Jump to content

قېلىپ:يېڭىلىقلار

ئورنى Wikipedia
  • ھىندىستان - پاكىستان كەشمىردە توقۇنۇش ئۈستىدە: كەشمىر مەسىلىسى ھازىر جىددىي ۋە خەۋپلىك بىر باسقۇچقا كەلدى. 2025 - يىلى 22 - ئاپرېلدا ھىندىستاننىڭ جەممۇ ۋە كەشمىردىكى پاهالگام شەھىرىدە 26 ئادەم قازا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. ھىندىستان بۇ ھۇجۇم ئۈچۈن پاكىستان بىلەن باغلانغان تېررورلۇق گۇرۇپپىلارنى ئەيىبلەپ، پاكىستانغا قارشى بىر قانچە قەدەمنى تاشلىدى، شۇ قاتارىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم سۇ كېلىشىمى بولغان «ئىندۇس سۇ كېلىشىمى»نى توختىتىش، پاكىستانلىق دىپلوماتلارنى چىقىرىۋېتىش ۋە ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قاتارلىقلارنى ئاتاپ ئ‍ۆتۈش مۇمكىن.