قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيەدە قوللىنىلىشى

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: ئۆمەرجان نۇرى

ئىلاۋە: تارىخ پەنلىرى دوكتورى، كورىيىلىك خې سۇلې  (Dr.Hee Soolee) كورىيەنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، تۈركچە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «ئسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى» دېگەن ئەسىرىدە كورىيەنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ خىتاينى ئۆزئىچىگە ئالغان يىراق شەرقتە ئىسلام دىنى بىلەن بىرگە تارقالغان مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەنى ھەم تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يىراق شەرقتە قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىزناسى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىنى ماتىرىيال ئاساسى بىلەن تونۇشتۇرغان بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كورىيە خاندانلىقلىرىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرى، قەدىمكى ئويغۇر تىلى بىلەن يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىقىدا ئىككى ئەسىر قوللانغانلىقى، ئاخىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار (يەنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولمىش بىر تۈركۈم خەلقلەر) نىڭ ھازىرقى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىنكاسى ئۇيغۇرچىنىڭ كورىيەدە قوللىنىشى» دېگەن پاراگىرافىدا مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىرىدا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرغان. مەزكۇر ماقالە مۇشۇ مەزمۇننى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن بېرىلدى.

ئورخۇن – يېنىسەي دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى (745-682-يىللار) نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، ئەمەرى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان سوغدى يېزىقىنى قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار خېلى ئۇزاق دەۋىر قوللانغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بىلەن «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتالغان.

بۇ يېزىق كۆك تۈرك يېزىقى① بولۇپ، قەشقەرنى مەزكەز قىلغان ئۇيغۇرلاردا 15-ئەسىرگىچە، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردا بولسا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەرىقتە ياپون دېڭىزىدىن غەرپتە ياۋرۇپاغىچە② بولغان دائىرىدە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇنداق كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشى ۋە تارقىلىشىغا ئىچكى ئاسياغا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئىستېلا ھەركىتى سەۋەبچى بولغان. چۈنكى مۇڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققاندا، ئۆزىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىن ئۆزگە مەرىپەت ھادىسىسى بولمىغاچقا، ھاكىمىيەت مەمۇرىيىتىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر دانىشمەنلىرىگە تايانغان. ئەڭ ئاددىيسى ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئاستانە نامى خانبالىق، خان تېمۇرچىننىڭ سەلتەنەت نامى چىڭگىز (تېڭىز، دېڭىز مەنىسىدە) خان دەپ ئۇيغۇرچە ئاتالغان. شۇڭا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىندا ئۇيغۇر يېزىقى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىپ قوللىنىپ، تۆت ئەسىر دەۋىر سۈرگەچكە، پارىس تارىخچىسى ئەتا مالىك جۇۋەينى③ «ئۇلار، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم بىلەن ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلىۋالدى»④ دەپ زارلانغان.

ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى 11- ئەسىردىلا غەزنەۋىلەرنىڭ سۇلتانلىقىدا دېپلوماتىيە ۋە سودا تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سەلجۇق تۈركلىرى دەۋرىگە كەلگەندە ھەتتا ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەرەپچە دەرىسلىك تۈزۈپ ساقلانغان. ئېلخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگەنگەن. دېمەك، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ ۋە پارس يېزىقى بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئۈچ خىل دېپلوماتىيە يېزىقى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، 15ـ16-ئەسىردە كونستانتىنوپول، (ھازىرقى ئىستانبول) ئوردىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىشلار مەجلىسى بولغانلىقى⑤ ۋە 13-14- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيەدە ئىككى ئەسىر ھۆكۈمەت يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغانلىقىدۇر .

چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، قانۇن-ياساقلارنى كۆچۈرتكۈزگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قۇبلايخان مۇڭغۇل تىل-يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پاسپا ھەزرەتنى تىبەت ۋە سانسكرىت يېزىقى ئاساسىدا يېڭى مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلدۇرغان بولسىمۇ، بۇ يېزىق مەقسەتنى ئىپادىلەشكە قولايسىز بولغانلىقتىن يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋەرگەن⑥. ئەينى چاغدىكى كورىيە مۇڭغۇللارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارغا مەدەنىيەت جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرى كورىيىگىمۇ يەتكەن.

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى خې سۇلې (كورىيىلىك) ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسۇل، چالغۇ-ساز، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كورىيىدە تارقىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۈبھىسىزكى مۇڭغۇل يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە ئوردىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ قوللانغانلىقىدۇر». مۇڭغۇل يۈەن ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي نوپۇزى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇشى يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغان.

مۇڭغۇللارنىڭ ئوردا ئەھلىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا ئۇيغۇلارنىڭ كورىيە ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقانلىقى كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇ سەۋەپتىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەستىن ئالاقىلىشىش ۋە خانبالىقتىكى مۇڭغۇل تۈرك مەمۇرىلىرىگە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا مەجبۇر بولغان كورىيە ساراي ئەھلىلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش شەرت بولۇپ قالغانىدى. كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر زاماندا (13- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە) ئۇيغۇر يېزىقى كورىيەگە كەڭ تارقالغان. يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەكتۇپلەر ئەۋەتىلەتتى. تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، مۇڭغۇل نائىب چەكوك كورىيىلىك خان چۇڭ يولخاننىڭ ئۆزىگە قارشى ھەركەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرچە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، يۈەن سۇلالىسى خانىدىن خان چۇڭ يولنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇددىزىم تارىخىي مۇتەخەسسىسلىرىدىن يى نىڭخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھلىنىشلىرىگە قارىغاندا، چۇڭ يولخاندىن ئىتىبارەن تەخىتتە ئولتۇرغان كورىيەخانلىرى رەسمى نائىبلارنى مۇڭغۇللاردىن تاللاتقۇزغان. كورىيە مۇڭغۇل نازارەتچىلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقى ئوردا يېزىقى بولۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوللانغان بەزى مۇسۇلمانلار كورىيەلىكلەرگە ئاسسملاتسىيە بولۇپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۆز يېزىقىنى قوغداتقۇزغان. بۇ ۋەزىيەت 15-ئەسىردىكى شىمالىي كورىيە خانى دەۋرىگىچە داۋام قىلغان ھەم ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيىدىكى ئەھمىيىتى چوڭ بولغان چەتئەل تىللىرى قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالغان.

كورىيە خانىدانىنىڭ قۇرغۇچىسى تاچوخان سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، يەنى 1395-يىلى 11-ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەنبەدە: ئەسلى ئۇيغۇر ماقامى تەرجىمە مەمۇرى بولغان سول چاڭسۇ خانغا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ، دۆلەت تەرجىمانى تاللاش ئىمتاھانىغا مۇڭغۇلچە بىلەن باراۋەر تىل ئۇيغۇر چىنىڭمۇ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن 30 يىل كېيىنكى، يەنى 1432-يىلىدىكى بىر ۋەسىقىدىن قارىغاندا، ئۇزاماندا دېپلوماتىيە قائىدە-يۇسۇنى ۋازارىتىدە مۇڭغۇلچە، پاسپاچە ۋە ئۇيغۇرچە رەسمىي دەرس قىلىپ ئۆگىتىلگەن.

دۆلەت تەرجىمە مەمۇرلىرى بولۇش ئۈچۈن ئىمتاھانغا ئىلتجا قىلغان تالىپلارنىڭ كۆپ سانلىقى 15-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ئۇيغۇرچىنى رەسمى چەتئەل تىلى قاتارادا قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەت ۋازىرلىرىغىچە ئۆگىتىلگەن. بۇ مەزگىللەردە ئەمدىلا قوللىنىلىۋاتقان كورىيە يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. بىر مەزگىل كورىيە ئوردىسىدا كەڭ تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كورىيە يېزىقىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز. ئۆز يېزىقىغا ئىگە بولالمىغان كورىيە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 56-يىلىدىن، مىلادىيە 660-يىلىغىچە) دىن ئىتبارەن خىتاي يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ قوللىنىشىقا باشلىغان. يەككە كەلگەن خىتاي يېزىقى بىلەن كورىيەچىنى يېزىشقا ئورۇنۇش بىر خىل مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.

ئارىدا بىر نەچچە قېتىم كورىيە يېزىقىنى يېڭىچە يېزىش سىستېمىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقان بولسىمۇ، مۇۋاپىقلاشتۇرالمىغان. كېيىن سې چۇڭخان خەلىقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى جەريانىدا خەلق ئارىسىدا قولايلىق بىر مىللىي يېزىق ئىجات قىلىش خانلىقنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغانىدى، مىڭ يىلدىن بېرى خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بەزى مۇتەسسىپ ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازلىرىغا قارشى ئوردا ئالىملىرىنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە 1446-يىلى يېڭى كورىيە يېزىقى مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. بۇددا راھىپلىرى ھەتتا ئوردادىكى يېڭى كورىيە يېزىقنى ئىجاد قىلغان ئالىم سىن سۇكچۇ⑦ مۇڭغۇلچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەتتى. ئوردادا چەتئەل تىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر ۋە دۆلەت تەرجىمە مەمۇرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئۇيغۇر تىلى كورىيە تىل ئالىملىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا باشقا تىللارغا قارىغاندا سىنتاكىسىس، مۇرفولوگىيە، فونىما ساھەسىدىن، كورىيەچىگە خېلى يېقىن بىر ئوخشاشلىق بار. يېڭى كورىيە يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئۇيغۇر يېزىقى تەركىبلىرىنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىچە كورىيە ئوردىسىدا تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىقى 1427-يىلى چەتئەل تىللىرىدا قوللىنىلىدىغان بىر قانۇن قارار نامىنىڭ ئۈنۈملۈك تەرىپىگە كىرگۈزىلىپ، رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر يېزىق كورىيە جەمىئىيىتىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىرنەچچە ئەۋلات داۋام قىلالىغان بولسىمۇ، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي ئاسسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجى ئاينىپ كورىيەچىلىشىپ كەتكەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆز ئىگىلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئوينىغان رولىغا ماسلىشىپ، 12- ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا مىراسلارنى قالدۇرۇش جەريانىدا شەرقتە ياپون دېڭىزىدىن باشلاپ غەرەپتە شەرقى ياۋرۇپاغىچە بولغان بىپايان دائىرىگە تارقىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىلىرىنى يەتتە ئىقلىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە چېچىپ چىققان. گەرچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى كورىيە خان ئوردىسىدا ئىككى ئەسىرلا خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، كورىيە خەلقى ئاشۇ شانلىق ئىزنى خاتىرلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك تەسىر قالدۇرغان. شۇڭا كورىيە خەلقى ھازىرغا كەلگەندە ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرى پەقەت قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ، پىيۇڭتەك بازىرىدا جاڭ فامىلىلىك بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئائىلىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىزاھات:

① قاھار بارات: «دولوگود ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقات»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، 1982-يىللىق 4-سان، خىتايچە.

② ئەلى مازەھەرى: «خىتاي بىلەن پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1993-يىل 2-ئاي خىتايچە نەشىرى 118-بېتىدە: «ئۇيغۇر تىلى ئەينى چاغدا كونىستانتىنپولدا بەزىلەر بىلەتتى، ھاتتا بەزىلەر تېخى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇيتتى» دەپ يازغان.

③ ئەتامالىك جۇۋەين: «تارىخىي جاھانكۇشاي»، 6-بەت، ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرىياتى، 1980-يىل 5-ئاي، خىتايچە نەشىرى.

④ ليۇ يىتاڭ (تەيۋەن): «تۈرك-ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات»، چىڭشى نەشىرىياتى، 1990-يىل 1-ئاي، خىتايچە نەشىرى، 435-،445-بەتلەر.

⑤⑥ ئەلى مازا ھەرى: «خىتاي ۋە پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»، 118-بەت.

ئەھمەت جەپەر ئوغلى «تۈرك تىلى تارىخى»، 181-بەت، ئەندۇرەن نەشىرىيات ى،1984-يىل، تۈرۈكچە نەشىرى.

⑦⑧ سىن سۇكچۇ: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات »، مىللەتلەرنەشىرىياتى، 1999-يىل4-ئاي، خىتايچە نەشىرى. 253-262-بەتلەرگىچە: كېيىنكى كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاقىل مۇشاۋىرى تۇنيۇقۇقنىڭ قوچودىن كەلگەن ئەۋلاتلىرىنىڭ كېيىن كورىيەگە بېرىپ، ئوردىدا ۋەزىر بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىگە يەتتە قېتىم ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكى، كورىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا ئىچىدە خېلى تەسىرى بارلىقى خاتىرلەنگەن.

⑧ خې سۇلۇ: «ئىسلام تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە تارقىلىشى»، 1988-يىل ئەنقەرە تۈركچە نەشىرى، 173-178-بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى