Jump to content

قۇياش مىسالى نۇر چاچقانىدى

ئورنى Wikipedia

قۇياش مىسالى نۇر چاچقانىدى

ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى. بۇ سۆز ئىلىمگە ئىرق، مىللەت، مەزھەپ ۋە باشقا بىر قاتار سۈنئىي مەنسۇبىيەتلەرنى ئارىلاشتۇرماستىن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن، ئىلىمنى ھەممىنىڭ ئورتاق خەزىنىسى دەپ تونۇغان، ئىلىمگە پوزىتسىيە تۇتۇشتا سېنىڭ - مېنىڭ چاكىنىلىقلىرىغا كىرمەستىن، ئۇنى كىرگۈزۈپ بۇنى شاللاشتەك ئىدېئولوگىيەلىك دوگمىلىققا پېتىپ قالماستىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۇققان، ئىلىمنى قۇياش مىسالى ئىنسانىيەت تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان نۇر ۋە ئورتاق ھەققى دەپ بىلگەن، ئۇ قەيەردە بولسا ئىزىغا چۈشۈشنى ئىبادەت، ئۇنىڭ ھېكمەت ئافتابىدىن ئىسىنىشنى بۇرۇچ بىلگەن ۋە بۇنى مەدەنىيەت ئىنشاچىلىقىدا شوئار قىلغان ئەجداد سۆزلىرىدىندۇر. بۇ سۆز ئۆز نۆۋىتىدە بۈيۈك مەدەنىيەت زەنجىرىنىڭ ساھىبخان ھالقىلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىلىمگە ۋە ئالىمغا بەرگەن يۈكسەك قەدىر - قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىندۇر. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت ئومۇرتقىسىنى تىك تۇتۇش، مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىدا ساغلام بولغان ئىسلامىي مەپكۇرىلەر بىلەن خەلقنى ئايدىڭلىتىش يولىدىكى كۈرەشتە پىكىرلىرى بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قاتماللىقتىن خالىي، ئاشقۇنلۇقتىن يىراق ھالدا ئىسلامىي ئاڭ - چۈشەنچىلىرىنى ساغلام تۇتۇشتا ئىلغار كۆز قاراشلىرى، ئىجتىھاد مېۋىلىرى بىلەن زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، دىن ئۆلىمالىرىغىلا ئەمەس، بىر تۈركۈم زىيالىلار، يازغۇچى - ئەدىبلەرگە قەدەر بەلگىلىك تەسىر قىلىپ كەلگەن، دۇنياۋى كەڭلىكتە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بولسا، چاغداش دۇنيادا مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەقىدەۋى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ھەمدە سىياسىي كىرىزىسلىرى خۇسۇسىدا ئايدىڭلاتقۇچى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان، شۇنداقلا دەۋرنىڭ تۈرلۈك يېڭىچە ھادىساتلىرىنى ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردە كۆزىتىپ مۇئامىلە قىلىشتا ئۆزىگە خاس ئىجتىھاد مېتودى، نەزەرىيەلىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك نوپۇز تىكلىگەن زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇر ئالىمى ئىمام يۈسۈف ئەلقەردەۋاىي دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تەڭرى دەرگاھىغا يول ئالدى. كۈنىمىزدە دەۋرىنىڭ مۇجەددىدى، مۇجتەھىد ئىمامى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلگەن، كەڭ دائىرىلىك نەشر - ئەپكارلىرى، شۇنداقلا پۇختا ئاساسقا ئىگە ۋەسەتىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ بۈيۈك ئالىم نە پەقەت بىرەر ئىقلىمنىڭ، بەلكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ فەقىھى بولۇش بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئالىم يەنە نوقۇل ئىلمىي جەھەتتىكى، شۇنداقلا فىقھىشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، زېھنىي ئىشغال سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئازادىيىتى، ئىھياسى ئۈچۈن ئۆمۈر ھاياتىنى سەرپ قىلغان، ئىنسانىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇستەملىكىچىلىك كىشەنلىرىدىن ئازاد ۋە ھۆر بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ياشىغان، بۇ بارىدا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان تۆھپىكارلاردىندۇر. ئىمام قەرداۋىي زۇلۇمغا قارشى ھەققانىيەت ئۈچۈن دىنى ۋە ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى نېمە بولسا، شۇ بويىچە ياشاشنى، ئۆز پىرىنسىپلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق مەنپەئەت ياكى كۈچنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىپ قىلىشنى رەت قىلىپ ياشىغان ۋە بۇنى مەسئۇلىيەت بىلگەن، ئىلمىي ئىجىتىھادى قانداق كۆز قاراش ياكى ئىدىيەنى مۇئەييەنلەشتۈرسە ئۇنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتىن تارتىنىپ قالمىغان، بىلگەنلىرى ئاساسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى دەلىللىك ئوتتۇرىغا تاشلاپ كەلگەن مۇجاھىد ئالىملاردىندۇر. ئاللاھ ئالىمنىڭ ياتقان جايىنى فىردەۋس جەننىتىدىن قىلغاي! ئىلمىي ئىجتىھادلىرىدا كەتكەن سەھۋەنلىك ياكى خاتالىقلىرىنى مۇجتەھىدلىك مەرتىۋىسىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغان تارازا - مىزان ئاساسىدا مەغپىرەت، رەھمەت ۋە ئەجىر ساۋاب بىلەن تارتۇقلىغاي! قەلەم ۋە ئىلىم بىلەن ئۆتكۈزگەن جىھادىي ھاياتىنى مەقبۇل قىلىپ سائادەت ئەھلى بولغان شەھىدلەر، سىددىقلار ۋە نەبىيلەر بىلەن بىر ئورۇندا بولۇشقا مۇۋەپپەق ئەيلىگەي!

ئىمام قەرەداۋىينىڭ تارىخىي نۇتۇقلىرىدىن پارچە:

«ئاللاھقا ھەمدە بولسۇنكى، مەن قاتارغا كېلىپمۇ ھىممىتىمنى ئۈستۈن، قەددىمنى تىك قىلىپ ياشاپ كەلدىم. شەرەپ - نامۇسۇمغا داغ چۈشۈرمىدىم. ھېچكىم ماڭا ھاياتىمدا بىرەر نۆۋەت ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغىنىمنى ئالدىمغا تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالىغان ئەمەس. ئەگەر مەن مۇناپىقچە كۈن كەچۈرۈشنى تاللىغان بولسام ئىدىم، ھاكىمىيەتنىڭ ھارۋىسىدىن نان تېپىپ يېيىشكە خۇشتار بولسام ئىدىم، ئانا يۇرتۇمدا قېلىۋەرگەن بولاتتىم. ئانچىكى چۈشۈپ بېرىشلەرگە، شۇنچىكى پىرىنسىپلىرىمدىن ۋاز كېچىپ بېرىشىم بەدىلىگە مەندىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەلىكلەر ئىگىلەپ ياتقان چوڭ چوڭ مەنسەپلەرگە ئاللىبۇرۇن ئېرىشىپ بولغان بولاتتىم. ئەمما مەن ئۇنداق ياشىغاندىن دىنىمنى قوغداپ ياشاشنى، پىرىنسىپلىرىمگە ئىگە چىقىپ كۈرەش قىلىشنى، مەۋقە - مەيدانىمدا مەھكەم تۇرۇپ سابىت قەدەم تاشلاشنى ئەلا بىلدىم. ھەرقانداق زومىگەر زالىمغا بوي ئېگىش تۈگۈل ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان تەرزدە شۇنداق دەپ كەلدىم: پۇت - قولۇمغا كىشەن سالساڭمۇ، قامچاڭنى ئۈستۈمگە يۈگەن قىلىپ تاقىساڭمۇ، بوغۇزۇمغا خەنجەر  بىلەن ئۇرساڭمۇ، ئىدىيەلىرىمدىن بىردەممۇ ۋاز كەچكۈزەلمەيسەن، ئىمانىمنى مەندىن تارتىپ ئالالمايسەن، ھەقىقەت نۇرۇمنى ئۆچۈرەلمەيسەن. (بىلكى،) نۇرۇم قەلبىمنىڭ چوڭقۇرىدا، قەلبىم رەببىمنىڭ ئىلكىدە. قەلبىمنى ئىلكىدە تۇتقان رەببىم شەك-شۈبھىسىز مېنىڭ مەدەتكارىم، نۇسرەت بەرگۈچىمدۇر.

بۇندىن كېيىنمۇ مەن (مانا بۇ شوئۇردا)، ئەقىدەم ئېشىلگەن ئارقانغا مەھكەم ئېسىلغان ھالدا ياشايمەن. ئۆلسەممۇ تەبەسسۇمىمنى يوقاتماستىن دىنىمنى ئىھيا قىلىش يولىدا ئۆلىمەن.

مانا بۇ مېنىڭ زالىم ھۆكۈمدارلارنىڭ قارشىسىدا ئېيتقانلىرىم. مەن ئاخىرىغىچە بۇ مەيدانىمدا قالىمەن ۋە ھېچبىر ۋاقىت دىنىم خۇسۇسىدا سۈلھى - سالاغا كەلمەيمەن. بىرۋانىڭ دىنى بىلەن دىنىمنى سودىلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، دۇنيالىق مەنپەئەت بەدىلىگە دىنىمنى ئەسلا ساتمايمەن».

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-09-26


---

مۆئمىنلەر قېرىنداشتۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرھان ئەپەندىم سىز تەرىپلەۋاتقان بۇ ئۇستاز ھەقىقەتەن سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك ھاياتتا ياشىغان بولسا نىمىشقا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولمىدى ؟


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

مۆئمىنلەر قېرىنداشتۇر غا:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماق كېرەك. ئالەم بىنا بولغاندىن بېرى ھېچبىر ۋاقىت خاتا سوئالنىڭ توغرا جاۋابى چىققان ئەمەس. ئىمام قەرداۋىي مەن دېگەندەك بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق تەرىپلىدىم. نېمىشقا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولمايدۇ، دېسىڭىز قولىدا قەلەم، ھوقۇق بار چاغدا خەۋەردار بولغىنىچە بىز ھەققىمىزدە سۆزلەپ تۇردى. قولىدا ھوقۇق بار چاغدا، بۈگۈنكى دەۋاچى تىپلارنىڭ كۆپى ئاتالمىش ئاپتونوم رايون ۋە ئۇنىڭ نەيرەڭۋاز ئىستىخباراتچىلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا مىراب بولۇپ ياشاۋاتقان زامانلاردا ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈۋاتقان زۇلۇملىرى مەسىلىسىدە ھەيئەتلەرنى تەشكىللەپ، يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىپ تۇرغان. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۆلىما قالپىقىنى كىيىپ ياشاۋاتقان تىپلار ۋەتەن ئىچىدە بىر - بىرىنىڭ داستىخىنىدىكى پوشكاللارنىڭ ئاز كۆپلۈكى، ئۇرۇق - سېمىزلىكىنى دەڭسىشىپ سىياسىي تەقدىرى غېمىدە يوق يۈرگەن زامانلاردا، ئىسلام دۇنياسىدا

كېزىپ يۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تۇرۇپ سۆزلىنىدىغان جۆيلۈشلەرنى ئەيىبلەپ بۇ خۇسۇستا تەنقىدىي كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئۇنىۋېرستېتلاردا دەرسلىرىدە توختىلىپ ماڭغان. ھەتتا قايسى كۈنلىرى ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي رەھبىرىمەن، دەۋاتقان كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا دۇنيا بىلىپ كەتكەن «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياشاۋاتىدۇ»، دېيىلىۋاتقان خەلقنىڭ داد - پەريادىنى ئاڭلاتقىلى شۇنچە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي بارغىنىدا، ئۇۋۇسىغا كىرىۋېلىپ مىللەتنىڭ ئالدىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئاتالمىش خەلقئارالىق ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتلىرىنى بۇندىن ئون نەچچە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىشكە كۆندۈرۈپ يىغىن ئېچنشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان. شۇ كۈنلەردە يىغىلىشقا بىر كۈن قالغاندا ئاتالمىش تەشكىلات خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا ئاۋاز چىقىرىشتىن باش تارتىپ تۇرۇۋالغان. تېلېفۇن قىلسا ئالغىلى ئۇنىماي يېتىۋالغان. بۈگۈن بىزنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق سىياسەتچىلىرىمىز كار كەلمىسىمۇ مېڭىۋاتقان يولنى ئون يىل ئاۋۋال مېڭىپ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بېشىغا مۇسەللەت بولۇۋالغان دىن نامىدىكى قۇرۇملارنىڭ قانچىلىك تۇتامى بارلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىشلىرىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ئۆز ئالدىغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مەخسۇس پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ تۇرغان. تور بەتلىرىدە، دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ تور سەھىپىلىردە بۇنى كۆرەلەيسىز. 90 ياشتىن ئېشىپ قالغان ھالدىمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمىغان، قۇرۇم قولدىن كەتكەندە، تەشۋىقات سۇپىلىرى ئۆز قولىدا بولۇپ ئۇچۇر - خەۋەرلەرنى، كۈن تەرتىپلەرنى تولۇق بىلىپ بولالمىغان، كىرىزىسلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يېتىشىپ بولۇش مۇمكىنسىزلىشىۋاتقان، كېسەل تارتىپ چەكلىك خەۋەرلەردىن باشقىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش تەس بولغاندا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولمايدۇ، دەپ سوئال سوراش بەكلا نادانلارچە، بىلىپ تۇرۇپ سورالغاندا نومۇسسىزچە بولۇشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولمايدۇ، دېگەن سوئالىنىڭ جاۋابىنى تولدۇرۇش تېخىچە ئۆز ئىچىمىزدىن، ئۆز مىللىتىمىزدىن، ئۆز ئىرقىمىزدىن تۆرەلگەن ئۇقۇمۇشلۇقلارغا يېتىشمەيۋاتقاندا، سوراش ئۈچۈنمۇ خېلى ئەتراپلىق نادان بولۇش لازىم بولسا كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەملىكە تارىخىمىزنى توغرا ئاڭلىتالايدىغان بولغاندا، ئىندىجىنىس ماركىسىنى تاقاشتىن نومۇس قىلىدىغان سىياسەتچىلەر ئىش بېشىدا تولۇق ئاكتىپلىنالىغاندا ئاندىن يۇقىرىقىدەك سوئاللارنى ئىسلام دۇنياسغا ياكى يەنە بىر يەرگە نېمىشقا پالانچى مەشھۇر ياكى نوپۇزلۇق ئادەم بىزنىڭ ئاۋازىمىز بولمايدۇ، دېگەن سوئالنى تاشلىساقمۇ كېچىكمەيمىز. سوئال ئەگەردە «نېمىشقا بىز ئۈچۈن سۆزلىمىدى؟» بولۇپ قالسا، بۇنىڭ جاۋابى يۇقىرىقىدەك.

ئەگەر بىر تۈركۈم ئەجداد ئۇرۇقىنى تۈكباش شىمپەنزىنىڭ نەسەبىدىن ئىزدەيدىغان تىپلارنىڭ بەس - بەستە تارقىتىشىۋاتقان تۇتۇرۇقسىز گەپلىرىنى، ئىمام قەرداۋىي خىتاي زىيارىتىدە سۆزلىگەن ۋىدىيوسىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاتالمىش شىنجاڭ تەۋەسىدىكى كادىر تەرجىمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ تورغا قويۇۋەتكەن ۋىدىيوسىدىن ئەتكەسچىلىك ئۇسلۇبىدا پايدىلىنىپ ئالىمغا ھاقارەت ۋە ئادىمىيلىكتىن چىققان ئىنكاسلىىرنى كۆرۈپ يۇقىرىقىدەك سوئال تۇغۇلغان بولسا، دېمەك بۇ يەردە قازانغىنى ئاشۇ تۈكباشلارنىڭ غەۋغاسىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتقان، مىللەتنىڭ ھەر تۈرلۈك سەرخىللىرىدىن ئاۋاملىرىغىچە ھۆرمەت نەزىرىدە قاراۋاتقان پېشۋا ئۈستىدىن زەھەرخەندە پىلان تۈزگەن خىتاينىڭ ئۆزى، غەلىبە قىلغىنى خىتاينىڭ يىللار ئاۋۋال قىلغان مادىئىن چەيناچە تەشۋىقاتىنىڭ مېۋىسى بولىدۇ، خالاس.


مۆئمىنلەر قېرىنداشتۇر

سىزدىن كاللامدىن ئۆتمىگەن ئاددى بىر سۇئالنى سورىغانتىم شۇڭا ئۇنچىلىق جىق ئويلاپ كىتىشىڭىزنىڭ ھىچ ھاجىتى يوق ھەم ئۇ قەدەر نەشتەرلىك گەپ قىلمىسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ .مەن رەھمەتلىك توغرىسىدا جىق توختىلىشنى خالىمايمەن .ئەمما مەن ئۇستاز ئۆلىما دىگەننى بۇلۇپمۇ نوپوزلۇق بولغان ئۈممەتكە باشچىلىق قىلىۋاتقان ئالىم سانالغان ئادەملەرنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى دەپ بىلىمەنكەن .شۇڭا سىزنىڭ يازمىلىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقىغانلىقىم ھەم سىزنىڭ ھەق ناھەق ئوتتۇرسىدىكى مەيدانىڭىزدىن سۈيۈنۈپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن بىلمىگەننى بىلۋالساق دىگەن ئۈمۈتتە سۇئال سوراپتىكەنمەن .


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا تەرزى ئىدى. شۇڭا جاۋابتا «ئەگەر» قوشۇمچىسى قوشۇلغان. سوئالنى سىز سورىغان بولسىڭىزمۇ نەپ ئالىدىغانلار يەنىلا كۆپچىلىك. شۇ نۇقتىدىن توغرا چۈشىنىپ تۇرغايسىز. تېگىپ كەتكەن جايلار بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى