كۇچا خانقا جامەسى

كۇچا خانقا جامەسى ،كۇچا خانقا مەسچىتى ياكى كۇچا خانقاسى : ( 库车大寺,又称库车加满清真寺、克戈墩清真寺库车大寺、库车清真大寺) كۇچا خانىقا مەسچىتى 16-ئەسىردە سېلىنغان داڭلىق تارىخىي مەسچىت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھېيتگاھ مەسچىتىدىن قالسا ئەڭ چوڭ مەسچىت.
بۇ مەسچىت كۇچا كونا شەھەر (ئەسلى كۇچا شەھىرى)نىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ساينىڭ غەربىي تەرىپىگە، سۇقۇۋۇق ۋە گۈلباغدىن ئىبارەت ئىككى مەھەللىنىڭ تۇتاشقان جايىدىكى تۆپىلىككە سېلىنغان بولۇپ يەر مەيدانى 1165 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆپىلىك كۇچا شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز جاي بولۇپ، بۇ تۆپىلىكنىڭ ئىسمى قىغدۆڭ بولغاچقا، بۇ مەسچىت بەزىدە قىغدۆڭ خانىقا مەسچىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما كۇچا خەلقى ئومۇميۈزلۈك «(كۇچا) خانىقا مەسچىت» دەپ ئاتايدۇ. خىتاي ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن كۇچا مەھكىمە شەرئى مانا مۇشۇ خانىقا مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئىدى.
بۇ ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ كۆركەم 500 يىللىق تارىخى كۇچا خانىقا مەسچىتى تەخمىنەن 2010-يىلىدىن كېيىن تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن ساياھەت رايونى ۋە ناخشا-ئۇسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغان... يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.