قەھرىمانلار ۋە مىللەت
قەھرىمانلار ۋە مىللەت
شۇنداق دۆلەتلەر باركى، دەھشەتلىك بوھرانلارنى باشتىن كەچۈرگەن ياكى پۈتۈنلەي ھالاك بولۇپ تۈگىگەن. يەنە شۇنداق دۆلەتلەر باركى، داھىيانە بىر ھۆكۈمرانلىق ئاساسىدا ھاياتلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى خىل ئۆرنەك پەقەتلا دۆلەت ئەربابلىرىنى، مىنىستىرلارنى، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ياكى پادىشاھلارنى ئالاقىدار قىلىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى مىللەت ئىچىدىكى ھەربىر شەخسنى ئالاقىدار قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر. يەنى بۇ مەسىلىلەر ئەر - ئايال، قېرى - ياش، شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەقلى جايىدا، پۇت – قولى ساق ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق مەسىلىسىدۇر.
دۆلەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ياكى ئاجىزلىشىشىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىلغارلىشىشى ۋەياكى قالاقلىشىپ كېتىشىنى پەقەتلا دۆلەتنىڭ ئىدارە - ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ لاياقەتسىزلىكىگە، يارامسىزلىقى ۋە قابىلىيەتسىزلىكىگە باغلىۋېلىش توغرا ئەمەس. ئىدارە خادىملىرى ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن، قەھرىمان ياكى زالىم بولسۇن، مەلۇم مەنىدە ئۇلارمۇ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغۇچىلاردۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارمۇ مىللىي روھنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىلىرىدۇر. ھەممىسى دېگۈدەك شۇ خەلق ئارىسىدا تۇغۇلۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە بىر مىللەت قانداق بولسا، ئىدارە - خادىملىرىمۇ شۇنىڭغا بېقىپ بولىدۇ. شۇڭا بۇرۇندىن تارتىپ «ھەر مىللەتنى شۇ مىللەتكە لايىق رېجىم، ئاڭا لايىق ئادەملەر باشقۇرىدۇ» دەپ ئېيتىلغان.
مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلى ئانچە ياخشى چۈشىنىلمەي كەلگەن بۇ ھەقىقەتنى يەنىمۇ بىر ئاز ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدىمدىن بېرى مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ كەلگەن ھەمدە پەلسەپەۋىلىككە ۋە تارىخىيلىققا ئىگە بولغان مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىچە: مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى زادى كىملەر يارىتىدۇ؟ دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر زادى كىملەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن قولغا كەلگەن؟ ئايرىم ساندىكى بۈيۈك ئىنسانلار تەرىپىدىنمۇ؟ يەنى ئىنگلىز مۇتەپەككۇر توماس كارلىل ئېيتقاندەك: «قەھرىمانلار تەرىپىدىن»مۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ خىل چوڭ ئۆزگىرىشلەر مىللەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك غەيرەت قىلىشى، خەلق روھىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئويغىنىپ ھەرىكەتكە كېلىشىدىن بارلىققا كەلگەنمۇ؟
بۇ مەسىلىدە توماس كارلىل بىرىنچى خىل كۆز قاراشنىڭ تەرەپدارى بولغان ۋە بۇنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندۇر. ئىككىنچى خىل كۆز قاراش بولسا، لېف تولستوي تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنغان قاراشتۇر.
كارلىل ئۆزىنىڭ «قەھرىمانلار ۋە تارىختىكى قەھرىمانلىقلار» ناملىق ئەسىرىدە قەھرىمانلارنىڭ تۇتقان يولىنى «كۇلت»، قەھرىمانلىق ماھارىتىنى بولسا، «كۇلتۇر» دەپ ئىپادىلەيدۇ. كارلىلنىڭ قارىشىچە، مىللەت دېگەن جانسىز بىر تۇپراق تەبىقىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇ بىرەر سەنئەتكارنىڭ قولىغا چۈشمىگەن تەقدىردە، ئەبەدىلئەبەد شەكىلسىز ۋە ھەرىكەتسىز پېتى قېلىۋېرىدۇر. ئەگەر ئۇنى كسار، ناپالېئون، بۈيۈك پەترو، سوقراتقا ئوخشاش سەنئەتكارلار، بۈيۈك ئىنسان ۋە بۈيۈك قەھرىمانلار چىقىپ قولغا ئالغىنىدا، ئۇلار تۇپراقنى خالىغان شەكىلگە كەلتۈرەلەيدۇ.
ئالايلۇق، چىڭگىزخان ئاسىيانىڭ چۆلىدىن مىليونلارچە خەلقنى ئەتراپىغا توپلىدى. چىننى (خىتاينى)، ھىندىستاننى، ئىراننى، بۇرۇنقى رۇسىيەنى ئىستېلا قىلدى. پېتر ئاميەنىسكى قۇدۇسنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن بىر پۈتۈن ياۋروپا كاتولوگلىرىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. مارتىن لوتېر ئىسلاھات ئېلىپ باردى. نىيرونلار، كالىگولالار كونا رىمنى مۇنقەرز قىلدى. بىسماركلارنىڭ ۋە خوخېنسۈلزىنلەرنىڭ پولىتىكىسى (سىياسىي ئىستراتېگىيەسى) گېرمانىيەنى دەھشەتلىك قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار قىلدى.
خۇلاسە قىلغاندا، كارلىلنىڭ پىكرىچە بولغاندا، مىللەتلەرنىڭ ۋە ھەتتا بارچە كىشىلىك دۇنياسىنىڭ تارىخىنى ياراتقانلار مەنىۋىيىتى كۈچلۈك، زېرەك ۋە ئىستېداد ئىگىسى بولغان كىشىلەردۇر، يەنى قەھرىمانلاردۇر. تارىختا ئۆتكەن رەمسىسلەر، رومولوسلار، تىستوكىللەر، بىسماركلار ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كاتېگورىيەگە كىرىدۇ.
لېف تولستوي بولسا، يۇقىرىقى قاراشنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىنى ئىددىئا قىلىدۇ. تولستوي دەيدۇكى، ھاياتنى بەرپا قىلغۇچى، ۋەقەلەرنىڭ رېلىسىنى بەلگىلگۈچى، ھەمدە بۇلارنىڭ خاراكتېرىنى، رەڭگى رۇيىنى بەلگىلىگۈچىلەر قانداقتۇر ناپالېئوندەك ئالاھىدە كىشىلەر بولماستىن، بەلكى خەلق سىنىپىدۇر.
بۇنىڭغا قارشى توماس كارلىل دەيدۇكى، خەلق سىنىپى دېگەن چىرىپ سورىلىپ ياتقان سامانغا ئوخشايدۇ. بۈيۈك شەخسلەر، يەنى قەھرىمانلار بولسا، كۆكتىن ياغقۇچى ۋە سامانغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى چاقماققا ئوخشايدۇ.
تولستوي قوپوپ دەيدۇكى: «ئۇنداقتا، تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى. دېڭىزلاردا چوڭ، بەكمۇ چوڭ بىر كېمە ھەرىكەتلەنمەكتە. كېمە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، كېمە ئالدىدىكى سۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ. قېنى كىم بۆلۈنۈۋاتقان بۇ سۇلار كىمىنى سۆرەپ مېڭىۋاتىدۇ، دېيەلەيدۇ؟ شۇ ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، سۇنىڭ بۇ بۆلۈنۈشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقىنى كېمىنىڭ دەل ئۆزى. سۇنى ئۆز ئالدىغا بۆسۈپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقىنى كېمە. دېمەك كۈچ ئەسلىدە كېمىنىڭ ئۆزىدىن (ئىچىدە جەريان قىلىۋاتقان ھەرىكەت كۈچىدىن) كەلگەن. بۆلۈنۈپ ئېقىۋاتقان سۇلار بولسا، كېلىپ چىققان نەتىجىدۇر. خۇددى شۇنىڭدەك بىر مىللەتتە ھەرىكەت كۈچى پەيدا بولغىنىدا، مىللەت ئۆزلۈكىدىن تەۋرەيدۇ. ئالدىغا چىققان سۇلارنى بۆسۈپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۆز ھاياتىنى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شەخسنىمۇ مىللەت ئۆز ئىچىدىن رەھبەر قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ».
«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىنىڭ يازغۇچىسى بولغان لېف تولستوي ئەگەردە كارلىلنىڭ چاقماق ھەققىدىكى تەمسىلىنى قوبۇل قىلسا ئىدى، بەلكىم شۇنداق دەر بولغىيدى: «دۇرۇس، بۈيۈك شەخسلەر دەرۋەقە قەھرىمانلىقتا بەئەينى چاقماق رولىنى ئۆتىشى مۇمكىن. لېكىن خەلق سىنىپى قانداقتۇر تۇپراق تەبىقىسى ياكى سامان يىغىندىسى ئەمەس. ئاشۇ چاقماقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنمۇ ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ ئۆزى. قاچان بىرەر بۇلۇت ۋەياكى بۇلۇتلار تۈركۈمى ئېلېكتىرىك بىلەن بىرلەشسە چاقماقمۇ شۇ زامان ئۆزلۈكىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر بۇلۇتتا ئېلېكتىرىك بولمىسا، چاقماقمۇ ھېچ ۋاقىت پەيدا بولالمايدۇ. بۇلۇتلار پەقەتلا نەم ۋە پار ھالىتىدە توپلىشىدۇ. مىللەتلەرمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر بىر مىللەتتە ئەزىمەتلىك ۋە قەھرىمانلىق ئىلمېنىتلىرى تېپىلىدىغانلا بولسا، ئۇ چاغدا مىللەتتىن چاقماقلار تۇغۇلماي قالمايدۇ. چۈنكى قەھرىمانلىقلار دېگەن مىللەتنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. ناۋادا خەلق سىنىپى سوغۇق، نەم ۋە پار يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ھېچبىر قۇۋۋەت ئۇنىڭدىن چاقماق چىقىرالمايدۇ».
خوش، يۇقىرىقى بىرىنچى قاراشقا قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۇ ئىككى نەزەرىيە قارىماققا بىر – بىرى بىلەن زىتلىشىدىغاندەك، بىر – بىرى بىلەن ئۇيۇشمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ ۋە ئىككىسىدىن بىرنى تاللاش لازىم كېلىدۇ.
بۇ يەردە زادى كىمنىڭ توغرا؟ كارلىلنىڭمۇ ياكى تولستوينىڭمۇ؟ كارلىل بىلەن تولستوينىڭ نەزەرىيەلىرىنى سېلىشتۇرغان چاغدا، بۇ ئىككى نەزەرىيەدىكى زىتلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە شەكلىي زىتلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا چوقۇم يا كارلىلنىڭ توغرا، ياكى تولىستوينىڭ توغرا، دەپ تەرەپ تۇتۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى نەزەرىيەنى بىرلەشتۈرۈپ «كارلىل ۋە تولستوي نەزەرىيەسى» دەپ ئاتاش لازىم. چۈنكى كارلىلنىڭ دەۋاتقىنىمۇ توغرا، تولستوينىڭمۇ توغرا. بۇ ئىككىسىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاقچىنىڭ (تەڭگە پۇل) نىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھەر ئىككىسى نىسبەتەن توغرا بولۇپ، قەھرىمان خەلقنى ھاياجانغا سالىدۇ، قىزىقتۇرىدۇ. ئەمما قەھرىمان بۇ ئىشنى ئۆز مىللىتىدىن ئالغان ئوت ۋە ھاياجان ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەسە (كۆيدۈرگۈچى ئەينەك)نى مىسال قىلايلۇق. بۇ خىل ئەينەك شۇنداق ياسالغانكى، مەلۇم بىر دائىرىگە يېيىلغان قۇياش نۇرىنى بىر نۇقتىغا يىغىدۇ. نۇرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىدىن پارلاق بىر نۇقتا ھاسىل بولىدۇ – دە، قۇۋۋەتلىك بۇ نۇقتا ئوتۇن، قەغەز، سامانغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. تاشنى، ئەينەكنى، تۆمۈرنى قىزىتىدۇ.
مىللەت ئارىسىدىن چىققان ھەر بۈيۈك شەخس ئۆز نۆۋىتىدە ئۇشبۇ كۆيدۈرگۈچى ئەينەكتۇر. ئۇ مىللەتنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە توپلايدۇ ۋە توپلىغان بۇ كۈچ ئارقىلىق مىليونلىغان خەلقنىڭ روھىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ. لېكىن ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، خەلق ئاپتاپتىن يوقسۇل قالغان بولسا، ئۇ چاغدا ھەرقانداق ئەسۋابنىڭ بىرەر قان تامچىسىنى قىزىتىشقىمۇ، بىرەر سۇ تامچىسىنى ئىسىتىشقىمۇ قۇدرىتى يەتمەيدۇ.
شىۋېيتسارىيە قېتىقى پەقەت ۋە پەقەت ئېگىز تاغلاردا ئوتلايدىغان ئىنەك سۈتىدىنلا ئۇيۇتۇلىدۇ. ئوخشىمىغان زاماندا، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن يېتىشىپ چىققان شەخسلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇلار گويا مىللەتنىڭ غۇنچىلىنىشقا باشلىغان خۇش - پۇراق ھىدلىرىدۇر. ناپالېئون بۇرۇنقى تىنچلىقپەرۋەر چىندا يېتىشىپ چىققان ئەمەس، بەلكى فىرانسىيەدە يېتىشىپ چىققان. ئەنگلىيە دارۋىننى يېتىشتۈرگەن ۋە «ھايات غەۋغاسى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە بولسا، «ئەدەمى مۇقاۋەمەت (تىنچلىقپەرۋەر)»لىك تەرەپدارى بولغان تولستوينى يېتىشتۈرگەن. يەنى بۇ ئىشلار يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە روي بەرگەن ئەمەس.
ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا بۇ ئىش ئەنە شۇنداق جەريان قىلىدۇ. گېرمانىيەنى جاھان ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرگىنى يالغۇز ۋېلھەلم ئەمەس. بۇ يەردە ئەكس ئەتكىنى پەقەتلا نېمىسلارنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋە لۈكچەكلىك روھى بولۇپ، بۇ روھ بىسماركلاردا، ۋېلھەلملەردە، ھېيدىنبورگلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشتا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۆتىگەن، خالاس!
قەدىمقى رىمنى نروۋىنلار، كاراكالالار ۋە كومودلار يىقىتمىدى. ئەمما شۇ ئېنىقكى، ھەر نەرسىگە خىرىس بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئىسپانىيە لويالارنى، گېرمانىيە بولسا گروپنى يېتىشتۈرۈپ دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.
ھەر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە مېخانىزمىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يا قۇدرەتلىك بىرىنى چىقىرىدۇ ياكى بولمىسا تايىنى يوق ئادەملەرنى باش قىلىپ سايلايدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئىش بېشىغا كېلىشى مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە، ھال - ساپاسىغا باغلىق.
ئۇنداقتا سوئال شۇ: ئەجەبا مىللەت ئىچىدە ئەنە شۇنداق يىغىلغان جەۋھەرلەر بارمۇ يوق؟ ياكى بۇندىن كېيىن يىغىلامدۇ؟ يىغىلغان ئەھۋالدا، بۇ جەۋھەرلەر مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، ۋىجدانىنى تاكامۇللاشتۇرامدۇ ياكى مۇشۇ پېتى چىرىپ زەھەرلىنىپ، پەس ۋە سەفىل (خار – زەبۇنلۇق) بىر ھاياتنى ياشاپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟
بۇ ئورۇندا ھەربىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ خاراكتېرى ۋە پائالىيەت تەرزىنىڭ قانداق يوسۇندا كېتىۋاتقانلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەجەبا، بىز مەملىكىتىمىز ئۈچۈن زادى نېمە قىلالاۋاتىمىز؟ مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى بارىسىدىكى رولىمىز زادى نېمە بولۇۋاتىدۇ؟...
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 238 - سان، 1949 - يىل، 6 - فېۋىرال.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى