كورونا ئىسپاتلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆجىزىلىرى

ئورنى Wikipedia

ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

بۈگۈن كورونا ۋىرۇس (كوۋىد19) دەپ ئاتىلىدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئاپەت پۈتكۈل دۇنيانى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئۆيلىرىدىن تالاغا چىقالمايدۇ، دۆلەتلەر چېگرالىرىنى تاقىدى، دۆلەت ئىچىدە شەھەرلەرگە كىرى-چىقىش توسۇۋېتىلدى. ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتناشلىرى توختىدى، مەكتەبلەر، زاۋۇد-فابرىكىلار ھەممىسى تاقالدى، يىغىپ ئېيتقاندا ئىنسانلار توپلىشىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى تاقالدى، ئىشلەپ-چىقىرىش توختىدى. شۇنىڭلىق بىلەن بۇ كۆرۈنمەس دۈشمەن تىز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتىدۇ، دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئىنسانغا يۇقۇپ كېسەلخانىلارغا تىقىۋەتتى. ئون مىڭلارنىڭ ئىنساننى جېنىدىن جۇدا قىلدى. بۇ ئەھۋال پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ساراسىمىگە سالدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كېسەل بايقالغان رايۇنلارنى كارانتىنغا ئېلىش، باشقا يەرلەردىمۇ كوچىغا چىقماسلىقنى تەشەببۇس قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسنىڭ بىرلەشكەن نۇقتىسى بۇ ۋىرۇسقا يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە كېسەل كىشىلەرگە يېقىنلاشماسلىقتۇر.

پۈتۈن دۇنيا ئۆلۈم قورقۇنچىسى بىلەن نېمە قىلارىنى بىلەلمەيۋاتقان ۋە دۆلەتلەر خەلقلىرىنى كونترول قىلالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان بىر ھالەتتە ئامېرىكىدا نىيۇزۋېك گېزىتىدە «مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىمان بىلەن ئەقىلنى تەڭپۇڭلاشتۇردى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىندى.

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ئامېرىكا گۈرۈچ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پروفېسسورى خرىستىئان دوكتور كرەيگ كونسىدىن Dr. Craig Considine

ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار مۇنۇ ئادرىستىن (https://www.newsweek.com/prophet-prayer-muhammad-covid-19-coronavirus-1492798?amp=1%20%E2%80%A6) ماقالىنىڭ ئەسلىنى كۆرەلەيدۇ.

ئاپتۇر ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئىممۇنىتېت مۇتەخەسسىسى دوكتور ئانتونىي فاۋچى ۋە تېببىي مۇخبىر دوكتور سانجاي گۇپتاغا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى تازىلىق، كارانتىن ۋە باشقىلاردىن ئايرىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە كىمنىڭ ياخشى تازىلىق ۋە كارانتىن قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد 1300 يىل (ھىجرى تەقۋىم بويىچە 1400 يىل) ئىلگىرى بۇنى تەۋسىيە قىلغان. ھالبۇكى ئۇ بۇنداق ئەجەللىك كېسەللىكلەر مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ «ئەنئەنىۋى» مۇتەخەسسىس ئەمەس ئىدى. مۇھەممەدنىڭ COVID-19 غا ئوخشاش تىز تارقايدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا ساغلام مەسلىھەتلىرى بار.

ئاپتۇر بۇ سۆزىگە تۆۋەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر نەچچە ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ:

مۇھەممەد مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىر يەردە ۋابانىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ يەرگە كىرمەڭلار؛ ئەگەر ۋابا سىلەر تۇرغان بىر جايدا تارقالسا، ئۇ يەردىن قېچىپ چىقماڭلار».

ئۇ يەنە: «يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ساغلام كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك» دېدى.

مۇھەممەد يەنە ئىنسانلارنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدىغان تازىلىق ئادىتىدە چىڭ تۇرۇشقا كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئوبدان

ئويلىنىڭ:«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر».

«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن قوللىرىنى ئۈچ قېتىم يۇمىغۇچىلىك قاچىغا تىقمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا قوللىرىنىڭ قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ».

«يېمەكلىكنىڭ بەرىكىتى تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە قول يۇيۇشتا».

ئەگەر بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاغرىق تارتىۋاتقان ساھابىلىرىگە قانداق نەسىھەتلەرنى قىلاتتى؟

ئۇ كىشىلەرنى ھەمىشە داۋالىنىشقا ۋە دورا ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا دورىسى يوق ھېقانداق كېسەل پەيدا قىلمىدى».

ئەڭ مۇھىمى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمان بىلەن ئەقىلنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان ۋە: «ئالدى بىلەن تۆگىڭىزنى باغلاڭ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ» دېگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىشىنى تەرغىب قىلدى.

ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. ھەدىسلەرنى مەن ئەسلى مەنبەسىدىن تەرجىمە قىلدىم. بۇ ماقالىدا دىققىتىمنى تارتقان ئىككى نۇقتا بار:

1_ نۇقتا: ئاپتۇرنىڭ: «ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد (يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساقلىنىش چارىلىرىنى) 1300 يىل (ھىجرى تەقۋىمى بويىچە 1400 يىل) ئىلگىرى تەۋسىيە قىلغان. ھالبۇكى ئۇ بۇنداق ئەجەللىك كېسەللىكلەر مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ «ئەنئەنىۋى» مۇتەخەسسىس ئەمەس ئىدى» دېگەن سۆزى.

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق: بۈگۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كورونا ۋىرۇسىگە ئوخشا يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش ۋە بۇ كېسەلنىڭ خەلق ئىچىدە تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەك ئۈنۈملۈك چارىسىنىڭ كېسەللەرنى كارانتىنغا ئېلىش، ساق كىشىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشىشىنى مەنئى قىلىش، كۈندە بىر نەچچە قېتىم قولىنى يۇيۇش ئىكەنلىكىنى دۇنيادىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىر ئىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چارىنى بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن تەۋسىيە قىلغان. ھالبۇكى ئۇ بۇنداق كېسەللەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن ياكى بۇنى بېشىدىن كەچۈرۈپ تەجرىبە قىلغان مۇتەخەسسىس دوختۇر ئەمەس ئىدى.

ئۇنداقتا بىز ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىدا كەم قالغان سوئالنى سورايلى: ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادا مەۋجۇد بولغان ئىلىم-پەندىن بىخەۋەر بىر چۆلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھاياتىدا مەكتەب يۈزى كۆرمىگەن، ئوقۇش-يېزىشنىمۇ بىلمەيدىغان، ھاياتىدا مەككە-مەدىنىدە مۇنداق بىر يۇقۇملۇق ۋاباغا دۈچ كەلمىگەن بىر پەيغەمبەر، بۇ ۋابانىڭ تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنى ئۇنىڭ خەتىرىدىن قوغداشنىڭ چارىسىنى قەيەردىن بىلگەن؟ بۇ سوئالنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنى ئاللاھ بىلدۈرگەن، دېيشتىن باشقا جاۋابى يوق. دېمەك، كورونا ۋىرۇسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئېلھام قىلغان ۋەھيى ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلدى.

2_ ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىنىڭ تېمىسى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىمان بىلەن ئەقىلنى تەڭپۇڭلاشتۇردى» دېگەن سۆزى.

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: دۇنيادا بولۇۋاتقان ياخشى-يامان ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشمۇ ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش كېرەك. بۇ ئىمان. ئاللاھ تائالا بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ھەر تۈرلۈك بالا-ئاپەتلەردىن، كېسەللىكلەرنىڭ قانداق قوغدىنىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ ئۇنى ئىجرا قىلىشنى ئۆگەتكەن. بۇ ئەقىل.

يەنى بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ۋە سەۋەبلەرنى نۇقسانسىز قىلىشىمىز، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشىمىز ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، بىزنى ساقلىشىنى سوراپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. بىز مانا مۇشۇ ئىككى قانات بىلەن بەخت-سائادەت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلالايمىز، ھەر تۈرلۈك خېيىم-خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالالايمىز ۋە ئالغا باسالايمىز. بۇ ئىككى قاناتنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ قالساق، تۈگەشكىنىمىز شۇ.

ئاللاھ تائالا بىزگە ئاڭلىق بولۇشنى، ئىسلامنى توغرا چۈشىنىشنى ۋە ئەقلىمىزنى توغرا ئىشلىتىشنى نېسىپ قىلسۇن. ئاللاھ تائالا بىزلەرنى، بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى بۇ ۋابا بالاسىدىن قۇتۇلدۇرسۇن. ئامىن.

2020- يىل 2- ئاپرىل