قۇۋۇق سېپىلى

ئورنى Wikipedia

گۇچۇڭ ناھىيە گۇچۇڭ بازىرى ماۋاڭ ئىبادەتخانىسى مەھەللىسى بىلەن گوگوتەن مەھەللىسىنىڭ قىيپاش بۇلۇڭىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىمارەت خارابىسى بار. بۇ خارابىلىق گەرچە «قوۋۇق سېپىلى» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ناھايىتى قەدىمىي بولۇپ، ئۇ تۆت ئەتراپىدا ئىگىز تېمى بار ئېلىپىس شەكىللىك ئىمارەتكە ئوخشايدۇ.

قوۋۇق سېپىلى يەنە ئاي سېپىلى، دوناي كۆلچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوۋۇق سېپىلى شەھەر قەلئەسى ياكى ئۆتكەلنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا (بەزىلىرى سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئىچىگە) سېلىنغان ئېلىپىس شەكىللىك ياكى تۆت چاسا شەكىلدىكى سېپىل دەرۋازىسىنى قوغدايدىغان كىچىك سېپىل بولۇپ، ئۇ جۇڭگودىكى قەدىمكى زامانغا تەۋە شەھەر سېپىلىنىڭ بىر قىسمى ھېساپلىنىدۇ. قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىككى يېنى بىلەن سېپىل تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىچىدە ئوقيا ئېتىش راۋىقى ۋە دەرۋازا چۈشۈرگۈسى قاتارلىق مۇداپىيەلىنىش ئەسلەھەسى تەسىس قىلىنغان. دۈشمەنلەر قوۋۇق سېپىلغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاساسلىق سېپىل دەرۋازىسى بىلەن قوۋۇق سېپىلىنىڭ دەرۋازىسى ئىتىۋېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قوغدىغۇچى قوشۇن دۈشمەننى بىراقلا قولغا چۈشۈرۈپ، ئەمگەك قىلماي تەييارغا ئىگە بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىدىكەن.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان بۇ قوۋۇق سېپىلى چەنلوڭنىڭ 40-يىلى (1775-يىلى) سېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شۇ جايدا ئەسلىدىكى سېپىلنىڭ ئاساسىدا يېڭىدىن فۇيەنچېڭ سېپىلى (يەنى لاۋمەنچېڭ سېپىلى)نى ياسىغان بولۇپ، قوۋۇق سېپىلى فۇيەنچېڭ سېپىلىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان. گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى (1894-يىلى) لاۋمەنچېڭ سېپىلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. لاۋمەنچېڭ سېپىلىنى قايتا رېمۇنت قىلىش جەريانىدا، سېپىل رايۇنىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماستىن، يەنە شەھەر سېپىلى ئىگىزلىتىلگەن. قوۋۇق سېپىلىنىڭ نۆۋەتتىكى قوغدىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ خارابىلىق شەك شۈبھىسىزكى، شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابىلىق ھېساپلىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ قوۋۇق سېپىلى قۇرۇلۇشى ئەڭ بۇرۇن بەش سۇلالە ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن. قوۋۇق سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش شەكلى بىلەن سېپىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپكى سېپىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خاڭداپ ياسالغان بولۇپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە خىش بىلەن سېپىل قوپۇرۇلغان. سۇڭ ۋە تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى سېپىللار خىشتا قوپۇرۇلغان. قوۋۇق سېپىلىنى سېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش ئۆزگۈرۈشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى قوۋۇق سېپىلىدا خاڭداپ سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىۋىق تاش، كاللەك تاش ۋە سېپىل خىشى بىلەن سېپىل قۇرۇلۇشى قىلىش ئۇسۇلى نىسبەتەن ئومۇملاشقان. بۇ قوۋۇق سېپىلى خاڭداش ئۇسۇلى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئەينى دەۋرىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمال رايۇنىدىكى مالىيە كۈچىنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشى مۇمكىن.

ناۋادا سېپىل دەرۋازىسىدىن بۆسۇپ ئۆتسە دەرۋازا ئېچىلىپ كېتىپ قوغداشقا ئامال بولمايدۇ، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا بىر قوۋۇق سېپىلى ياسالغان بولۇپ، بۇ بىر خىل مۇداپىيەلىنىش ئىستىھكامى قىلىنىپ، بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىنغان. ئەلۋەتتە، بۇ ئەجىر ھەمىشە ئويلىمىغان ئۈنۈملەرنى، ھەتتا ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىشتەك ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈدۇ. «تەسلىمنامە» ناملىق فىلىمدە: بىر گورۇپپا قوشۇننىڭ تارتۇقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى، نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ يامغۇردەك ئېتىلىۋاتقان ئوقيادا ئۆلگەن كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ئەينى ۋاقىتتا ئازدۇرۇلۇپ قوۋۇق سېپىلىغا باشلاپ ئەكىرىلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا شۇنچە چوڭ ماھارىتى بولسىمۇ قوۋۇق سېپىلىنىڭ ئىچىدىن قېچىپ چىقالمىغان.

قوۋۇق سېپىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە رولى بار، ئۇ بولسىمۇ سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەكتىن ئىبارەت بولۇپ، سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان بۇ غالتەك «سوقۇدىغان سېپىل غالتەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئارغامچا، ياغاچ ۋە مېتال پارچىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر خىل ئېغىر قورالدىن ئىبارەت. بىر قانچە يىل بۇرۇن كىرىست قوشۇننىڭ شەرققە سەپەر قىلغانلىقىغا دائىر بىر پارچە ماقالە ئوقۇغان، سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەك ئون نەچچە ئەزىمەت كۆتۈرەلەيدىغان ناھايىتى يوغان نەرسە بولۇپ، كىرىست قوشۇنى شەرققە سەپەر قىلىش داۋامىدا ھەممە جەڭدە غەلبە قىلىدىغان ئۆتكۈر قوشۇنغا ئايلانغان. سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەك ـــ ئوتتۇرا ئەسىردە كوللېكتىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىشلىتىلگەن تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قوراللارنىڭ ئىچىدىكى بىر يېڭىلمەس قورال بولغاچقا تارىخىي كىتاپلارغا كىرگۈزۈلگەن. تارىخىي كىتاپلارغا كىرگۈزۈلگەنلىرىنىڭ ئىچىدە سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەك بار بولۇپ، سېپىلغا ھۇجۇم قىلغاندا ئوخشاشلا بىر قانچە ئەزىمەتلەر سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەكنى ئىتتىرىپ سېپىل دەرۋازىسىغا سۇقىدۇ.

ئوت ئېچىش قورالى كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، بىر سېپىلنى قوغداشتا ـــ ھۇجۇمچى ئىككى تەرەپ تەپ-تارتماستىن ھەرقانداق ۋەھشىلىكتىن يانمايدۇ. ھۇجۇم قىلغان بىر تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قارشى تەرەپنىڭ مۇستەھكەم سېپىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاش ئاتقۇچ قاتارلىق تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قوراللار بىلەن سېپىل ئىچىدىكى مۇھاپىزەتچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىلاندۇرۇپ، سېپىل دەرۋازىسىدىن ئامال قىلىپ بۆسۈپ ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ناھايىتى ئېغىر بۇ غالتەك پەيدا بولىدۇ.

بەزى كىنو تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەك سېپىل دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى كۆرۈنۈشىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ. كۆرۈنۈش ھەمىشە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئىككى رەت تۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەر بىردىن ياغاچنى مۈرىسىگە ئېلىپ، مۇستەھكەم سېپىل دەرۋازىسىغا ئۈستۈرىدۇ، بىر قانچە قېتىم ئۈستۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن مۇستەھكەم سېپىل دەرۋازىسىمۇ بۇزۇلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان غالتەككە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل سېپىل دەرۋازىسىنىڭ سىرتى ياكى سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئىچىگە مۇداپىيەلىنىش ئىستىھكامىدىن بىرنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. قوۋۇق سېپىلى بىر مۇداپيەلىنىش ئىستىھكامى ھېساپلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇ قوۋۇق سېپىلىغا 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ ئەشۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى ھېساپلىنىدۇ. قوۋۇق سېپىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە خارابىلىقتا يالتىرىغان قەدىمكى زاماننىڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قوزغۇتۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. لى چىياۋجاڭ، بۇ ئەسەر «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 27-دىكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى، تەڭرىتاغ تورى 27- دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى