Jump to content

قېلىن-قارا تەلىماتى

ئورنى Wikipedia

قېلىن - قارا تەلىماتى (خەنچە:厚黑学؛ ئىنگ: Thick Black Theory) لى زوڭۋۇ تەرىپىدىن 1912 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قېلىن-قارا نەزەرىيەسى ئاساسىدا 1936 - يىلى قايتا ئىشلەش بىلەن تاماملانغان، تارىخ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە تەنقىدى \ گۇمانىي نەزەردە قاراشنى ئاساس قىلغان ئەسەر.[1]

ئەسەر، خىتاي جەمئىيىتىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان بىر پەلسەپە سىستېمىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. يازار كىتابتىكى بايقاشلىرىنى، يەنى «قېلىن-قارا نەزەرىيەسى» نى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت، ئىنسان پىسخولوگىيەسى ۋە مىللىي ئىستراتېگىيەنى بەلگىلەيدىغان تۈپ مېخانىزم دەپ قارىغان.[1]

قېلىن-قارا نەزەرىيەسىنىڭ جەۋھىرى ئاددىي بولۇپ خىتاينىڭ «يىگىرمە تۆت تارىخ »  (二十四史) تىكى قەھرىمانلار ۋە بۈيۈك  رەزىل شەخسلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت «قېلىنلىق»  (厚) يەنى يۈزى قېلىن، نۇمۇسسىز بولۇش ۋە «قارىلىق» (黑)  يەنى كۆڭلى قارا، رەھىمسىز بولۇشنى ئىگىلەشكە باغلىق دەپ قارىغان.[1]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. 1 2 3 مەۋلان تەڭرىقۇت: خىتاي ئىدىيە تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر:  قارا-قېلىن تەلىماتى \ داپشاقنامە، ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى تورى، 2025-12-18- كۈنى مۇقىمدالدى.