كونا بەش دەۋر تارىخى

ئورنى Wikipedia

«كونا بەش دەۋر تارىخى» (旧五代史)

«كونا بەش دەۋر تارىخى» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۇ جۇجېڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن يىلنامە- تەزكىرە شەكىلىدە تۈزۈلگەن، بەش دەۋر مەزگىلىدىكى كېيىنكى لياڭ (后梁، 907- 923- يىللار)، كېيىنكى تاڭ (后唐، 923- 936- يىللار)، كېيىنكى جىن (后晋، 936- 946- يىللار)، كېيىنكى خەن (后汉،947- 950- يىللار) ۋە كېيىنكى جۇ (后周، 951- 960- يىللار) قاتارلىق بەش خاندانلىقنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان 150- جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.

«كونا بەش دەۋر تارىخى» نىڭ 138- جىلدىدا ئۇيغۇرلاردا، تۈركلەر، تىبەتلەر ۋە تاڭغۇتلار ھەققىدە تەزكىرە بار. «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تۈركى، ئۇلارنىڭ ئەمەل- مەنسەپ ناملىرى، كېيىنكى تاڭ، كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ھەققىدىكى مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن.

«ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ نامىنىڭ خەنزۇچە «回纪» دىن «回鹘» غا ئۆزگەرتىلىشى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، 840- يىلى قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن جەنۇبقا ۋە غەربكە كۆچكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ (ئاساسلىق گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ) بەش دەۋر مەزگىلىدىكى كېيىنكى لياڭ، كېيىنكى تاڭ، كېيىنكى جىن، كېيىنكى خەن، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىكى، ئۆرپ- ئادىتىگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن [32].