كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپ تولىمۇ ھاياجان بىلەن مۇنۇ سۆزلەرنى قىلدى:

− كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت ھامان بىر كۈنى بەرپا بولىدۇ، لېكىن ھازىر ۋاقتى ئەمەس. چۈنكى كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى ھازىرچە خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى مىللىي جامائەت پىكىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئاجىز. بۈگۈنكى كۈندە بىچارە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلىنىشىغا قارشى ئاۋاز چىقىرالمىغان بىر جامائەت پىكىرىنى خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى دېگىلى بولمايدۇ. ھۆر مىللەتلەرنىڭ ئىسكەنجە ئاستىغا ئېلىنىپ، ئاسارەت ئىچىدە ئىڭرىشىنى قوبۇل قىلالىغان بىر خەلقنىمۇ كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت دېگىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەركىنلىك ۋە ھۆكۈمرانلىق ھەقلىرىنىڭ مەلۇم قىسمىدىن ۋاز كېچىپ، بىر دۇنيا دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ دۇنيا دۆلىتى پەقەت ياۋروپادىلا بولسا بولمايدۇ. چۈنكى ياۋروپانىڭ جامائەت پىكىرى دۇنيا جامائەت پىكىرى دېگەنلىك بولمايدۇ.

ياۋروپا خەلقى ئۆزى يالغۇز پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ياۋروپالىق، ئاسىيالىق، ئافرىقىلىق، ئوكيانۇسلۇق ۋە ئامېرىكىلىق قاتارلىق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قانچىلىك ئىپتىدائىي بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىپ بولغان خەلق ۋە مىللەتلەر بولسۇن، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كېڭەشكىلا ئىشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتلەردە مۇشۇنداق خۇسۇسىيەت بارمۇ؟ بولمىسا ئۇنى قانداقسىگە كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت دېگىلى بولسۇن؟

ئۈچىنچىدىن، ھەقىقىي بىر دۇنيا جامائەت پىكىرى ھەمدە پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بارلىققا كەلگەن بىر ھەيئەت بار دەپ تۇرايلى. مىللىي تەشكىلاتلاردىكىگە ئوخشاش قانۇن، ئەدلىيە ۋە ئىجرائىيە كومىتېتلىرى دېيىلىدىغان ئۈچ كۈچكە ئىگە بولمىسا، يەنە ئۇنىڭ قىلچە ئېتىبارى بولمايدۇ.

دېمەك، جەمئىيەتنىڭ ئالدى بىلەن بىر قانۇن كېڭىشى بولۇشى كېرەك. بۇنى دۇنيا پارلامېنتى دېيىشىمىز مۇمكىن. بۇ پارلامېنت ئەركىن ھەم ئىختىيارىي شەكىلدە مۇزاكىرىلىشىپ دۇنيا جامائەت پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىنى ئەركىن ھەم مۇستەقىل ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، مېدىتسىنا ئىشخانىسى، ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي جەمئىيەتلەر سايلىشى كېرەك. سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ سايلىغانلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ.

بۇ دۇنيا پارلامېنتى ئۆز ئەزالىرى ئىچىدىن بىر دۇنيا كابېنتى تەشكىللىشى ۋە ئىجرائىيە ھوقۇقى مۇشۇ خەلقئارالىق كابېنتقا بېرىلىشى كېرەك. لېكىن بۇ كابېنتقا قاراشلىق خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە ھەمدە تولۇق قوراللانغان بىر ئەسكىرىي تەشكىلاتمۇ بولۇشى كېرەك.

كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى فرانسۇز ئەسكىرىدىن، دېڭىز ئارمىيەسى ئىنگلىز دېڭىز ئارمىيەسىدىن، مالىيەسى ئامېرىكا خەزىنىسىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم باي بولۇشى كېرەك.

بۇنداق بولمىغاندا دۇنيا پارلامېنتى چىقارغان قانۇنلار ۋە خەلقئارالىق كابېنت چىقارغان قارارلارنىڭ ھېچقانداق تەسىر كۈچى بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارادىكى سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي دەۋا – دەستۇرلارنى بىتەرەپ تۇرۇپ، ھەققانىيەت بىلەن ھەل قىلالايدىغان دۇنيا سوتلىرى بولۇشى ھەمدە دۇنيا كابېنتى مۇشۇ خەلقئارا سوتنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى كېرەك.

ھازىر مۇشۇنداق تەشكىلاتلار بارمۇ؟ ياق! لېكىن مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ يىراق ياكى يېقىن كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ھەم ئۈمىدىم بار.

كەلگۈسىگە ئائىت بۈيۈك مەپكۇرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشىنەيلى. لېكىن ھازىرغىچە بارلىققا كەلمىگەن بۇنداق چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ ۋاقىتسىز بىر خەمىكى بولغان بۈگۈنكى جەمئىيەت خەلقىگە (كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتكە) قەتئىي ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئەزالىرىدىن ئالتىسى ئىنگلىزلارنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ كېڭەش ھېچقاچان، بولۇپمۇ ئىنگلىزلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بىتەرەپ بولالمايدۇ. بۇ كېڭەش پەقەت ئەخلاقىي جازا بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن باشقا مىللەتلەرنى سۈمۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بىر كېڭەشتىن بۇنىمۇ كۈتەلمەيمىز. مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە شەرق خەلقلىرىگە قارىتا ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىشغالچىلارنى قوراللاندۇرۇشنى چەكلەش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللانمىغان بىر تەشكىلاتتىن نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟

ئۇنداقتا پۈتۈن جاۋابكارلىقنى بۇنداق كېڭەشكە تاشلاپ قويۇش ئارقىلىق ھەققانىي بىر قارارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق.

تۈركلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بۇنداق ئىشەنچسىز بىر تەشكىلاتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشى ئاقىلانىلىك ئەمەس. لېكىن باشقا ئامال بولماي قالسا، بۇ خەتەرلىك ئىشنى بىرەر قېتىم سىناپ باقمايمۇ بولمايدۇ.

قېنى قاراپ باقايلى. بۇ تەشكىلات ئۆزى مەسئۇل بولغان خەلقنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلامدۇ – يوق؟ ياكى ئۇ يەردە ياشىغان خەلقتىن قانچىلىك مەنپەئەت كېلىدىغانلىقىغا قارامدۇ؟

جاۋابكارلىقىدىكى خەلقلەرنى ۋە بولۇپمۇ كۇرتلار بىلەن تۈركمەنلەر ۋە تۈركلەر ئۆزلىرىنى خەلقچىل بىر جۇمھۇرىيەتكە چاقىرغان تۈركىيەگە قوشۇلسا ياكى دەسلەپتىن تارتىپ ئۆزلىرىنى تەرەپبازلىققا ۋە كۆچمەنلىككە مەھكۇم قىلغان ئەرەبىستان ياكى ئىراققا قوشۇلسا، قايسىسى مەدەنىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا قارامدۇ؟

كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بۇ مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمىسا، ھازىرچە ئاجىز بولغان دۇنيا جامائەت پىكىرى ئالدىدا تامامەن نەزەردىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ھازىر خەلقئارا قانۇننىڭ ماددىي جازالىرى بولمىسىمۇ خەلقئارا ئەخلاقنىڭ مەنىۋى جازالىرى مەۋجۇت. قېنى كۆرەيلى، كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بۇ جازانىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالامدۇ؟

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىل، 26 – ئىيۇل)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى