كۆرۈنمەس تۇمارىڭىزنى بىلىۋېلىڭ
كۆرۈنمەس تۇمارىڭىزنى بىلىۋېلىڭ
بىز تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ كېتەلمەيمىز. بىراق ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشالايمىز. توغرا پسىخىك پوزىتسىيە ۋە ياخشى ئادەت چوقۇم ئىجابىي ئۈنۈم بېرىدۇ. روھىي دۇنيا ئەخلىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماسلىق كېرەك.
جاھاندا ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، باياشات ياشاشنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغانلار يوق. ۋەھالەنكى قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؟ مۇۋەپپەقىيەت يولى نەدىن باشلىنىدۇ؟ مانا بۇ كىشىلەر ئۈن - تىنسىز ئىزدىنىۋاتقان بىر مەسىلە.
ناپولېئون خېئول كىشىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، ئالدى بىلەن كۆرۈنمەس تۇمارىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. ھەممىمىزنىڭ كۆرۈنمەس تۇمارىمىز بار، ئۇنىڭ بىر يۈزىگە ئاكتىپ روھىي ھالەت، يەنە بىر يۈزىگە پاسسىپ روھىي ھالەت ئۇيۇلغان.
بۇ كۆرۈنمەس تۇمار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىككى خىل سېھرىي كۈچكە ئىگە: ئۇ ھەم بايلىق، مۇۋەپپەقىيەت، خۇشاللىق ۋە سالامەتلىك ئاتا قىلالايدۇ، ھەم بۇلارنى رەت قىلىپ، تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلالايدۇ. بۇ ئىككى خىل كۈچنىڭ بىرى ئاكتىپ روھىي ھالەت، ئۇ كىشىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدۇ، يەنە بىرى پاسسىپ روھىي ھالەت بولۇپ، ئۇ كىشىنى ئۆمۈرلۈك ھاڭغا چۈشۈرىدۇ، گەرچە يۇقىرى پەللىگە چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەردىن ھامان تارتىپ چۈشىدۇ.
ئۇنداقتا، روھىي ھالەت كىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ھەرىكەت پسىخولوگىيىسىدىن ئېيتقاندا، سىزدە بىرخىل ئەقىدە ياكى روھىي ھالەت بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىسىز، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئالايلۇق، سىزدە ئۈستىڭىزگە ئالغان خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىيالايمەن، دېگەن ئەقىدە بولسا، خىزمەتتە ئۆزىڭىزنى ناھايىتى ئىشەنچىلىك ھېس قىلىسىز، دائىم مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز، شۇنداقلا ئەمەلىيەتتە خىزمەتنى ئامال قىلىپ ياخشى ئىشلىسىڭىز، ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مانا بۇ ھەرىكىتىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزنى كۈچەيتىكەنلىكى. يەنە ئالايلى، سىز بىر كىشىنىمۇ مۇشۇنداق دەپ قارىسىڭىز، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، ئۇنىڭ بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىسىز، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز بايقايسىز - دە، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. مانا بۇ خاھىش بىلەن ھەرىكەتنىڭ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنىڭ بىرخىل ئىنكاسى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىڭىز ياكى ناھايىتى ياخشى كۆرمىسىڭىز، نەتىجە يەنە يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. بىرخىل روھىي ھالەت مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، ھەرىكىتىڭىز ئۇنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا بەزىدە قىزلار ياكى ئاياللار يىغلىغانسېرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بۇ يىغلاش ھەرىكەتنىڭ خاھىشىنى ئىپادىلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى، ئۇنىڭ سەۋەب نەتىجىسى ئارىلىشىپ كەتكەن. شۇڭا سىز ئىقتىدارىم بار، مەن بۇ ئىشنى قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز، ھەر جەھەتتە ئۆز تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، دېگەن ھېسسىياتتا بولىسىز. چۈنكى بۇ دۇنيادا سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزگەرتەلەيسىز، شۇنداقلا سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم مەغلۇپ قىلالمايدۇ.
شۇڭلاشقا، شارائىتىڭىزنىڭ قانداق ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن ئوبدان پايدىلانسىڭىز، شۇنداقلا ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتىنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيسىز، ئۇنىڭ ئەكسىچە شارائىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەۋزەل، پۇرسەتنىڭ قانچىلىك تېپىلماس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاسسىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلانسىڭىز مەغلۇپ بولۇشىڭىز مۇقەررەر. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكىلىن روزۋېلتنى ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلىنپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تىپى دېيىشكە بولىدۇ.
فرانكىلىن روزۋېلت كىچىگىدە ئاجىز، قورقۇنچان بولۇپ، ئادەتتە ئوقۇتقۇچىسى سوئال سوراپ قالسا غال - غال تىترەپ، ئېغىزى گەپكە كەلمەي قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەيۈسلىنىپ ئولتۇرۇۋالاتتى، ھەرقانداق پائالىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى، بالىلار بىلەن دوست بولۇشنى خالىمايتتى، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن چاغلايتتى.
ئەمما، ئۇ ئاكتىپ روھىي ھالەتكە، يەنى ئىجابىي، تىرىشچان، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىش روھىي ھالىتىگە ئىگە ئىدى، بۇنداق روھ ئۇنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتقان.
ئۇنىڭ جاسارىتى ھەمراھلىرىنىڭ مەسخىرىسى تۈپەيلىدىن ئاجىزلاپ قالمىغان، ئۇ قەتئىي ئىرادىگە تايىنىپ، قورقۇنچنى تۈگەتكەن. مەجبۇرىي يوسۇندا ئوۋ ئوۋلاش، ئات مىنىش، ئويۇن ئويناش ۋە باشقا كەسكىن ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنى جاپا - مۇشەققەتكە چىداشنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلاندۇرغان. ئۇ باشقا بالىلارنىڭ قىيىنچىلىققا پولاتتەك مۇستەھكەم پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قورقۇنچتىن خالاس بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دۇچ كەلگەن قورقۇنچلۇق مۇھىتلارغا ئېكسپىدىتسىيىچىلەرگە خاس روھ بىلەن تاقابىل تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنى قەھرىماندەك ھېس قىلىدىغان بولغان. ئۇ باشقىلار بىلەن بىللە بولغاندا ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۇلارنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالغان.
دېمەك، قەتئىي ئىشەنچ، ئاكتىپ روھىي ھالەت ۋە تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روزۋېلتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. ۋەھالەنكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى. بۇ ئاكتىپ روھىي ھالەت ئۇنى تىرىشىپ كۈرەش قىلشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن ئۇ ئاخىر ئاشۇنداق ناچار مۇھىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىنى تاپقان. ئۇ كۆرۈنمەس تۇماردىن پايدىلىنىپ ئاكتىپ روھىي ھالەت يۈزىنى يۇقىرىغا قىلىپ، ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتنى جەلپ قىلغان.
«مەن ئۆز تەقدىرىمنىڭ خوجايىنى، روھىي دۇنيايىمنىڭ شاھى» دېگەن سۆز بىزگە: بىز پوزىتسىيىمىزنىڭ خوجايىنى بولغانلىقتىن تەبىئىي ھالدا تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنى بولىمىز دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. پوزىتسىيە كەلگۈسى پۇرسىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ ھەممە يەرگە باب كېلىدىغان قانۇنىيەت. بۇ سۆز يەنە شۇنى تەكىتلەيدۇكى، پوزىتسىيىمىز مەيلى پاسسىپ بولسۇن، مەيلى ئاكتىپ بولسۇن، بۇ قانۇنىيەت تامامەن ئەمەلدە كۆرسىتىلىدۇ. ئاكتىپ روھىي ھالەت قانۇنىيىتىنى قوللانساق، كۆڭلىمىزدىكى تۈرلۈك ئوي – پىكىر، مۇددىئا مەقسەت ۋە پوزىتسىيىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز، ئوخشاشلا باياشاتلىق ياكى نامراتلىق ئىدىيىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.
ئامېرىكا بىرلەشمە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسپىي بۆلۈمىدە تارىل تەيلىن ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ بۇ شىركەتنىڭ داڭلىق مال ساتقۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ ئىرادىگە ئىلھام بېرىدىغان كىتاب ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان ئاكتىپ روھىي ھالەت قائىدىسىنى ئەمەلىيەتتە قوللانغان. ئۇ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چېكى يوق» ناملىق ژۇرنالنىڭ «نارازىلىقنى ئىلھامغا ئايلاندۇرۇش» سەرلەۋھىيلىك باش ماقالىسىنى ئوقۇغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تەيلىن ۋېسكونسېن شەھىرىدە قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ماگىزىنمۇ ماگىزىن كىرىپ، سۇغۇرتىنى بازارغا سالغان بولسىمۇ، بىرنىمۇ ساتالمىغان، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، بىراق، ئۇنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالىتى نارازىلىقنى «ئىلھام»غا ئايلاندۇرغان، ئۇ ئۆزى ئوقۇغان ھېلىقى باش ماقالىنى ئېسىگە ئېلىپ، سىناپ باقماقچى بولغان، ئەتىسى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىن چىقىش ئالدىدا ئالدىنقى كۈنىدىكى مەغلۇبىيىتىنى باشقا مال ساتقۇچىلارغا ئېيتقان: «قاراپ تۇرۇڭلار! بۈگۈن مەن تۈنۈگۈنكى خېرىدارلارنى يەنە يوقلايمەن ھەم سىلەردىنمۇ كۆپ سۇغۇرتا ساتىمەن» دېگەن.
شۇنىسى ئەجەبلىنەرلىككى، تەيلىن ۋەدىسىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ ئەسلىدىكى شەھەر رايونىغا بېرىپ، ئالدىنقى كۈنى سۆزلەشكەن كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم يوقلىغان، نەتىجىدە ئۇ كۈتۈلمىگەن يەردە 66 كىشىگە سۇغۇرتا ساتقان.
كۆرۈنمەس تۇمارنى ئۆرۈپ، پاسسىپ روھىي ھالەت يۈزىنى ئەمەس، ئاكتىپ روھىي ھالەت يۈزىنى ئىشلىتىش نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. كۆپ سانلىق كىشىلەر: مۇۋەپپەقىيەت ئۆزىمىزدە بولمىغان ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىدۇ، ياكى بىز بۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز بولسىمۇ بايقىيالمايمىز، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەڭ زۆرۈر نەرسىنى بايقاش ھەممىدىن قىيىن بولىدۇ، ھەربىر كىشىنىڭ ئاتۇقچىلىقى دەل ئۇنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالىتى، بۇ قىلچە سىرلىق ئىش ئەمەس.
ئاكتىپ روھىي ھالەت توغرا روھىي ھالەتتۇر. توغرا روھىي ھالەت «توغرا يۈز»نىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. مەسىلەن، ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، ئۈمىدۋارلىق، جاسارەت، ئىلگىرىلەشكە ئىنتلىش، مەردانىلىق، يول قويۇش، پاراسەت، ساداقەتمەنلىك ۋە مول ساۋات قاتارلىقلار توغرا يۈزگە مەنسۇپ.
پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى سەلبىي بولۇپ، پاسسىپ، ئۈمىدسىز، مەيۈس، ناتوغرا روھىي ھالەتتۇر.
ناپولېئون خېئول مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەربابلارنى كۆپ يىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئاكتىپ روھىي ھالەت ئۇلارنىڭ ئورتاق بولغان ئاددىي مەخپىيىتى، دەپ يەكۈن چىقارغان.
_ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»دىن