Jump to content

كافكا: چۈش

ئورنى Wikipedia

چۈش

كافكا


يوزېف چۈش كۆردى.

ئۇ ئاجايىب بىر كۈن ئىدى. يوزېف كۆڭلىدىكى غەشلىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سەيلە قىلماقچى بولدى. ئەمما ئىككى قەدەم تاشلىشى بىلەنلا ئۆزىنى قەبرىستانلىقتا كۆردى. ئۇ ئەتراپىنى سارغايغان ئوت – چۆپلەر باسقان چىغىر يوللار ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چىغىرلاردىن بىرىگە قەدەم باستى ۋە ئۆزىنى خۇددى كۈچلۈك بىر ئېقىمنىڭ— تارتىش كۈچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. دەل شۇ چاغدا سەل يىراقتا تېخى تۇپرىقى قۇرىمغان، يېڭى ۋە چۇقچىيىپ تۇرغان بىر قەبرە ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يوزېف ئاشۇ قەبرە يېنىغا بارماقچى بولدى. چۇقچىيىپ تۇرغان قەبرە تۇپىسى يوزېفنى خۇددى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتاتتى. ئەمما، قەبرە گاھىدا كۆزدىن غايىب بولاتتى. بىر چاغدا نەدىندۇر كۆتۈرۈلگەن يىپەك رەخت ھاۋادا بىرھازا لەيلىگەندىن كېيىن قەبرە ئۈستىگە يېپىلاتتى ۋە قەبرە ئېنىق نامايان بولاتتى. يىپەك رەختنى قانداقتۇر تاۋۇش تۇتۇپ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرغاندەك ئاشۇ ياقتىن خۇشال تاۋۇشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

يوزېف يىراقلارغا نەزەر سالدى ۋە يۇيۇقسىزلا ئەتراپىدا— ئالدىدا، كەينىدە، ئىككى يېنىدا بىرتالاي ئازگاللارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇ ئالدىراشلىق بىلەن ئۆزىنى بىر بوشلۇقتىكى ئوت – چۆپلۈكنىڭ ئىچىگە ئاتماقچى بولدى.  ئەمما تۇيۇقسىز يەر چايقىلىپ كەتتى ۋە يوزېف دەلدۈگۈنۈپ قەبرە يېنىغا يىقىلدى. قەبرە بېشىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىككى ئادەم سىلىق تاراشلانغان قەبرە تېشىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلار يوزېفنى كۆرۈشى بىلەنلا قەبرە تېشىنى يەرگە سانچىدى. يوزېف ھاڭ – تاڭ قالدى. كۆپ ئۆتمەي ئارىدىكى جىملىقنى بوزۇپ، چاتقاللىقلار ئارىسىدىن يەنە بىر كىشى چىقىپ كەلدى. بۇ ئادەم رەسسام بولۇپ، جوزېف ياخشى تونۇيتتى. رەسسام يىرتۇق شىم، رەڭلەر تۆكۈلگەن، تۈگمىلىرى ياخشى ئېتىلمىگەن كۆڭلەك كىيىۋالغان ھالدا كېلىۋاتاتتى، بېشىدا شىلەپە بار ئىدى. ئۇ قولىدىكى قەلەم بىلەن ھاۋاغا قانداقتۇر چۈشۈنۈكسىز بەلگىلەرنى سېزىپ كېلىۋاتاتتى.

رەسسام قولىدىكى قەلىمى بىلەن باياتىنقى ئىككەيلەن سانچىپ قويغان، سىلىق قەبرە تېشىغا بىر نەرسىلەرنى يازماقچى بولدى. ئەمما تاش بەك ئېگىز بولغاچقا، ئۇنىڭ خەت يېزىشقا قولى يەتمىدى. ئۇ تاشنى تۆۋەنگە تارتىپ پەسلىتىش ئۈچۈن خېلى ئورىنىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆنۈمى بولمىدى. ئۇ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەندەك، ئاخىر بويىنى ئۈستىگە سوزۇپ، پۇتىنى تىكلەپ تۇرۇپ، مۇنداق يازدى: «بۇندا ئارام ئېلىۋاتىدۇ...» تاش ئۈستىدىكى بۇ خەتنىڭ ھەربىر ھەرىپلىرى ناھايىتى ئېنىق كۆزگە تاشلىناتتى، ئالتۇندەك تاۋلىناتتى. رەسسام دەسلەپكى ئۈچ سۆزنى يازغاندىن كېيىن، يوزېفقا قاراپ قويدى. بىراق يوزېف يېزىلىۋاتقان سۆزلەرگە تىكىلىپ قېتىپ قالغانىدى. ئۇ رەسسامنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا مەرمەر تاشتىن كۆزىنى ئالمايتتى.

رەسسام يەنە خەت يېزىشنى داۋام قىلدى. بىراق، قانچە كۈچىسىمۇ ھېچ نەرسە يازالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭغا نېمىدۇر توسقۇنلۇق قىلغاندەك ئىدى. شۇ ھامان قەبرىنىڭ يېنىدا باش – ئاخىرى يوق بىر چىغىر يول پەيدا بولدى. رەسسام قەلەمنى تاشتىن ئېلىپ، يەنە يوزېفكە قارىدى. ئۇلار بىر – بىرىگە تىكىلىپ قېلىشتى، رەسسام يوزېفقا ئاللىقانداقتۇر ساراسىمە، ئەنسىزلىك بىلەن قارايتتى. رەسسامدىكى بۇ ئەنسىزلىكنى باشقىلار ھېس قىلمايتتى، پەقەت يوزېفلا بىلىپ، ئەتراپىغا ئۈمىدسىزلىك، چۈشلۈنلۈك بىلەن ئالاڭلاپ قارايتتى.

قەبرە بېشىدا قايسىدۇر بەختسىزنى ئوزاتقاندەك ئۈچ مىنۇتلۇق جىملىق ھۆكۈم سۈردى. بۇ سۈكۈتنى ھېچكىم بۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. دەل شۇ چاغدا قەبرىستان چىركاۋىنىڭ كىچىك قوڭغىرىقى جاراڭلاپ، نالە قىلىشقا باشلىدى. رەسسام قولىنى بىر سىلكىۋىدى، قوڭغۇراقنىڭ ئۈنى ئۆچتى.  بىراق، ئارىدىن ئوزاق ئۆتمەي قوڭغۇراق يەنە جىرىڭلاشقا باشلىدى. ئەمدى سەل بېسىقىغا چۈشۈپ، خۇددى ئاۋازىنى سازلىۋالماقچى بولغاندەك پات- پات توختاپ چاراڭلايتتى. رەسسامنىڭ يۈزلىرى دەھشەتتىن كۆكىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ چۈشۈنۈكسىز ھالىتىدىن جوزېفنىڭ ھاياجانلىنىپ ، يىغلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى جالاقلاپ تىترەيتتى. رەسسام جوزېفنىڭ ئۆزىگە كېلىشىنى سەۋر – تاقەت بىلەن كۈتتى. ئەمما جوزېف توختىمىغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىز يەنە خېتىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. مەرمەر تاشقا سېزىق تارتتى، سەت، كۆرۈمسىز بىر ھەرپ يېزىلدى: تاشتا «ي» ھەرىپى تۇراتتى. رەسسام ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك ھالەتتە پىرىلداپ قەبرە ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئەتراپتا چاڭ – توزاڭ كۆتۈرۈلدى.  ناھايەت، يوزېف ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا، بۇ خام سۈت ئەمگەن ئادەمنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەشكە ۋاقت يوق!

قەبرە ماتا بىلەن ئورالدى. يوزېف چۇقچىيىپ تۇرغان قەبرىنى بارماقلىرى بىلەن كولاشقا باشلىدى. ئەمما بۇ ئىشىدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. دەل شۇ چاغدا زېمىندىن بۇلۇتتەك ئاپئاق رەخت— يېپەك پىرىلداپ كۆتۈرۈلدى. يەردىن بىر تۈڭلۈك پەيدا بولدى. ئۇيەردىن ئىللىق نۇر چېچىلىۋاتاتتى. يوزېف بېشىنى پەسكە ئېگىپ يەر قەرىگە پەرۋاز قىلدى. يۇقىرىدا— قەبرە تېشىدا ئۇنىڭ زەرھەل بىلەن ناھايىتى چىرايلىق يېزىلغان ئىسمى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

يوزېف چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.


(زىياكار تەرجىمىسى)