كارىز
كۆرۈنۈش

كارىز (لاتىن: Kariz؛ كرىل: Кариз) يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىدىغان سۇغىرىش سىستېمىسى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىجاد قىلغان يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۆنەلگەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە كولانغان ۋە ئاستى بەلگىلىك ئۆلچەمدە بىر- بىرىگە تەشمىلەر ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان قۇدۇقلار. ھەممە قۇدۇقلارنىڭ سۈيى يىغىلغاندا ئايىغىدا يەر ئۈستىگە ئېقىپ چىقىدۇ. كۆچمە مەنىسى ئازگال : كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ ، كارىزغا چۈشۈپ كېتىسەن.