قەشقەر (كەنت)
قەشقەر كەنتى (ئۆزبېكچە: Qashqar dahasi)— ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتى باشبالىقى (پايتەخت) تاشكەنت شەھىرىنىڭ يۇنۇسئاباد ناھىيەسىگە قاراشلىق كەنت (دەھە — ئون تۈتۈنلۈك). قەشقەر كەنتى شەھەرنىڭ تارىخىي قىسمى بولۇپ، ئەسكى تاشكەنت ئەتراپى، شەھەر سېپىلىنىڭ قەشقەر دەرۋازاسىدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئەنھار ئۆستىڭىنىڭ سول قىرغىقىدا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا ئۇشبۇ رايوننىڭ رەسمىي بولمىغان نامى — قەشقەركە كۆپرەك تارقالغان، بۇ نام بەزى باسما نەشرلەردە، خۇسۇسەن، تۈرلۈك مۇئەللىفلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.
ئۆتمۈشى
[تەھرىر]قەشقەر تاشكەنتنىڭ تارىخى رايونى[1] بولۇپ، 17 — 18 - ئەسىرلەردە قەشقەردىن كەلگەن كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. قەشقەر ئولتۇراق رايونىغا يېقىن بولغان تاشكەنتنىڭ قوقەند دەرۋازىسىمۇ قەشقەر دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان[2]. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، قەشقەر دەرۋازىسى تاشكەنتكە بارىدىغان ئاساسلىق دەرۋازىلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ يولدىن كارۋانلار بۈيۈك يىپەك يولىنىڭ قەدىمكى بۆلىكىنى بويلاپ جۇڭگودىن شەھەرگە كىرگەن.
فېئودالىزمنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تاشكەنتتە، قەشقەر دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى رايوندا «قەشقەر» دەپ ئاتىلىدىغان 127 ئائىلىلىك بىر مەھەللە بار ئىدى («كاشغەركە» شەھەرنىڭ يەر شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان يەرنامى). ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىدى. ئاساسەن سودىگەرلىك بىلەن شوغۇللىناتتى. بۇ يەردە بىر بازار، كارۋانساراي (دەڭ، ئۆتەڭ)، مەسچىت ۋە باشقا ئەسلىھەلەر بار ئىدى. كېيىن، ئۇيغۇرلار يەنە پاركېنت (ھازىرقى تاشكەنت ۋىلايىتى) غا ئورۇنلاشقان.[3]
قەشقەر سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قايتا قۇرۇلغان تاشكەنتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دەسلەپتە قەشقەر رايونىدا ھەربىي گازارما قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنچە نۇرغۇن تۇرالغۇ بىنالار قۇرۇلدى، كۆپرەك ئىجارىگە قويۇلغان بۇ تۇرالغۇلاردا يېڭى شەھەر مەركىزىدىكىگە قارىغاندا نامراتراق ئاھالە ئولتۇراقلاشتى. بۇ رايوننىڭ كۆلىمى شەرتلىك رەۋىشتە ئوردا تەرەپ ئەنھار ئۆستەڭ كۆۋرۈكى يېنىكىدىكى شەھەرلىك مەمۇرىي مەھكىمە (ساقچى مەركىزى) نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى دېيىشكە بولىدۇ. رۇس رەسسام ۋاسىلى ۋېرېشچاگىن ئۆزىنىڭ تۈركىستان ئېتنوگرافىيە ئەلبۇمىنى تۈزۈش جەريانىدا مانا شۇ قەشقەر كەنتىدە تۇرغان[4]. بۇ رايوندا 1864 - يىلى گېنېرال چېرنيايېڤ تەرىپىدىن تاشكەنتكە قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن چاررۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ خاتىرە قەبرىستانى ئەتراپىغا قۇرۇلغان ئوبۇخوف مەيدانى بار بولۇپ، 1910 - يىلى قەبر ئۈستىگە ئابىدە ئورنىتىلغان، ئەمما كېيىن 1918 - يىلى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن.[5]
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللارىدا قەشقەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋراپا قىسمىدىن كۆچمەن كەلگەن كىشىلەر، جۈملىدىن ياھۇدىيلەر[6]، ئاممىۋى رەۋىشتە پاناھ جاي بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە تونۇلغان ئىسرائىلىيەلىك رۇس تىللىق يازغۇچىلىرىدىن دىنا رۇبىنا (Дина Рубина) ۋە ئېلى ليۇكسېمبۇرگ (Эли Люксембург) ئۆز كىتابلارىدا يازغان.
1966 - يىلى 4 - ئايدا تاشكەنتتە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى قەشقەر رايونى ئىدى. مەزكۇر تەبىئىي ئاپەتتىن شەھەرنىڭ بۇ قىسمى ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، تۇرالغۇ بىنالار ۋە ئاممىۋى باغچىلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. تاشكەنت شەھىرى قايتا قۇرۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، تارىخى قەشقەر رايونغا سېلىنغان يېڭى تۇرالغۇ جايغا C-4 ئىسمى بېرىلدى. كونا بىنالاردىن ئوبۇخوف مەيدانىدىكى پەقەت ئۈچ قەۋەتلىك بىر يۈرۈش بىنا ۋە بىر قانچە تۈپ قېرى ئاكاسيە دەرىخى قالدى. 1970 - يىلى بۇ يەردە «جاسارەت» خاتىرە سارىيى ۋە بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەگە بېغىشلانغان مۇزېي قۇرۇلدى[2].
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، تاشكەنتتىكى رايونلار ۋە مەھەللىلەر ئەسلىدىكى تارىخىي ئىسىملىرىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان، C-4 رايونىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.[6] 1990 - يىلى بۇ مەھەللە رەسمىي ھالدا قەشقەر دەپ ئۆزگەرتىلدى.[7][8]
مەدەنىيەتتە
[تەھرىر]«قەشقەركە» ئىسمى جاسۇر ئىسھاقوف نىڭ «تۇر ...» (1992) ناملىق فىلمى ئۈچۈن يازغان ناخشىسىنىڭ قايتارمىسىدا تىلغا ئېلىنغان.[9] كېيىنچە ئەسەر كىچىك لىرىك ئۆزگىرىشلەر بىلەن كېيىن بورىس توختاخۇنوفنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن ئورۇنلىشىدا داڭق چىقىرىپ، ناخشىچىنىڭ ئىمزا كۈيىگە ئايلانغان:
Ах, Кашгарка, Кашгарка, Кашгарка!
Тупики, переулки, дворы.
Мы гуляли с тобой по Кашгарке,
Целовались всю ночь до зари
ئاھ ، قەشقەركە ، قەشقەركە ، قەشقەركە!
خالتا كوچىلار، تار كوچىلار، ھويلىلار.
بىز قەشقەركەدىن ئۆتتۇق،
كېچە تاڭ ئاتقۇنچە سۆيۈشتۇق.[10]
پايدىلانمىلار
[تەھرىر]- ↑ ئىسلام كەرىموڤنىڭ تاشكەنت شەھىرىنىڭ 2200 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىم يىغىنىدا قىلغان سۆزى
- 1 2 К 2200-летию Ташкента (تاشكەنتنىڭ 2200 يىللىقى ئۈچۈن)، 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ Уйгуры Узбекистана (ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى)، 2025-09-22 كۈنى مۇقىمدالدى
- ↑ «Говорящая» карта столицы (سۆزلەيدىغان «پايتەخت» خەرىتىسى) 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ Русский Ташкент (رۇس تاشكەنتى)، 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ Топонимика — история Ташкент (يەرناملىرى -- تاشكەت تارىخى)، 2025-09-22- كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ Атлас «Ташкент» малый. / Чернявская Т. Б. — Ташкент: Госкомгеодезкадастр, 2007. — С. 119. — 122 с. — ISBN 978-9943-15-128-4.
- ↑ Переименование массивов в Ташкенте (تاشكەنتنىڭ جاي ئاتلىرىنى ئۆزگەتىش) 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ كاشگاركا ئاتلىق ناخشىنىڭ يۇتيۇبتىكى ئۇلىنىشى، 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ كاشكاركا ئاتلىق ناخشىنىڭ تولۇق مەتنى، 2025-09-22 - كۈنى مۇقىمدالدى.