كۆمەچ

ئورنى Wikipedia


كۆمەچ بولسا ئاق ئۇن ، زىرە ، سۇ، قارىمۇچ ، گۆش ، خېمىرتۇرۇچ ، پىياز ، تۇز قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ئۆزگىچە .

 

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

كۆمەچ بىر خىل ئەنئەنىۋىي، قەدىمىي ئۇسۇل بويىچە قاقلاپ پۇشۇرۇلىدىغان نان تۇرلىرىنىڭ بىرى. يەرلىكتىكى كىشىلەر بۇ خىل ناننى قىسقارتىپ «كۆمەچ» دەپ ئاتايدۇ. كۆمەچ ئۇيغۇرتىلىدا قاقلاپ پۇشۇرۇلىدىغان نان دېگەن مەنىدە، چۈنكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، يىيىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

كېرەكلىك ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

7پارچەكۆمەچئاق ئۇن ، گۆش، پىياز، زىرە ئازراق، سۇ ، قارىمۇچ ئازراق، خېمىرتۇرۇچ، تۇز ئازراق قاتارلىقلار.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
  • كېرەكلىك ماتىرياللار
  • تەييارلاش ئۇسۇلى
  • كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا مۇۋاپىق مىقدارىدا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قۇرغۇنلاپ، ئوتۇن

قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ.

كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت[تەھرىرلەش]

ئۆتمۈشتە بىر جۇپ قىز- يىگىت ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، يىگىت دادىللىق بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا توي قىلىش تەلىۋىنى ئېيتقاندا يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىناش ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا بىر قىيىن مەسىلىنى يەنى ئائىلىگە يۈز مېھمان چاقىرىپ بىر قوي گۆشى ئارقىلىق سۆڭەكسىز تاماق، ھەم سەي تەييارلاپ ، مېھمانلارنى رازى قىلىش، ئەگەردە بۇ ئىش ئىشقا ئاشۇرۇلسا توي ئىشىغا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىگىت ئۆيگە قايتىپ نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىغان بولسىمۇ جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن نەچچە كېچە- كۈندۈز ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن شۇ كۈنى، يىگىت ئەتتىگەن تۇرۇپ سېتىۋالغان قوينى سويۇپ، ئىچىدىكى باشقا ئەزالىرىنى يۇيۇپ پاكىزىلاپتۇ. ئارقىدىن بىر قوينىڭ پۈتۈن گۆشىنى شىلىپ توغراپ، ئۇنىڭغا پىياز، زىرە، قارمۇچ، تۇز قاتارلىق تەم- تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇپ قىيما قىلىپتۇ ھەم 20 نەچچە جىڭ ئۇننى خېمىر قىلىپ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭراق بولغان شەكىلدە تەييارلاپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ ئەتراپىنى گۈل شەكىلىدە تۈگۈپتۇ. ئەمما پاتقۇدەك چوڭ قازان ياكى چوڭ تونۇر بولمىغاچقا قانداق پىشۇرۇشنى بىلەلمەپتۇ. كېيىن ئۇ مۇنداق بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇتۇننى بىر يەرگە دۆۋىلەپ كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوغىغا تەييار قىلغان خېمىرنى كۆمۈپتۇ. ئىككى چەينەك سۇ قاينۇغۇدەك ۋاقىتتىن كېيىن نان پىشىپتۇ. ئارقىدىن بۇ چوڭ ناننى كۆتۈرۈپ قىزچاقنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئىچى پۇشۇپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئاتا- ئانىسى ناننىڭ چوڭلىقىنى، ئىچىدىكى قوي گۆشىنىڭ سۈڭەكسىز ئىكەنلىكىنى، تەمىنىڭ مېزىلىك بولۇپ، 100 مېھمانغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلۇپتۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ خىل ناننى «كۆمەچ» دەپ ئاتاپ ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەپتۇ. كۆمەچكە ئالاقىدار يەنە بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەت گۈل خۇمار ئىسىملىك بىر ئايالغا مۇناسىۋەتلىك. گۇلاخما كۆمىچىنىڭ تۈرى بىرلا خىل بولماستىن ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئاساسەن، «پېتىر قىيما كۆمىچى»، «خېمىرلىق قىيما كۆمىچى»، «پېتىر كۆمەچ»، «خېمىرلىق كۆمەچ»، «قىيمىلىق قوناق كۆمىچى»، «قىيمىسىز قوناق كۆمىچى» ۋە «ياڭاق، شېكەر، پىياز، كۆكمۈچ، شوخلا قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان كۆمەچ» قاتارلىق يەتتە خىلغا ئايرىلغان.