Jump to content

قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور- 8

ئورنى Wikipedia

قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور- (8)

4.  سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقانلىق ئىددىئاسىدىكى سەلەفسىزلىك

تەرجىمانىمىز تىلغا ئالغان ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەردىن بىرى ئۇنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەر كاتېگورىيەسىگە تىزغان ۋە مۇپەسسىرلەر تەبىرىدىكى «آيات الصفات» تۈركۈمىدىن ھېسابلانغان ئايەتلەرگە بەرگەن تەرجىمىسى مەسىلىسىدۇر. تەرجىمانىمىز بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەر بابىدىن سانىلىدىغان ئاللاھىنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرى خۇسۇسىدا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ يولىنى تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۆرنەك سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ ئەرشكە ئىستەۋا قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇ. تەرجىمانىمىز بۇ ھەقتىكى بايانىدا شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق. بۇ ماۋزۇدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئەگەشتۇق. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق كەلگەن ‹اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ›[1] دېگەن ئايەتنى ‹ئەرشكە ئۆرلىدى› دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق...» [2].

تەرجىمانىمىز يۇقىرىقى ئىددىئاسىدا سۈپەت ئايەتلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف سالىھلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئىستەۋا ئايىتىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ ئىددىئاسىنىڭ تەرجىمىلەردە قانداق تەتبىقلانغانلىقىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن سەلەف سالىھلارنىڭ سۈپەت ئايەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

دەرۋەقە، سۈپەت ئايەتلىرىنى ئەگەر مۇتەشابىھ ئايەتلەر جۈملىسىدىن دەپ قارىغان ۋاقىتتا (چۈنكى سۈپەتلەر ھەققىدىكى ئايەتلەرنى مۇتەشابىھ ئايەتلەر قاتارىدىن ئەمەس دەيدىغان ئالىملارمۇ بار)، بۇ تۈردىكى ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتىن ئاۋۋال سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇتۇمىنى يۈزەكىلىكتىن خالىي رەۋىشتە ئەتراپلىق بىلىش، ئۇلارنىڭ تەپسىرلەشتە تۇتقان يولىنى تەھقىقلاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئايەتلەرنى چۈشىنىش ۋە تەپسىرلەشتىكى مىزان - پىرىنسىپلىرىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا تەرجىمە قىلىش زۆرۈر. ساھە ئەھلىگە مەلۇم بولغاندەك، كۆپچىلىك سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ خۇسۇستىكى تۇتۇمى مۇتەشابىھ ئايەتلەر بولمىش سۈپەت ئايەتلىرىنى تەۋىل قىلىش ياكى تەپسىر قىلىپ ئىزاھلاش ئەمەس، بەلكى ئايەتنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە تەستىقلاش، ئىمان كەلتۈرۈش، مەنە - مەفھۇمىنى، مەقسەت - مۇرادىنى، مەزمۇن - مۇددىئاسىنى بولسا جانابى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىشتۇر. مانا بۇ مۇپەسسىرلەر تىلىدا «التفويض» دەپ ئاتالغان تەفۋىز قىلىش، يەنى ئىزاھاتى ۋە تەپسىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ، «ئامەننا (ئىمان كەلتۈردۇق)» دېيىش تۇتۇمىدۇر. بۇ خۇسۇسنى مۇھەققىق مۇپەسسىرلەردىن ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ مۆتىۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «ئەلئىتقان» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ − بۇلار قاتارىدا سەلەف سالىھلار ھەمدە ئەھلى ھەدىس ئېقىمىدىكىلەرمۇ بار − سۈپەت ئايەتلىرىگە تۇتقان مەيدانى بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەتلەرگە ئىشىنىش، ئەمما ئايەتلەردىن كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت - مۇرادنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش بىلەن كۇپايىلىنىش، شۇنداقلا بىز بۇ ئايەتلەرگە مەجاز مەنىلىرىدىن خالىي بولغان ھەقىقىي مەنىلىرى بويىچە تەپسىر بەرمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنى مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ زاھىرى مەنىسىدىن پاك دەپ بىلىمىز، دېيىشتۇر»[3]. مۇھەققىق مۇھەددىس ۋە مۇپەسسىرلەردىن شەيخۇلئىسلام ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: «سەلەف سالىھلارنىڭ، جۈملىدىن ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، سەۋرىي، لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھەۋىيە قاتارلىقلارنىڭ، شۇنىڭدەك ئۆتمۈشتە ۋە بۈگۈندە مۇسۇلمانلارغا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىگۈچى ئىماملارنىڭ بۇ تۈردىكى ئايەتلەرگە تۇتۇپ كەلگەن يولى ئايەت قانداق چۈشكەن بولسا، شۇ پېتى ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش، سۈپەتلەرگە كەيپىيات يۈكلىمەسلىك، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىتىۋالماسلىق، ھەمدە ئىنكار قىلىپ يوققا چىقىرىپمۇۋەتمەسلىكتۇر. بۇ تۈردىكى ئايەتلەرنىڭ «مۇشەببىھەلەر (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىتىۋېلىش تەرەپدارلىقىدىكىلەر)» دەمال  كاللىغا كەلتۈرۈۋالىدىغان زاھىرى مەنىلىرى ئاللاھقا ئىشلىتىلمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدۇ. «ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئوخشىشى يوقتۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[4] »[5].

مۇھەققىق ئالىم ئىمام زەھەبىي ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ بۇ خۇسۇستا دەيدىغىنىمىز: ئىقرار قىلىش، ئايەت قانداق بولسا شۇ بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش ۋە مەنىسىنى پاك ۋە مۇنەززەھ بولغان راستچىل بايان قىلغۇچىسى (ئاللاھقا) غا ھاۋالە قىلىشتۇر».

ھافىز ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي مۇنداق دەيدۇ: «سەلەف سالىھلار بۇ تۈردىكى ئايەت - ھەدىسلەرنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە، ئوشۇق - تۆشۈك سۆز قىستۇرماسلىققا، كېمەيتىۋەتمەسلىككە، مەفھۇمى مۈشكۈل كەلگەن، ئەقىل ئىدراك قىلىپ بولالمايدىغان جايلارنى ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلگۈچىسى بولغان ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش كېرەكلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق كەلدى»[6].

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىك سەلەف سالىھلارنىڭ، شۇنداقلا بىر قىسىم كالام ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەزھىپى قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن سۈپەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتىكى بەرھەق سۈپەتلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، بۇ سۈپەتلەردىن بىزنىڭ ھەققىمىزدە (تىلىمىزدا) ئومۇملىشىپ كەتكەن زاھىرى مەنىلىرى كۆزدە تۇتۇلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ھەمدە ئاللاھتائالانى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن پاك دەپ بىلگەن ۋە ئۇنى مەخلۇقاتلارنىڭ يارالغانلىق ئالامەتلىرى بولغان ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىش، ھەرىكەت ۋە باشقا ئالامەتلەردىن مۇنەززەھ دەپ ئەقىدە قىلىش، ئەمما ئۇنىڭ تەۋىل - ئىزاھاتلىرى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماسلىقتۇر»[7].

كۆپچىلىك سەلەف سالھىلارنىڭ سۈپەت ئايەتلىرى ھەققىدىكى تۇتۇمى توغرىسىدا توختالغان شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «سەلەفلەرنىڭ ئەقىدىدە تۇتۇپ كەلگەن يولى: ئاللاھتائالانىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشتۇر. بۇ شۇنداق سۈپەتلەركى، جانابى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابى ئارقىلىق، ياكى بولمىسا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۆزىنى بۇ سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىگەن. مەزكۇر سۈپەتلەرنى شاخلىتىپ ئاۋۇتۇشقىمۇ، كېمەيتىپ ئازلىتىشقىمۇ بولمايدۇ. ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە، تەپسىرلەپ ئىزاھلاشقا، سۈپەت ئايەتلىرىنىڭ زاھىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان تەۋىلگە تۇتۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. سۈپەتلەرنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە، يوقتىن بار بولغان مەۋجۇداتلارنىڭ بەلگە - ئالامەتلىرىگە ئوخشىتىشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە قانداق يېتىپ كەلگەن بولسا شۇ پېتى ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش، ئايەتنىڭ تەپسىرىگە دائىر ئىلىمنى ئۇنى نازىل قىلىپ چۈشۈرگۈچىسى (ئاللاھ) گە، مەنىسىنىڭ نېمىلىكىنى بولسا ئۇنى سۆزلىگەن زات (ئاللاھ) قا ھاۋالە قىلىشتۇر»[8].

ئاز بىرقىسىم سەلەف ۋە كۆپچىلىك خەلەف ئالىملىرىنىڭ سۈپەت ئايەتلىرى ھەققىدىكى تۇتۇمى بولسا، ئىمام بەيھەقىي، ئىمام سۇيۇتىي ۋە ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «تەۋھىدكە زىت كەلمەيدىغان ۋە جانابى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە، تىل ئىستېمالىغا ئۇيغۇن، كونتېكىستتىكى كېلىش ئورنىنى دىققەتكە ئالغان ھالدا تەۋىل قىلىشتۇر»[9]. چۈنكى، ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك خەلەفنىڭ تەۋىل يولىنى تۇتۇشىمۇ بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە[10]. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تۇتۇمىمىز نە سەلەفچىلىك، نە خەلەفچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراز قىلىش ئەمەس. قىلىنغان تەفسىر ياكى تەرجىمە ئەھلى سۈننەت دائىرىسىدىكى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلاشقانلا بولسا، شۇ دائىرىدىكى قايسى مەزھەپ ياكى ئېقىمنىڭ ئەقىدىۋى تۇتۇمىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش تەرجىماننىڭ ئىلمىي تاللىشىدۇر. لېكىن بۇ تاللاش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ياكى ساغلام بولمىغان ۋەياكى ئىددىئاسىغا لايىقلىشالماستىن بۇزۇق مېتود، بۇزۇق تەرجىمىنى بازارغا سېلىۋاتقان بولسا، مانا بۇ بىزنىڭ تەنقىد تارازىمىزنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ دىققەت نۇقتىمىز تەرجىمان سۆز ئىشلەتكەندە مەيلى خەلەف ياكى سەلەف نۇقتىسىدىن تەرجىمە قىلىشنى تاللىغان بولسۇن، ئۆز ئىددىئاسىدا، ئىلمىي تۇتۇمى ۋە دەۋاسىدا قانچىلىك ساغلاملىقىنى، ئىددىئاسىغا لايىقلىشىشتا قانچىلىك تۇتارلىق بولالىغانلىقىنى، تەناقۇزلۇقتىن، ئۆزىگە ئۆزى زىت يول تۇتۇشتەك تۇتامسىزلىقنى سادىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىلمىي تارازىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، كۆپچىلىك سەلەف سالىھلارنىڭ سۈپەت ئايەتلىرى ھەققىدىكى تۇتۇمىنى تۆۋەندىكىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:

1) سۈپەتلەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بايان قىلغان بويىچە بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئىنكار قىلماستىن ئاللاھقا ئىسپاتلاش كېرەكلىكى.

2) سۈپەتلەرنى ئاللاھقا ئىسپاتلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ زاھىرى مەنىسى بويىچە چۈشىنىۋېلىپ ئەقىدە قىلماسلىق لازىملىقى.

3) سۈپەتلەرنى لۇغەت مەنىسىنىڭ زاھىرى بويىچە چۈشىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى.

4) سۈپەتلەردىن ھېچبىرىدە ئاللاھ بىلەن مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋالماسلىق، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىكى ماددىي مەۋجۇتلۇقلاردىكى ھەرىكەت، تۇرغۇنلۇق، يۆتكىلىش قاتارلىق جىسىمغا دائىر سۈپەتلەردىن ئاللاھنى پاك دەپ ئەقىدە قىلىش لازىملىقى.

5) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن يارالغان مەۋجۇدادتىكى ئورگان، ئەزا، ھەجىم، ئېغىرلىق ياكى رەڭ ۋەياكى ھەرقانداق بىر ماددىيلىققا ياتىدىغان ھادىسەۋىلىككە دائىر ئالامەت ۋە بەلگىلەر بىلەن سۈپەتلەشكە بولمايدىغانلىقى.

6) يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئاساسەن سۈپەت ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە تىلاۋەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش، مەنىسى، مەزمۇنى، ھەتتا تەرجىمىسىدىمۇ ئەسلىي مەتىندە قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە ئۆتۈپ كېتىش، ئىزاھات ياكى تەپسىر بەرمەسلىك پوزىتسىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلىش لازىملىقى.

بۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئالغان ۋاقتىمىزدا تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر تەرجىمىسىدە ئىددىئا قىلغان «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق» دېگەن سۆزى سېپى ئۆزىدىن پارادوكس بولۇپ، ئايەتلەرنى زاھىرى ۋە لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزىلا سەلەف سالىھلارنىڭ تۇتقان يولىغا زىت يول تۇتۇش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، تەرجىمە بېرىشنىڭ ئۆزىلا تەپسىرلەش ۋە ئىزاھلاش بابىدىندۇر. سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ خۇسۇستا تۇتقان يولى ئايەتلەرنى چۈشىنىش ۋە تەپسىرلەشكە ئۇرۇنۇش ئەمەس، بەلكى سۈپەتلەرنى بەرھەق دەپ تەستىقلاش ۋە ھەرقانداق بىر ئىزاھات ياكى مەنە ئېيتىشتىن ساقلىنىش ۋە مەنە ئېيتىشقا توغرا كەلگەندە «ۋەللاھۇئەئلەم (توغرىسىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ)» دېيىش قاتارلىقلاردۇر. سەلەفلەرنىڭ سۈپەت ئايەتلىرىگە ھەرقانداق بىر مەنە ئېيتىشتىن ساقلىنىش، تەپسىر ياكى ئىزاھلاشقا تۇتۇنماسلىق ئىكەنلىكىنى تابىئى تابىئىينلاردىن بىرى بولغان مەشھۇر ئالىم سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە: «فتفسيره تلاوته والسكوت عليه»[11]، «فتفسيره قراءته»[12]، دېگەن ئىككى سۆز ئارقىلىق خۇلاسىلەپ بەرگەن. شۇڭا كۆپچىلىك سەلەفلەرنىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە تۇتقان يولى ئۇنى تەفسىرلەش ياكى مەنە بېرىش ئەمەس، قانداق كەلگەن بولسا، شۇ پېتى ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىشتۇر. ھالبۇكى، تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدە غەيىب، فىتنە، جىزيە قاتارلىق مۇھكەم ئايەتلەردىكى ئاتالغۇ ۋە سۆزلۈكلەرنى شۇ پېتى ئالغان ۋە ئاتايىن ئاستىغا ئىزاھات يېزىپ چۈشەندۈرۈپ كەتكەنۇ، مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ بىرىگىمۇ ئەستايىدىل ئىزاھات بېرىپ قويۇشنى، تەرجىمە ۋە تەپسىر بېرىشكە توغرا كېلىپ شۇنداق تەرجىمە بېرىلگەن بولسىمۇ، سەلەفنىڭ يولى بويىچە بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئاللاھقا ئايان ئىكەنلىكىنى دېيىشتەك بىرەر تۇتۇمنىمۇ ئىپادىلىمىگەن. ئەكسىچە بەرگەن تەرجىمىلەردە ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن شۇ پېتى كۆچۈرۈش، شۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئەينەن ئېلىپ قويۇشقا ياتىدىغان تۇتۇملارنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، بىز مىسال تەرىقىسىدە قولىمىزدىكى ئۈچ تەرجىمىنى بىر - بىرىگە قىياس قىلىپ كۆرەيلى:

بىرىنچى مىسال: فەتىھ سۈرىسىنىڭ 10 – ئايىتىدىكى «يد الله فوق أيديهم» ئايىتىگە بېرىلگەن تەرجىمىلەر:

− شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.

− شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى (يەنى قۇدرىتى) ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. − ھەيئەت تەرجىمىسى.

− شەكسىزكى، (ئى پەيغەمبەر! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئۇنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. −  مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.

ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە مۇئەللىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە رىئايە قىلىپ قۇرئاننى چۈشىنىشلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرى، تەرجىمىدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە رىئايە قىلغانلىقنى ئېيتقانلىقلىرى يۈزىسىدىن ھەر ئىككى تەرجىمىنىڭ ئاللاھنىڭ قولى ئىبارىسىدىن كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تىرناق ئىچى ئىزاھات ئارقىلىق تەپسىرلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىرىنچى تەرجىمىدە ئاللاھنىڭ قولىنىڭ ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتىن مەقسەتنىڭ ئايەتتە بەيئەت قىلىپ قول بەرگەنلەرنىڭ ئەھدىسىنىڭ ئاللاھنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئەھدىنى بۇزغۇچىلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىگنالنى يورۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنگە يورۇتۇشقا تىرىشقان. ئىككىنچى تەرجىمىدە بولسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ «يەد»، يەنى قول ئىبارىسىدىن كۆزدە تۇتۇلماقچى بولغان «قۇدرەت» مەنىلىرىنى  ئاساس قىلىشتەك تەرجىمە يۆنىلىشىدە تۇتارلىق بولغانلىقىنى، گەرچە دەل سۆزنى ئىشلىتەلمىگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە «ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدە» دېگەن ئىبارىدىكى مەقسەتنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، يەنى نۇسرەت ۋە ھىمايىسىنىڭ بەيئەت قىلغانلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بولغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ھەر ئىككى تەرجىمىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسى ئاساسىدا تۇتارلىق بولغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى تەرجىمىنىڭ تۇتۇمى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن. شۇنداقتىمۇ ئىلمىي تەرجىھ بابىدىن ئۈچىنچى بىر تەرجىماننىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىلەرنى مۇۋاپىق كۆرمەسلىكى، ئورنىغا يەنە پەرقلىق تەپسىر بەرگەن مۇپەسسىرلەرنىڭ تۇتۇمى بويىچە يول تۇتۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈشى تامامەن يوللۇق بىر ئىش. مەسىلەن، تەرجىمانىمىز مۇھەممەد يۈسۈپكە ئوخشاش بىرى چىقىپ  بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىلاۋە يېزىپ، ئۆزىنى ئالدىنقى تەرجىمىلەرنى تۈزەتكۈچى ۋە ئالدىنقىلارنىڭ خاتاسىنى ئوڭشىغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقسا، دەلىللىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا تامامەن بولىدۇ. ھەتتا ئۆزىنى چاغلىماي ئالدىنقى تەرجىمىلەرگە قول شىلتىغۇدەك سالاھىيەت بارلىقىنى ئىددىئا قىلدىمۇ دەيلى، بىراق تەرجىمانىمىزغا ئوخشاش يۇقىرىقىدەك ئىددىئانى قىلىپ تۇرۇپ  ئەمەلىي تەرجىمىگە كەلگەندە ئالدىنقىدىن پەرقسىز تەرجىمە قىلىپ قويۇشى، يەنى سەلەفلەر ئىككىنچى بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش تۈگۈل ئەرەبچىنى يەنە بىر ئەرەبچە سۆز ياكى بايان بىلەن تەپسىرلەشنىمۇ رەت قىلىدىغان تۇتۇمدا بولۇشىغا قارىماي، ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن پەرقلەنگۈسىز تەرجىمە قىلىپ كېتىۋېرىش كۆچۈرۈشتىن پەرقى يوق بىر قىلمىشتۇر. ئۆز تەرجىمىسىنىڭ پەرقلىق ۋە ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ تۇرۇپ، يەنى، ئۆزىنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە مەنە بېرىشتە سەلەف سالىھلار يولىنى تاللىغۇچى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئالدىنقى تەرجىمانلارنىڭ لەۋزى تەرجىمىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىشى ئىلمىي جەھەتتىن تۇتامسىزلىق سادىر قىلىش، ئىددىئا باشقا، ئەمەلىيەت باشقا ئىش قىلىشتۇر. ئەخلاقىي جەھەتتىن بولسا، بۇ بىر تەرجىمە ئالىقاپلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئالدىنقى تەرجىمىنى كۆچۈرگەندىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتماستىن، زاھىرى تەرجىمىسىنىلا ئېلىپ ئارىسىدىكى تىرناق ئىچى ئىزاھاتنى تاشلاپ قويۇشى، يەنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغاندا ئاللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتىنى جىسىمانىي ئەزاغا، ھۈجەيرە توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن، كونىلارنىڭ تەبىرى بويىچە گۆش بىلەن ياغدىن پۈتكەن ماددىي ئورگانغا ئوخشاش چۈشىنىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بىر تەرجىمىنى يالاڭ ھالدا كەلتۈرۈپ قويۇشى، غەيىب، فىتنە قاتارلىق مۇھكەم ئايەتلەردە كەلگەن، ئەمما ئىزاھات بەرمىسىمۇ ئوقۇرمەنگە مەلۇملۇق بولغان ئۇقۇملارغا ئاتايىن نومۇر قويۇپ ئىزاھات بەرگەنچىلىك ئەھمىيەتنى مەزكۇر مۇتەشابىھ دائىرىسىدىكى ئايەتلەرگە كۆرسەتمەسلىكى تەرجىمانىمىزنىڭ سەلەف سالىھلارنىڭ سۈپەت ئايەتلىرىگە قانداق ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدىغانلىقىدىن، تەپسىرلىگەندە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىدىنمۇ بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، يەنى بۇ ساھەدە ئىلمى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ خاملىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە يېتەرلىكتۇر. مەسىلەن، سەلەف يولىغا ئۇيغۇن تەپسىر قىلغۇچى مۇپەسسىرلەردىن ئىمام بەغەۋىي يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بەرگەن تەپسىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ ۋە مەزكۇر ئايەتتىكى «يەدۇللاھ» دېگەنلىكنىڭ ئەسلىدە «ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ياخشىلىقلاردا ۋاپا قىلىدۇ، يەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ» مەنىسىدە بولىدىغانلىقى بىلەن تەپسىرلەيدۇ[13]. ئىمام تەبەرىي ئايەتنىڭ ئىككى خىل تەپسىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ بىرىنچى مەنىسىنىڭ «پەيغەمبەرگە بەيئەت قىلغانلىقنىڭ ئاللاھقا بەيئەت قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش» ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر مەنىسىنىڭ بولسا، «ئاللاھنىڭ ھەمدىمى، ياردىمى ئۇلار تەرەپتە بولىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق ئىبارە ئىشلىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[14]. سەلەف سالىھلار يولىغا ئۇيغۇن تەپسىر قىلغۇچى مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەردىن ئىمام ئىبنى كەسىر يۇقىرىقى ئايەتكە دائىر نەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئايەتنى زاھىرى مەنىسى بويىچە چۈشەنمەيدىغانلىق تۇتۇمىنى ئىپادىلەپ: «ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدە دېگەنلىك، ئاللاھ بۇ بەيئەتكە ھازىر ۋە نازىر بولۇپ، ئەھدى قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا سامىي بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەمدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاشكارا جاكارلاۋاتقانلىرىغا قوشۇپ دىللىرىدىكىنىمۇ بىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر» دەپ تەپسىر بېرىدۇ. قىسقىسى، سەلەف سالىھلارنىڭ يولى سۈپەت ئايەتلىرىنى تەشبىھ ۋە تەمسىلگە بۇراشتىن، كەيپىيات ۋە مەنە بىلەن ئىزاھلاشتىن يىراق تۇرغان ھالدا چۈشىنىش ۋە سۆزلەرنىڭ زاھىرى مەنىلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەقىدە قىلىشتىن ئىبارەت پىرىنسىپىغا تولىمۇ سەزگۈر، نازۇك ۋە چىرايلىق ئۇسۇلدا ئەھمىيەت بېرىپ ماڭغان. يەنى ئۇلار ئوقۇرمەننىڭ ئايەتنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا «قول»غا ئوخشاش ئورگان ياكى ئەزاغا دىققىتى تارتىلىپ قالىدىغان مەنىگە جورىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇلدا تەپسىرلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. تەرجىمانىمىز ئىزچىل ئۆزى مۇراجىئەتگاھ قىلىۋالغان ۋە «تەپسىرى مۇيەسسەر» دەپ خاتا ئاتىۋالغان ۋە توغرا ئاتىلىشى بويىچە «ئەتتەفسىيرۇلمۇيەسسەر» دەپ ناملانغان تەپسىردىمۇ بۇنداق تۇتۇم يوق بولۇپ، تەپسىرى مۇيەسسەردە مەزكۇر ئايەتنىڭ بۇنداق ئىبارە قوللىنىشىدا «ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان ئورنىغىچە بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىكى ھەمدە دىللىرىدىكىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى»[15] مەنىسى بارلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تەپسىرلەيدۇ. ئايەتتىن ئاۋۋال چۈشىنىشكە تېگىشلىك بولغان مەنىسىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرەبچە ئوقۇغان ئوقۇرمەننىڭمۇ دەرھال كاللىغا كېلىدىغان قول مەنىسى بارلىقىنى چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن «بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە «يەد» سۈپىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا دەلىل بارلىقىنى، ئەمما بۇ سۈپەتنى ئوخشىتىش ۋە كەيپىيات يۈكلەپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى»[16] ئەسكەرتىدۇ. ئەپسۇسكى، تەرجىمانىمىز قۇرئان تەرجىمىسىدىلا ئەمەس، يېقىندا ئىككىنچى رەت نەشردىن چىقارغان «تەپسىرى مۇيەسسەر»نىڭ تەرجىمىسىدىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىپ «يەد» سۆزىنى قول دەپ تەرجىمە قىلغان ۋە «بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق قول سۈپىتىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق سەلەفنىڭ «يەد» سۆزىنى ئىككىنچى بىر تىلغا ئۆرۈش تۈگۈل ئەرەبچىسىنىمۇ «عضو أو جارحة» مەنىسىدە، يەنى تەندىكى ئورگان ياكى ئەزانىڭ ئىسمى بولغان «قول» مەنىسىدە دەپ چۈشىنىلىدىغان ئىزاھات بېرىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن، مەخسۇس تەنبىھلەپ تۇرغانلىقىغا قارىماي قۇرئان تەرجىمىسىدە سادىر قىلغان خاتا تەرجىمىنى شۇ پېتى تەپسىرى مۇيەسسەردىمۇ، قۇرئان تەرجىمىسىدىمۇ سادىر قىلغان. ھەمدە تەپسىرى مۇيەسسەردىكى «من غير تشبيه ولا تكييف»[17]، يەنى «بۇ سۈپەتنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىتىش ۋە كەيپىيات يۈكلەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ»دىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم قەيتنى تەرجىمە قىلماستىن ئاتلاپ كەتكەن، يونۇپ ئېلىۋەتكەن. يەنى، قۇرئان تەرجىمىسىنىلا ئەمەس، تەپسىرى مۇيەسسەرنىمۇ ھەم خاتا تەرجىمە قىلغان، ھەمدە تەپسىردە ئېنىق قىلىپ قەيت قىلىنغان نۇقتىنى تەرجىمە قىلماي ئېلىپ تاشلىۋەتكەن[18]. ئەمەلىيەتتە، كۆپچىلىك سەلەفنىڭ تەفۋىز قىلىش يولى بۇنداق چۈشىنىشكە ھەمدە تەپسىرلەشكە پۈتۈنلەي قارشى بولۇپ، ئايەتتىن زاھىرى مەنىسى مەقسەت قىلىنمىغان دەپ چۈشىنىش ۋە «يەد» دەپ كەلگەن سۈپەتنى خۇددى فىتنە، غەيىب قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشاش ئەينەن تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش كېرەكلىكى بىز كەلتۈرگەن مەنبەلەردە ئوپئوچۇق بايان قىلىنغان. بىراق، تەرجىمانىمىز بۇ خىل تۇتۇمدىن كىلومېتىرلاپ يىراق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە «ئەتتەفسىيرۇلمۇيەسسەر»نىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىمۇ تۈزۈك ئاڭقىرىپ كەتمەي گېزىت خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان پەدىدە تېيىز ۋە يۈزەكى مەنە بەرگەن ۋە تەرجىمىنىمۇ تولۇق قىلماستىن پۇرلاپلا تەرجىمە قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن. قىسقىسى تەرجىمە قىلىشتا تەپسىرى مۇيەسسەرنىڭ ئەسلىسىگە سادىق بولمىغان. قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدىمۇ ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن تەييار كۆچۈرۈپ ئالغان تەرجىمىنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن بولغان ئىزاھاتىنى، ھەمدە سەلەفلەرنىڭمۇ مېتودىغا چۈشىدىغان يۆنىلىشتىكى ئىزاھاتلارنى يونۇۋەتكەن ۋە مۇجەسسىمەلەرنىڭ[19] زاھىرى بويىچە تەپسىر بېرىش ئۇسۇلىغا ياتىدىغان زاھىرى تەرجىمىسىنى بېرىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. ھەتتا كۆچۈرۈپ بولۇپمۇ ئاستىغا سەلەف سالىھلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن ئىزاھاتمۇ بېرىپ قويمىغان. شۇنداق تۇرۇپ تەرجىمانىمىز ماقالىسىنىڭ «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىدا مۇتەشابىھ ئايەتلەردە ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىقىنى ئىددىئا قىلغان. نەتىجىدە ھەم ئىددىئاغا چۈشمەيدىغان تۇتامسىزلىق سادىر قىلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئالدىنقىلارنىڭكىنى تۈزەش تۈگۈل بۇزۇشقا ياتىدىغان تەرجىمە كالامپايلىقىنى سادىر قىلغان. كەسىپ ئەخلاقى جەھەتتىن بولسا، تەرجىمە ئالىقاپلىقى سادىر قىلىشتىن يانمىغان.

ئىككىنچى مسىال: ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 26 – ئايىتىدىكى «بيدك الخير» دېگەن ئىبارىگە بېرىلگەن تەرجىمىلەر:

− ئېيتقىنكى، «ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.

− ئېيتقىنكى، «ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر». − ھەيئەت تەرجىمىسى.

− ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.

يۇقىرىقى نەقىللەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەد سالىھ ۋە ھەيئەت تەرجىمىسىدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلىشىش بار. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە مۇئەييەن تەرەپ تۇتۇش ياكى سۈپەت ئايەتلىرى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئومۇمەن سۈپەت ئايەتلىرىنى پەرقلىق ئورۇندا پەرقلىق ئېلىشتا تەپسىرگە ئۇيغۇنلاشقانلا بولسا مەسىلە يوق. يەنە كېلىپ يۇقىرىقى ئايەتتىكى «ياخشىلىق ئاللاھنىڭ قولىدا» ئىبارىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىسى بويىچىمۇ ياخشىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئورگان ۋە ئەزا مەنىسىدىكى قول مەنىسىدە بولماستىن ياخشىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكى مەنىسى بىلەن تەڭداش مەنىگە ئىگە. بۇ مەنىدىن «ياخشىلىق ئاللاھنىڭ قولىدا» دېگەن سۆز، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ھەممىنى ئۆزىنىڭ بارمىقىدا ئويناتتى» ئىبارىسىگە ئوخشاش كىنايە ۋە ئىستىئارىدىن پۈتكەن جۈملىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھنىڭ بارچە ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىدەك بىر مەنە يورۇتۇپ بېرىلگەن. شۇڭا يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى «يد الله» ئىبارىسىنىڭ «ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنىشىنى كىنايە ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىنى مەقسەت قىلىش يۈزىسىدىن خەلەف تەپسىرىگە ئۇيغۇن دېيىشكە بولىدۇ. كۆپچىلىك سەلەفنىڭ تۇتقان يولى بويىچە بولغاندا، يەد (يد) سۆزىدىن ئاللاھنىڭ بىز چۈشىنىۋاتقان ھۈجەيرە ۋە توقولمىلاردىن تۈزۈلگەن قول مەقسەت ئەمەسلىكىنى جەزم قىلغان ھەمدە شۇ بويىچە ئەقىدە قىلغان ھالدا يەد سۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش، تەپسىرلىمەسلىك، مەنە بەرمەسلىكتۇر. بىلىمىزكى، سەلەف يولىنى تۇتقان مۇپەسسىرلەر بۇ تۈردىكى ئايەتلەرنى ئەينەن كەلتۈرۈپ، «يەد»نىڭ ئاللاھنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنىڭ پەقەتلا ئاللاھقا مەلۇملۇقى قاتارلىق ئىزاھلارنى يانداشتۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. نە ئىلكىدە مەنىسىنى، نە بىز كۆزدە تۇتقان كىنايە مەنىلىرىنى بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھالبۇكى تەرجىمانىمىز خەلەف تەپسىرىگە ئۇيغۇن تەرجىمىنى تاللايدۇ. يەنى تەرجىمىدە ئۆزىگە ئائىت بىر ئەمگەك يوق. ئەكسىچە ئالدىنقى ئىككىسىدىن ئىككىنچىسىنى تاللاش بار. بۇنداق قىلىش، يەنى سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقانلىقنى ئىددىئا قىلىپ قويۇپ خەلەفچە تەرجىمە قىلىش، ياكى ئالدىنقى تەرجىمىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىپ تۇرۇپ يەنە مەن مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف يولى بويىچە ئىش كۆردۈم، دەۋېلىش ئەمەلىيەتتە تۇتۇرۇقسىزلىق، ئىلمىيلىك بابىدىن تۇتامسىزلىق، كەسىپ ئەخلاقى نۇقتىسىدىن تەرجىمە ئالىقاپلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس.

ئۈچىنچى مىسال: زۇمەر سۈرىسىنىڭ 67 – ئايىتىدىكى «مطويات بيمينه» دېگەن ئىبارىگە بېرىلگەن تەرجىمىلەر:

− ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.

− مۇشرىكلار ئاللاھنى ئاللاھقا مۇناسىپ سۈپەت بىلەن تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە قاتلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر. − ھەيئەت تەرجىمىسى.

− مۇشرىكلار ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.

يۇقىرىقى سېلىشتۇرمىغا قارايدىغان بولساق، ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە ئەھلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان مېتودى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكى مەلۇم. لېكىن بىرىنچى تەرجىمە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىغان. چۈنكى، مۇھەممەد سالىھ ئايەتتىكى «مطويات بيمينه» دېگەن ئىبارىنى مۇپەسسىرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر بىلەن شەرھلىگەنلىكىگە قاراپ زاھىرى مەنىسىچە تەرجىمە قىلىپ قويغان. نەتىجىدە سۈپەت ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى قايسى خىل ئەقىدىۋى پىرىنسىپ ئاساسىدا چۈشىنىپ ئاندىن ئىزاھلاش كېرەكلىكىدە مۇئەييەن بىر تۇتۇم بەلگىلىمەسلىكى بۇ خىل سەۋەنلىككە يول ئاچقان. ئىككىنچى تەرجىمىدە بولسا، بۇ ۋەزىيەت بىر قەدەر تۈزىتىلگەن ھەمدە تەرجىمە ئارقىلىق يورۇتۇشتا خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ ئىزاھاتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنداقتا، ئۈچىنچى تەرجىمىچۇ؟ ئۈچىنچى تەرجىمىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق بولۇپ، «مطويات بيمينه» دېگەن ئىبارە مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسى قانداق بولسا، شۇنى ئەينەن ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد سالىھنىڭ «ئوڭ قول» دەپ تەرجىمە قىلىشى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى «ثم يأخذهن بيده اليمنى»، يەنى، زاھىرى مەنىسىدە: «شۇنىڭ بىلەن قاتلانغان ئاسمانلارنى ئوڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ»[20] دەپ كەلگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلغان. ھالبۇكى، مۇپەسسىرلەر بۇ ھەدىسلەرنى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش يۈزىسىدىن نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەدىسنىڭ مەتنىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «بيمينه» دېگەندىن «ئوڭ قولى» مەقسەت قىلىنغان دەپ تەپسىرلىگەن ئەمەس. ئەكسىچە ئايەتنى بېيىتقان مەزكۇر سەھىھ ھەدىسمۇ ئوخشاشلا سۈپەت ئايەتلىرى بىلەن تەڭ ماقامدا مۇئامىلە قىلىنىدىغان «سۈپەت ھەدىسلىرى»دۇر. شۇڭا بۇ ھەدىسلەرنى چۈشىنىش ۋە تەپسىرلەشمۇ ئوخشاشلا سۈپەت ئايەتلىرىگە ئوخشاش بولغان بولۇپ، كۆپچىلىك سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى مۇشۇ تەرىقىدە بولغان. دېمەك ئۇلارنىڭ سۈپەت ھەدىسلىرىدىكى يولى يۇقىرىدا بىز زىكرى قىلىپ ئۆتكەندەكتۇر. شۇنداقلا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئېيتقاندەكتۇر. ئۇ، بۇ ھەقتە شۇنداق ئېيتقان: «ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى خۇسۇسىدا كەلگەن ھەدىسلەردە سۈپەتلەرنىڭ مەنىلىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىپ ئولتۇرماستىن قانداق كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىلىدۇ. بۇ سۈپەتلەر ئىنسان ئاڭلىغان چاغدا دەرھال كاللىسىغا كېچىدىغان مەنىلىرىنىڭ ئەكسىچەدۇر. بىز بۇ ھەدىسلەرنى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن دەپ تەستىقلاش ۋە ئىشىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا دائىر ھەرقانداق ئوخشىتىش كېلىپ چىقىدىغان مەنىلەرنى رەت قىلىمىز. ئەقىلگە كېچىدىغان، ياكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغانلىكى ھەرقانداق مەنىدە ئاللاھقا كەيپىيات يۈكلەش، ئوخشىتىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىقىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق ۋەزىيەتلەر ئاللاھ ھەققىدە يۈز بېرىشى مۇھالدۇر»[21].

مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە دەل مۇشۇ نۇقتا دىققەتكە ئېلىنماستىن، ئايەتتە «بيمينه» دەپ كەلگىنى ھەدىستىكى «بيده اليمنى» دېگەنلىك بولىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىلگەن ھەمدە دەل ئىمام ئەھمەد مەنسۇبلانغان سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ تۈرلۈك ئايەتلەرگىمۇ، ھەدىسلەرگىمۇ ئوخشاش پىرىنسىپ ۋە مەۋقە ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىك نۇقتىئىنەزەرىنى تەرجىمىدە تەتبىقلاشقا سەل قارالغان. نەتىجىدە ئوقۇرمەنگە ھەقىقىي قول مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدىغان چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغان تەرجىمىنى بېرىپ قويغان. ئىككىنچى تەرجىمىدە بولسا، تەرجىمىدە تۇتارلىق بولغان. يەنى «يەد»كە ئالاقىدار ئايەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىكى ئىش ئىكەنلىكىگە، قۇدرەت كامالىغا تارتىپ ئىزاھلاش بويىچە «ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە قاتلىنىدۇ» مەنىسىنى بەرگەن. بۇمۇ ئۆز ئورنىدا ئۇيغۇن تەرجىمە بولغان. ئۈچىنچى تەرجىمىدە بولسا، ئەگەر تەرجىمانىمىز ھەقىقەتەن ئۆزى دەۋا قىلىۋاتقىنىدەك سۈپەت ئايەتلىرىگە مەنە بېرىشتە سەلەف سالىھلارنىڭ يولى بويىچە ئىش كۆرگىنىدە، ئىككىنچى تەرجىمىنى خەلەف تەپسىرىنىڭ پۇرىقى بار، دەپ ئالمىغان تەقدىردىمۇ ئالدىنقى بىرىنچى تەرجىمىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىشتىن بۇرۇن، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتقان مۇپەسسىرلەرنىڭ مەۋقەسى زادى قانداق ئىدى؟ ئايەتنى ئاللاھنىڭ «ئوڭ قولى» دەپ، ھەدىسلەردىكى «بيده اليمنى»نى شۇ ئايەتنى ئوڭ قولى دەپ تەرجىمە قىلىشقا ئاساس دەپ چۈشىنەمتى، ياكى ئايەتتىكى «بيمينه»نىمۇ، ھەدىستىكى «بيده اليمنى» دېگەن ئىبارىنىمۇ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تەۋەلەنگەن مەيدان بويىچە يول تۇتۇپ، ھەر ئىككى ئىبارىدىن بىز بىلىدىغان قولنى ياكى ئاتالمىش «بىزنىڭ قولىمىزغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە لايىق قولى» دەپ سۈپەتلەشنى ئاساس قىلاتتىمۇ، ياكى يۇقىرىقى مەۋقە بويىچە قانداق ئىبارە بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە مەنىسى ياكى ئىزاھاتىغا چۆكمەستىن «ئامەننا» دەپ ئىشىنىش، ھېچقانداق تەپسىر ۋە مەنە بەرمەسلىك، ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ئايان دەپ، سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي بىلگۈچى بولغان ئەسلى ئىگىسىگە، يەنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت «تەفۋىز» قىلىش مەۋقەسىدە بولغانمۇ، بۇنى ئېنىقلىشى كېرەك بولاتتى. ئەگەر ھەقىقەتەن ئالدىنقىنى تۈزەش ئىددىئاسىدا راست بولسا، مەزكۇر «ئوڭ قولى» دەپ ئېلىشنىڭ سەلەفنىڭ «بىز بۇ ئايەتلەرگە مەجاز مەنىلىرىدىن خالىي بولغان ھەقىقىي مەنىلىرى بويىچە تەپسىر بەرمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنى مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ زاھىرى مەنىسىدىن پاك دەپ بىلىمىز» دېگەندىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپقا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى دىتلىشى، ھەمدە تەرجىمە قىلغاندا بۇنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ قانداق تەرجىمە قىلىش خۇسۇسىدا ئىزدىنىشى، تەۋىل يولىنى تۇتقان تەقدىردىمۇ ئەقەللىي ھالدا سەلەفلەرنىڭ بۇ تۈردىكى ئايەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەسكەرتىشى، مەزكۇر بىرىنچى تەرجىمىدىكى خاتاغا ئوخشاش شەكىلدە دەسسىمەستىن مۇناسىپ سۆز ئىشلىتىشى ئاقىلانە بولار ئىدى. بۇنىمۇ قىلمىغاندا، ئۆزى بەرگەن تىزىملىكتىكى سەلەفلەرنىڭ يولى بويىچە قىلىنغان تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ نادىرلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرىگە قارىسىلا مەسىلە ئايان بولاتتى. ئىبنى كەسىر مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈشتىن بۇرۇنلا، ئايەتنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى سەلەفنىڭ يولى بويىچە چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، نەقىللەردىن سىرت ئۆزىدىن بىرەر ئەرەبچە ئىزاھ ياكى مەنە يۈكلىمىگەن. پەقەتلا شۇ سۆزلەرنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر ئايەتكە ئالاقىدار نۇرغۇن ھەدىسلەرمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئايەت - ھەدىسلەردە تۇتۇشقا تېگىشلىك يول سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدۇر. ئۇشبۇ يول بولسا: قانداق يېتىپ كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىش، ئايەتكە كەيپىيات - ئوبراز يۈكلىمەسلىك، بۇرمىلىماسلىقتۇر»[22]. مەلۇم بولدىكى تەرجىمانىمىز ئىددىئا قىلغىنىغا تۇشلۇق سۈپەت ئايەتلىرىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانمۇ ئەمەس، سەلەف سالىھلارنىڭ يولىغا ئۇيغۇن يول تۇتقانمۇ ئەمەس. بەلكى گېزى كەلگەندە رەتسىز تۈستە ئۆزىنىڭ ئىددىئا قىلغان يولىغا خىلاپ ھالدا گاھىدا «ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە»، «گاھىدا ئاللاھنىڭ قولى»، تەپتارتمىسا «ئاللاھنىڭ ئوڭ قولى» دېگەندەك قايسى تەرجىمىدىن قوراشتۇرۇش قولاي كەلسە شۇ يەردىن كېسىپ چاپلاشتىن باشقىنى قىلمىغان. ئومۇمەن قولىمىزدىكى ئۈچ تەرجىمىنى سېلىشتۇرغاندا، بىرىنچى تەرجىمىدىكى خاتا تەرجىمە ئىككىنچى تەرجىمىدە تۈزەش بىلەن بىر قەدەر ئىسلاھ قىلىنغان، ئۈچىنچىسىدە، يەنى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسىدە ئىش ئەسلىدىكى بۇزۇق پېتى قېلىۋەرگەن. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن سۈپەت ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، مەيلى ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى «يەد» سۈپىتىگە ئالاقىدار ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى بولسۇن، ياكى باشقا سۈپەتلەرگە ئالاقىدار ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى بولسۇن، مەزكۇر ئۈچىنچى تەرجىمە ئاساسەن ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ قوراشتۇرۇلمىسىدىن پەرقسىز چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ. يەكۈن ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش يېڭى تەرجىمىسىدە تەرجىمانىمىزنىڭ ئىددىئا قىلغان رەۋىشتىكى يولنى، يەنى سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقان مۇپەسسىرلەرنىڭ تۇتۇمىغا لايىق كېلىدىغان بىرەر تۇتۇم ياكى تەرجىمىنى، ھەتتا بىرەر ئىزاھاتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئومۇمەن ياساپ قوراشتۇرغان ئاتالمىش تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە خاسلىقلىقنى، ئاتالمىش 21 يىللىق ئىزدىنىشكە ئەينەك تۇتقىدەك بىرەر ئۆزگىچىلىكنى ئۇچرىتىش بەسى مۈشكۈل. تەرجىمىنىڭ تېگىدە بىرەر ئىلمىي ئىزدىنىش ياكى ئىجتىھادلىق ئەمگەكنى تېپىشمۇ تەس. بۇ ھالەتكە قارالسا تەرجىمانىمىزنىڭ ئەقەللىي ئۆزى تىزىملىك قىلىپ تىزىۋالغان تەپسىرلەرنى ئوڭ تۇتۇپ ئەتراپلىق كۆرگەنلىكىمۇ دەرگۇمان. مەۋجۇت تەرجىمىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بولسا، ئايان بولىدىغىنى كۆتۈرۈپ چىققان تەرجىمىسىنىڭ قانداقتۇر «جاپالىق» قوراشتۇرۇشتىن كەلگەن بىر تۈرلۈك «لېنتا كېسىپ ئۇلاش» تەرىقىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكى، سەلەف يولىنى دەۋا قىلىپ ئەمەلىيەتتە سەلەفسىزلىك قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سۈپەت ئايەتلىرىگە دائىر تەرجىمىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، مەسىلەن، ئاللاھنىڭ «وجه, عين، أعين, جنب، يد» قاتارلىق سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئاساسەن ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ بىرىدىن ئۇدۇل ئالغانلىقى، ھەتتا جۈملە كۆچۈرۈشلا ئەمەس، پەرقلىق تەرجىمە نەزەرىيەسى ئۇسلۇبى بويىچە ئوخشىمىغان ئۇسلۇب ۋە جۈملە قۇرۇلمىلىرىغا سېلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن بولىدىغان تۇرۇپ ئايەت تەرجىمىلىرىگە ھېچقانداق تەرجىمە ئەمگىكى سىڭدۈرمەستىن ئالدىنقى تەرجىمىلەردىن ئابزاس - ئابزاس ھالىتىدە ئەينەن ئالغانلىقى، يەنە بەزى ئابزاسلارنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدىن بىرىدىن، قالغان قىسمىنى يەنە بىر تەرجىمىنىڭ بۆلىكىدىن قوراشتۇرغانلىقىدەك ھالەتلەرمۇ بىزنىڭ مەزكۇر تەرجىمان ۋە ئۇنىڭ «تەرجىمە»لىرى ھەققىدىكى يۇقىرىقى تەنقىدىي مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىمىزنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن قۇۋۋەتلەيدۇ.

خوش، ناۋادا تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىدا ئېيتقان ۋە: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق. بۇ ماۋزۇدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئەگەشتۇق» دېگەن بۇ سۆزلىرىدىن بىر قەدەم ئارقىغا دەسسەپ، ئەسلى كۆزدە تۇتقىنىنىڭ ئومۇم سۈپەت ئايەتلىرى بولماستىن، نوقۇل ئۆزىنىڭ ئۆرنەك بېرىپ كۆرسەتكەن «ئىستەۋا» ئايىتىگە بەرگەن تەرجىمىسىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ قالسا، بىزمۇ دەيمىزكى، تەرجىمانىمىزنىڭ ئىستەۋا ئايىتىدىكى دەۋاسى ئوخشاشلا تۇتۇرۇقسىز بولۇش بىلەن بىرگە مەزكۇر تەرجىمىدە سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقانلىق  ئىددىئاسىمۇ تۇتامسىزلىق بىلەن تولغان. بۇنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلىشىمىز تامامەن مۇمكىن. شۇڭا بىز نۆۋەتتىكى تېمىمىزدا تەرجىمانىمىز ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەن ئۇشبۇ «ئىستەۋا» سۆزىنى تەرجىمە قىلىشتا زادى قانداق يول تۇتقانلىقىنى، تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر ئىددىئاسىدا زادى قانچىلىك تۇتاملىق بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىنى ئېچىپ بەرمەكچىمىز. ئۇنداقتا دىققەتلەر كېيىنكى تېمىمىزدا بولغاي!

نەقىل مەنبەلىرى:

داۋامى بار...

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-05-17

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


ئالدىنقىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(7)

كېيىنكىسى: قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(9)