Jump to content

قەشقەر چوڭ بازىرى

ئورنى Wikipedia

قەشقەر چوڭ بازىرىنىڭ تولۇق نامى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى، قەشقەر شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، شەرقىي چوڭ بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆلىمى 250 مو، ئىچىدە 21 كەسپىي بازار بار، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا بازىرى.

قەشقەر چوڭ بازىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا بازىرى. قەشقەر قەدىمكى يىپەك يولىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، تاۋار يىغىش-تارقىتىش ئورنى، شۇ يىلى شىئەندىن يولغا چىققان سودا كارۋانلىرى، مەيلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى تەڭرىتاغ شىمالىي يولىدا ماڭسۇن، ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ يىغىلغان.

بۇ يەردىكى بازار ھازىرغىچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، قەدىمكى «ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بازار» دېگەن نامى بار. بازاردا 5000 دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مىڭ خىل تاۋار بار، ھەر كۈنلۈك ئادەم ئېقىم مىقدارى 100 مىڭدىن ئارتۇق.

قونجىراپ قىرغىقى ۋە تورغات چېگرا ئېغىزى ئارقا-ئارقىدىن سىرتقا ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا تاۋار يولى ئېچىلغان، نۇرغۇن چەت ئەللىك ساياھەتچى ۋە سودىگەر سودا ئۆمىكىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، زور مىقداردىكى چەت ئەل تاۋارلىرىنى ئېلىپ كىلىپ ساتقان، چوڭ بازاردى يەنە نۇرغۇن جۇڭگو تاۋار-ماللىرىنى سېتىۋالغان.

1992-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ بازاردا پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا تىجارەت قىلىنغان، شۇڭا ھازىرغىچە يەنىلا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ بازارنى «يەكشەنبە  چوڭ بازار» دەپ ئاتايدۇ، ھازىر بۇ بازار ھەر كۈنى تىجارەت قىلىدۇ، ئەمما پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا بازارنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مىسلىسىز كۆلەمىنى ئاندىن ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]