كوۋىد-19 دورىسى تەرەققىياتى (يېڭى تىىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دورىسى)

ئورنى Wikipedia
كوۋىد-19 ۋىرۇسى قۇرۇلما رەسىمى
رېمدېسىۋېر مولىكۇلا قۇرۇلما سۈرىتى

كوۋىد-19 دورىسى تەرەققىياتى دۇنيادىكى ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى تىپتىكى تاجىسمان ۋىرۇس (ۋۇخەن ۋىرۇسى، كىرونا ۋىرۇسى، كورونا ۋىرۇسى) نى داۋالايدىغان دورا ياساشنىڭ ئىلگىرلەش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن، ئەڭ بۇرۇن ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان رېمدېسىۋېر دورىسى.

2020-يىلى 3-ئايغىچە ، تەخمىنەن 100 دورا شىركىتى ، بىئوتېخنىكا شىركىتى ، ئۇنىۋېرسىتېت تەتقىقات گۇرۇپپىسى ۋە سەھىيە تەشكىلاتلىرى ۋاكسىنا ياكى دورا ئېچىش باسقۇچىغا قاتناشتى.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO)  ياۋروپا دورىا باشقۇرۇش نازەرەت ئىدارىسى (EMA) ،  ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى(FDA) ،  ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە دورا ئىشلەپچىقارغۇچىلار  ئاكادېمىك ۋە كەسىپ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ماسلىشىپ ، ۋاكسىنا ، ۋىرۇسقا قارشى دورا ۋە داۋالاش رېتىسپلىرى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە.

SARS ۋىرۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىدا ئۆلۈش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن، ئالدىنقىسىدا ئۆلۈش نىسبىتى %9-%10 كىچە بولغان، كېيىنكىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى %1.4 ئەتراپىدا بولدى، شۇڭا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى بار. SARS ۋىرۇسىنىڭ كېسەل قىلىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، پارازىت ئىگىسىنى ئاسانلا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، ۋىرۇس ئۆزىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالمايدۇ، لېكىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ كېسەل قىلىشچانلىقى نىسبەتەن تۆۋەن، نەزەرىيە جەھەتتىن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار.

جوڭگودا تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

جوڭگودا %80 تىن ئارتۇق بىمار كېسىلى يىنىك بىمار، يېقىندا تېخى بىر قىسىم ئالامەتسىز بىمارلار، يەنى ۋىرۇس ئېلىپ يۈرسىمۇ ھېچقانداق كېسەل قوزغالمىغان بىمارلار بايقالدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدىنىدە ئانتىتېلا پەيدا بولىدۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، زەھەر كۈچى ئاجىزلىسا، ئىنسانلار بىلەن ئورتاق ياشىيالايدۇ. بۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي پاكىتلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2010-3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي-دورا-سەھىيە-تېخنىكا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جۇڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەن-تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش سىنىپىنى لايىھەلىدى، نەچچە ئون تېببىي ئاپپاراتلاردىن تۇنجى تۈركۈمدە سەككىز ئاپپاراتنى تاللاپ، توققۇز ۋەزىپىنى بېكىتىپ، بەش تېخنىكا لىنىيەسى بويىچە ۋاكسىنا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

كوۋىد-19 دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىش خەرىتىسى

ھازىر، بەش تېخنىكا لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات بويىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. مۆلچەرىمىز بويىچە 4-ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە قىسمەن ۋاكسىنىلار كىلىنىكىغا كىرىشى مۇمكىن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى


دورا بايقاش دەۋىرىي دىئاگراممىسى