قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى

ئورنى Wikipedia

<قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى> (پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن قىسمى) - پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، قەشەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى باشقۇرىدۇ، <قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى> تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1979 - يىلى روزى سىدىقنىڭ مۇھەررىرلىكىدە قەرەلسىز، ئۇنىۋېرسال نەشر قىلىنشقا باشلىغان، 1981 - يىلدىن تارتىپ ئاساسەن يىلدا تۆت سان نەشر قىلىنغان، 1989 - يىلدىن تارتىپ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن قىسمى بىلەن تەبىئىي پەن قىسمى ئايرىلغان ھەم مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش، ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. بۇ ژۇرنال پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى قاتارىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ھەققىدكى تەتقىقاتلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ. ژۇرنال ھازىرغىچە چىققان 50 نەچچە سانىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، چەت ئەل ئەدەبىياتى، ئەدەبىيات تەنقىدىگە ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، <قۇتادغۇبىلىك> تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]