈلكى قاتارىدىندۇر. ئۆزلەشتۈرگەنلىك ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى، ئىگە چىقىشتا، مۇھاپىزەت قىلىپ ئاسراشتا، ھەر تۈرلۈك تاجاۋۇز ۋە بۇلاڭ تالاڭدىن ئامان قىلىشتا ئۆز بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يىلتىزى ۋە كېلىپ چىقىشىنىڭ قەيەردىن ۋە قانداق بولۇشى پەقەتلا ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە چوڭقۇرلۇقىنى چۈشىنىش جەھەتتىنلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يىلتىزى ۋە كەلگەن يېرى قەيەر ۋە قايسى مىللەتنىڭ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەزكۇر سۆزنىڭ ئۆز تىلنىڭ پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشىنى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىتالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ھېچكىمگە خالىغانچە سۆزلەرنى ئۆزدىن ئايرىش، ئۆگەيلەش، شاللاش ۋە يەكلەش ھەققىنى بەرمەيدۇ.
«قامۇس نامۇستۇر» پىرىنسىپى بويىچە قارىغان ۋاقىتتىمۇ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت ۋە تىل تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تىل خەزىنىسىگە مۇئامىلە ئۆز ۋە ئۆگەي مۇئامىلىسىنى ئارىلاشتۇرۇش، ئىختىيارىچە شاللاش ۋە يەكلەش خاھىشىدا بولۇش قامۇسقا قىلىنغان خىيانەت، نامۇسقا قىلىنغان تاجاۋۇزدىن باشقا ئىش ئەمەس. بىلىمىزكى، ئاسارەت دەۋرىدە مۇستەملىكىچى ئىرادىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى ئاتالمىش تىل - يېزىق ئىسلاھاتى نامىدا مىللەتنىڭ قەدىم مەدەنىيەت يىلتىزىغا تۇتىشىدىغان، دىن ۋە دۇنيا قارىشىنى بەلگىلەيدىغان، پەلسەپەۋى تەپەككۇر قاتلاملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئەخلاق مىزانىغا، ئاڭ - شوئۇرىغا يېتەكلىگۈچ ۋە ھىدايەت رولىنى ئۆتەيدىغان، بولۇپمۇ ۋەھيى تىلى بولمىش قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن قانداقلا سۆزلۈك ۋە ئۇقۇم - ئاتالغۇلىرى بولسا ئۇنى مۇمكىنقەدەر قامۇستىن شاللاش، ئەدەبىي تىل سەھنىلىرىدە ئىستېمالدىن قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشى بولۇپ كەلدى. ھەر پۇرسەتتە ئىزاھلىق لۇغەت تۈزۈش ۋە ئىملا يېڭىلاش دولقۇنلىرىنىڭ قوزغىلىشىمۇ بۇ خىل سۆزلەرنى ئىستېمالدىن قالدۇرۇش، ئىستېمالدىن قالدۇرالمىغاننى ماتېرىيالىستىك تىل ۋە سېكولار دۇنيا قاراش نەزەرىيەلىرىگە بويسۇندۇرۇپ ئىزاھلاش، ئىچىنى بوشىتىش ۋە يۈزەكىيلەشتۈرۈش بولۇپ كەلدى. ئىرقچى فاشىزملىق تۇتۇمنىڭ جۇڭگوچە نەشرى بولغان ئاتالمىش ئاكا مىللەت زېھنىيىتىگە پاراللېل ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ خىل تىل فاشىستلىقى تۇتۇمى ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئاسارەتتىن كېيىنكى مىللەتنى جان يېرىدىن ئۇرۇپ قوپالماس قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان، تەدرىجىي ۋە پىلانلىق رەۋىشتە تەتبىقلىنىپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق سۈمۈرۈش، مىللەتنى تەدرىجىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلان - غايىلىرىنىڭ پارچىسى ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ چېقىلىشقا، قول ئەمەس، تىل تەگكۈزۈشكىمۇ بولمايدىغان نامۇسى بولمىش لىسانىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ تاجاۋۇزلۇقتا ئىشنىڭ ئاۋۋىلى خۇددى ئۇقۇم - ئاتالغۇ مەنىسىنىڭ قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن ئىپادىلىنىشى بولغان «ئىستىلاھ» كەلىمىسىنى قامۇستىن ھەيدەپ چىقارغىنىغا ئوخشاش «لىسان» سۆزىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىزاھلىق لۇغەتتىن تازلىۋېتىش، شاللىۋېتىش بولدى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىچى كاۋاك ئۇيغۇرلۇقنى دىن - ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چوقۇنىدىغان، ئاسارەت دەۋرىدە يارىتىلغان سۈنئىي كىملىكنى ئەسلىي كىملىك ئورنىغا دەسسىتىشنى مىللىي مەۋجۇتلۇقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى قىلىۋالغان شالغۇت زېھنىيەتلەر توپىنىڭ مەيدانغا كېلىشى يۇقىرىقى تىل خەزىنىسىگە قىلىنغان ھۇجۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقلارنى ھەقلىققە چىقىرىدىغان ئاۋازلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە يول ئاچتى. بۇ تەرزدە ئۆزگەرتىشلەرنىڭ مۇستەملىكىچى تۈزۈمدىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ۋاسىتىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى يىلدىن - يىلغا ئەجدادىنىڭ يېزىقىغا، تىلىغا، دىنىغا، دۇنيا قارىشىغا، تىل خەزىنىسىگە، پەلسەپەۋى مەپكۇرىسىگە يات بولغان يېڭى - يىڭى ئەۋلادلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىغا زور ھەسسە قوشتى. يېڭى زامان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە تىلنى مەنبە قىلغان شەرئىي ۋە ئەدەبىي پەنلىرىنىڭ دەرس پىروگراممىلىرىدىن تەلتۈكۈس ئېرىغدىلىشى، ئانا تىلدىن قالسا ئىلىم ۋە تەپەككۇر تىلىنىڭ بىۋاسىتە خىتايچىدىن ئاغدۇرۇلۇش شەكلىدە بېيىتىلىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەر، ئىجادىيەت ۋە تەسىر ئېلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولنى خىتايچە تىلىدىن قاندۇرۇش، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىشقا يۈزلىنىش قاتارلىقلار ئەۋلادلارنى ئەجدادنىڭ ئىسمىغا مەپتۇن، تىلىغا يات، ئۆتمۈشىگە مەپتۇن، مەپكۇرىسىگە يات، سۆزلىرىگە مەپتۇن ئەقلىيىتىگە يات، ئىدىيەسىگە مەپتۇن، ئەقىدىسىگە يات، كۆلەڭگۈسىگە مەپتۇن، روھىغا يات بولۇشتەك پاجىئەلەرنى، ئاڭ - ساپادا يەكپايلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇنىڭ نازارىتىنى قىلىۋاتقان ھاكىم ئىرادىنىڭ ئىستىكى ھەمدە ئۇنىڭ يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى سايىسىدە مەيدانغا كەلگەن قۇرئان كەرىم تەتقىقاتى خىزمىتى كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ مەزكۇر تاجاۋۇزچى كۈچنىڭ ھېساب - كىتابىغا چاڭ سالدى. كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىغا بولغان يۈزلىنىش، نەشرگە تەييارلاش، ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىغا ئۆرۈش ئىشلىرى ئۇنتۇلدۇرۇلغان ۋە شاللىۋېتىلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ، ناھەق ئۆگەيلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ قايتىدىن لۇغەت قىلىنىپ ئىشلىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاكىم تەبىقىنىڭ سۆكۈپ بۇزغانلىرىنى قولدىن كېلىشىچە ياماش، ئۇنىڭ ئىستېمالدىن قالدۇرغانلىرىنى ئىمكانىيەتكە تايىنىپ قايتا تىرىلدۈرۈش پۇرسەتلىرىمۇ چىقىشقا باشلىدى. تىل ئىھياسى خىزمىتىدە، يەنى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان تىلنىڭ نامۇسىغا چۈشكەن قارا داغلىرىنى قولدىن كېلىشىچە سۈرتۈشتە مۇھەممەد سالىھنىڭ قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ رولى پەۋقۇلئاددە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرئان تەرجىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھاكىم كۈچنىڭ پىلانىغا چاڭ سېلىشقا يارىغان بولسا، ئىچى كاۋاك ئۇيغۇرلۇقنى بازارغا سېلىۋاتقان، «ئەرەبچىدىن ياكى پارسچىدىن كىرگەن»لىك باھانىسىغا تايىنىپ تىل فاشىستلىقىنى سەپسەتىلەر دۆۋىسىگە ئوراپ بازار تاپقۇزۇۋاتقان شالغۇت زېھنىيەتلىك قەلەمكەش ۋە يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ ئاسقان قازىنىنى ئۆرۈشكە، ياققان ئوتىنى پەسەيتىشتە سەل قارىغۇسىز رول ئوينىدى. كىلاسسىك ئۇيغۇر ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ بارماقتا سانىغۇدەك شارىھلىرىدىن بىرى سانالغان مۇھەممەد سالىھنىڭ ھەم ئەدىب، ھەمدە لۇغەتشۇناس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى تىل خەزىنىسىنى كۆمۈۋېتىلگەن دەپنە ھالىتىدىن ئاز - ئاز بولسىمۇ سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئېلىپ كىرىشى، قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن، شۇنداقلا قۇرئان تىلىنى بېيىتىشقا، گۈزەللەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشقان پارسچىدىن كىرگەن سۆزلۈكلەرنى جايىغا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىشى مىللەتنىڭ سۇسلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىسلامىي ئاڭ - ساپا قۇرۇلۇشىنى ئۇرغۇتۇشقا، تەدرىجى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە، ئەمەلىي تۇرمۇشتىن كەڭ ئورۇن ئالدۇرۇشقا خىزمەت قىلدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككىنچى تەرجىمىسىمۇ مانا بۇ سىزىق بويىچە ئىلگىرىلىگەن بولدى. دېمەك تۈركىي تىلىمىزنىڭ روھسىزلاشتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بۇ كىرىزىسىنى قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن سۆزلۈك بايلىقلىرىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىر تەتقىقاتىدا جانلىق ئىشلىتىشى «لىسانى مىللىي»مىز بولغان ئانا تىلنىڭ دۇچ كەلگەن كىرىزىسلىرىنى مەلۇم چەكتە بولسىمۇ ھەل قىلىش رولىنى ئۆتىدى ۋە ئۆتەپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە، تۈركىي لىسانىمىزنىڭ تەسىرلىشىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش يولى بىلەن قوبۇل قىلىپ ئېلىپ كىرگەن ۋە تىل خەزىنىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىدىن سانىلىدىغان ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن ئۆزلەشكەن سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرىمىزدە تىل بايلىقلىرىدىن بولۇش بىلەن بىرگە جاھانشۇمۇل مەدەنىيەتنىڭ بىر ھالقىسى بولۇشتەك ئۈستۈن كىملىكنىڭ بەرپاچىلىقىدىمۇ پەۋقۇلئاددە رول ئوينايدىغان، يەكلەشكە، بىمەنە باھانىلەرگە تايىنىپ ئىلغاشقا، شاللاشقا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىق ۋە مىراسلىرىمىز ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر.
يۇقىرىقىلارغا يانداش ھالدا كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، ئەجدادنىڭ قوليازمىلىرىنى، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالايدىغان ساۋاتقا ئىگە بولغان ئاز بىر قىسىم زىيالىيلار، شائىر، يازغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھاكىمىيەت ئورگىنىغا قاراشلىق تىل - يېزىق كومىتېتتا فاشىستلارچە ئوپېراتسىيە پىچىقىدىن ئۆتكەن ۋە بىر تۈركۈم ئەۋزەللىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەنە نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەردىن خالىي بولمىغان «ئىزاھلىق لۇغەت»كە بېقىنىش ۋە شۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىش ھادىسىسىمۇ كەڭ ئومۇملىشىپ ماڭغان بولدى. ھاكىمىيەت مونوپوللۇقى ئاستىدىكى قاتتىق قول سىياسەتنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا تىل چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلاندى. كىلاسسىك دەپ نام بېرىلگەن چاغاتاي ئەدەبىي تىلى ۋە بۇ تىلدا ئۆزلەشكەن، ئۇقۇملاشقان ھەمدە سۆزلۈك بايلىقى ھېسابلانغان سۆزلۈكلەر شالغۇت مائارىپ ئىستۇدېنتلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېتىشكەن ئوقۇمۇشلۇقلار تەبىقىسىنىڭ ئاددىي قەلەمكىشىدىن ئۇستاز ئەدىب ۋە يازارلىرىغىچە ھەممىسىنىڭ ئېڭىدا ئومۇمەن ئىستېمالدىن قالدۇرۇلۇشقا ھەقلىق بولغان، بەرىبىر مەتبۇئات يۈزىدە قوللىنىشتا نەشرىيات ۋە تەھرىرلەرنىڭ قايچىلىشىغا دۇچ كېلىدىغان، ئىشلەتسىمۇ ئېتىبارغا ئېرىشمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مودىسى تۈگىگەن، پەقەتلا ئاتالمىش كونا كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىشتىلا خۇددى ئىككىنچى بىر تىلنىڭ چۈشىنىكسىزلىكلىرىنى جىددىي ھەل قىلىشقا ئەسقاتىدىغان سۆزلۈكلەر دۆۋىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىش داۋام قىلدى. شالغۇت زېھنىيەتنىڭ شالغۇت ماڭقۇرتلىرىغا ئايلانغان يازغۇچى - شائىرلار نەزىرىدە بولسا، ئاتالمىش ئىچى كاۋاك ئۇيغۇرلۇقنىڭ تەلەپ تەقەززاسى بويىچە ئىسلامىيەت دەۋرىدىن ئاۋۋالقى ئۇقۇم - ئاتالغۇلارغا كۈچەش، ئەمما ئون بەش ئەسىرگە يېقىن تارىخ مابەينىدە تاكامۇللىشىپ كەلگەن، ئۆز نۆۋىتىدە ھەزرەت ئەمىر تېمۇر دەۋرىدىن بېرى ئىمپېراتورلۇقنىڭ تىلىغا ئايلانغان، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان ھەمدە ماۋارئۇننەھرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي ۋە پەلسەپەۋى تىلى بولغان تۈركىي لىساننى تۈگەل مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ شاللاش ۋە قىرقىش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»نىڭ ئالدىدا مەھكۇم تىل ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش خاھىشى باش كۆتۈردى. سۆزلەرنى ئورنىنى تاپقۇزۇپ ئىشلىتىش ئورنىغا ھېچقانداق تىل قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلمىغان ھالدا، خاھىشقا بېقىپ سۆز ئىشلىتىش، قەلەمكەشنىڭ دىتىغا بېقىپ سۆزلۈك تاللاش ۋە شاللاش، تاللىغاننى ئۇلۇغ ئەجدادنىڭ تىلى نامىنى بېرىپ، شاللىغاننى ئاتالمىش ئەرەبچىدىن ياكى پارسچىدىن كىرگەن سەپسەتەسىگە تاياندۇرۇش قانداقتۇر مىللەتچىلىكنىڭ، يەنە قانداقتۇر ھاكىمىيەتنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى ساپ تىلنى ئىشلىتىشنىڭ، ئەرەبچە ۋە پارسچە كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە ئەتەي شۇ سۆزنىڭ تۈركىي تىلدىكى مەنىداش سۆزلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى بىر تۈرلۈك «ئىلغار زىيالىيلىق»نىڭ تۇتۇمىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئۆزىنى ئۆزى سۈمۈرۈش تىپىدىكى شالغۇتلۇق ۋە ماڭقۇرتلۇق خاھىش باش كۆتۈردى.
يۇقىرىقى خاھىشلارغا قارشى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە قارشى يۆنىلىشتىكى بىردىنبىر ساھە دىنىي ساھە بولدى. دەرۋەقە، دىنىي قەدەرىيەتلەرنى ئىزاھلاش، ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى، جۈملىدىن ئىسلامنىڭ تۈپكى دەستۇرلىرى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتى شەرىفنى ئىزاھلاش خىزمىتى ۋەھيى تىلى بىلەن، شۇنداقلا ۋەھيى تىلىدىن ئوزۇق ئالغان ۋە ئۇنىڭ روھىدىن مەنىۋى قۇۋۋەت ئالغان، ھەمدە مەدەنىيەتلىشىش تارىخىمىزدا مەنە - مەفھۇملىرى مىللەتنىڭ تىل سىستېمىسغا ئۆزلىشىپ قان - قېنىغا سىڭىپ بولغان ئەرەبچە ۋە پارسچە مەنبەلىك سۆز ۋە ئۇقۇملارسىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ساھەنىڭ مۇرەككەپلىكى، يەنە كېلىپ ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى يۇقىرىقىدەك شالغۇت زېھنىيەتلىك زىيالىي تەبىقىسىنىڭ چاڭ سېلىشىغا، ئۇلارنىڭ زېھنىيىتىنىڭ سېڭىپ كىرىشىگە يول قويماي كەلمەكتە ئىدى. چۈنكى ساھەنىڭ يېتەكچى ئورنىدا مۇھەممەد سالىھتەك پېشۋالار ھەمدە ئۇنىڭ ئىلمىي سەمەرىلىرىدىن ئوزۇق ئالغان، ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ يۈرۈۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرى ئاز ئەمەس ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ھەمدە تۈرلۈك قىرغىنچىلىقنىڭ مۇشۇ ساھەنىڭ ئەھلىلىرىگە ئەڭ ئاۋۋال كېلىشتەك قىسمەت ئۇشبۇ ئىلىم ئۆرنەكسىز ۋە يېتەكچىسىز قېلىشقا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بارا - بارا دىنىي ساھەمۇ لاياقىتى توشمىغان نائەھلى تىپلارنىڭ كۆپىيىشى ياكى كۆپەيتىلىشى ئارقىسىدا پۇچەكلىشىشكە، سۈپەت ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتە مەۋجۇت ئۈستۈنلۈكنى يوقىتىپ شىددەت بىلەن چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى.
ئۆرۈك - ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇر، تەمسىلى بويىچە، ساھەسىنىڭ ئىلمىي مېتودىغا پىشماسلىقنىڭ، ئۆز تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ خۇلاسىسى بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ شالغۇت مائارىپنىڭ مەھسۇللىرىدىكى تىل مەرەزلىكى، توغرىسى تىل فاشىستلىقىغا قارىتا ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات رولىنى ئۆتەش كېرەك بولۇشىغا قارىماي دىنىي ساھەنىڭ پېشقەدىمىگە ئايلىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ دىنىي ئۆلىما ۋە دىنىي قەلەمكەشلىكتە كۆپ يىللىق ئەجىر قىلغانلىقى بىلىنگەن سېيمالارنىڭمۇ بۇ خىل تەرزدە يول تۇتۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بۇ خىل خاھىش كەڭ ئورۇن تۇتقان بولۇپ، ھەتتا بۇ خىل ئىلغاش ۋە شاللاشتەك تىل فاشىستلىقىنىڭ ئىزلىرى ئۆرنەكلەر بىلەن تولغان. مۇھەممەد يۈسۈپ قۇرئان تەرجىمىسىدە، بولۇپمۇ سۆزلۈك تاللاشتا، ئاتالغۇ ئىزاھلاشتا تۇتقان «مېتودى» ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ: «نۇرغۇنلىغان تەپسىرلەرنى ۋە ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنى توپلىدىم. ۋەتىنىمىزدىن ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى›، ‹ئىملا لۇغىتى›، ‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›... قاتارلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا شۇلارغا مۇراجىئەت قىلدىم. شۇنداقلا مەزكۇر تەرجىمىدە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى مۇمكىنقەدەر ئاز ئىشلىتىپ، ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە ئۆز تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەردىم»[5].
مۇھەممەد يۈسۈپ يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئاتالمىش «تىلنىڭ ساپلىقىنى» قوغداش نامى ئاستىدا ئىشلەتكەن «مېتودىنى» كىتابىدىكى «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىنىڭ 18 – نومۇرلۇق قىسمىدا شۇ تەرزدە ئىزاھلايدۇ: «ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە، ھازىرقى زامان جانلىق تىلدا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ياكى سۆز يىلتىزى ئۇيغۇرچە بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەي، ھەركىم دەرھال چۈشىنەلەيدىغان ۋە سۆز يىلتىزى ئۇيغۇرچە بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەي، ھەركىم دەرھال چۈشىنەلەيدىغان ۋە سۆز يىلتىزى ئۇيغۇر تىلىدىن بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتتۇق. مەسىلەن: خىش - ئەقرىبا، گۇمراھ، ناگاھان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۇرۇق - تۇغقان، ئازغۇن، شۇھامان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى تاللىدۇق»[6].
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ تەرجىمىدە قوللانغان ئاتالمىش مېتودىنىڭ، بولۇپمۇ بۇنداق بىر تۇتۇرۇقسىز ئىلغاشنى «مېتود»، ھەمدە «تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش» دەپ جار سېلىشىنىڭ تىلشۇناسلىقتىن، ئاكادېمىك ئىلمىي تەتقىقات يۆنىلىشىدىن ئازراق خەۋىرى بار كىشى ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە بولغان ئىددىئا ئىكەنلىكى سىر ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇنداق پوزىتسىيەدە شاللاش ۋە ئىلغاش خاھىشلىرى تىلشۇناسلىقتا ساپلاشتۇرۇش ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلارنى يەرلىك ۋە چەتتىن كىرگەن قىلىپ ئايرىش، ئۆز ۋە ئۆگەي مۇئامىلىسى بويىچە پوزىتسىيە تۇتۇش ھېچبىر مىللەتنىڭ تىلشۇناسلىقىدا كۆرۈلىدىغان ساپلاشتۇرۇش ئۇرۇنىشى ھېسابلانمايدۇ. بۇ پەقەت مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلقنى سۈمۈرۈش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي خاتىرىسى ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى يۇيۇش، مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراش سىستېمىسىنى كاردىن چىقىرىۋېتىش ۋە ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئىستىكىگە ئۇيغۇن سۈنئىي كىملىك ۋە ياسالما دۇنيا قاراشنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئۆز ماڭقۇرتلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈنلا تۇتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەھسۇلى. ئۆتمۈشتە فىرانسۇزلارنىڭ ئالجىرىيە (جەزائىر) ۋە باشقا ئافرىقا ئەللىرىگە قوللانغان تىل ۋە مائارىپ ساھەسىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىدە، ئىنگلىزلارنىڭ ھىندىستان ۋە مىسىرغا، رۇسلارنىڭ ماۋارائۇننەھر ۋە غەربىي تۈركىستان جۇغراپىيەلىرىدە تۈركىي ۋە باشقا قەۋملەرگە يۈرگۈزگەن تىل - يېزىققا دائىر سىياسىي ئىستراتېگىيەلىرىدە، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىدىن بىراقلا يۈز ئۆرۈش، قۇتۇلۇشنى بىر پۈتۈن غەربلىشىشتىن ئىزدەش خاھىشىغا ئىگە بولغان ھاكىم زېھنىيەتنىڭ باشلامچىلىقىدىكى «ھەرپ ئىنقىلابى» ھەمدە ئاتالمىش «تۈركچىدىن ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرنى ئېرىغداش» قاتارلىق تارىخىي ۋە تالاپىتى تۈزۈپ ئوڭشىغۇسىز خاتا ئىنقىلابلاردا مەيدانغا كەلگەن پاجىئەلەر بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىندۇر. ساپلاشتۇرۇش قانداقتۇر ئۆزلەشكەن ۋە تىل زاپىسىغا كىرىپ بولغان ساپ سۆزلەر بار تۇرۇپ ئۇنى شاللاش، مەجبۇرى ئىستېمالدىن قالدۇرۇش، ئۆز تىلىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدە بار بولغان سۆزلۈك ئاساسلىرى ۋە تىل قانۇنىيەتلىرىنى ئىشقا سالماي تۇرۇپ، قىلچە ئەقلىي ئىجتىھاد سەرپ قىلماستىن ئۇدۇل كەلگەنچە سىرتتىن ئۇدۇل ئىمپورت قىلىپ ئەكىرىش، ھېچبىر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە دۇنيا قارىشى بىلەن يېقىندىن ياكى يىراقتىن ئۇيۇشمايدىغان يات كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلىرىنى بارىنى ئۇجۇقتۇرۇش ۋە ئىستېمالدىن مەجبۇرىي قالدۇرۇش بەدىلىگە ئېلىپ كىرىش ئەمەس. بەلكى دەل مۇشۇ خىل ۋەزىيەتلەرگە قارشى تۇتۇم بەلگىلەش ۋە يول تۇتۇشتۇر. ئۆز بولۇپ بولغاننى ئۆگەيلەش، دىتىغا ياققىنىچە مەۋجۇدنى شاللاش، خىللاش ھېچقاچان تىل ساپلىقىنى قوغداش ئەمەستۇر. ئەكسىچە بۇنداق قىلىش تىل خەزىنىسىدىن مۇناسىپ ئۇسۇلدا پايدىلىنىش ئورنىغا ھەققى ۋە ھەددى بولمىغان ئىشقا بۇرنىنى تىقىش، قەستەنلىك بىلەن قىلىنغاندا ئانا تىلغا خىيانەت ۋە زىيانكەشلىك قىلىش جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، ھېچبىر فىرانسۇز، گېرمان ياكى ئىنگلىز ئۆزىنىڭ سۆز ئىستېمالىغا ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان، تارىخىي مىراسىغا ئايلىنىپ بولغان ۋە ئەدەبىي تىلىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلەرنى قامۇسىدىن شاللىغان، ياكى ئىلغاش ۋە خىللاشنى ساپلاشتۇرۇش، دەپ دەۋا قىلغان ئەمەس. بۈگۈنكى ئىنگلىزچە ئاكادېمىك ئىلمىي تىلنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ ئەقەللىي 60 ياكى 70 پىرسەنتىنىڭ گرېكچە ۋە لاتىنچىدىن كىرگەن ياكى شۇ تېرمىنلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن بارلىققا كەلگەنلىكى، يەنە ئۇنىڭ ئىچىدە يۈزلەپ ئەرەبچە سۆز ۋە ئاتالغۇلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۈگۈنگە قەدەر غەرب ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا يېڭى زامان پەلسەپەۋى ئاتالغۇلىرىنى قەدىم گىرېك ۋە لاتىن تىللىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ياساپ ئىشلەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ھېچقاچان بۇ سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلارنى چەتتىن كىرگەن، ياكى يىلتىزى ئىنگلىزچىدىن مەنبەلەنمىگەن، ساپلاشتۇرۇشۇم كېرەك دەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەنسۇپلەنگەن مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم تىلىغا ئۆگەي مۇئامىلە قىلغىنى كۆرۈلگىنى يوق، ھەم كۆرۈلسىمۇ ساھەنىڭ ۋەكىللىك ئەربابلىرى تەرىپىدىن لەنەتلىنىشى چوقۇم. يەنى بۇنداق خاھىش ئەسلا ئىلىم ساھەسىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاشۇ ئاتالغۇ ۋە سۆزلۈكلەرنى قامۇسىدىن شاللاپ چىقارغان ۋاقتىدا تىلىنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتى ۋە يېڭى - يېڭى ھادىسىلەرگە سۆز ياساش، ئىسىم قويۇش ۋە تېرمىن ئىشلەپ چىقىرىشتا تىلىنىڭ مەشنىڭ شالاسىدىن پەرقسىز بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، تىلىنى لاۋۇلدىتىپ تۇرۇۋاتقان ۋە تىل ئائىلىسىگە ئىسسىقلىق ۋە ئېنېرگىيە بەخش ئېتىپ كېلىۋاتقان قۇۋۋەتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ھالبۇكى تەرجىمانىمىز 21 يىلدىن ئاشقان مۇددەت مابەينىدە ئۆزىنىڭ قۇرئان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان، 30 نەچچە يىلغا سوزۇلغان قەلەم ۋە كىتاب ئارىسىدا ھاياتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلىنگەن بىرى بولۇشىغا قارىماي ئانا تىلغا بۇ دەرىجىدە چاكىنىلارچە پوزىتسىيە تۇتۇشى، ھېلىغۇ قۇرئان تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىماننىڭكەن، لۇغەتشۇناسلىقتا پىركالان بولۇپ كەتكەن ھەرقانداق «شۇناس» ياكى ئەۋلىيا ئەزەمنىڭمۇ مىللەتنىڭ تىل خەزىنىسىدىن سۆز شاللاش ۋ ئىلغاش خاھىشىدا بولۇش ھەققى ۋە ھەددى ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىكى، بۇ خۇسۇستا ئۆزىنى چاغلىماي گەپ يورغىلىتىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماي تۇرالمايدۇ. مانا بۇ مەزكۇر قۇرئان مۇئەللىپ قەلىمىگە مەنسۇپ قۇرئان تەرجىمىسىنى بۇزۇق مېتودلۇق تەرجىمە دېيىشىمىزنىڭ يەنە بىر تۈپكى ئاساسلىرىدىن بىرى.
تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مەزكۇر سەپسەتە بويىچە ئىش قىلغانلىقىنى ئىددىئا قىلىپلا توختاپ قالماستىن بۇنى مىسال ۋە ئۆرنەكلەر ئاساسىدا بايان قىلغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز تەرجىمانىمىز بەرگەن ئۆرنەكلەرنى تۇتقا قىلىپ بۇ خۇسۇستىكى تەنقىد ۋە تەھلىللىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 639 – بەت.
[2] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 640 – بەت.
[3] يۇقىرىقى مەنبە
[4] ئەسكەرتىش: ئاپتور تىلغا ئالغان 20 تۈرلۈك ماددا ئىچىدە بەزى ماددىلار، مەسىلەن: «الذي، التي» قاتارلىق سۈپەتداشلارنى قانداق تەرجىمە قىلغانلىقى، «إن»نىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ ئالغانلىقى، «ف» ھەرپىگە تەرجىمە قىلىشتا نېمە دىگەنلىكىگە ئوخشاش پۈتۈنلەي تەرجىماننىڭ تەرجىمە قىلىشتىكى مېتودىغا باغلانغان، پەرقلىق تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ مەنە بېرىلسىمۇ ياكى تەرجىمان ئۆزىنىڭ ئايەتنى چۈشىنىش ۋە تەرجىمە قىلىشتا ئەڭ ئۇيغۇن دەپ كۆرۈپ تاللىسىمۇ بولىدىغان تەرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ ئولتۇرمايمىز. گەرچە ئاپتور بۇ نۇقتىلارنى ئاتايىن زورۇقۇپ ماددا قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ يىلتىزى تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىقتىدارى ھەمدە تەرجىماننىڭ ئايەت مەنىلىرىدىن بىرەرسىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا تەرجىمە قىلىشىغا باغلىق بولۇپ، بەزى ماددىلار ئۈستىدە توختىلىپ يۈرمەيمىز. يەنە بەزىلىرى مەسىلەن، ئايەتنىڭ تۈگىگەن يېرىگە قويۇلغان نومۇرنى ئالدىغا ئېلىش دېگەندەك تېخنىكىلىق ئىشلار سۆزلەنگەن ماددىلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ يۈرمەيمىز. چۈنكى نەزىرىمىزدە ماددىلاردىن بەزىلىرى ئاتايىن ماددا بېكىتىپ مەخسۇس يېزىپ يۈرگىچىلىكى يوق ئىشلار بولۇپ، يېزىپ يۈرگىچىلىكى يوق ئىشلارغا بىزنىڭمۇ ئاۋارە بولۇپ توختىلىپ ئولتۇرماسلىقىمىز مۇناسىپ بولغۇسى.
[5] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 636 – بەت.
[6] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 655 – بەت.
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-04-16
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(4)