قەدىمكى يۇناندىكى ئەڭ مەشھۇر شەھەر

ئورنى Wikipedia

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردىن 6- ئەسىرگىچە يۇناننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان ، ئافېنا بىلەن سىپارتا قەدىمكى يۇنانندىكى مەشھۇر شەھەر دۆلەتلەردۇر .

 

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە يۇناننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان، ئافېنا بىلەن سىپارتا قەدىمكى يۇنانندىكى مەشھۇر شەھەر دۆلەتلەردۇر. ئافېنا يۇناننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ياخشى پورتلار كۆپ ئىدى، ئۇ دېڭىزچىلىق بىلەن سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىنەتتى. ئافېنانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغانىدى. ئافېنالىقلار ئەقىل-پاراسەتكە ۋە ئىجادچانلىق روھىغا باي ئىدى. سىپارتا يۇنان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمىئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئافېنادىن زور دەرىجىدە پەرقلىنەتتى. سىپارتا قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك ئاھالە ۋە قۇللارنى باستۇراتتى ۋە قۇل قىلاتتى. سىپارتادا قاتتىق ھەربىي مەشىق تۈزۈمى يولغا قويۇلاتتى . يۇناننىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىىش مەزگىلىدە سىپارتا ئافېنانى يېڭىپ، يۇنانغا زومىگەر بولغان.