Jump to content

كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە مەشھۇر سۆزلەر

ئورنى Wikipedia

كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە مەشھۇر سۆزلەر


ئاخىرقى بەتلەرنى ئوقۇۋاتقىنىڭدا ئۇنىڭ ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساڭ، دېمەك، يەنە بىر يېڭى دوست بىلەن خەيرلىشىشكە توغراكىلىدۇ.

− پائۇل سۋىنىي


كىتابسىز ئۆي قەلبىسىز تەنگە ئوخشايدۇ.

− سىتسىرون

ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ لەززەتلەنمىگەن ئىنساننى مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ساغلام ئادەم دېيىش خاتا.

− جېين ئۇستېن

ساۋاتلىق بولۇپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇمىغان كىشىنىڭ ساۋاتسىزدىن پەرقى يوق.

− مارك تۋېن

ھەقىقى ياخشى دوست پاكىز ۋىجدان ۋە ياخشى كىتابتۇر. ھاياتلىق ئۈچۈن باشقا نەرسە كېرەك ئەمەس.

− مارك تۋېن

كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەنمىگەن كىشىگە ئىشەنمە!

− لېمونى سنىكېت

كىتابتەك ئەقىللىق ۋە سادىق دوست يوق.

− ئېرنېست ھېمىڭۋاي

شاھانە، بىراق كۇتۇپخانىسىز ئۆيگە ئېچىنىمەن.

− جېين ئوستىن


كىتابقا تولغان ئۆينىڭ پەيزى شۇ قەدەركى، ئۇلارنى ۋاراقلىماي تۇرۇپ، سەن ئۆزۈڭنى ئۇلاردىكى دانالىق شەربىتىنى سۆمۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن.

− مارك تۋېن


كۆپىنچە ئادەملەر جانسىز دەپ بىلىدىغان كىتاب ئۇلارغا قانچىلىك ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

− ئوسكار ۋايلىد


نامرات بولساممۇ كىتاب سېتىۋالىمەن. ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغان پۇلغا بولسا يېمەكلىك ياكى كىيىم – كېچەك ئالىمەن.

− ئېرەزم روتېردامۇس


كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ئىككى ئاساس بار: بىرىنچىسى، سەن بۇنىڭدىن راھەتلىنىسەن. ئىككىنچىسى بولسا، سەن بۇنىڭ بىلەن ماختىنىشىڭ مۇمكىن.

− بېرتراند روسسېل


كىچىككىنە بولسىمۇ بېغىڭ ۋە كۇتۇپخاناڭ بولسا، سەن باشقا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسسەن.

− سىتسېرون


ئەگەر سىز ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان كىتاب يېزىلمىغان بولسا، دېمەك، ئۇنى يېزىشنى باشلىشىڭىز كېرەك.

− تونى موررىسون


ياخشى كىتاب بىر قېتىم ئوقۇش بىلەن ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارا قىلمايدۇ. ئۇنى تەكرار ئوقۇغانسېرى چۈشىنىپ بارىسەن.

− ستېفېن كىڭ


ماڭا مەن تېخى ئوقۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن كىتابنى بەرگەن ئىنسان مەن ئۈچۈن قەدىرلىك دوستتۇر.

− ئابراھام لىنكولىن


مەن كىتابلىرىمدىكى ئەپسۇنلارغا ئىشەنمەيمەن. ئەمما كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزى سىرلىق ھالەت ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمايمەن.

− ج. ك. راۋلىڭ

ئەگەر ئۆيىڭىزدە كىتاب ئىشكابى بولمىسا، سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ پايدىسى يوق ۋە مەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىمەن.

− تېررى پراتچېت

كىتابنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغان ئەڭ چوڭ ساۋىقى− توغرا سۆزلۈكتۇر.

− توماس جېففېرسون

سۆزلەشتىن بۇرۇن ئويلا، ئويلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇ.

− فرېن لېبوۋىتز


كونا جەندە كېيسەڭمۇ، يېڭى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەن.

− ئوستىن فېلپس


ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش− دۇنيادىكى ئەڭ دانا كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش دېمەكتۇر.

− رېنې دېسكارتېس


ياخشى كىتاب− مېنىڭ ھاياتىمدىكى مۇھىم بىرھادىسە.

− ستېندال