قۇيۇنتاز
قۇيۇنتاز
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
1
مەن بولۇپ قالىمەن گاھى مەن بولماي
قۇم پوتام، قۇم دوپپام... مەن بىر قۇيۇنتاز.
قارغىغان بولۇشى مۇمكىن مەلىكە
قەدىمكى زاماندا بولۇپ ئېھ، ماڭا
ئاشىق – بىقارار؛
قوناقلىقتا قوناق قۇيۇنتاز،
بۇغدايلىقتا باشاق قۇيۇنتاز.
يۈزىنى يۇمىغان دەرياغا بېرىپ
بۆكىنى چۆلدىكى يۇلغۇنغا بېرىپ
كونا تام تۆشۈكى ئىچىگە كىرىپ
سالغان تاز بېشىغا ياماق، قۇيۇنتاز.
ئىچىدىن قاينىغان قانداق قۇيۇن ئۇ،
تولغىنىپ زارلىغان قانداق ئويۇن ئۇ؟
چۆلدىكى تۈگىمەس تۆگىنى كۆرۈپ
مۇقامنى نەمۇ نە يېتىلەپ يۈرۈپ
گاھىدا تىرىلىپ، گاھىدا ئۆلۈپ
قوشاققا قوشۇلغان ئوماق قۇيۇنتاز...
2
بىر تۇپراق ئۈستىدە بىر ئاسمان بولۇر
بىر خەلق ئۈستىدە بىر پەرمان بولۇر
بىر قەلب ئىچىدە بىر ئارمان بولۇر.
ئەگەر بىر بولمىسا، ئۇ ئىككى بولسا
يەردە نە ئىمان بولۇر، ئېلدە نە سۇلتان بولۇر؟...
قىرى جىن تېلىقىپ قالدى گۇگۇمدا
رەڭلەندى مۇھەببەت شەھۋەت دېغىدا.
كۆڭۈلگە كىرگۈدەك بىر يول قالمىدى،
شورىلار كۆپەيدى يارنىڭ بېغىدا.
قۇياشقا ئوت يەتمەس، دەريالارغا سۇ،
تۇپراقنى كۆيدۈردى يامغۇر تامچىسى.
توزۇدى كىرلىكتەك ئاپئاق قانسىراپ
قىلىچنىڭ بېسىدا جاننىڭ غۇنچىسى.
مەن يەنە ئالەمدىن سورايمەن نېمە
ئۆزۈمدە باشلىنىپ، ئۆزۈمدە تۈگەپ؟
جىنلىرىم كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار قوشاق
ئاھ، يېتىم ئوغلاقتەك يۈرمەي تەمتىرەپ؛
ئاسمانغا تاقاشقان خادا قۇيۇنتاز،
قوشىقىڭ ھەممىگە يادا قۇيۇنتاز.
جىنلىرىڭ قىزلارغا تارغاق قۇيۇنتاز
تاز بېشىڭ تارغاققا ئامراق قۇيۇنتاز.
بارغىلى يېرى يوق، كەلگەن يېرى ھەم
گاھ غەمسىز ئەجەل ھەم گاھ سەرسان ئەجەم
گاھ غېرىب دىۋانە، يۈرگەن بىگانە
ئەگەشكەن كەينىدىن سانسىز شاھ سەنەم،
گاھ يۈرگەن مەشرەپتەك توۋلاپ پىغاندا
چۆل – سايلار دەپتىرى، گىياھلار قەلەم ،
كۆڭلى تۈز، پۇت – قولى مايماق قۇيۇنتاز...
قۇيۇنتاز، قۇيۇنتاز، بىللە كېتەيلى
جاندىكى جانانە – جانغا يېتەيلى
قۇمغا قۇم، توپىغا توپا سېپەيلى
سەن سېنى، مەن مېنى باغ – باغ ئېتەيلى...
توختا قۇيۇنتاز، توختا قۇيۇنتاز
توختا قۇيۇنتاز، توختا قۇيۇنتاز!
2008 – يىلى 20 – ئىيۇن . خوتەن
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: «بەرگى خازان»، 53_55-بەتلەر