Jump to content

كۇچا خانقاسى

ئورنى Wikipedia
كۇچا خانقاسى
كۇچا خانقاسى
كۇچا خانقاسى 2012-يىلى

كۇچا خانقا جامەسى، كۇچا خانقاسى، كۇچا خانقا مەسچىتى ( 库车大寺,又称库车加满清真寺, 库车清真大寺) 16-ئەسىردە سېلىنغان داڭلىق تارىخىي مەسچىت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھېيتگاھ مەسچىتىدىن قالسا ئەڭ چوڭ مەسچىت . ئورنى كۇچا ناھىيسىنڭ شەرقىدە . تەخمىنەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، 16 - ئەسىردە شىنجاڭدىكى قارا تاغلىقلارنىڭ مۇرشىدى ھەزرەت خوجا مۇھەممەد ئىسھاق ۋەلى قەشقەردىن كۇچاغا كېلىپ دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بارغاندا سالدۇرغانىكەن . چىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرى ، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى بىر نەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغانىكەن . 1931 - يىلى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان . شۇ يىلى كۇچالىق باي ھەلىم ھاجى پۇل چىقىرىپ ئەسلى ئورنىنىڭ يېنىغا قايتا سالدۇرۇشقا باشلىغان ، 1934 - يىلى قۇرۇلۇش پۈتكەن . قۇرۇلۇشقا قىزىل خىش ، تاش ، گەج ۋە ئۈجمە ياغىچى ئىشلىتىلگەن . بۇ مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 21 مو بۇلۇپ ، نامازخانا ، پەشتاق ، قۇببىلىك دەرۋازا راۋىقى ، ئەزان راۋىقى ، مەدرىسە ، ياتاق قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان . ئۈچ پەشتاق ئايرىم - ئايرىم ھالدا دەرۋازا راۋىقىنىڭ يېنىدا بولۇپ ، ئېگىزلىكى 16 مېتىر . ئورنى ئېگزرەك يەردە بولغاچقا ، پۈتۈن شەھەر كۆرىنىپ تۇرىدۇ . نامازخاننى 88 تال تۈۋرۈك تىرەپ تۇرىدۇ ، ئوچۇق بۆلمە ، قوشۇمچە بۆلمە ۋە چەت بۆلمىلەر ، شۇنىڭدەك روجەك قاناتلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . ئوتتۇردا ئۆگزىدىن ئېگىزرەك چىقىپ تۇرغان تۈڭلۈك ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئايلانما لەمپىلىك تورۇس بىلەن يېپىلغان ، تۈۋرۈكلەرگە ھەر خىل نەقىشلەر ئويۇلغان . نامازخانا ئىچىدە ئويما نەقىشلەر ، تام رەسىملىرى ، ھۆسنىخەتلەر بار بولۇپ ، بەك كۆركەم بېزەلگەن ، ئويۇق ، تەكچە ۋە ئىشىك - روجەكلەرنى بېزەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن . سىرتقى كۆرىنىشى ھەيۋەتلىك ، ئاددىي - ساددا ۋە نەپىس بولۇپ ، بىر قەدەر يۇقىرى سەنئىەت سەۋىيسى نامايەن قىلىنغان ، قۇيۇق ئۇيغۇر بىناكارلىقى ئۇسلۇبىغا ئىگە . مەزكۇر مەسچىت كۇچا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ ، نەچچە مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ . قورۇ ئىچىدە نامسىز مازار ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا تەۋە بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى بار.

بۇ مەسچىت كۇچا كونا شەھەر (ئەسلى كۇچا شەھىرى)نىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ساينىڭ غەربىي تەرىپىگە، سۇقۇۋۇق ۋە گۈلباغدىن ئىبارەت ئىككى مەھەللىنىڭ تۇتاشقان جايىدىكى تۆپىلىككە سېلىنغان بولۇپ يەر مەيدانى 1165 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆپىلىك كۇچا شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز جاي بولۇپ، بۇ تۆپىلىكنىڭ ئىسمى قىغدۆڭ بولغاچقا، بۇ مەسچىت بەزىدە قىغدۆڭ خانىقا مەسچىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما كۇچا خەلقى ئومۇميۈزلۈك «(كۇچا) خانىقا مەسچىت» دەپ ئاتايدۇ. خىتاي ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن كۇچا مەھكىمە شەرئى مانا مۇشۇ خانىقا مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئىدى.

بۇ ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ كۆركەم 500 يىللىق تارىخى كۇچا خانىقا مەسچىتى تەخمىنەن 2010-يىلىدىن كېيىن تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن ساياھەت رايونى ۋە ناخشا-ئۇسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغان... يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.

庫車大寺 كۇچا خانىقا مەسچىتى