كۆرگۈز
كۆرگۈز (فارسچە: كركوز؛ قەدىمقى ئۇيغۇرچە: ᠺᠥᠷᠭᠦᠽ؛ خەنچە: 闊里吉思؛ ؟ — ئۆ. 1242) ياكى كورگۇز (Korguz). ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق خۇراسان ۋالىيسى (1239—1242).
كەچمىشى
[تەھرىرلەش]ياشلىقى
[تەھرىرلەش]كۆرگۈزنىڭ تېگى بەشبالىق شەھىرىگە قاراشلىق يارلىق يېزىسىدىن (شەھەرنىڭ 25 كىلومېترچە غەربىگە جايلاشقان) بولۇپ، ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان، ئاتىسى ۋە ئۆگەي ئانىسى بىلەن بىللە غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لېكىن، تېخى ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا ئاتىسىمۇ تۈگەپ كېتىپ، ئۆگەي ئانىسى بىلەن ياشىغان. تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى ۋە كۇركۇزنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبلىك غۇربەتچىلىكتە ئۆگەي ئانىسى بىلەن بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ، بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئۆيلىنىش يېشىغا يېقىنلاشقاندا، ئۇيغۇر ئىدىقۇتىنىڭ ھۇزۇرىغا يول ئالىدۇ ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى، شۇنداقلا ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىنى بايان قىلىپ، ئىدىقۇتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆگەي ئانىسىغا ئۆيلىنىدۇ. ئەسكى تۈركلەردە ئاتا ئۆلگەندىن كېيىن ئوغۇللار ئۆگەي ئانا بىلەن توي قىلىش بار ئىدى.
دۆلەت ئەربابلىقى
[تەھرىرلەش]كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە ئوقۇش - يېزىشنى پىششىق ئۆگەنگەن. ئۇ دەسلەپتە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچى دەۋرىدە قوماندان بولغان، كېيىن بىچىغچى (تارىخچى) ۋەزىپىسىدە بولغان. يۈەن تەيزوڭ ئۆگەدەي زامانىدا قاغاننىڭ خىزمىتىدە بولغان، دەسلەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ياش شاھزادىلەرنى ئوقۇتقان، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ۋالىيلىق قىلغان. ئۇ چىنتۆمۈر بىلەن بىرگە ئۆرگەنچنى باشقۇرۇشقا ئىبەرىلدى. شۇنداقلا خوراسان (ھازىرقى ئىران ۋە ئافغانىستاننىڭ غەربى) دىكى قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا ياردەمدە بولدى. كېيىن بىتىكچى\كاتىپلىقتىن باشلاپ، مۆھۈردارلىقىغا (堂印官) ئۆستۈرۈلگەن.
1232 - يىلى ئۇ سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە بۇيرۇلغان. 1235 - يىلى، چىنتۆمۈر ئۆلگەندىن كېيىن خوراساندا قالدى. 1239 - يىلى چىنقاينىڭ قوللىشى بىلەن خوراسان ۋە باشقا جايلاردىكى تۈتۈن تىزىملاش ۋە باج ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلغان. ئۇ مالىيەنى تۈزىتىپ ، ئائىلە تىزىملىكىنى تەكشۈردى، باج تۈزۈمى ئورناتتى، ناتوغرا سودىگەرلەرنى چەكلىدى ۋە قاقتى-سوقتى قىلىشنى جازالىدى، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە باجنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇ ئامۇ داريا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بارلىق شىتاتلارنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، تۇس شەھىرى (ھازىرقى ئىراننىڭ مەشھەدنىڭ شىمالى) ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورنى بولغان. يېزا-بازارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئامبار سېلىش، باغچا لايىھىلەش، ساراي سېلىش، بازارنى قايتا قۇرۇش قاتارلىقلار.
ئۇ يەنە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە پوچتا پونكىتى قۇرۇپ، ئەلچىلەرنىڭ كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى چەكلىدى. ئۇ ئوغلى ۋە باجگىرنى ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى باشقۇرۇش، باج يىغىش ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنى جازالاشقا ئەۋەتتى.
ئۆلۈمى
[تەھرىرلەش]1242 - يىلى تۆرەگەنەنى رەنجىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ چاغاتاي ئوردىسىغا ئەۋەتىلگەن ۋە ئاغزىغا تاش تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
دىنى ئىنانچى
[تەھرىرلەش]تارىخنامىلەردە «بۇتپەرەست كۆرگۈز» ئولاراق قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇددىست بولۇش ئېھتىمالى؛ ئىسمىنىڭ «جورجى» غا يېقىن بولۇشى سەۋەبلىك خرىستىيان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ھەتتا مۇسۇلمان بولۇش ئېھتىمالى ھەم ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇددىست ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كېلىنگەن.
خوراسان ۋالىيلەرى
[تەھرىرلەش]كۆرگۈز