كىمگىمۇ يىغلاپ بېرەرمىز؟
كىمگىمۇ يىغلاپ بېرەرمىز؟
بىر ئىشنى باشلاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى پەقەت ئىش كۆرگەنلەرلا ياخشى بىلىدۇ. بىر ئىشنى باشلاش قانچە قىيىن بولسا، ئۇنى ئاخىرىغىچە ياشىتىپ، داۋاملاشتۇرۇشمۇ شۇنچە قىيىن. بۇنى پەقەت ئىش ئىگىلىرى ھېس قىلالايدۇ. قىيىن بولسىمۇ شۇ ھەقتە گەپ ئاچماي بولمايدۇ. بىر جەمئىيەت ئىش باشلىغان ۋاقىتتا، دەرھال شۇ ئىشنى ئاخىرىغا چىقىرىشنى نىشان قىلىدۇ ياكى شۇ ئىشقا بەل باغلايدۇ.
جاھاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۆز يۇرتىمىزدىكى ئىشلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، دېمەكچى بولغانلىرىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز.
(شەرقىي) تۈركىستان مائارىپ سەھنىسىگە نۇرغۇنلىغان ئىش ئىگىلىرى چىقىپ كەلدى. سىياسەت ساھەسىدىمۇ بىرقانچە سىياسەتچى جاسارەت كۆرسىتىپ باقتى. مىللىي ئويغىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىللىي ئۇيۇشمىلار، توغرىسى مىللىي تەشكىلاتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز غايىسى بويىچە ئىشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. قىلسىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. نېمە ئۈچۈن؟
تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەۋرىنىڭ ھاكىمىيەت رېجىمى (تۈزۈمى) غا ئۇيغۇنلىشالمىغانلىقتىن، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاقلىيالمىغانلىقتىن ئوتتۇرىغا چىقار - چىقمايلا يېقىلدى. نەتىجىدە مىللەت ئۆزىنىڭ مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مىللىي ئىز ياراتقۇچىلىرىدىن، مىللىي مۇنەۋۋەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى.
مىللىي مۇھىت ئىچىدە تۇرۇپ مىللىي ھەرىكەت قوزغاشقا ھېچبىر ئىمكانىيەت قالمىغان بىر مەزگىللەردە، تۈركىستان نامى بىلەن ئىچكى چىندە (خىتاي ئۆلكىلىرىدە) پائالىيەت قىلىۋاتقان رەھبەرلەر، كۈنىمىز ياشلىرى مىللەت ھۇزۇرىدا ئېگىلىپ تۇرماقتا.
ھاياتنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، پۈتكۈل بارلىقىنى مىللەت ئۈچۈن، يۇرت - ۋەتەن ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان، مىللىي ئويغىتىش ۋە مىللىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىردىنبىر ئىدارە بولسا، بۈگۈنكى نەشرىياتىمىزدۇر. دەرۋەقە، «قول ئۇزارتسا يۇرتقا يەتمەيدىغان بىر شارائىتتا يوقلۇق، قىيىنچىلىق ئىچىدە بىر جان، بىر تەن بولۇپ ئىشلىمەك، بەرپا قىلماق ئەركەكلىك ۋە مەردلىك ھېسابلىنىدۇ». [بۇ سۆز مەسئۇد سەبرى جانابلىرىنىڭ نۇتقىدىن ئېلىندى].
يوقسۇللۇق ئاچچىقىنى تېتىغان ۋە ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىللىرىدىمۇ يۇرت ۋە مىللەتكە سۆز بەرگەن بۇ ئىدارىمىز ئاز بولمىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمىدىمۇ؟
ئىدارىمىزنىڭ ئانا تۈزۈكى (نىزامنامىسى) تۈزىلىپ، ئۇل - ئاساسى قۇرۇلغىلى 15 يىلچە بولۇپتۇ. يابانجى (يات) بىر مۇھىتتا ۋە ھەر تۈرلۈك يەكلەشلەر ئاستىدا تۇرۇپ، خىلمۇخىل ناملار بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي دەۋاسىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىدارىمىز، ھېلىھەم بىر نىشان، بىر غايە، بىر يول ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارماقتا.
(شەرقىي) تۈركىستان مىللىي مەتبۇئاتىدا ئەڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى بار، ھەمدە ئۇيان ياكى بۇيانغا قېيىپ كەتمەستىن ئىزچىل ئۆز ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئىدارىمىز مىللەت ئۈچۈن چوڭ بىر ئىز قالدۇرۇپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى. 1881 - يىلدىن باشلاپ «توڭغۇچ»، «ئاي يۇلتۇز»، «قۇياش»، «شەفەق»، «مەرئات»، «جەدىد» قاتارلىق تۈرلۈك ئىسىملاردا سەھىپىلەر نەشر قىلىنغان ئىدى. نىھايەت 1883 - يىلى تۈركچە ۋە رۇسچە «تەرجىمان» گېزىتى نەشر قىلىندى. بۇ ئارقىلىق تۈرك تاتار دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىشىغا ئوپۇق ياراتقان ئىسمائىلبىك غاسپىرالى پۈتكۈل ئۆمرىدە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى تومۇرى بولغان مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتتى.
(شەرقىي) تۈركىستاندا، بولۇپمۇ كېيىنكى چارەك ئەسىر ئىچىدە مەتبۇئات ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشالمىدى. تارباغاتايدىكى «بىزنىڭ تاۋۇش»، كاشغەردىكى «مىللىي ھايات» قاتارلىق مەتبۇئاتلارمۇ كۆپ دېگەندە بىر ئىككى يىل داۋاملىشالىدى.
ئۆتكەن يىلى پۈتكۈل (شەرقىي) تۈركىستان مىقياسىدا داۋرىڭى چىقىپ، ھەممىنى ئۆرە - تۆپە قىلغان ۋە خەلقنىڭ كۆپ مىقداردا ماددىي ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرگەن «خان تەڭرى» نەشرىياتىمۇ ئارانلا 4 سان چىقىرار - چىقارمايلا سۇغا چېلىشىپ ئولتۇردى. كېيىن «خەلق نەشرىياتى» نامى بىلەن مەلۇم بىر ئىدارە قۇرۇلۇشقا باشلىنىۋېدى، خەلق نۇرغۇن ئۈمىدلەر بىلەن بار يوقىنى ئولاش - چولاش ئىئانە قىلدى. بۇ نەشرىياتمۇ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە قول - قولچە ئولتۇرۇپ ئاران دېگەندە ئونىنچى سانىغىچە گېزىت چىقىرىپ توختىدى.
ئون نەچچە يىلدىن بىرى بار يوقىنى ئاياپ يۈرۈپ ئىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدارىمىز بولسا، ھەربىر ئېغىرچىلىق كەلگەندە دەردنى ئۆزى يالغۇز تارتتى. ئىدارىمىز يېقىلىدىغان ھالىغا كېلىپ قالغان تەقدىردە، ئۆز مىللىتىدىن ياردەم ئېلىشنىمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپمۇ قويغان ئىدى. بۇنداق بىر تار مۇھىت ۋە ئۇيغۇنسىز بىر شارائىتتا كەچمىشىنى ئون نەچچە يىللارغا سوزۇپ ئاپىرالىغان بۇ ئىدارىنى يىقىتىپ قويماسلىقنى، ئاسراپ ئۆستۈرگەن مېۋە دەرىخىنى تۈۋىدىن كېسىۋەتمەسلىكنىڭ تۈزۈكلىكىنى مىللىتىمىز چۈشىنىپ يەتكۈدەك يەردىمۇ ياكى ئەمەسمۇ، ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. ئەگەر ھەربىر مىللەتدىشىمىز، ھەربىر يۇرتدىشىمىز شەخسىي پايدىسىدىن، خۇسۇسى بايلىقىدىن مىللىي مەنپەئەتنى ئەلا بىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق قولاي يېقىلىدىغان ئىشمۇ يۈز بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە!
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 93 - سان، 1947 - يىل، 19 - ئۆكتەبىر.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى