قەدىمكى تۇرلار

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

قىسقا ماقالە، مەزمۇننى تۇلۇقلاپ تۆھپە كۆرسىتەلەيسىز.

قەدىمكى تۇرلار : قەدىمكى زاماندىكى ھەربى ئەسلىھە . ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان بولۇپ ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قارلغان تۇرلار ئىزلىرتى ئاز ئەمەس .

ھۆججەت:Kucharda.jpg
كۇچادىكى قىزىل قاغا تۇراسى

(1)خەن سۇلالىسى دەۋرى .خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەددىچىن سېپىلى سۇلې دەرياسىغىچە ئىدى ؛ئۇنىڭ غەربىگە سېپىل ياسالماي ‹‹ھەمىشە شىپاڭ سېلىنغان ››بولۇپ ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۇر ئىدى . ئۇلار جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىگە لايىقلاشقان بولۇپ ، سەددىچىن سېپىلى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشقان ۋە ئۆز ئارا تۇتاشقانىدى . كىرورەن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سەل غەربىي شىمالىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ جەنۇبىغىچە ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغان جايلاردا ھازىر يەنىلا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قاتار بىر قاتار تۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇلار : تۇنجى تۇر ، ياقا تۇر ، كالتە تۇر، سىنىر تۇر ، تۆشۈك تۇر ، كۈنپېتىش تۆشۈك تۇر ، شالۋاق تۇر ، ساچقاي تۇر ، شىڭدى تاغ ئېغىزىدىكى تۇرلاردىن ئىبارەت ؛ تېخىمۇ غەرب تەرەپتىكى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ تۇرلار بار بولۇپ ، قارايار ، لايسۇ قاتارلىق تۇرلار بىر – بىرىگە تۇتاشقان . تۇرلار پۈتۈنلەي يەر تۈزۈلۈشى ئېگىزرەك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ ، قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . بىناكارلىق تېخنىكسىدىن قارىغاندا تۇپا بىلەن قومۇش ۋە يۇلغۇن شېخىدىن ياسالغان . جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىدە پەرق بولغاچقا ، تۇرلار ئارىسىدىكى ئارلىقمۇ ئوخشاش ئەمەس ، سەل يىراق بولغانلىرىنىڭ ئارىلىقى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

(2) تاڭ سۇلالىسى دەۋرى . سازىر ساقلىنىپ قالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار تۇرپاننىڭ تۆت ئەتراپىدا ، مەسلەن ، لەمجىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللۈكتە ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ، داخەنگۇدا ، ئۈرۈمچىدىكى تۈز كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ، يەنە كۇچا بىلەن مارالبېشى ئارىسىدىكى يايدى تىم ، ئاقچىن ، دۇۋاي تىم ، چوڭ تىم ، يۇمىلاق تىم ، كىچىك تىم ، ۋە زېتىم قاتارلىق تۇرلارنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تۇرلار ھېسابلىنىدۇ . تۇر بىناكارلىقىدىكى ماتېرىياللار ئاساسەن كېسەك بىلەن يۇلغۇن شېخىدىن ئىبارەت.

(3) چىڭ سۇلالىسى دەۋرى . بار كۆلدىن سانجى ، ماناسقىچە بولغان ئارلىقتىكى تۇرلارنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى . بار كۆلدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ، مورى ، گۇچۇڭ ، جىمسار ، فۇكاڭ ناھىيىلىرى تەۋەسىگە بارىدىغان يول بويلىرىدا دۆڭلەر كەينى كەينىدىن ئۇچرايدۇ . سانجىدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ ، قۇتۇبى ، ماناس ناھىيىلىرى تەۋەسىگە كىرگىچىمۇ مۇشۇنداق ئىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۇلار بار كۆلدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى جياڭجۈنى تۇرۇشلۇق چايغىچە بولغان قاتناش ۋە ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . تۇرلارنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇزۇنسىغا كەسمە يۈزى تراپىتىسىيە شەكلىدە ،خاڭداپ ياسالغان ، خاڭدالغان قەۋەتلەر ئارىسىغا كىچىك كالتەكلەر ياتقۇزۇلغان ، يەنە يالپاق تاشلار بىلەن توپا ئارىلاشتۇرۇپ ، ۋە يۇلغۇن ، قۇمۇش باستۇرۇپ ياسالغانلىرىمۇ بار . تۇرلارنى ياساشتا شۇ يەردىن ماتېرىيال ئېلىش پىرىنسىپ قىلىنغان . تۇرلار ئەينى يىللاردىكى ھەربىي مۇداپىئە ئىشلىرى ، خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش سېستىمىسىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى قاتناش لىنىيىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .