كۈنتەرتىپتە سىياسىي بۇرچ ۋە قەدەم ئېلىش پۇرسىتى
كۈنتەرتىپتە سىياسىي بۇرچ ۋە قەدەم ئېلىش پۇرسىتى
نىيەت – ئىقبال قەيەرنى قىبلىگاھ قىلسا، مەنزىلگە يېتىدىغان يولمۇ شۇنىڭ تامان ئېچىلىشقا، پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەرمۇ شۇنىڭ ئۆپچۆرىسىنى بويلاپ شەكىللىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ. ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەر مەنزىلگە بارىدىغان مۇساپىنىڭ قىسقىراۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بېشارەتلەيدۇ. تەشكىلات ۋە قۇرۇملاردىكى ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، قېلىپلىشىپ كەتكەن، قېلىپلىشىپلا توختىماستىن توڭ تېزەكتەك قېتىپ كەتكەن پائالىيەت مېتودلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە جۈرئەتكار بولۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئېغىزدىكى شوئاردىن ئەمەلدىكى ھەرىكەتتە ئەكس ئەتتۈرۈش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇشبۇ ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى تەييارلاشنىڭ، ھازىر ۋە نازىر تۇرۇشنىڭ تەلەپ تەقەززالىرىدۇر. يېڭىلىنىش پەقەتلا تەشكىلات ۋە قۇرۇمنىڭ مېخانىزملىرىنى بىلەپلا توختىمايدۇ، بەلكى ئۇنى يېڭى بىر پەللىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئاداققى غايە ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك مۇساپىنى بېسىشتىكى غەيرەتنى چىڭىتىدۇ.
يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ دەيمىز. تولۇقلاپ ئېيتىدىغان بولساق، يول پەقەتلا ئاچقۇچىلارغا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يولنى ئىز بېسىپ مېڭىۋاتقان يولۇچىلارغىمۇ مەنسۇپ. يول بەزىدە كىشىلىك سەپەرۋەرلىكنىڭ كۈچى بىلەن ئېچىلسا، بەزىدە كوللېكتىپنىڭ كۈچى بىلەن ئېچىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ، بىر زېمىننىڭ مەنسۇپلىرىنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالغا تۇتاشقان يولىنىڭ ئېچىلىشىدەك چوڭ مۈشكىلاتلار بولسا، ئەلۋەتتە ئاشۇ مىللەت ۋە زېمىن مەنسۇپلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىسىز ئېچىلىشى، مەنزىلگە بارىدىغان يولغا تىكلەنگەن توسۇقلارنىڭ قولاي يول بىلەن بۆسۈپ چىقىلىشى بەسى مۈشكۈل. بۇ ۋەجىدىن مۇستەقىللىق يولى سەنلىكتىن، مەنلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ «بىزلىك» روھى بىلەن راۋانلىشىدىغان، ھەتتا بىزلىكتىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ ئورتاق ۋەتەن ۋە ئورتاق مەنسۇبىيەت نۇقتىسىدىن «ھەممىمىزلىك» ئېڭى بىلەن يۈرۈش قىلىشنى تەلەپ - تەقەززا قىلىدىغان قۇتلۇق يولدۇر. بۇ بارىدا مەيلى ئىسلاھات بابىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مۇستەقىللىق يولىدىن ئىبارەت بۇ قۇتلۇق يولنى داغداملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى بۇ يولغا ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى ھازىرلاشقا تىرىشىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك قەدەملەرنى ئېلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىھ خۇدايار باش بولۇپ چاقىرىق قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئوچۇق خەت ئىمزالاش ھەرىكىتى» مانا بۇ كۆرۈنەرلىك قەدەملەرنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بولۇپ، بۇ چاقىرىق بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئارزۇسى ۋە غايىسىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش تىرىشچانلىقىدىكى سەمىمىيەتنىڭ ئەكس – ساداسى ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاش غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقنى دەۋا قىلىۋاتقان، يىللاردىن بۇ خىل دەۋا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقنى ئىددىئا قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۈچۈنمۇ سەمىمىيەت كۆرسىتىش پۇرسىتى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ تەبىئىي تەلىپى نۇقتىسىدىن سىياسىي مەجبۇرىيەت بىلىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈشىنى شەرت قىلغان ھەرىكەت بولۇپ قارشىمىزغا چىقماقتا. بۇ چاقىرىق يەنە يىللاردىن خەلققە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان، كامېرا ۋە فوتوگراف ئۈسكىنىسىنى ئىزچىل سىياسىي پائالىيەتچىسىنىڭ شاھىدى قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى توپ كاتتىباشلىرىنىڭمۇ زۇۋانغا كېلىپ مەيدان ئىپادىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغان، داستىخانمۇداستىخان قاتراپ يېگەن – ئىچكىنىدىن تارتىپ، خالىي جايدا ھەزىم قىلالماي ئىنجىقلاپ چىقىرىدىغان قۇرۇق يەلگىچە بولغان جىمى كىرىندى - چىقىندىلىرىنى دەۋا بىلەن چېتىشتۇرۇپ ھارمايدىغان «دەۋا»چىلىرىمىزنىڭمۇ سەپراسقا كېلىشىنى، ئاشۇ زۇۋانسىز سۈرەت، ياغلىما تەشۋىقات ۋە ئاشۇ ئاۋازلىق - ئاۋازسىز «يەل»لەرنىڭ زۇۋانغا كېلىپ راست گىپىنى ئېنىق قىلىشىنى شەرت قىلىدىغان چاقىرىق دېيىشكە بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر چاقىرىقنى ئۆزلىرىنىڭ باشچىلىقىدىكى قۇرۇم ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش تەلەپكە ئايلانغان چاغدا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جۈرئەتتىمۇ، ياكى غەرەزلەرنىڭ مەھكۇملۇقى ئاستىدىكى جانباقار پارازىت ماڭقۇرتلۇقنى مۇشۇنداق پەيتلەردە كۆرسىتىشى ئۈچۈن خوجىسى تەرىپىدىن بېقىلىپ كېلىۋاتقان ئاپشاركىلارمۇ، قىسقىسى ئاتاقتىكى تەشكىلات ۋە قۇرۇم ئەربابلىرى مىللىي مۇستەقىللىق يولىنىڭ ھەقىقىي دەۋاچىسىمۇ ياكى جان باقتىلىرىمۇ، دېگەننى ئەمەلىي ئىپادىسى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىنىڭ تەتۈر سانىقى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
دېمەك سىياسىي شارائىت سىياسىي شەرتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزسە، سىياسىي شەرتلەر سىياسەت ئادەملىرىنى ئويلاپ كۆرمىگەن نۇقتىدىن سىناپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا پەرقلىق مېتود تۇتقان، ئەمما غايە ئورتاقلىقىغا ئىگە توپلارنى بىر ئارىغا جەملەيدۇ. مەزكۇر چاقىرىقنىڭ خاراكتېرى ۋە فۇنكسىيەسى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ چاقىرىقتا بىز كۆنۈككەن دەۋاچىلىقتىكى «بىزنىڭ تەشكىلات ئەزالىرىمىز بايانات سۇندى»، «بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز پالانچى دۆلەت ئەربابلىرىغا مۇنداق ئىلتىماس قىلدى»، «بىزنىڭ تەشكىلات مۇنداق قىلدۇق» دەبدەبىسى، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى يوق. ئىقتىسادى مەنپەئەت ۋە ئاللىقانداق ئىمتىيازلارنىڭ تەمەسى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان قاتتىق قۇرۇق يىغىن، ئارقىدىن كەپلەپ ئېچىلغان بىر مەيدان تىياتىر قويۇۋېتىپ «بىز دېگەن مانا مۇشۇنداق مۇستەقىللىق ‹دەۋا›سى قىلىۋاتىمىز» دەيدىغان پىروپاگاندامۇ يوق. ئەلۋەتتە، مەزكۇر سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەردە يۇقىرىقىدەك جانباقتى تائىپىلەرنىڭ رولىنى ئالمىغانلىقى، ئۆزلىرىنى پەپىلەيدىغان بىرەر دۆلەت دەرىجىلىك سىياسىي ئورگاننىڭ پىچكىسى بولۇشتەك پارازىتچە، ئەمما پاراغەتلىك بىر يولنى تاللىماستىن ۋە بۇنى مۇئەييەن سىياسىي نىقابلار بىلەن يوشۇرماستىن بىرلىكتە سىياسىي مەۋقە جاكارلاش، قىرغىنچىلىقنى ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئارزۇسى ھەمدە بېسىۋېلىنغان تۇپراقنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق غايىسىنى بىرلىكتە جاكارلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەزكۇر چاقىرىقنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىدىن مەلۇم. مەسىلىنىڭ «سېنىڭ – مېنىڭ»لىكتىن ھالقىغان، تۇتقان يول پەرقلىق بولسىمۇ، غايىداشلىقتا، مىللىي ئىرادە بىرلىكىدە مۇستەھكەملىك بارلىقىنى بۈگۈنكى دۇنياغا رەڭ ۋە شەكىل بېرىش كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاش ئۈچۈن ئېلىنغان ھەققانىي قەدەم ئىكەنلىكى ئورتادا. چۈنكى مەسىلىنىڭ چېتىشلىق يېرى نە شەخسىي، نە تەشكىلىي. بەلكى مەسىلىنىڭ چېتىشلىق نۇقتىسى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى» ۋە شىددەتلىك ئىزىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدۇر. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام، دېيىلگىنىدەك، مەزكۇر چاقىرىققا جىددىي قارايدىغانلار ئاڭلىق ھالدا قول - قولچە ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەشەببۇسىدا بولۇۋاتقاندەك، سىياسىي چاقىرىقنى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇقلانغان كومپانىيەلىرى بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ ۋالاقلاۋاتقانلارمۇ، ئۆزلىرىنى نوھنىڭ كېمىسىدە ساناپ شورلۇق سۇغا گىردە چىلاپ يەپ كەلگەنلىكتىن ئاللىبۇرۇن زېھنىيىتى شاكراپلىشىپ كەتكەن قانسىق تىپلارنىڭمۇ ئۆزىنى سازايە قىلىۋاتقانلىقى كۆزدىن قاچقىنى يوق. شۇنداقلا قاچان مىللەتنىڭ چوڭ تەقدىرى بارىسىدا بىرەر ئىجابىي ھەرىكەت باشلانسا ئالدىراپ سايىسىنى كۆرسەتمەيدىغان، سەلبىي ئويۇنلارنىڭ قايسىسىغا زۇۋان سۈرۈپ قايسىسىغا زۇۋان سۈرمەسلىكنى قۇشناچىمنىڭ قۇشىنىڭ سايرىشىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان خاراكتېرسىز تائىپىلەرمۇ، كادىرلىق بىلەن كاپىرلىق ئارىسىدا لەيلىمە پويىز مىسالى تولغىنىپ نە مەنسۇبىيىتىنىڭ، نە مەسئۇلىيىتىنىڭ تۇتامى يوق كىرالىق قەلەمكەش تائىپىلەرمۇ دىققەتتىن قاچقىنى يوق. ئەمما شۇ ئېنىقكى، خاتالىقلارنى تۈزىتىش بىلەن، سەۋەنلىكلەرنى تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەيدان – مەۋقەلەر، مەرەزلەرچە بىتەرەپلىكلەر، مۇناپىقلارچە كەمسىتىشلەر، خاراكتېرسىزچە سۈكۈت قىلىشلار نە كەچۈرگىلى، نە ئۇنتۇغىلى، نە سۈلھى – سالا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن ئەمەس.
دەرھەقىقەت، ھەر مانېۋىرنىڭ ئەمەلىي مەيداندا ئۆزىنى كۆرسىتىش پەيتى، ھەر ئەسكەرنىڭ جەڭدە ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋاقتى بولىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ تەبىرى بويىچە «بىر قوشۇن ئون يىل بېقىلىدۇ، بىر كۈن ئۈچۈن ئىشقا يارار دەپ».
پەيغەمبىرىمىز دەيدۇكى، «سيد القوم خادمهم»، يەنى «بىر قەۋمنىڭ پاسىبانلىرى ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتەلىگەنلەردۇر».
ۋاقىت دەل خىزمەت كۆرسىتىش ۋاقتى. خىزمەتنىڭ مۇددىئاسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى، سەپنى ئېنىق قىلىش ۋاقتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ، ھۆرلۈك غايىسىنىڭ ھەرقانداق شەخسىي ماجىرادىن، ئىچكى تارتىشمىلاردىن، ئاداۋەت ۋە نەپرەتلىنىشلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى جاكارلاش، دۇنياغا بىلدۈرۈش ۋاقتىدۇر. ئەڭ مۇھىمى خىتايدەك رەزىل مۇستەملىكىچىنىڭ قىرغىن قىلىۋاتقان خەلقنى «كېسەل»نىڭ، «مەرەز»نىڭ، «ئىللەت»نىڭ ئورنىدا قاراپ سىستېمىلىق «تەربىيە»لەۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان، ئار – نومۇسنى دەپسەندە قىلىپ بۇنى بىر تۈرلۈك مەدەنىيلەشتۈرۈش دەپ جار سېلىۋاتقان پەيتلىرىدە، مىليونلاپ مەبلەغ ئاجرىتىپ دۆلەتلەر ئارا ئانسامبىل ۋە ئۆمەكلەرنى سەپەرۋەر قىلدۇرۇپ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ياۋۇزلارچە جىنايەتلىرىنى يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ چىرايى، ئۇسۇلى ۋە نەغمىسى بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھەر تۈرلۈك ماي تارتىشىشلارنى چەتكە قايرىپ تۇرۇپ ئورتاق ئاۋاز بىلەن خىتايغا قارشى سادا چىقىرىش، ئۇنى يەرگە ئۇرۇش ۋاقتىدۇر. ئۆز توپىمىز ۋە ئۆز قەۋمىمىز ئارىسىدا، ئۆز تىلىمىز ۋە مۇھىتىمىز دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز ئەگەردە بىر مانېۋىر دېيىلسە، ئۇشبۇ ئىمزا ھەرىكىتى مەزكۇر مانېۋىرلىرىمىزنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكىنى، دەۋا ئەھدىمىزنى مۇستەملىكىچىگە قارشى ئىشلىتىشتە ھېچنەرسىنىڭ بىزگە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي مەيدانغا چىقىپ جاكارلاش ھەرىكىتىدۇر. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ نېمىلىكىنى خەلقئاراغا تەسجىل قىلدۇرۇش، ئۆچۈرۈلمەس قەلەم بىلەن ئويۇپ نەقشلەشنىڭ دەسلەپكى ئۇل سېلىش خىزمىتىگە ئېتىلغان ئورتاق قەدەمنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇ يەنە ھەربىر سىياسىي تەشكىلات ۋە قۇرۇم ئەربابلىرى قىلىۋاتقان بارچە پائالىيەتلەرنىڭ ئاداققى غايىسىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان خەلقنىڭ، تۇپراقنىڭ، ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن، ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈنلىكىنى، ئىچكى يول ئايرىلىقلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئۇشبۇ چوڭ غايىدىكى ئورتاقلىقنى ئەسلا بۇزالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ، يەنى ھېلىھەم «مىللەت» ئاتىقىنى، مىللىي روھىنى يوقاتمىغان بىر توپلۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتىدۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-02-12
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى