قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(9)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(9)
5. ئىستىۋائ (الإستواء) مەسىلىسىدىكى تۇتامسىزلىقلار
تەرجىمانىمىز «ئۆزگىچەلىكلەر» قاتارىدا قۇرئان كەرىمدە جەمئىي يەتتە ئورۇندا زىكرى كەچكەن «استوى (ئىستەۋا)» سۆزىگە سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن «استوى» سۆزىنى «علا»، «ارتفع» دېگەن مەنىلىرى بويىچە تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تاللىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق. بۇ ماۋزۇدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئەگەشتۇق. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق كەلگەن ‹اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ›[1] دېگەن ئايەتنى ‹ئەرشكە ئۆرلىدى› دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى ‹اسْتَوَى› دېگەن سۆز ‹علا›، ‹ارتفع› يەنى ‹يۈكسەلدى، ئۆرلىدى› دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ مەشھۇر قامۇس ‹لىسانۇل ئەرەب› تە مۇنداق دېيىلگەن: ئىمام ئەخپەش‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزنى ‹علا› يەنى ‹ئۈستۈن بولدى› دەپ چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن: ‹استويت فوق الدابة، على ظهر البيت أي علوته› يەنى (ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە چىقتىم، ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆرلىدىم، يەنى ئۈسـتۈن بولدۇم) دېگەنگە ئوخشاش[2]. تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن مۇجاھىد ئايەتتىكى‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹علا› يەنى ‹ئۈستۈن بولدى› دەپ مەنە ئېيتقان. كاتتا مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى جەرىر تەبەرىي ئۆز تەپسىرىدە‹الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى›[3] دېگەن ئايەتكە ‹الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ ارتفع وعلا› يەنى، ‹رەھمان ئاللاھ ئەرشكە ئۆرلىدى ۋە ئۈستۈن بولدى›دەپ تەپسىر قىلغان. ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئەبۇلئابباس سۇئلەب‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹علا› يەنى ‹ئۈستۈن بولدى› دەپ مەنە ئېيتقان. ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەرنىڭ بىرىدە: ‹مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى› دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، يەنە بىرىدە: ‹مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى›دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقىسىدا ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹استقر› يەنى (ئورۇن ئالدى ياكى ئورۇنلاشتى) دەپ مەنە ئېيتىلغان. ھالبۇكى، ھېچقانداق بىر مۇپەسسىر ۋە ھېچقانداق بىر تىلشۇناس ئالىم ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹استقر› دەپ مەنە ئېيتىپ باققان ئەمەس. بۇ تەرجىمىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە،‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزنى ‹مۇستەۋى بولدى›دەپ ئالغان. ھالبۇكى،‹مۇستەۋى بولدى›دېگەن سۆزدىن ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق بىر سۆز يوق. شۇ ئېنىقكى، ‹قۇرئان كەرىم› مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆز ‹قۇرئان كەرىم›دىكى‹المﱠ›، ‹حم›دېگەن ھەرپلەرگە ئوخشاش مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ھەرپلەر قاتارىدىن ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ‹اسْتَوَى›دېگەن بۇ سۆزنى باشقا مەنىلەردە تەرجىمە قىلغاندىن ياكى ئۇنى ئەرەبچىسى بويىچە يېزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟!»[4] .
تەرجىمانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئوچۇقلىمىسى قارىماققا سۈپەت ئايەتلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىقنى ، جۈملىدىن «ئىستەۋا» سۆزى كەلگەن سۈپەت ئايەتلىرىنى «علا وارتفع» مەنىسى بويىچە ئېلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى، ئەقەللىي تەقدىردە تەرجىمە قىلىشتا سەلەف سالىھلارنىڭ ئىستەۋا ئايىتىگە بەرگەن تەپسىرىنى ئاساس قىلغانلىقنى ئۇرغۇلاشقا سەۋەب ياكى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، نەتىجىدە تەرجىمانىمىز يۇقىرىقى «علا وارتفع» دېگەن سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە لۇغەت مەنىسى بويىچە «ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويۇش ئارقىلىق بىلىپ - بىلمەي ئۆزى ئالدىنقى تەرجىمىلەرگە قارىتا ئەيىبلىگەن خاتالىققا يەنە ئۆزى بىر قوللۇق دەسسەپ بېرىشتىن ساقلىنالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر ئوچۇقلىمىسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزى تەكىتلەۋاتقان سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ ئايەتلەرگە قارىتا تۇتقان ئىلمىي پىرىنسىپلىرىنى، ئەقىدىۋى مىزانىنى قىلچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويغان. چۈنكى ئىستەۋا ئايىتىنى «علا وارتفع» مەنىسىدە تەپسىرلەش گەرچە ئاز بىر قىسىم سەلەف سالىھلارغا ئائىت تەپسىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار «علا وارتفع» سۆزلىرىدىن مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىش، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ يۈكسىلىش، كۆتۈرۈلۈش مەنىسىدىكى «ئۆرلىدى» دېگەن مەنە بويىچە ئىزاھلىغان ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت تەرجىمانىمىز يەنە ئۆزىنىڭ مەزكۇر «ئۆرلىدى» دېگەن تەرجىمىسىنى سەلەف سالىھلارنىڭ «علا وارتفع» دېگەن ئىزاھاتىنىڭ دەل مەنىسىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى «علا وارتفع» سۆزىنىڭ تەرجىمىسى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «ئۆرلىدى» دېگەن مەنىسىگە ئۇدۇل كېلىدىغاندەك قىلىپ ئالدىنئالا «ئۆرلىدى» دېگەن مەنىنى بېكىتىۋالىدۇ، ھەمدە سەلەفلەردىن ئۇممەسەلەمە، ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ ئىستەۋا ھەققىدىكى سۆزىنى شۇ ئاساستا بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىشتەك يەنە بىر قاتار ئىلمىي خاتالىقلارنى، پوملاش ۋە قايچىلاش شەكلىدىكى گەپ ئوينىتىشلارنى سادىر قىلىدۇ. تەرجىمانىمىزنىڭ ئىستەۋا ئايىتىگە دائىر مەزكۇر تەرجىمىسىدىكى قۇسۇرلارنى ۋە ئىلمىي بولمىغان نۇقتىلارنى يۇقىرىقى نەقىلدىكى بايانلىرى ئاساسىدا مۇنداق بىرقانچە نۇقتىدىن دەلىللەپ چىقىش مۇمكىن:
بىرىنچىدىن، ئىستەۋا ئايىتىنى «علا وارتفع» مەنىسى بىلەن ئىزاھلاش كۆپچىلىك سەلەفنىڭ تەپسىرى بولماستىن ئەبۇلئالىيە، مۇجاھىد قاتارلىق ئاز بىر قىسىم سەلەفلەردىن كەلگەن تەپسىردۇر. مەسىلىنىڭ تەھقىقى شۇكى، مەزكۇر تەپسىر ئىمام نەۋەۋىي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئاز بىرقىسىم سەلەفلەرنىڭ ۋە كۆپچىلىك خەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى بولغان تەۋىل قىلىش يۆنىلىشىدىكى ئىزاھات بولۇپ، كۆپچىلىك سەلەفنىڭ مەيدانى بىز تەكىتلەپ ئۆتكەندەك: «قانداق بولسا شۇ بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش، تەپسىر ۋە مەنە بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىش»تۇر. بۇ ۋەجىدىن ئىستەۋا ئايىتى ھەققىدىكى تۇتۇم تارىختىن بېرى كۆپچىلىك سەلەف ئالىملىرى بىلەن ئاز بىر قىسىم سەلەف ۋە كۆپچىلىك خەلەف ئالىملىرى ئارىسىدا پەرقلىق پوزىتسىيە ۋە ئىزاھاتلارغا ئىگە بولۇپ كەلگەندۇر. مەسىلىنىڭ نېگىزى ئالىملارنىڭ ئال ئىمران سۈرىسىىنىڭ 7 – ئايىتىدىن مەيدانغا كەلگەن «مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئىلىمدە توشقانلار بىلەمدۇ، يوق» مەسىلىسىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، تەفۋىز يولىنى تۇتقۇچىلار، يەنى ئايەتكە مەنە بەرمەسلىك، تەپسىرلىمەسلىك، شۇنداقلا ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسى بويىچە چۈشەنمەسلىك شەرتى بىلەن قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش تەرەپتارلىقىدىكىلەر ئايەتنى چۈشىنىشتە «مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئىلىمدە توشقانلار بىلمەيدۇ، بەلكى ‹ئامەننا› دەپ تەستىقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن قاراشقا كەلگەن ۋە سۈپەت ئايەتلىرىگە تەپسىر بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئەمما مۇجاھىد، دەھھاك، رەبىئ ئىبنى ئەنەس، مۇھەممەد ئىبنى جەئفەر ۋە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئابباس قاتارلىق بىر بۆلۈك سەلەفلەر، شۇنداقلا كۆپچىلىك خەلەف ئالىملىرى مەزكۇر ئايەتنى «مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئىلىمدە توشقانلارمۇ بىلىدۇ» دەپ چۈشەنگەن ۋە «ئاللاھنى ئوخشىتىش ۋە كەيپىيات يۈكلەشتىن خالىي ھالدا تەۋھىدكە زىت كەلمەيدىغان رەۋىشتە تەۋىل قىلىپ ئىزاھلاشنى، مەنە بېرىپ تەپسىرلەشنى» مۇناسىپ كۆرگەن[5]. ئىستەۋا ئايىتىگە بېرىلگەن «علا وارتفع» مەنىلىرى مانا بۇ تۇتۇم ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، تەپسىر بەرمەسلىك تەرەپدارلىقىدىكى كۆپچىلىك سەلەفلەر تۈرلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئايەتكە تەپسىر بېرىشتىن، مەنە يۈكلەشتىن ئۆزىنى تارتقان، ھەتتا بۇ توغرىدا ئېغىز ئېچىشنى، كوچىلاپ مەنىسىنى ئىزدىنىشنى بىدئەتكە، ھەتتا كۇفۇرغا چىقارغان. مەشھۇر ئۇممۇسەلەمە ۋە ئىمام مالىك قاتارلىقلاردىن كەلگەن «بۇ خۇسۇسقا ئىشىنىش ۋاجىپ، سوئال سوراپ كوچىلاش بىدئەت» دېگەن تۇتۇملىرى، شۇنداقلا سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ئېيتقان «فتفسيره تلاوته والسكوت عليه»، يەنى بۇ تۈردىكى ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى «تىلاۋەت قىلىش ۋە مەنىسى ھەققىدە جىم بولۇش» ھەققىدىكى بايانلىرى مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتىلغان. مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى مۇئەييەن پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا تەپسىرلەش بىر بۆلۈك سەلەف ۋە كۆپچىلىك خەلەف ئالىملىرىنىڭ تۇتۇمى بولۇپ، ئىستەۋا ئايىتىگە بېرىلگەن خىلمۇخىل بايانلار، تەۋىللەر ئىستەۋانى تەۋھىدكە زىت كەلمىگەن ئاساستا قانداق تەپسىرلەش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئىجتىھادتىن كېلىپ چىققاندۇر. بىر مۇپەسسىرنىڭ تەۋىلىنى يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلماي پەرقلىق تەپسىر بېرىشى، مۇتەقەددىمىنلارنىڭكىنى مۇتەئەخخىرىنلارنىڭ پەرقلىق ئىزاھلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئىستەۋا ھەققىدە كەلگەن ئايەتنى تەۋھىدكە مۇخالىپ كەلمىگەن ئاساستا تەپسىر بىلەن ئىزاھلاشقا تىرىشىش ۋە كۆڭۈل توختىغۇدەك بىر مەنىنى بېرىشكە بولغان قىزغىنلىق جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا ئىستەۋا سۆزىنى «علا وارتفع» دەپ ئىزاھلاش ئاز سانلىق سەلەفلەرنىڭ «مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە مۇناسىپ مەنە بېرىشكە بولىدۇ»، دېگەنلىكى نۇقتىسىدىن بېرىلگەن ئىزاھاتتۇر. بۇ تۇتۇم يەنە پەقەت مەزكۇر ئاز سانلىق سەلەفنىڭلا ئەمەس، يەنە كۆپچىلىك خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭمۇ تۇتۇمى بىلەن مەۋقەداش بولغان تۇتۇم ۋە تەپسىرلەردىن بىرىدۇر. بىرىنىڭ «علا وارتفع»، يەنە بىرىنىڭ «استولي»، يەنە بىرىنىڭ «قهر وغلب» دەپ تەپسىرلىشى مۇشۇ نۇقتىدىن بولۇپ، ھەممىنىڭ مۇئەييەن مەنىدە تەپسىرلەشتە تىل ئىستېمالىغا، ئەرەب لىسانىدىكى بىر قاتار ئىستېمال مەنىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرۈشى ۋە ئەقىدىۋى پىرىنسىپقا ئۇيغۇنلاشقان مەنە بېرىشكە تىرىشىشى، بىرىنىڭ «علا وارتفع» مەنىسىنى مەلۇم نۇقتىدىن يورۇتالمايدۇ دەپ قاراپ يەنە بىر مەنىنى تەرجىھ قىلىشى، ئۇنىڭ تەرجىھ قىلغىنىنى يەنە بىر مۇپەسسىرنىڭ ئاجىز دەپ قوبۇل قىلماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى نېگىزلىك تەرەپتە ئوخشىمىغان ئىككى قاراشنى مەنبە قىلغانلىقتىندۇر. شۇڭا مەسىلىنى تەھقىقى بىلەن چۈشەنمەستىن، چۈشەندۈرمەستىن، گويا خەلەفنى تۇتماي سەلەفنى تۇتقان كۆرۈنۈش ئۈچۈن «بىز «علا وارتفع» مەنىسىنى تۇتۇشتا سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتتۇق» دەۋېلىش تەھقىقلانمىغان، ئىلمىيلىككە توغرا كەلمەيدىغان خاملىق جۈملىسىدىندۇر.
ئىككىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» مەنىلىرىنىڭ بارلىقىنى سەلەفنىڭ يولى دەپ كۆرسىتىپلا قالماي، «استقر»، «مستو على العرش»، يەنى «قارار ئالدى» «ئەرشكە مۇستەۋى بولدى» قاتارلىق مەنىلىرىنى ئالماسلىقتىكى ۋە ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» مەنىسىنى تاللاشتىكى دەلىلىنى كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ ۋە بۇ سۆزنىڭ «ئۆرلىدى، يۈكسەلدى» قاتارلىق مەنىلىرى بارلىقىغا لىسانۇلئەرەب قامۇسىنى، ئۇ قامۇستا زىكرى قىلىنغان ئەخفەش، سۇئلەب قاتارلىق لۇغەتشۇناس ۋە گرامماتىكاشۇناسلارنىڭ ئىزاھاتلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، تەرجىمانىمىز گويا لىسانۇلئەرەب قامۇسىدا مۇشۇنداق مەنىسى بارلىقىلا ئىستەۋا سۆزىنى «علا وارتفع» مەنىلىرىدە ئىشلىتىشكە ئۆز ئالدىغا ئاساستەك كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە لىسانۇلئەرەب قامۇسىدا ئىستەۋانىڭ «علا وارتفع»دىن باشقا 10 دىن ئارتۇق مەنىلىرى بېرىلگەن ۋە ھەربىرىگە مۇناسىپ مىساللار بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىستەۋا سۆزىنىڭ «استقر»، «مستو»، يەنى «قارار ئالدى»، «مۇستەۋى بولدى» قاتارلىق مەنىلىرىمۇ بار. شۇڭا بۇ ئورۇندا ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» مەنىلىرىنى تاللاشتا ۋە لىسانۇلئەرەبكە مۇراجىئەت قىلىشىدىكى ئىمتىيازغا مۇھەممەد يۈسۈپ قانداق ئىگە بولغان بولسا، ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ مۇئەللىپلىرىمۇ ئوخشاشلا ئىگە. بۇنداق ئەھۋالدا تەرجىمانىمىزنىڭ «علا وارتفع» مەنىلىرىنى تاللىشى قانچىلىك يوللۇق بولسا، لىسانۇلئەرەبتە تىلغا ئېلىنغان «قارار ئالدى» «ئەرشكە مۇستەۋى بولدى» قاتارلىق مەنىلەرنى تاللىشى ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ مۇئەللىپلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا يوللۇق بولغان، بەرگەن ئىزاھاتىمۇ ئەرەب لىسانىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئىزاھات بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا لىسانۇلئەرەب قامۇسىدا گويا ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» مەنىلىرىلا باردەك بىر خىل يوسۇندا ياپىلاقلاپ ئۆتۈپ كېتىشى، قالدى مەنىلىرىنى ھېچ تىلغا ئېلى قويماسلىقى پەقەتلا ئۆزىنىڭ گېپىنى گەپ ئېتىش خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئۇنداق بولمىغاندا، كۆز بويىغاندەك ئىش قىلمىغان، ئىلمىي ئامانەت يۈزىسىدىن ئىستەۋا سۆزىنىڭ لىسانۇلئەرەب قامۇسىدىكى باشقا مەنىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان، ئايەتتىكى سۆزنى يالغۇز ئۆزىلا ئەرەب تىلى قامۇسىدىكى مەنىسىگە ئۇيغۇن تەرجىمە قىلغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمىغان بولار ئىدى.
ئۈچىنچىدىن، تەرجىمانىمىز يۇقىرىقىدەك ئىلمىي ئامانەتكە لايىقىدا رىئايە قىلمايلا قالماستىن، ئۆزىنىڭكىنى توغرىغا چىقىرىشقا ۋاسىتە تاللىماي كۈچەش ئۈچۈن كۆزنى يۇمۇپلا جۆيلۈشتىن يانمايدۇ. مەسىلەن، تەرجىمانىمىز ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدىكى «قارار ئالدى» سۆزىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىنقىسىدا (مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە) ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹استقر› يەنى (ئورۇن ئالدى ياكى ئورۇنلاشتى) دەپ مەنە ئېيتىلغان. ھالبۇكى، ھېچقانداق بىر مۇپەسسىر ۋە ھېچقانداق بىر تىلشۇناس ئالىم‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە‹استقر› دەپ مەنە ئېيتىپ باققان ئەمەس». مانا بۇ سېپى ئۆزىدىن جۆيلۈش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچبىر مۇپەسسىر ياكى ھەرقانداق تىلشۇناس ئالىم ئىستەۋا سۆزىنىڭ ئەڭ باشتا كېلىدىغان لۇغەت مەنىلىرىدىن بىرىنىڭ «استقر»، يەنى قارار ئالدى، دېگەن مەنىسى ئىكەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىمۇ ئايەتلەردىن بىرىدە ئىستەۋا سۆزىنى ‹استقر› مەنىسىدە، يەنى «قارار ئالدى، ئورۇنلاشتى، توختىدى» قاتارلىق مەنىلەردە ئىشلەتكەن. مەسىلەن ھۇد سۈرىسىنىڭ 44 – ئايىتىدىكى «واستوت على الجودي» دېگەن ئايەتتىكى ئىستەۋا سۆزىنى كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «استقرت» مەنىسىدە دەپ تەپسىرلىگەن. ئالايلۇق، سەلەف سالىھلاردىن قەتادە يۇقىرىقى ئايەتنى «فاستقرت على الجودي شهرا» دەپ تەپسىرلىگەن[6]. ئۇندىن باشقا ئىمام ماتۇرىيدىي، ئىمام سەمئانىي، ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي، ئىمام زەمەخشەرىي، ئىمام نەسەفىي، ئىمام بەيزاۋىي، شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد، ئىمام شەۋكانىي قاتارلىقلارغىچە بولغان مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكى، يەنى تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ قۇرئاننى تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغانلىقىنى ئىددىئا قىلغان 17 دانە تەپسىر مۇئەللىپلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئايەتتىكى ئىستەۋا سۆزىنىڭ مۇئەننەس شەكلى بولغان «استوت» سۆزىگە «استقرت» مەنىسىنى بەرگەن. يەنى ئۇلار مەزكۇر ئايەتتىكى «استوت» سۆزىنى: نۇھنىڭ كېمىسى جۇدىي تېغىغا كېلىپ توختىدى، جايلاشتى، ئورۇنلاشتى، قارار ئالدى قاتارلىق مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «استقرت» سۆزى بىلەن تەپسىرلىگەن[7].
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن تەرجىمانىمىزنىڭ: «تىلشۇناس ئالىملارمۇ ئىستەۋا سۆزىگە «استقر» دەپ مەنە بەرگەن ئەمەس» دېگەن بايانى قىپقىزىل يالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تەرجىمانىمىز دەلىل مەنبەسى قىلىپ كۆرسەتكەن لىسانۇلئەرەب ناملىق قامۇسنىڭ ئۆزىدە ئىستەۋا سۆزىنىڭ «استقر» مەنىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. لىسانۇلئەرەب قامۇسىنىڭ مۇئەللىپى «واسْتَوَى عَلَى ظَهْرِ دَابَّتِهِ أَي استَقَرَّ» دېگەن مىسالنى بېرىش ئارقىلىق ئىستەۋا سۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىنىڭ «استقر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن[8].
خوش، ئۇنداقتا ئىش تەرجىمانىمىز ئىددىئا قىلغاندەك ئەمەس. شۇنداقلا، مۇپەسسىرلەردىن ياكى تىلشۇناس ئالىملاردىن بىرەرسىمۇ ئىستەۋا سۆزىگە «استقر» مەنىسى بەرمىگەن ئىشمۇ يوق، بەلكى كۆپچىلىك مۇپەسسىر ۋە تىلشۇناسلار مەزكۇر سۆزنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىنىڭ «استقر» ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە مەنە بېرىدىغان يېرىدە ئورنىنى كەلتۈرۈپ ئايىماي بېرىۋەرگەن. دېمەك تەرجىمانىمىزنىڭ مۇھەممەد سالىھنىڭ «قارار ئالدى» دەپ تەرجىمە قىلىشىنى تاللىماسلىقىدا كۆرسەتكەن بۇ تۇتۇمىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق بولۇپلا قالماي يازغانلىرىنىڭ قىپقىزىل جۆيلۈش بولغانلىقى ئورتادا. مانا بۇ تەھقىقلەشلەر ئالدىنقىلارنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىش ئىددىئاسىدىكى بۇ «ئۆزگىچىلىك»لەرنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوقلىقىنى، قارىسىغا جۆيلۈشتە، تۇتۇرۇقسىزلىقتا نەقەدەر چېكىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتەرلىكتۇر.
ناۋادا تەرجىمانىمىز «مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم بۇ ئەمەس. بەلكى، دەۋاتقانلىرىم قۇرئاندىكى‹ئىستەۋا ئەلەلئەرش› دەپ كەلگەن جايلاردىكى ئىستەۋالارغىلا قارىتىلغان» دەپ قالسا، بىزمۇ دەيمىزكى، بۇ گېپىڭىزمۇ يالغان بىلەن تولغان. چۈنكى ئىستەۋا سۆزىگە ئىستەقەررە مەنىسى بەرگەن مۇپەسسىرلەر يوق ئەمەس بەلكى بار. مەسىلەن، ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ «ئەلئىتقان» كىتابىدا ئالىملارنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەردىن بىرى بولغان ئىستەۋا ئايىتىگە بەرگەن پەرقلىق مەنىلەرنى بىر - بىرلەپ ساناپ چىققان ۋە بۇ سۆزگە 7 تۈرلۈك مەنىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا مەزكۇر يەتتە تۈرلۈك تەپسىرنىڭ بىرىنچىسىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن نەقىلگە بىنائەن ئايەتتىكى «استوى» سۆزىنىڭ «استقر (قارار ئالدى)» مەنىسىدە تەپسىرلەنگەنلىكىنى زىكرى قىلغان. لېكىن تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەپسىرگە قېتىلمايدىغانلىقىنى «ناۋادا مۇشۇنداق تەپسىر قىلغانلىقى سەھىھ رىۋايەت بىلەن دەلىللەنگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق تەپسىرلەشنىڭ كىشىگە ئاللاھنى جىسىملاشتۇرۇش تۇيغۇسىنى بېرىدىغانلىقى»نى قەيت قىلىش بىلەن ئېتىرازىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مۇشۇنداق تەپسىرلەشنىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىغان[9]. ئەكسىچە ئىمام بەغەۋىي ئېيتقاندەك: مۇپەسسىرلەردىن مۇقاتىل ئىبنى سۇلەيمان ۋە ئەلكەلبىي قاتارلىقلارمۇ ئايەتتىكى ئىستەۋا سۆزىگە ئىستەقەررە مەنىسىنى بەرگەن[10]. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر ئىستەۋا سۆزىنىڭ بۇ مەنىسىنى «استوى على العرش» ئايىتىگە ئىشلىتىشنى لۇغەت مەنىسى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە قارىتا ئىلمىي تۇتۇمغا ھەمدە ئەقىدىۋى پىرىنسىپقا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى نۇقتىسىدىن رەت قىلغاندۇر. بۇنىڭدىن «ئىستەۋا ئەلەلئەرش»نى چۆرىدىگەن تەپسىرلەر ئىچىدە ئىستەۋا سۆزىنى - مەقبۇل بولمىسىمۇ - ئىستەقەررە مەنىسى بىلەن ئىزاھلىغان بەزى مۇپەسسىرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا تەرجىمانىمىزنىڭ مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنى نە لۇغەتتىن، نە تەپسىردىن ئاساسى يوقتەك كۆرسىتىپ «ھېچقانداق بىر مۇپەسسىر ۋە ھېچقانداق بىر تىلشۇناس ئالىم ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزگە ‹استقر›دەپ مەنە ئېيتىپ باققان ئەمەس» دەۋېلىشى ئاساسسىز بولۇپلا قالماي، بۇنداق قارىسىغا ھۆكۈم پېچىش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇستاز مۇھەممەد سالىھنى مەزكۇر تەرجىمىسىدە ھېچبىر تەپسىردىن ياكى لۇغەتتىن ئاساسى بولمىسىمۇ ئۆز خاھىشىچە تەرجىمە قىلىۋالغانلىقتەك ئورۇنسىز قارىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن، ئۇنىڭ ئىلمىي ئىستېدادىغا داغ چۈشۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان قۇرۇق داۋراڭدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە ئالدىنقى «قارار ئالدى» دەپ قىلىنغان تەرجىمىنىڭ نە تەپسىردىن، نە لۇغەتتىن ئاساسى بولمىسىمۇ ئۆز كاللىسىچە تەرجىمە قىلىۋالغانلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مۇپەسسىرلەر ئارىسىدا بار بولغان، ئەمما رەت قىلىنغان بىر تەپسىرنى تەرجىمىگە تاللاشتا كەتكۈزۈپ قويۇش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى بۇ خىل تەپسىرلەش گەرچە لۇغەت مەنىسى نۇقتىسىدىن توغرا بولسىمۇ، مەقبۇل ئەقىدىۋى ئاساسلارغا، شۇنداقلا بارلىق سەلەف ۋە خەلەف ئالىملىرى ئىتتىپاق كەلگەن نۇقتىلاردىن بىرى بولغان «بۇ تۈرلۈك ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسى، يەنى لۇغەتتىكى ئۇدۇل مەنىسى مەقسەت ئەمەسلىكى، ھادىسەۋىلىككە ياتىدىغان ھەرقانداق سۈپەتلەردىن ئاللاھنىڭ پاك ۋە مۇنەززەھ دەپ ئەقىدە قىلىش»تىن ئىبارەت تۈپكى پىرىنسىپقا خىلاپ كېلىدىغان تەپسىر بولغانلىقى تۈپەيلى مەقبۇل كۆرۈلمىگەندۇر. مانا بۇ تەھقىقلەر تەرجىمانىمىزنىڭ ئالدىنقى تەرجىمىدىكى «قارار ئالدى» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىنى تەنقىدلەپ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداقلىققا، تۇتۇرۇقسىزلىققا تولغانلىقىنى ۋە ئىستەۋا ئايىتىنى «قارار ئالدى» دەپ تەرجىمە قىلسا بولمايدىغانلىق مەسىلىسىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قىلچە يورۇتۇپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە، كۆزنى يۇمۇۋېلىپ جۆيلىگەن پەدىدە مەسىلىنىڭ ئىلمىي تەھقىقىنى بىلمەستىن، چۈشەنمەستىن بىلجىرلاش تۈسىدە گېپىنى گەپ ئەتمەكچى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
تۆتىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئۇستاز مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنى پاخشى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى نۆۋەتنى ھەيئەت تەرجىمىسىگە بېرىدۇ ۋە ھەيئەت تەرجىمىسىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن تەنقىدلەپ ئۆتىدۇ: «بۇ تەرجىمىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە،‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزنى‹مۇستەۋى بولدى›دەپ ئالغان. ھالبۇكى، ‹مۇستەۋى بولدى› دېگەن سۆزدىن ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق بىر سۆز يوق. شۇ ئېنىقكى، ‹قۇرئان كەرىم› مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر»[11].
يۇقىرىقى تەنقىدمۇ جايىنى تاپمايلا قالماستىن، تەرجىمانىمىزنىڭ تىل فاشىستلىقى تۇتۇمىنىڭ تەسىرىدە مەزكۇر تەرجىمىنىڭ ئەسلىي قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىمۇ پۈتۈنلەي خاتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئەمەلىيەتتە، ئىككىنچى تەرجىمە، يەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ تەرجىمە مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىدىكى خاتالىقنى، يەنى كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر مەقبۇل كۆرمىگەن ۋە مۇجەسسىمەلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى تەستىققا ئېرىشتۈرىدىغان بۇ تەرجىمىنى بىر دەرىجە تۈزەش مەۋقەسىدە بولغان بولۇپ، ئايەتنى «ئاللاھ ئەرشكە مۇستەۋى بولدى» دەپ ئىزاھلىغان. گەرچە بۇ تەرجىمە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلئەزىز مەنسۇرنىڭ تەرجىمىسىنى ئەينەن قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ تەرجىمىسى تەرجىمانىمىز دەۋا قىلغاندەك ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان تەرجىمە ئەمەس. چۈنكى، تەرجىمە گۇرۇپپىسى بۇ تەرجىمىنى قوبۇل قىلىپ ئېلىشتا، ھەمدە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قاتارىدا قوبۇل قىلىشتا مەزكۇر تەرجىمانىمىزدەك تىل فاشىستلىقى ۋاكسېنىسىدىن ئۆزىنى پاكىز تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلغا قارىتا شاللاش ۋە خىللاش پوزىتسىيەسى تۇتمىغان. ئۇلار قىرقىش ئوپېراتسىيەلىرىگە ئۇچرىغان چاغداش ئۇيغۇر تىلى يېتىشمىگەن ۋاقىتتا دىنىي تىلنى بېيىتىشتا چاغاتاي تۈركچىسىدىنمۇ پايدىلىنىشقا سەل قارىمىغان ۋە چاغاتاي تىلىدىكى «مۇستەۋى» سۆزىنى، يەنى تۈزلەش، توغرىلاش مەنىسىدىكى بىر سۆزنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن. ئىستەۋانىڭ چاغاتايچىدىكى مۇستەۋى بولدى دېيىلىشى ئۇنىڭ لىسانۇلئەرەب قامۇسىدا تىلغا ئېلىنغان مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «اعتدل»، «استقام» يەنى، تۈزلىدى، رۇسلاپ پۇختىلىدى، مۇكەممەل قىلدى قاتارلىق مەنىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تەرجىمە گۇرۇپپىسى مەزكۇر ئايەتنى چاغاتايچە ئىپادىلەش بىلەن كۇپايىلىنىشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە مەزكۇر تەرجىمىنىڭمۇ «ثم استوى على العرش» ئايىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يورۇتالمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاشقا سەل قارىمىغان. ئۇلار ئايەت ئاستىغا مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «بۇ جۈملە مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە تەۋە بولغاچقا، لۇغەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلىندى. بەزى تەپسىرشۇناسلار بۇ جۈملىگە ‹ئاللاھ ئەرشكە ئىگە بولدى›، ‹ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەرشتە قارار ئالدى ئالدى› دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. بۇ جۈملىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ»[12].
ئەگەر ئىنساب بىلەن قارالسا، چاغداش ئۇيغۇرچىدىكى تەرجىمىلەر ئىچىدە مەزكۇر ئىزاھاتتىن، يەنى قۇرئان تەرجىمىسىگە يېزىلغان ئۆزى ئىخچام، چۈشىنىشلىك يېزىلغان بۇ ئىزاھاتتىن ياخشىراق ئىككىنچى بىر تەرجىمە ئىزاھاتى بارمۇ؟ دەپ سوئال قويماي تۇرالمايمىز. مۇتەشابىھ ئايەت بارىسىدا بۇ قەدەر ئىخچام، ئەتراپلىق، ھەمدە سەلەف سالىھلار تەپسىرىگە ئۇيغۇن تەرجىمە ئىزاھاتى بار ئىكەن، دېمەك تەرجىمە گۇرۇپپىسى قانداقتۇر «ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان» تەرزدە تەرجىمە قىلمىغان، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىزاھلاپ ئۆتكەندەك، ئىستەۋانىڭ بۇ تەرجىمىسى مەزكۇر ئايەتنىڭ كونكرېت مەنىسى سۈپىتىدە بېرىلمىگەن. شۇنداقلا ئۇلار مەزكۇر تەرجىمىسىنىڭ ئىستەۋا سۆزىنىڭ پەقەت لۇغەت مەنىسىگە توغرا كېلىدىغان تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى، گەرچە پەرقلىق تەپسىرلەر بويىچە، يەنى خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ تەپسىرى بويىچە بىر قاتار ئۇيغۇن تەرجىمىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تاللىشىنىڭ ئايەتكە بەرگەن ئىستەۋا سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ «ئىستەۋانىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ» دەپ تۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشتەك سەلەف سالىھلارنىڭ «والله تعالى أعلم بمراده»[13] دېگەن تۇتۇمىدا ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلغان. تەرجىمە گۇرۇپپىسى بۇ قەدەر تۇتۇمى ئېنىق، ئىزاھاتىمۇ، تەرجىمىدە تۇتقان مەۋقەسىمۇ ناھايىتى روشەن ۋە چۈشىنىشلىك تۇرسا، ئۇنىڭ «مۇستەۋى بولدى» دېگەن سۆزىدىكى مۇستەۋى سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يوقلىقىنى، توغرىسى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسى ئارىلاشقان ۋە تىل قاسساپلىرىنىڭ ئوپېراتسىيەلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى»دە يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپلا، مەزكۇر سۆزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىي تىلىدىن ۋە دۇردانە قامۇسلىرىدىن ئورۇن ئالغان مۇستەۋى سۆزىنى يەكلەپ، ئۇنى چۈشىنىكسىزغا چىقىرىش قانداقمۇ ئورۇنلۇق بولسۇن؟! ئەگەر چۈشىنىكسىز دېگىلى بولسا، ھەر سەۋىيە ئەھلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى نۇقتىسىدىن شەخس سۈپىتىدە چۈشەنمەسلىكنىڭ، چۈشىنىكسىز ھېس قىلىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئىي. لېكىن ئىلمىي تارازا بويىچە مۇئامىلە قىلغاندا، تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمىسى چۈشىنىكسىز بولمىغان. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىزاھاتلىق تەرجىمىسى ئالدىنقى تەرجىمىدىنمۇ بىر قەدەر ساغلام چىققان. ھالبۇكى، تەرجىمانىمىزغا ئوخشاش 21 يىللىق قۇرئان تەرجىمە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىق داۋرىڭىنى سالغان بىرىنىڭ بۇنچىلىك ئىلمىي تۇتۇمنى ئاڭقىرالماسلىقى، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي مېھنەتنى تونۇپ يېتەلمەسلىكى، ئىلمىي ئەمگەكتىكى ئەستايىدىللىقنى، ساغلام مەۋقەنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى، ئېتىراپ قىلىش ئورنىغا كۆز يۇمۇۋېلىشى، نوقۇل ئۆزىنىڭ «ئۆرلىدى» دەپ مەنە بەرگەن ئاتالمىش سەلەفلەرنىڭ يولىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان تەرجىمىسىنى ئورۇنلۇققا چىقىرىش يولىدا ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېتىبارسىزلاشتۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، يەنە كېلىپ بۇ قىلمىشلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى تۈزەتكەنلىك، خاتاسىنى ئوڭشىغانلىق قىلىپ كۆرسەتكەن ماددىدا تىلغا ئېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدىغان بىر ئەھۋال.
بەشىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ سەلەفكە ئۇيغۇن دەۋالغان ئاتالمىش «ئۆرلىدى» دەپ ئالغان تەرجىمىسىنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن قارشىسىدىكى ھەيئەت تەرجىمىسىنى «چۈشىنىكسىز» دەپ رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى سەلەف يولىغا ئۇيغۇن تۇتۇمنى نەزەردىن ساقىت قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ بۇ ئىددىئاسىغا تۆۋەندىكى سۆزىنى داۋلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بۇ تەرجىمىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە، ‹اسْتَوَى›دېگەن سۆزنى ‹مۇستەۋى بولدى›دەپ ئالغان. ھالبۇكى،‹مۇستەۋى بولدى›دېگەن سۆزدىن ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق بىر سۆز يوق. شۇ ئېنىقكى، ‹قۇرئان كەرىم› مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.‹اسْتَوَى›دېگەن سۆز ‹قۇرئان كەرىم›دىكى‹المﱠ›، ‹حم›دېگەن ھەرپلەرگە ئوخشاش مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ھەرپلەر قاتارىدىن ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ‹اسْتَوَى›دېگەن بۇ سۆزنى باشقا مەنىلەردە تەرجىمە قىلغاندىن ياكى ئۇنى ئەرەبچىسى بويىچە يېزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟!»[14].
يەنى تەرجىمانىمىز مەزكۇر «چۈشىنىكسىز» دەۋالغان ئىددىئاسىنى پۇت دەسسەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە گەپ ئوينىتىدۇ ۋە چۈشىنىكسىز بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولۇپلا، مەزكۇر مۇتەشابىھ ئايەتكە «قۇرئان دېگەن مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىدىغان كىتاب» دېگەن داۋلىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئالدىنقى تەرجىمىنى قاقتى - سوقتى قىلىپ كۆرمەكچى بولىدۇ. ئەجەبا، ئىشنىڭ ھەقىقىتى تەرجىمانىمىزنىڭ ئىددىئا قىلغىنىدەكمۇ؟ ئەسلا...
چۈنكى، بۇ يەردە مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە قارىتا ئالاھىدە تۇتۇم بەلگىلەش بىلەن ئاممىغا تونۇشلۇق بولغان ۋە قۇرئاننىڭ ئومۇم تەقەززاسى بولغان «قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغانلىقى»دىن ئىبارەت ئاڭلىماققا ھېچكىم تارتىشما قىلمايدىغان «نازىل بولۇش ھېكمىتى» ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق. دەرۋەقە، قۇرئان كەرىم ئومۇم نۇقتىدىن چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا نازىل بولغان كىتاب، بىراق چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا نازىل قىلىنغان بۇ كىتاب بىزگە ئېيتماقتىكى، قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدا مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ دەپ ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىلىدىغان ئايەتلەر بار. مۇھكەم ئايەتلەر قۇرئاننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسمى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر. كۆپچىلىك سەلەف سالىھلارنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بولسا، بىز دەلىللەپ ئۆتكىنىمىزدەك «ئايەتلەرنىڭ تەۋىلىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئىلىمدە توشقانلار بولسا، بۇ ئايەتلەرگە ‹ئىشەندۇق› دەپ تەستىقلايدۇ» دېگەن تۇتۇمدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن سەلەفلەر بۇ تۈردىكى ئايەتلەرگە قارىتا لۇغەت مەنىسىنى ھەقىقىي مەنىسى دەپ قارىماسلىق، زاھىرى بويىچە چۈشەنمەستىن، ئايەتكە «ئامەننا» دېيىش، مەنىسىنى «ۋاللاھۇ ئەئلەم» دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىش تەرىپىنى تۇتقان. سەلەف سالىھلاردىن مەشھۇر ئالىم شەيخۇلئىسلام يەزىد ئىبنى ھارۇندىن ئىستەۋانىڭ تەپسىرى نېمە؟ دەپ سورالغاندا ئۇ «تأويله: الإيمان به»[15] ، دەپ، يەنى «ئايەتنىڭ تەپسىرى ئاڭا ئىشەنمەكتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋە بىز كەلتۈرگەن سەلەفلەرنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەر ھەققىدىكى تۇتۇمى توغرىسىدىكى ئومۇم نەقىللەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپچىلىك سەلەفنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە تۇتقان يولى چۈشىنىش ئەمەس، بەلكى ئىشىنىشتۇر. مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چۈشىنىدىغان ئايەتلەر ئەمەس، بەلكى ئىشىنىدىغان، «ئامەننا» دەپ تەستىقلاپ، مەنىسىنى ئاللاھقا قويۇپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك بولغان ئايەتلەر تۈركۈمىدۇر. مانا شۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدە مۇتەشابىھ ئايەتلەر ھەققىدە كەلگەن ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 7 - ئايىتىدىكى «يقولون آمنا به» دېگەن ئايەتنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش جۈملىسىدىندۇر. ئۇنداقتا، مۇستەۋى بولدى دەپ تەرجىمە قىلغان ۋە بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبىنى مەخسۇس بەت ئاستىغا ئىزاھات بېرىپ خەلەف تەپسىرلىرىدە نېمە دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنىمۇ ئوقۇرمەنگە يەتكۈزگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇمىنى سەلەف سالىھلارنىڭ تۇتۇمىغا ئوخشاش شەكىلدە ئىزاھلىغان ھەيئەت تەرجىمىسىنى قانداقسىگە «چۈشىنىكسىز»لىك بىلەن ئەيىبلەش، ھەمدە «چۈشىنىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان كىتاب» بولۇشتەك قۇرئان روھىغا زىتلىق بىلەن ئەيىبلەش توغرا بولسۇن؟! يىغىپ ئېيتقاندا، تەرجىمانىمىز مەزكۇر ئەيىبلەشلىرىدە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى چۈشەنچىسىنىڭ چولتىلىقىنى، قۇرئان تىلىغا، سەلەفلەرنىڭ ھەقىقىي يولى ھەققىدىكى ئىلىمگە چالىلىقىنى ئىپادىلەشتىن باشقا ئىش قىلمىغان. ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراقورساقلىقىغا ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنى ئەمەس يېرىدىن تەنقىدلەشكە ئۇرۇنۇپ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تۇتۇرۇقسىزلىقىنى ئاتالمىش «ئۆرلىدى» دېگەن سەلەفسىزچە تەرجىمىسىنى سەلەفنىڭ يولىغا ئۇيغۇن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-05-22
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور- (8)