Jump to content

كىملىك ئېڭى

ئورنى Wikipedia
ئىنسانىي كىملىك: مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاچقۇچى
پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ (تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

مەركىزىي قاتلامدا تۇرىدىغىنى **مەۋجۇدىيەت كىملىكى**دۇر. بۇ كىملىك **ئىنسانىي كىملىك** بولۇپ، ئىنساننى باشقا نەرسىلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۆزىگە خاس پەرق بىلەن نامايان بولىدۇ. ئىنسان بولۇش ئېڭى بارلىق كىملىك قاتلاملىرىنى سىلجىتىدۇ؛ ئۇنىڭسىز ھېچقانداق بىر زېھنىي ۋە پىئالىي كىملىكنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. تەپەككۇر ۋە ھەرىكەتكە ئىگە بولۇش-ئىنسان بولۇش ئېڭىغا باغلىق بولىدۇ. ئىدېئولوگىيەلىك بېسىملار ئەۋجىگە چىققان دەۋردە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن پەلسەپىۋىي ۋە ئابستراكت نەزەرىيەلەرنى ماھىيىتىدىن تونۇپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم.

ئىنسانىي كىملىكىمنى بۇ پەلسەپىۋىي ۋە ئابستراكت مۇھىتقا قويغىنىمدا، يۈرىكىمنى ئاچىشتۇرىدىغان بىر كاۋاكلىقنى بايقىدىم؛ بۇ تۇيغۇلىرىم تەۋھىد ئېتىقادىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىدىكى تەسىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ئەسىرىمدە، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ تېگىگە يەتكۈچە داۋاملاشتى. خۇلاسە شۇ بولدىكى: ئىنسانىي كىملىكىمىزنى چۈشىنىشنىڭ ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشىنىشتە ئىكەن.

قۇرئان كەرىمدە ئىنساننىڭ يارىتىلىشنى شەرھىلەپ بېرىدىغان «ئەھسەنى تەقۋىم» (ئەڭ گۈزەل شەكىل) ئىپادىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن ئىسىملار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «ئەسمائۇلھۇسنا» (ئەڭ گۈزەل ئىسىملار) ئىپادىسى ئارىسىدىكى گۈزەللىك كۆۋرۈكى ماڭا دائىم بۇ مۇناسىۋەتنى ئەسلەتكەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى، سەھلى تۈستەرى، ئىبنۇل ئەربىگە ئوخشاش بىر قانچە شەخسنىڭ سۆزى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ سۆزى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى سوئاللارغا ئەڭ يارقىن جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان بىر سۆز بار: «ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇيدۇ.» «مەن كىم؟» بۇ سوئالنى ئۆزىدىن سورىيالايدىغان يېگانە مەخلۇق بولغان ئىنسان بالىسىنىڭ تەبىئىيىتىدە ئەسلىدە مەۋجۇتلۇقنىڭ پۈتۈن سىرلىرى يۇشۇرۇلغان. ئاللاھ تائالا ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ئەسمائۇلھۇسنا ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنسان بالىسىغا تونۇتقان چېغىدا، بۇ تەبىئىي يىپ ئۇچلىرىنىمۇ بەرگەنىدى. شۇڭلاشقا «رەببىنى تونۇغان كىشى ئۆزىنىمۇ تونۇيدۇ.»

ئاللاھنىڭ زاتىغا خاس بولغان بۇ گۈزەل ئىسىملار ئىنسان بالىسىنىڭ تەبىئىيىتىدىمۇ مەۋجۇت. ئەمما ئۆزىنى تونۇغان ئىنسان بالىسى ھەددىدىن ئاشماسلىقى كېرەك. بۇ ئىسىملارنىڭ مۇتلەق شەكلى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقا ئائىت. يەنى:

ئاللاھ ئالىمدۇر (بەك بىلگۈچىدۇر)، ئەمما ئىنسان ئالىم (ئاللاھ بىلدۈرگەننىلا بىلگۈچىدۇر).

ئاللاھ ئەزىزدۇر (شان-شۆھرەتلىك)، ئىنسان بالىسى ئەزىزدۇر(ئاللاھ ئەزىز قىلغان).
ئاللاھ قەۋىيدۇر (قۇدرەتلىكتۇر). ئىنسان بالىسى كۈچلۈكتۇر (ئاللاھ بەرگەن كۈچ بىلەن).

بۇ ئىسىملاردا ئاللاھنىڭ مۇتلەقلىقى، ئىنسان بالىسىنىڭ ئۇ ئىسىمنىڭ زاھىرىنى، نىسپىيلىقنى سىمۋول قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەقىللىق ئىنسانلار ھاياتىدا نېگىزلىك بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ: «مەن كىم؟» بۇ سوئال، ئۇنى سورىغان شەخسكە، ئۇ شەخسنىڭ ھايات كاتېگورىيەسىدىكى ماكانغا، ياشاۋاتقان دەۋرگە ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان ماددىلارغا مەنا قوشىدىغان ئىزدىنىش سەپىرىگە يول ئاچىدۇ.

ئىلمىي ۋە سىياسىي ھاياتىمدا ئۇچرىغان ھەربىر مەسىلىدە، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىدىن ئۆزۈمگە خاس بىر چۈشەنچە دۇنياسى بەرپا قىلىشقا تىرىشتىم.

ئەسلىدە، «مەن ئىدراكى» چۈشەنچىسىنى ھەم ئونتولوگىيەلىك ھەم تارىخىي چىقىش نۇقتىسى سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتمۇ يۇقىرىقى سوئال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىش جەريانىدا تۇغۇلغانىدى؛ چۈنكى ھەربىر نەرسە بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى يەنى ئۆزىنى تونۇشى ياكى تونۇتۇشى بىلەن باشلىنىدۇ.

ھەممىدىن بۇرۇن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كىملىك قاتلاملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ قاتلاملار كىشىنىڭ ئونتولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىدىن بارلىققا كەلگەن كىملىكى بىلەن تارىخىي مەۋجۇتلۇقىدىن بارلىققا كەلگەن كىملىكى ئارىسىدا قۇرغان خاتا مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك خەتەرلىك بىر ئىچكى زىددىيەتكە ۋە كرىزىسلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئونتولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقتىن بارلىققا كەلگەن كىملىك زامان ۋە ماكان توسۇقلىرىدىن بەكرەك ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىدىن بارلىققا كەلگەن كىملىكىدۇر؛ بۇنى **ئىنسانىي كىملىك** دەپ ئاتايمىز. تارىخىي مەۋجۇدىيەتتىن بارلىققا كەلگەن كىملىك بولسا زامان ۋە ماكان ئېتىبارى بىلەن پەرقلىق تارىخىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئىنسانلىق تەبىئىيىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلەرنىڭ ئىنسان بالىسىنى كائىناتتىكى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئىنسانىي كىملىكنى ئاڭقارالىشى قىيىنغا توختايدۇ. بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇتلەقلەشتۈرۈۋالغانلار ھەددىدىن ئاشقانلار بولۇپ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ.

بۇ ئىنسانىي فىترەتنى تونۇپ يېتەلەگەن چېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ **«مەن-ئىدراكى»**نىڭ ئانا ئېلېمېنتلىرىنىمۇ بەرپا قىلغان بولىمىز.

ئىنسانىي فىترەتنى شەيخ غالىپ نېمىدېگەن گۈزەل تەسۋىرلىگەن ھە!

ئۆزۈڭگە ياخشى قارا، چۈنكى ئالەمنىڭ ئۆزىسەن،

>مەۋجۇتلۇقنىڭ كۆز قارچۇقى ئادەمسەن.

«مەن-ئىدراكى»نىڭ نەتىجىسى، ئىنساننىڭ مۇتلەق مەنىدە پەرىشتىلەشتۈرۈلمەسلىكى ۋە شەيتانلاشتۇرۇلماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. كىملىكىمىزنى تونۇپ يېتەلىسەك، ئەسمائۇلھۇسنانىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنسەك، ھېچبىر ئىنسان زاتىنى مۇتلەقلىق بىلەن سۈپەتلىمەيمىز. ھېچبىر ئىنساندىن ھەم ئۈمىدسىزلەنمەيمىز. چۈشەنچىلەر تارىخىتىن بۇيان پەرقلىق ۋە مۇرەككەپ تالاش-تارتىشلارغا يول ئېچىپ كەلگەن. ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى توغرىلىق كۆز قاراشمىز روشەن: ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇشىدا ۋە تەبىئىيىتىدە ياخشى ۋە گۈزەلدۇر. چۈنكى تۇغۇلۇشىدا ۋە تەبىئىيىتىدە ئەسمائۇلھۇسنانىڭ مەۋجۇدىيەت ئالىمىگە ئاتا قىلغان خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ.

ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە بارغىنىدا ئىمان ئېيتقان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خۇيىغا ئوخشاش خۇي مەۋجۇت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىفتە دەيدۇكى: «ئىنسانلار رۇدىغا ئوخشايدۇ. ئىسلامدىن ئىلگىرى ياخشى بولغانلار، ئىسلامدىن كېيىنمۇ ياخشىدۇر. ئەڭ مۇھىمى دىنلىرىنى ياخشى چۈشەنسۇن.»

قەدىرلىك ياشلار،

ئىنسانلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا، ئىنسانىي چىنلىقنى، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەسلى رۇدىنى تېپىپ چىقىشقا ۋە ئەسلى چىنلىققا خىتاب قىلىشقا تىرىشىڭلار. نېمە زۆرۈرىيەت بىلەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىمگە پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلماڭلار. سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلسا مەيلى، سىلەر مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋىرى بولغان ئۇ فىترەتكە ۋە رۇدىغا خىتاب قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار.

يېقىندا مەيدانغا كەلگەن ئىبرەتلىك ساۋاقلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەممىدىن بەك ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال بىر زېھنىيەت ئىنقىلابىغا ئېھتىياجىمىز بار. بۇ ئىنقىلاپ ئىنسانىي كىملىك چۈشەنچىسىنىڭ قايتىدىن شەرھىلىنىشى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر زېھنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ياشلار بىلەن باشلىنىدىغانلىقىغا ۋە ياشلار تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۈگۈن ئىنسانلىقنىڭ ئادالەت تارازىسىنىڭ ئىككى تەخسىسىدە تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇۋاتقان ئىككى ئېغىرلىق (ئاشقۇنلۇق) بار: بىر تەرەپتە ئۆزىنى ھەم دۇنياغا ھەمدە ئۆزىدىن پەرقلىق چۈشىنىدىغان باشقا مۇسۇلمانلارغا قۇلۇپلىغان ئۈركۈتكۈچى دىن چۈشەنچىسى، يەنە بىر تەرەپتە ئىرقچىلىق زېھنىيىتى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى بىلەن مەيدانغا چىققان غەربتىكى رادىكال ئېقىملار.

ئەمدى ئادالەت تارازىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغان باشقا تەخسىلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى. تارىختىن بىرى ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ ئىنسانىي تەبىئىيەتلىرىنى يوقىتىپ، يارىتىلىشتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىق ۋە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى پەش قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن.

ئونتولوگىيەلىك كىملىك پەرقىنىڭ تارىخىي كىملىكلەرگە ئىلاۋە قىلىنىشى، بىر-بىرىگە خىرىس قىلىدىغان مەۋقە، غەرەز ۋە كاتېگورىيەلەرنى شەكىللەندۈرگەن.

فىرئەۋىنلەر ئۆزلىرىنى خۇدا دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكى سەپسەتىسى بىلەن ئىنسانلارنى قۇل قىلغانىدى. ھىندىستان تەبىقە سىستېمىسى ياشاش تەرزىدىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى بىر ئۆمۈر سىرتقى دۇنيادىن بېخەۋەر ياشايدىغان ئىجتىمائىي تەبىقىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ياۋروپالىقلار فىئودالىزىم دەۋرىدە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ قېنىنىڭ كۆك ئىكەنلىكى سەپسەتىسى بىلەن ئۆز ئىچىدە مۇستەبىتلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى، ئافرىقىنى مۇستەملىكە قىلغان چاغدا بەدەن رەڭگىدىكى ئونتولوگىيەلىك پەرقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش باھانىسى قىلىۋالغانىدى. سىيونىزىمنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ تەڭرىنىڭ تاللانغان قۇلى ئىكەنلىكى سەپسەتىسىگە، ناتسىستلارنىڭ گېرمانلارنىڭ نورمال ئىنسانلاردىن پەرقلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان تۈرى ئىكەنلىكى ئويدۇرمىسىغا تايىنىپ ئونتولوگىيەلىك كىملىك بىلەن سىياسىي كىملىك ئارىسىدا قۇرغان خاتا ۋە ئازغۇن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق زۇلۇمغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلىمىز.

سۆيۈملۈك ياشلار،

زۇلۇم-سىتەم ۋە ھەقسىزلىقلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەۋجۇدىيەت ئۈستۈنلۈكىنى پەش قىلغانلارغا قارشى بىر ئايەت ۋە بىر ھەدىس ھەردائىم قەلبىڭلاردا بولسۇن. ئۇلار سىلەرنى بۇ خىل ئازغۇنلۇقلاردىن ساقلاپ قالىدۇ:

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا بىر ئانىدىن) ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.»** (سۈرە ھۇجۇرات 13)

كىشىلىك ھوقۇق باياناتى بولغان ۋىدالىشىش خۇتبىسىدىن بىر بۆلۈم:

«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار بىر، رەببىڭلار بىر، ھەممىڭلار تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن تەقۋالىقتىن باشقا ھېچبىر ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر.»

شۇڭلاشقا بىلىشىمىز كېرەككى، بىز ئىنسانلار قايسى رەڭ، قايسى ئىرق ياكى قەيەردە تۇغۇلۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئىنسانىي كىملىكىمىز بىر ۋە ئوخشاشتۇر. ھېچكىم ئونتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كىشى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلالمايدۇ. چۈنكى بىز ئوخشاش ئەر-ئايالدىن يارىتىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ گېنى بىلەن ياشاۋاتىمىز. ئىنسانىي كىملىكىڭلار سىلەرنىڭ شەرىپىڭلاردۇر. ئۇنىڭ خورلىنىشىغا ۋە دەپسەندە قىلىنىشىغا ئەسلا يول قويماڭلار. سىلەرمۇ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئىنسانىي شەرىپىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار. چۈنكى شەرەپ قايسى رەڭ ۋە ئىرقتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھنىڭ ھەربىر ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىگە سىڭدۈرگەن ئامانىتىدۇر. ئۆزۈڭلارنى ھېچكىمدىن ئۈستۈن كۆرمەڭلار، چۈنكى ئۈستۈنلۈك ۋە شان-شەرەپ قاندا ۋە تەننىڭ رەڭگىدە ئەمەس، ئەخلاق-پەزىلەتتە ۋە ۋىجداندا بولىدۇ. ۋىدالىشىش خۇتبىسىدىكى ئەرەب ۋە ئەجەم ئىپادىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى يالغۇز ئەرەب ۋە ئەجەم ئىرقلىرى ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئورنىغا خالىغان ئىككى ئىرقنى قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلساڭلار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىرقتا بولغان بىرىسى بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشقان چاغدا يۇقىرىقى خۇتبىنى ئەسلەڭلار. ئۇنتۇماڭلار، ۋىدالىشىش خۇتبىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئۈممەتكە قىلغان ۋەسىيىتىدۇر. ئۇ ۋەسىيەتكە قارشى ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەڭلار.

«زېمىننىڭ خەلىپىسى» ئۇنۋانى بىلەن شەرەپلەنگەن ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان ئىنسان بالىسىغا مۇھەببەتلىك بولۇشۇڭلار كېرەك. ھەزرىتى مەۋلانانىڭ سىركۇل مېتافورىسىدىكى ھەرىكەتچان سىركۇلنىڭ مۇقىم ئۇچىنى ئەسمائۇلھۇسنا بىلەن سوقۇۋاتقان قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قويۇڭلار. ئۇ يەردە مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىش ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھەببەتنى كۆرىسىلەر، ئۇنى قۇچاقلاڭلار! بۈگۈن مەدەنىيىتىمىزنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ چارىسىمۇ **مۇھەببەتتۇر.** لوگىكىلىق تەپەككۇر تۈپەيلى قەلپنىڭ ئۆز ئوقىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويماڭلار! قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان **«تەپەككۇر قىلىش»** پەقەت لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇ لوگىكىلىق ئەقىلنى ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئەقىلنىڭ ئورنى بولغان قەلبكە بويسۇندۇرۇشتۇر.

ھېسابلىق بولۇش بىلەن خالىس بولۇشنىڭ ئارىسىدىكى پەرقمۇ دەل مۇشۇ. ھېسابنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىڭلار، ئەمما خالىس بولماڭلار، ھېساب كۈنىنى ھېچ ئېسىدىن چىقارمىغان خالىسلاردىن بولۇڭلار. ئىنسانلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ناچار خۇي-مىجەزلىرىگە قارشى چىقىڭلار ۋە ئۇلارنى بۇ ناچار خىسلەتلەردىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا تىرىشىڭلار. ئەتراپىڭلاردىكى ناچار خۇي-مىجەزلىك بىرىنى سىلەردىن ئۇزاقتىكى ئېسىل خىسلەتلىك بىرىسىدىن ئەلا كۆرمەڭلار! بۇنداق ئەسەبىيەت تۇيغۇسى سىلەرنى ئاللاھنىڭ **ئادىل** ئىسىمىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


مەنبە: پىروفېسسور دوكتور ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ «ياشلار بىلەن ئۇچراشقاندا» ناملىق ئەسىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.