كۈرەش كۇسەن كىم ؟

ئورنى Wikipedia

كۈرەش كۇسەن كىم ؟

مەمەت تۇرۇس ئۇيغۇر

   9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنىۋېرسىتېتى (Fatih Sultan Mehmet Vakıf Üniversitesi)نىڭ يىغىن زالىدا مەرھۇم كۈرەش كۇسەن (كۈرەش سۇلتان)نىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

   بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە كۈرەش كۇسەننىڭ سىڭلىسى مۇنەۋەر سۇلتان بىلەن يولدىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (مۇستەقىل تەتقىقاتچى)لەر بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىم ھەم ئاكادېمىكلىرىدىن ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس، ئەسەت سۇلايمان، ھاجى قۇتلۇق قادىر، مەرھۇم كۈرەش كۇسەننىڭ ئايالى بەختىنۇر خانىم... قاتارلىق كۆپلىگەن قىممەتلىك مىھمانلار قاتناشتى. پائالىيەت باشتىن ئاخىر ناھايىتى يوقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغان كۈرەش كۇسەننىڭ «ئاتلاندۇق» دېگەن شېئىرى ۋە ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلىغان نومىرلىرى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى.  

  پائالىيەتتە ئەركىن سىدىق، ئەسەت سۇلايمان، مەمتىمىن ئەلا، ھاجى قۇتلۇق قادىرى، ئۆمەرجان شۇنداقلا كۈرەش كۇسەننىڭ ئايالى بەختىنۇر خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، كۈرەش كۇسەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتلىرى ۋە ئىش- پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

   پائالىيەت كەچ سائەت 18:45 دە باشلىنىپ 21:30 غىچە داۋاملاشتى.

كۈرەش كۇسەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

   ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانى كۈرەش كۇسەن  1959- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.  

   كۈرەش كۇسەننىڭ ئەسلى ئىسمى كۈرەش سۇلتان بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى سۇلتان مەخمۇت، ئانىسىنىڭ ئىسمى تىللاخان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاتالمىش  شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغان.

   كۈرەش سۇلتاننىڭ بىر تاغىسى 1955- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى باھانە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى 1963- يىلى كۈرەش سۇلتان ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا سۈرگۈن قىلىدۇ. كۈرەش سۇلتاننىڭ كېيىنكى ھاياتى شۇنىڭدىن كېيىن كۇچادا ئۆتىدۇ. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا ئۆزىگە «كۈسەن» دېگەن تەخەللۇسنى تاللىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولىدۇ.

   كۈرەش كۈسەن يالغۇز ئوغۇل بولۇپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىكلەرنى كىچىكىدىنلا تەڭ تارتىپ چوڭ بولىدۇ. ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، دادىسى «پانتۈركىست»، «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان ئۇنسۇر» دېگەندەك بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۇچادا ئىگە- چاقىسىز قالغان بۇ ئائىلە يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

   ئۇنىڭ ئائىلىسى كۇچادىن باشقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئۈرۈمچىدىن غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىغا سۈرگۈن قىلنىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۈرەشنىڭ ئاتا-ئانىسى يوشۇرۇنچە بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ چۇلۇقاي يېزىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ قېشىغا ئورۇنلىشىدۇ. دادىسى قولىدىن كۆپ خىل ھۈنەر كېلىدىغان، تىرىشچان كىشى بولغاچقا كوممۇنا (خەلق گوڭشېسى) قارىمىقىدىكى چوڭ ئەترەتنىڭ كوللېكتىپ ئاشخانىسىدا ئاشپەز بولۇپ ئىشلەيدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا تېبابەتتىن خەۋىرى بولغاچقا خەلق ئىچىدە «يالاڭئاياغ دوختۇر» بولۇپ كېسەل كۆرىدۇ. ئاپىسى تۇغۇت ئانىسى بولۇپ مەھەللىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. كۈرەش كۈسەن بولسا بالىلىق دەۋرىنىڭ بىغۇبار چاغلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى غۇلجىنىڭ  يېزىلىرىدا ئەمگەك ۋە تۇرمۇش قېيىنچلىقىدا ئۆتكۈزىدۇ.

   ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىلارمۇ چوڭ بولىدۇ. ئەمما ئائىلىسى قارا نوپۇس بولمىغاچقا بالىلىرى مەكتەپكە قوبۇل قىلنمايدا. ئامالسىز قالغان كۈرەش كۇسەن ئائىلىسى 1974- يىلى يەنە كۇچاغا قايتىپ كېلىدۇ. ئەمدىلا 15 ياشقا يېقىنلاشقان كۈرەش كۇچاغا كېلىپمۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئائىلىسىنى بېقىشنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپتە مەدىكار، بالا تامچى، ۋە گىلەمچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سىڭىللىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۆگىنىپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىرىنى تولۇقلايدۇ.

   كۈرەش كۈسەن كۇچا تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ گىلەمچىلىك كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە، سۇ تۆكۈلۈپ يىرتىلىپ كەتكەن گىلەم خەرىتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتا سىزىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلەمچىلىك كارخانىسىنىڭ قارا ئىشچىلىقىدىن خەرىتە- نۇسخا سىزىش ئىشخانىسىغا رەسمىي مائاشلىق خادىم بولۇپ تاللىنىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ خەرىتە سىزىش كەسپى بويىچە ئوقۇپ، دىپلوم ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى سەۋەبلىك كۇچادىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە سىرتتىن قاتنىشىپ ئەل ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى بايقىغان كۇچا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ياش كۈرەش كۇسەننى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىدۇ. دەل شۇ مەزگىللەردە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن بىر گۇرۇپپا كۇچاغا كېلىپ خەلق ئىچىدىن ياش تالانت ئىگىلىرىنى تاللايدۇ. كۈرەش كۇسەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتى بىلەن بۇ ئۆمەك تەرىپىدىن تاللىنىدۇ. ئەمما كۈرەش كۈسەن ھەققىدە كەلگەن« ئائىلىسىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى پاك ئەمەس» دېگەن تېلېفونى سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۈرەش كۇسەننىڭ تىرىشچانلىقلىرى، تاشلىغان ھەر بىر قەدىمى بىر- بىرلەپ يوققا چىقىدۇ. چۈنكى «ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە سىياسىي سالاھىيىتى پاك ئەمەس» دېگەن قالپاق ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا داۋاملىق ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

   1978- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۈرەش كۈسەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ 1979- 1982- يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىدە 3 يىل ئوقۇيدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ.

   ئۇ 1985- يىلى ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپكە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۆتكىلىپ بارىدۇ. كۈرەش كۈسەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى بولغان «پۇل»، «ئايمۇ كەتتى خوشلىشىپ» ناملىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ غۇلغۇلا قوزغايدۇ. ئۇ «پۇل» دېگەن ناخشىسىنى مىللى غۇرۇرىنى پۇلغا ساتىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئىجتىمائىي ھاياتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىجاد قىلغان ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئەل ئىچىدە رەسمىي ناخشىچى سالاھىيىتى بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.

   كۈرەش كۈسەن 1987- يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي جەھەتتىكى تالانتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپوزىتورلۇق كەسپىگە تاللىنىدۇ. 1986- يىلىدىن باشلاپ بالىلار ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئارقا- ئارقىدىن «چېلىكىم»، «دېمىدىممۇ»، «تىلىكىم»، «مىياڭ- مىياڭ مۈشۈكۈم»، «بىزدە شۇنداق ئادەت بار» قاتارلىق بىر يۈرۈش بالىلار ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىدۇ.

   1980- 1990- يىللىرى كۈرەش كۈسەننىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىدە پارتلاش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر كۆرۈلگەن يىللار بولىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇ «شۇنداق بىر جايدا ياشىسام دەيمەن»، «دوپپا»، «بىلەلمىدىم ھېچ» ... قاتارلىق بىر قاتار ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ غۇلغۇلا قوزغايدۇ. ئۇ يەنە ئىمىنجان يۈسۈپ[1] ۋە نۇرمامۇتلار ئىجاد قىلغان ناخشىلاردىن «شاماللار»، «ئون سەككىز ياشىم» قاتارلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ يەنە، «يەرنى ساتماڭلار» دېگەن ناخشىسى جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. چۈنكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ دېھقانلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە باغلىرىنى خىتايلارغا سېتىپ بېرىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

   كۈرەش كۇسەن 1988- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىشتىن سىرتقى

سەنئەتكارلارنىڭ تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ خىلدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 11 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ «چولپانلار» قاتارىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. لېكىن ئۇ مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا خىتاي تەرىپىدىن «قۇتراتقۇچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن داۋاملىق چەتكە قېقىلىدۇ.

   شۇ يىللاردا كۈرەش كۇسەن ئۆزى دىرېكتورلۇق قىلىۋاتقان «كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت شىركىتى» نىڭ نامىدا سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت- ناھىيەلەردە ئويۇن قۇيۇپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان پەيتتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر تەھتىدىگە دۇچ كېلىشكە باشلايدۇ. كۆپ ئۆتمەي كۈرەش كۇسەننىڭ «كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت شىركىتى»نىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى بىكار قىلىندۇ. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ قايتىدىن سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بولۇپمۇ بۆرتالا شەھىرىدىكى مەركىزىي قۇلۇبتا قويغان ئويۇنى خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. كۈرەش كۈسەن ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى، كۈچلۈك مىللىي ھېسسىياتى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بۆرتالا شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ.

   ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1000 مەيدان ئويۇن قويىدۇ. بۇ ئويۇنغا قاتناشقان

كىشىلەرنىڭ سانى 5 مىليون ئادەمگە يېتىدۇ. «ھەسرەت» ۋە «ئېچىنىش»دېگەن قاپلىق ئۈنئالغۇ  لېنتىلىرى 160 مىڭ دانە نەشىر قىلىنىپ شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا رېكورت يارىتىدۇ.

   كۈرەش كۈسەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت شىركىتى» نىڭ بارلىق مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئۆمەك تەشكىللىشى ياكى كوللېكتىپ سورۇنلاردا ناخشا ئېيتىشىمۇ چەكلىنىدۇ.

 بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش ۋە خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان شەكىلسىز بېسىم ئۇنىڭ ياشاش دائىرىسىنى بارغانسېرى تارايتىپ بارىدۇ. كۈرەش كۇسەن 1995- يىلىدىن باشلاپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ۋەتەندە چەتكە قېقىلىش ئىچىدە ياشاش بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ  بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

   خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئۆز دۆلىتىدە ياشاش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم

بولغان كۈرەش كۈسەن 1995- يىلى كەچ كۈزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بېيجىڭ ئارقىلىق جىمجىتلا ۋەتىنىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ چەتئەلگە ماڭغانلىقىدىن يېقىن دوستلىرىلا ئەمەس ھەتتا ئاتا- ئانىسىمۇ خەۋەرسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قالغان شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا يىراقتىن تېلېفون كېلىدۇ. تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن ئالدى بىلەن كۈرەش كۇسەننىڭ تونۇش ئاۋازى ئاندىن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بۇ تۈركىيىدىن- ئىستانبۇلدىن كەلگەن تېلېفون ئىدى...

   كۈرەش كۈسەن تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرسى بولغان زەيتىنبۇرنۇدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ مەيدانى ئېنىق، ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، غايىلىك بىر ئىنسان ئىدى. شەرقى تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن قەتئىي ئۈمىدۋار ئىدى. ئۇ «چەتئەلدە ۋەتەن داۋاسىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىناتتى.

   مەن تۈركىيەدە كۈرەش كۈسەن بىلەن 1997- يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۆرۈشتۈم. ئۇ قىسقا ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ 5- ئايلاردا «ئويغان تۈركىستان» ناملىق ئىككى قىسىملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ ناخشا تېكىستى تەسىرلىك ۋە ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپلا قالماي، ئۇ ناخشىنى ئىچىدىن، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىقىرىپ ئېيتاتتى.

   ئۆز ۋاقتىدا كۈرەش كۇسەننىڭ «ئويغان تۈركىستان» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. 1998- 1999- يىللىرى ئىستانبۇلدىكى يەر ئاستى ئۆيلەردە كېسەكتەك قاتار يېتىشىپ ھايات كەچۈرىۋاتقان، رەڭگى ساماندەك سارغايغان مۇساپىرلار ئىچىمىز سىقىلغاندا، ئۇنىڭ ئاشۇ «ئويغان تۈركىستان» دېگەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئاڭلايتتۇق.

سەندىن ئايرىلىپ ۋەتەن،

يېگەن ئاشىم- ئاش ئەمەس.

ساڭا تەلمۈرگەن كۆزلەردىن،

قانلار ئاقتى، ياش ئەمەس.

يات ئەلدىكى ئالتۇنمۇ،

مەن ئۈچۈن بىر تاش ئەمەس.

بۇ دەردىمنى ئاڭلىتىپ،

سالام دەڭلار ۋەتەنگە.

   كۈرەش كۈسەننى 1997- يىلى 5- ئايدىن كېيىن قايتا كۆرمىدىم. كېيىن ئاڭلىسام  قىرغىزىستاندىكى «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت بوساقوفنىڭ تەكلىپى بىلەن قىرغىزىستانغا كەتكەن ئىكەن.

   ئۇ قىرغىزىستانغا بارغاندىن كېيىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىق بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى سېپىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.

   1997- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى خىتاي تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. خىتاي پۇل ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا بولغان بېسىم بىردىنلا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى غەرب دۇنياسىغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈرەش كۈسەن بولسا قىرغىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 9 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە قىرغىزىستاندىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. باشقا چىقىش يولى

قالمىغان كۈرەش كۇسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىزىستاندىكى

ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنىپ

شىۋىتسىيىگە ئورۇنلىشىدۇ.

   2003- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە كۈرەش كۇسەننىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئەڭ مەزمۇنلۇق يىللار بولىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن سوققان يۈرىكى ئۇنى بىر كۈنمۇ ئارامىدا قويمايدۇ. ئۇ ھاياتى بويىچە تىنىمسىز ئىشلەيدۇ، ئىزدىنىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان يالقۇنلۇق ناخشا- مۇزىكىلارنى ئىجات قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىقىپ، «غەرب شاماللىرى» ناملىق ژۇرنال تەسىس قىلىدۇ.

   ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى ئارقىلىق شىۋېتسىيەدە ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۇيغۇر خەلقىنى تونۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى شىۋېتسىيە گېزىت، تېلېۋىزۇرلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلايدۇ.

   كۈرەش كۇسەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياردەمچى باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.

   شۇ يىللاردا خىتاي ساقچىلىرى كۈرەش كۈسەندىن قاتتىق بىئارام بولۇپ ھەركۈنى دېگۈدەك

تېلېفون ئارقىلىق: «نىيىتىڭدىن يان!»، «رادىئونى توختات!»، «ژۇرنالنى توختات!»، «قىلىۋاتقان ئىشىڭنى توختات! نېمە دېسەڭ بىز شۇنى بېرەيلى...» دەپ تەھدىت ئىشلىتىپ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ۋەتەندىكى ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ئامالسىز قالغان ئاپىسى كۈرەش كۇسەنگە: «ئوغلۇم، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى توختۇتۇڭ...» دېيىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئۇ ئېنىق قىلىپ: «كىم مېنى ۋەتەن دەۋاسى قىلىش يولۇمدىن توسىدىكەن، كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن» دەپ كەسكىن جاۋاپ بېرىدۇ.

   2006- يىلى شۋېتسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى كۈرەش كۇسەنگە ئەسكىلستۇنا شەھىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي بېرىدۇ. ئۇ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى تۈرى بويىچە رەتلەپ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن نوتىغا ئىلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى 7 رايونغا بۆلۈپ، ئۇلارنى تۈرى بويىچە دۇتار، تەمبۇر، ساتار، باربىتلار بىلەن ئۆزى ئورۇنلاپ ئۇلارنى كەلگۈسىدە سىدىي پلاستىنكىلىرى ھەم 7 پارچە كىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىقىش خىزمىتىنى باشلايدۇ.

   كۈرەش كۈسەن «خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلىكى» گە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىمۇ قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئامېرىكا، كانادالارغىچە بېرىپ، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن 11 كۈن بۇرۇن، يەنى 2006- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر» Uyghur PEN نى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ.

   ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانى كۈرەش كۇسەن 2006- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى 47 يېشىدا شىۋېتسىيىدىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدۇ.

مەن ئۆلمىدىم، ياق ئۆلمەيمەن.

غالىبىيەت مارشىنى ئېيتماي تۇرۇپ،

ۋەتىنىمدىن بۇ زۇلۇم كەتمەي تۇرۇپ،

پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلمەي تۇرۇپ،

مېنى ئۆلدى دېمەڭلار ھەي ئادەملەر،

مەن ئۆلمىدىم، ئۆلمەيمەن، ياق ئۆلمەيمەن.

مەن ئۆلمىدىم، ئۆلمەيمەن، كۈرەش ئۆلمەيدۇ!


[1]  ئىمىنجان يۈسۈپ ھاجى 1945- يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئاتاقلىق كومپوزىتۇر، ناخشىچى ۋە سازەندە.