Jump to content

قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېيى

ئورنى Wikipedia

قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېيى 1992-يىلى قۇرۇلغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 2360 كۋادرات مېتىر. ئاساسىلىقى «شىنجاڭ يىپەك يولى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان تاش قوراللار دەۋرى، تۇچ دەۋرى، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى ھەم قاراخانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىي كۆرگەزمە قىلىنغان.

تەرەققىيات تارىخى

[تەھرىر]

قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېيى 1989-يىلى قۇرۇلۇشى پىلانلانغان، 1990-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1992-يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملانغان. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. 1996-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات تەربىيەسى بازىسى» دەپ نام بىرىلگەن. مۇزېي قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ئورنى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرگەن. مەدەنىيەت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېيىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.

مەنبەلەر

[تەھرىر]