Jump to content

كۈتۈلگەن ۋە كۈتۈلمىگەن ئىشلار

ئورنى Wikipedia

كۈتۈلگەن ۋە كۈتۈلمىگەن ئىشلار

كۆتۈرەلمىگىدەك مەسئۇلىيەتنى بولۇشىغا ئارتىۋىلىپ، سورىقى چىقىدىغان چاغدا تېگىشلىكىدىن ئارتۇق جاۋابنى زىممىسىگە ئارتىۋىلىپ قىينىلىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي جەمئىيەتتىن كۈشەندە ئىزدەشنى ئاۋام تىلىدا ئاددىيلاشتۇرۇپ «مەغرۇرلۇق» دېيىشكە بولىدۇ. فرانسوز پەيلاسوپ ئالبېرت كاميو ئېيتقاندەك «زىيالىينىڭ ئەقلى پىسخىكىسىدىن ئۈستۈن كېلىشى» لازىم. ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمىز تەنقىدنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان، ئەمما تەنقىدنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىپ قېلىشىدىن خۇددى سۇدىن ئەندىككەن مۈشۈكتەك ئەندىكىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى تانغىلى بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۇلاردىن بەزىلىرى مەسئۇلىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلىككە، ئەقلىيلىك بىلەن ھېسسىيلىققا باھا بېرىشتە تەمكىنلىكىنى، تىرەنلىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. تەنقىدنىڭ مۇھىملىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئالقىشلايدىغان بۇ خىل ئىلغار زىيالىيلىرىمىزنىڭ دىياگنوز قويۇشتىكى بەزى تەنتەكلىكلىرى يۇقىرىقىدەك ئەندىكىشتىن كېلىپ چىققان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بارغانچە پىكىر بىلەن تەنقىدنى ئايرىيالمايدىغان، كۆشكۈرتۈش بىلەن دەۋانى ئايرىيالمايدىغان، نېمىنىڭ پىكىر، نېمىنىڭ ئىنقىلابلىقىنى، نېمىنىڭ سەگەكلىك، نېمىنىڭ قۇۋلۇق ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئومۇمغا خاس، نېمىنىڭ شەخسكە خاس خاھىشلىكىنى ئايرىماستىن، ئارىلاشتۇرۇپ خامانلاپ باھالاش كەيپىياتى مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. قارىغاندا ئاۋامنىڭلا ئەمەس، ئاۋامنىڭ پىسخىكىسىغا دىياگنوز قويىدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ پىسخىكىسى بۇزۇلىۋاتقاندەك. ۋىراچ پىسخولوگلارغا موھتاج بولۇۋاتقان ئوخشايمىز.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى