كىليوس

ئورنى Wikipedia

كىليوس كىليوس(Kilyos) ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر تەرىپىگە جايلاشقان گۈزەل بىر دېڭىز ساھىلى. بەلگىراد(Belgrad) ئورمانلىرىغا يېقىن يەر بۇلۇپ يېشىللىققا پۈركەنگەن. ياز كۈنلىرى سۇ ئۈزۈشكە، قۇياشقا قاقلىنىشقا ياخشى. قىش كۈنلىرى دېڭىز بويىغا قاراپ قارا دېڭىز سۈيىنىڭ دولقۇننى كۆرەلەيسىز. سۇنىڭ بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى تاشقا ئۇرغان مەنزىرىنى كۆرگەچ قەھۋە ئىچسىڭىز ياكى شۇ ئەتراپتا كاۋاپ دۇكانلىرىدىن كاۋاپ يىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېڭىز بۇيىدا ئالدىرىماي مېڭىپ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.