كىلىياڭ يېزىسى

ئورنى Wikipedia
كىلىياڭ يېزىسى

克里阳乡.Kiliyang Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 9 دانە
نوپۇس 7 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىياڭ يېزىسىگۇما ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، گۇما بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 45 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى قوشتاغ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا باشلەڭگەر يېزىسىبىلەن قوشنا، جەنۇبى ناۋئابات تاجىك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. كىلىياڭ يېزىسى قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت، ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانى، 25 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. يەر كۆلىمى 21250 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 19470 مو. يەر شەكلىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئىگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، يەر شەكلى مۇرەككەپ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

كىلىياڭ يېزىسىغا قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى :

  • كىلىياڭ كەنتى؛
  • دۆڭكۆل كەنتى؛
  • ئاقچىغ كەنتى؛
  • يۇلغۇنجاي كەنتى؛
  • ئىسپاھان كەنتى؛
  • ياكەيچىك كەنتى؛
  • قارمان كەنتى؛
  • تاختا كۆۋرۈك كەنتى؛
  • تۆۋەن چاقا كەنتى قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

كىلىياڭ يېزىسى كىلىماتى قۇرغاق، تۆت پەسىل ئېنىق، قىش پەسلى ئۇزۇنراق بولىدۇ، ياز پەسلى قىسقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلغان. بۇ يېزا تەۋەسىدە تەرمە، شورلۇق ئوتى، قوي پاخال ۋە قومۇش قاتارلىقلار چىقىدۇ. دەريا جىلغىسىدا كوئېنلۇن ئارچىسى، قىزىل قېيىن قاتارلىق سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، تەبىئىي ئورمان، ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلىرىدا، ئېگىز تاغدىكى چىملىق رايونلار بار؛ ئاساسلىق سۆگەت، تېرەك، جىگدە، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار.