قەمبەر خانىم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

قەمبەر خانىم 1922-يىلى قەشقەردە ئەمەت ئىسىملىك سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئالمۇتا ئۇسۇل مەكتىپى، موسكۋا ئۇسۇل ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى. 1939-يىلى ئالمۇتا قىزىل بايراق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىلى يەنە موسكۋا مۇزىكا-ئۇسۇل ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، كېرمىل سارىيى تىياتىرخانىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارتىستلىرى بىلەن بىرگە سابىق سوۋېت قۇرۇلتىيىدىكىلەرگە ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ئويۇندا ستالىن تاماشىبىنلار ئورنىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ئولتۇرغان ئىدى. قەمبەر خانىم سىتالىننى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدى ھەم ھاياجانلاندى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىتالىننىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

ھاياتى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرى[تەھرىرلەش]

1941-يىلى موسكۋا مۇزىكا-ئۇسۇل ئىنستىتۇتى چەتئەلگە ئويۇن قويۇشقا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى. سەنئەت يېتەكچىسى قەمبەر خانىمغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى نەسىھەت قىلىپ، بىر پارچە جەدۋەلنى بەردى ___«ھازىر سىز ناھايىتى داڭلىق بولۇپ كەتتىڭىز. سوۋېت ئىتتىپاقى گىراژدانلىقىغا ئۆتسىڭىز تېخىمۇ زور شان شەرەپكە ئېرىشىسىز» دېدى سەنئەت يېتەكچىسى.

قەمبەر خانىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىپ پۇچىلىنىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىغا كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىل بولۇپ، خەلقنىڭ زور ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلىدى. شۇنداقتىمۇ قەمبەر خانىم سەنئەت يېتەكچىسىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سەنئەت يېتەكچىسى قەمبەر خانىمنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەندى. 1942-يىلى يازدا قەمبەر خانىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن مەكتەپتىن مۇكاپات بەرگەن پاتېفون ۋە سىم كارىۋاتنى ئېلىپ، ئانىسى ۋە قىزى بىلەن بىرگە ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

قەمبەر خانىم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن چۆچەك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىدى. كېيىن ئۈرۈمچى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىست بولدى. 1943-يىلى شىنجاڭنىڭ مىللىي كۆرۈكىگە قاتنىشىپ، «نىم پەدە»،«ئۇششاق مۇقامى» ناملىق ئۇسۇللارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەتكارى» دەپ تەرىپلەندى. شۇندىن كېيىن قەمبەر خانىم خەلق ئىچىدىكى سەنئەتكارلاردىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، بىر تۈركۈم ئۇسۇللارنى رەتلەپ، ئىجاد قىلدى ۋە ئورۇنلىدى. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن «تەخسە ئۇسۇلى»، «نازىركوم»، «ئالمىخان»، «قارا يورغا»، «قەشقەر سەنىمى» قاتارلىق ئۇسۇللار ئۇنىڭ سالماق، نەپىس بەدىئىي ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىدۇ.

1947-يىلى قەمبەر خانىم شىنجاڭ ياشلار ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى بىلەن بىرگە نەنجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ، تەيۋەنگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى زىل زىلىگە سالدى. كىشىلەر ئۇنى «ئۇيغۇر گۈلى»، «تەڭرىتاغ گۈلى» دەپ تەرىپلەشتى. قەمبەر خانىم «تەڭرى تاغ گۈلى» ناملىق فىلىمدە تەخسە ئۇسۇلىنى ئوينىدى. شاڭخەيدە ئويۇن قويۇش جەريانىدا مېي لەنفاڭ، دەي ئەيليەنلەر بىلەن كۆرۈشتى.

قەمبەر خانىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى شىنجاڭدا بىر سەنئەت مەكتىپى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش ئىدى

قەمبەر خانىم 1951-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي شىمال سەنئەت ئىنستىتۇتى مىللەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى بولغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 4-، 5-، 6-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 4-، 5-، 6-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.

قەمبەر خانىم ۋەتەنپەرۋەر ئۇسۇل پېشۋاسى بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سەنئەت تۇپرىقىدا پىشىپ يېتىلدى. سەنئەت ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىمۇ دولان يۇرتى مەكىتكە بېرىپ، دولان ئۇسۇلى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئۇ ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «چىنە ئۇسۇلى» «20-ئەسىردىكى دۇنياۋى نادىر ئۇسۇل» قىلىپ بېكىتىلدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئۈندىدار