كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ئورنى Wikipedia

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە. ديەنچى كۆلى ديەنجۇڭ ئېگىزلىكىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆل، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1800 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ.

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
ئۇيغۇرچە نامى كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 昆明滇池國家旅遊度假區
كېلىماتى ئېگىزلىك سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
تەۋە رايون كۈنمىڭ يۈننەن
جۇغراپىيەلىك ئورنى كۈنمىڭ غەربىي جەنۇبى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە. ديەنچى كۆلى ديەنجۇڭ ئېگىزلىكىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆل، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1800 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ. شىشەن تېغى ديەنجۇڭدىكى مەشھۇر تاغ بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال» دېگەن نامى بار، تاغقا چىقىپ كۆلنى سەيلە قىلغاندا، «500چاقىرىملىق ديەنچى كۆلى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولدى» دېيىلگەندەك، كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. تاغدا بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇاتىڭ شىپاڭى، تەيخۇاشى بۇتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش توپى، تىك قىيالار ئۈستىدە سەنچىڭگې شىپاڭى قاتارلىق قۇرۇلۇش توپى بار. غەربىي قىرغىقىدا داگۇەن راۋىقى، خەيگېڭ، شىيۇەن، ساۋشى ساڭراملىرى ھەمدە شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدا چيۇڭجۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

قەدىمي يادىكارلىقلار[تەھرىرلەش]

شەرقىي قىرغىقى ديەن مەدەنىيىتى پەيدا بولغان جاي بولۇپ، چېڭگۇڭدىكى لۇڭتەنشەن تېغىدا كونا تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابە، شىسەيشەن تېغىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابە، تيەنزى ئىبادەتخانىسى، يېغىلىق دەۋرىدىكى «ديەن قەبرىسى» ، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي بازار قاتارلىقلار بار.