قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا (قەشقەر 6- ئوتتۇرا مەكتەپ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەسلى نامى قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1956-يىلى قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا قۇرۇلغان. 1961-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1983-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشتىكى ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1981-يىلى ۋىلايەتلىك پۇتبول جەھەتتە نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1982-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1988-يىلى كوللېكتىپ تەنتەربىيە تۈرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، 1993-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى سۆيۈش پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئورۇن، بەشنى تەكىتلەش، تۆتتە گۈزەل بولۇشتا ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 83280 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 96583 كۋادرات مېتىر. بىر پارچە 39960 كۋادرات مېتىرلىق پىراكتىكا دېھقانچىلىق مەيدانى بار. مەكتەپ شتاتى 166. 1999-
يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 15 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 36، ئوقۇغۇچى 1778 نەپەر
مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى
| ئوقۇتقۇچى | دەرس | |||
|---|---|---|---|---|
| ئەمەت سادىر | پەلسەپە | |||
| رىشات ياسىن | بىيولوگىيە | |||
| سائادەت | ماتېماتىكا | |||
| سەيپىدىن | ماتېماتىكا | |||
| ئايشەم | سىياسەت | |||
| ھوشۇر قادىر | ئەدەبىيات | |||
| سۇلايمان | ئەدەبىيات | |||
| مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىم | گىرامماتېكا | |||
| كامىل تۇرسۇن | فىزىكا | |||
| ئابدۇسەمەت ماڭسۇر | خىمىيە | |||
| ئابدۇرېھىم ھاشىم | جۇغراپىيە | |||
| رىشات ياسىن | بىيولوگىيە | |||
| ئامانگۇل ھوشۇر | ئەدەبىيات | |||
| ياسىن ئىسمائىل | ئەدەبىيات | يازغۇچى، شائىر | ||
| مۇتەللىپ | رەسىم | |||
| خاتىمە | ماتېماتېكا | |||
| روشەنگۈل ئابلەت | خەنچە | |||
| ئابلىمىت ئىمىن | ماتېماتىكا | |||
| جىلىل ئابدۇرېھىم | ماتېماتىكا | |||
| ئەخمەت ھەسەن | ||||
| مەمەتتۇرسۇن ياسىن | ||||
| نىجات ھېزىم | ||||
| سۇلايمان مەمەت | ||||
| تۇرسۇن قادىر | ||||
| ئابدۇراخمان ئېلى | ||||
| ئايخان | ||||
| نۇرىمان ئابدۇرېھىم | ||||
| پاتىمە قاسىم | ||||
| مەمەتئېلى | ماتېماتىكا | |||
| مىكەرەم | خىمىيە | |||
| ئىمام زۇنۇن | ماتېماتىكا | |||
| ئابلىمىت ئىسمايىل | ||||
مەنبە: بىلقۇت لۇغىتى